يول قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى

يول قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى

«يول قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى» 1991-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلان قىلغان، 1992-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى يول قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1991-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى
خەنزۇچە نامى 道路交通事故处理办法
قوللىنىلغان ۋاقتى 1992-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«يول قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى» يول قاتناش ھادىسىسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، يول قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىرىنى تەربىيىلەش ۋە جازالاش ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلغان.

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا يول قاتناش ھادىسىسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، يول قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىرىنى تەربىيىلەش ۋە جازالاش ئۈچۈن مەزكۇر چارە تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا بۇ چارىدە تىلغا ئېلىنغان يول قاتناش ھادىسىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ قاتناش ھادىسىسى دەپ ئېلىندى) _ قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىگۈچىلەر، پىيادىلەر، قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئولتۇرغۇچىلار ۋە تاشيولدا قاتناش بىلەن مۇناسىۋەتلىك پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى باشقا كىشىلەرنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشيول قاتنىشىنى باشقۇرۇش نىزامى»غا ۋە تاشيول قاتنىشىنى باشقۇرۇشقا دائىر باشقا قائىدە-تۈزۈملەرگە خىلاپ قىلمىش (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ قائىدىگە خىلاپ قىلمىش دەپ ئېلىندى) سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن ئادەم يارىلىنىش، ئۆلۈش ۋە مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچراشتىن كېلىپ چىققان ۋەقەنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە يۈز بەرەەن قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

پويىز بىلەن قاتناش ۋاسىتىلىرى، پىيادىلەر ئوتتۇرىسىدا تۆمۈريولنىڭ تاشيولنى كېسىپ ئۆتىدىغان جايىدا يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىسى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

4-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل ئورگىنىدۇر.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدە يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل ئورگىنىدۇر.

5-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنى قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ۋەزىپىسى قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن نەق مەيداننى بىر تەرەپ قىلىش، قاتناش ھادىسىسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى بېكىتىش، قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىرىنى جازالاش، زىياننى تۆلەپ بېرىشنى مۇرەسسە قىلىشتىن ئىبارەت.

6-ماددا قاتناش ھادىسىسى ئادەم يارىلىنىش، ئۆلۈش ياكى مال-مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچراش دەرىجىسى ۋە مىقدارىغا قاراپ يېنىك ھادىسە، ئادەتتىكى ھادىسە، چوڭ ھادىسە، پەۋقۇلئاددە چوڭ ھادىسە دەپ تۆت خىلغا بۆلۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ كونكرېت ئۆلچىمىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى بەلگىلەيدۇ.

2-باب نەق مەيداننى بىر تەرەپ قىلىش

7-ماددا قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرغان قاتناش ۋاسىتىسى دەرھال توختىشى، بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر نەق مەيداننى قوغدىشى، يارىدار ۋە مال-مۈلۈكلەرنى قۇتقۇزۇشى (قوزغاش توغرا كەلگەندە ئورنىغا بەلگە قىلىپ قويۇشى) ھەمدە جامائەت خەۋپسزىلىكى ئورگىنىغا ياكى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قاتناش ساقچىسىغا دەرھال مەلۇم قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشنى كۈتۈشى لازىم؛ ئۆتۈۋاتقان قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىگۈچىلەر ۋە پىيادىلەر ياردەملىشىشى كېرەك.

8-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، نەق مەيدانغا دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ، يارىدارلار ۋە مال-مۈلۈكلەرنى قۇتقۇزۇشى، نەق مەيداننى تەكشۈرۈشى، دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلىشى، تەدبىر قوللىنىپ، قاتناشنى مۇمكىنقەدەر تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈشى لازىم.

9-ماددا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىشجەريانىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئەينەن دەپ بېرىشى، قاتناش ھادىسىسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى يوشۇرماسلىقى كېرەك، ئەھۋالدىن خەۋەردار باشقا كىشىلەرنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنى ئالاقىدار ئەھۋال بىلەن تەمىنلەش مەجبۇرىيىتى بار.

10-ماددا قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ قاچقانلارنى قوغلاپ تۇرۇش ياكى يارىدارلارنى جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئوخشاش جىددىي ئەھۋالدا، قاتناش ھاقچىلىرى ئورۇن ياكى شەخسلەرنىڭ قاتناش ياكى ئالاقىلىشىش قوراللىرىنى ئىشلىتىشكە ھوقۇقلۇق، ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن دەرھال قايتۇرۇپ بېرىدۇ، بۇزۇپ قويسا ئوڭشاپ ياكى باھاغا سۇندۇرۇپ تۆلەپ بېرىدۇ.

11-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرغان قاتناش ۋاسىتىسىنى، نەرسە-كېرەكلەرنى، جەسەتلەرنى، جاۋابكارنىڭ روھىي ھالىتىنى ھەم مۇناسىۋەتلىك يولنىڭ ئەھۋالىنى ئېھتىياجغا قاراپ ۋاقتىدا كەسپىي خادىم ئەۋەتىپ ياكى مەخسۇس كەسپىي خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ تەكشۈرۈشى ياكى باھالىشى، تەكشۈرۈش ياكى باھالاشتىن يازما يەكۈن چىقىرىشى كېرەك.

12-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەكشۈرۈش ياكى باھالاشنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرغان قاتناش ۋاسىتىسى ياكى گۇمانلىق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى، ئۇلارنىڭ كىنىشكىسىنى، بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئالاقىدار كىنىشكىسىنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرسا بولىدۇ، تەكشۈرۈش ياكى باھالاش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، دەرھال قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

باشقا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرغان قاتناش ۋاسىتىسى، ئۇلارنىڭ كىنىشكىسى ۋە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئالاقىدار كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، شۇنداقلا قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرغان قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىنى قاماپ قويۇشقا ۋە يۈكنى ئېلىپ قېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

13-ماددا قاتناش ھادىسىسىدە ئادەم يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، جىددىي داۋالاپ قۇتقۇزۇش توغرا كەلسە، قاتناش ھادىسىسى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك كىشى ۋە ئۇ تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى داۋالاش ھەققىنى تۆلەپ تۇرۇشى لازىم، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بەلەىلىگەن تەرەپ تۆلەپ تۇرسىمۇ بولىدۇ. يەكۈن چىقىرىلغاندىن كېيىن، بۇ ھەقنى قاتناش ھادىسىسىدىكى جاۋابكار تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ. قاتناش ھادىسىسىدىكى جاۋابكار تۆلەپ تۇرغىلى ئۇنىمىسا ياكى ۋاقتىنچە تۆلەپ تۇرالمىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرغان قاتناش ۋاسىتىسىنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ تۇرسا بولىدۇ.

14-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىگە قانۇن بويىچە ئۈچىنچى كىشى مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسى يولغا قويۇلغان رايوندا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇراۇپ قېچىپ كېتىش دېلوسى يۈز بەرگەن بولسا، يارىدارلارنى جىددىي داۋالاپ قۇتقۇزۇش ھەققى، ئۆلگۈچىنى دەپنە قىلىش ھەققىنى شۇ جايدىكى جۇڭگو خەلق سۇغۇرتاد شىركتى تۆەلپ بېرىدۇ، جۇڭگو خەلق سۇغۇرتا شىركتى تۇتۇلغان قاچقۇندىن ۋە ئۇ تۇرۇشلۇق ئورۇندىن ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسىدىن تۆلەپ تۇرغان بارلىق ھەقلەرنى قايتۇرۇۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

15-ماددا داۋالاش ئورۇنلىرى قاتناش ھادىسىسىدە يارىدار بولغانلارنى ۋاقتىدا جىددىي داۋالاپ قۇتقۇزۇشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگخنىغا داۋالاش ھۆججىتى ۋە دىئاگنوز ئىسپاتىنى ئەينەن يېزىپ بېرىشى كېرەك.

دەپنە مۇلازىمەت ئورنى ۋە جەسەت قويۇش شارائىتىغا ئىگە داۋالاش ئورنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ساقلاپ بېرىشنى بەلگىلىگەن قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلگۈچىنىڭ جەسىتىنى قوبۇل قىلىپ ساقلاپ بېرىش لازىم.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى يۇقىرىقى ئورۇنلارنىڭ جىددىي داۋالاپ قۇتقۇزۇش ھەققى ۋە جەسەت ساقلاپ بېرىش ھەققىنى يىغىۋېلىشىغا ياردەملىشىشى كېرەك.

16-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلگۈچىنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈش، باھالاش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئون كۈن ئىچىدە دەپنە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۇقتۇرۇشى لازىم. قەرەلى ئۆتۈپ كەتكۈچە بىر تەرەپ قىلمىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگخنى ناھىيە دەرىقىلىكتىن يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مەسئۇلىغا تەستىقلىتىپ جەسەتنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنكى جەسەت ساقلاپ بېرىش ھەققىنى ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

3-باب جاۋابكارلىقنى بېكىتىش

17-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش ھادىسىسىنىڭ تۇغۇلۇش سەۋەبىنى تكەشۈرۈپ ئېنىلىغاندىن كېيىن، بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك كىشىنىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشى بىلەن قاتناش ھادىسىسى ئوتتۇرىسىدىكى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىگە ھەم قائىدىگە خىلاپ قىلمىشنىڭ قاتناش ھادىسىسىدىكى رولىغا قاراپ، بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ قاتناش ھادىسىسىدىكى جاۋابكالىقىنى بېكىتىدۇ.

بىۋاسىتە مۇناسىۋەلتىك كىشىنىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشى بولۇپ، شۇ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشنىڭ قاتناش ھادىسىسى بىلەن سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى بولسا، ئۇ كىشى قاتناش ھادىسىسىدىكى جاۋابكار بولىدۇ، بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك كىشىنى قائىدىگە خىلاپ قىلمىشى بولمىسا ياكى قائىدىگە خىلاپ قىلمىشى بولسىمۇ، ئۇنىڭ قاتناش ھادىسىسى بىلەن سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى بولمىسا، ئۇ كىشى قاتناش ھادىسىسىدە جاۋابكار بولمايدۇ.

18-ماددا قاتناش ھادىسىسىدىكى جاۋابكارلىق تولۇق جاۋابكارلىق، ئاساسىي جاۋابكارلىق، تەڭ جاۋابكارلىق، غەيرىي ئاساسىي جاۋابكارلىق دەپ تۆت خىلغا بۆلۈنىدۇ.

19-ماددا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بىر تەرەپنىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشى قاتناش ھادىسىسىنىڭ تۇغۇلۇشىغا سەۋەبچى بولغان بولسا، قائىدىگە خىلاپ قىلمىشى بار تەرەپ تولۇق جاۋابكار بولىدۇ. باشقا تەرەپلەر قاتناش ھادىسىسىدە جاۋابكار بولمايدۇ.

بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىككى تەرەپنىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلىرى قاتناش ھادىسىسىنىڭ تۇغۇلۇشىغا تەڭ سەۋەبچى بولغان بولسا، شۇ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشنىڭ قاتناش ھادىسىسىدىكى رولى چوڭ تەرەپ ئاساسىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، يەنە بىر تەرەپ غەيرىي ئاساسىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىەە ئالىدۇ، قائىدىگە خىلاپ قىلمىشنىڭ قاتناش ھادىسىسىدىكى رولى ئاساسەن ئوخشاش بولسا، ئىككى تەرەپ تەڭ جاۋابكار بولىدۇ.

بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئۈچتىن ئارتۇق تەرەپنىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشى قاتناش ھادىسىسىنىڭ تۇغۇلۇشىغا سەۋەبچى بولغان بولسا، ئۇلار قائىدىگە خىلاپ قىلمىشنىڭ قاتناش ھادىسىسىدىكى رولىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ جاۋابكار بولىدۇ.

20-ماددا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك كىشى قاچقان بولسا ياكى نەق مەيداننى مەقسەتلىك ھالدا بۇزغان، ئويدۇرغان، دەلىل-ئىسپاتلارنى يوقىتىۋەتكەن بولۇپ، قاتناش ھادىسىسىدىكى جاۋابكارلىقنى بېكىتكىلى بولمىسا، شۇ بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك كىشى تولۇق جاۋابكار بولىدۇ.

21-ماددا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بىر تەرەپ مەلۇم قىلىش شارائىتى بار تۇرۇپ مەلۇم قىلمىغان ياكى ۋاقتىدا مەلۇم قىلمىغان سەۋەبلىك قاتناش ھادىسىسىدىكى جاۋابكارلىقنى بېكىتكىلى بولمىسا، شۇ تەرەپ تولۇق جاۋابكار بولىدۇ.

بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر مەلۇم قىلىش شارائىتى بار تۇرۇپ، بىردەك مەلۇم قىلمىغان سەۋەبلىك قاتناش ھادىسىسىدىكى جاۋابكارلىقنى بېكىتكىلى بولمىسا، ئۇلار تەڭ جاۋابكار بولىدۇ، لېكىن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى، پىيادە كىشى ئوتتۇرىسىدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن بولسا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تەرەپ ئاساسىي جاۋابكارلىكنى، غەيرىي ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى، پىيادە كىشى غەيرىي ئاساسىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

22-ماددا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر قاتناش ھادىسىسىدىكى جاۋابكارلىقنىڭ بېكىتىلىشىگە قايىل بولمىسا، قاتناش ھادىسىسىدىكى جاۋابكارلىقنىڭ بېكىتىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋېلىپ 15 كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا قايتا بېكتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، بىر دەرىجە يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قايتا بېكىتىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ 30 كۈن ئىچىدە ساقلاپ قېلىش، ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىش قارارىنى چىقىرىش كېرەك.

4-باب جازالاش پرىنسىپى

23-ماددا قاتناش ھادىسىسىنى تۇغدۇرۇپ، قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتى شەكىللەندۈرگۈچىنىڭ قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك بولسا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسى تارتىۋېلىنىدۇ.

24-ماددا قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرغان، ئەمما قائىدىگە خىلاپ قىلمىشى جىنايى ئىشلار جازاسى بۋېرىشكە توشمىغۇچى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشيول قاتنىشىنى باشقۇرۇش نىزامى» ۋە تاشيول قاتنىشىنى باشقۇرۇشقا دائىر باشقا قائىدە-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويچىە جازالىنىدۇ. تۆۋەندىكى بىرىنچى، ئىككىنچى تارماقلارغا مۇۋاپىق كەلگۈچىگە ئون كۈندىن يۇقىرى 15 كۈندىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 150 يۈەندىن يۇقىرى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ تۆۋەندىكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى تارماقلارغا مۇۋاپىق كەلگۈچىگە ئون كۈندىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىىدۇ ياكى 50 يۈەندىن يۇقىرى 150 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ تۆۋەندىكى بەشىنچى، ئالتىنچى تارماقلارغا مۇۋاپىق كەلگۈچىگە 50 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ:

(1) پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە تۇغدۇرغان بولۇپ، غەيرىي ئاساسىي جاۋابكارلىقتىن يۇقىرى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بولسا؛

(2) زور ھادىسە تۇغدۇرغان بولۇپ، تەڭ جاۋابكالرىقتىن يۇقىرى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بولسا؛

(3) زور ھادىسە تۇغدۇرغان بولۇپ، غەيرىي ئاساسىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بولسا؛

(4) ئادەتتىكى ھادىسە تۇغدۇرغان بولۇپ، غەيرىي ئاساسىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بولسا؛

(5) ئادەتتىكى ھادىسە تۇغدۇرغان بولۇپ، تەڭ جاۋابكارلىقتىن تۆۋەن جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بولسا؛

(6) يېنىك ھادىسە تۇغدۇرغان بولۇپ، قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بولسا.

ئالدىنقى بىرىنچى، ئىككىنچى تارماقلارغا مۇۋاپىق كەلگۈچىگە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى كۈچىدىن قالدۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئالدىنقى ئۈچىنچى، تۆتىنچى، بەشىنچى، ئالتىنچى تارماقلارغا مۇۋاپىق كەلگۈچى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچى بولسا، شۇنىڭغا قوشۇپ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى بىر ئايدىن يۇقىرى، ئالتە ئايدىن تۆۋەن تارتىۋېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

25-ماددا قاتناش ھادىسىسى تۇغۇلغاندىن كېيىن، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچى تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى ساىدر قىلسا، شۇنىڭغا قوشۇپ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى كۈچىدىن قالدۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ:

1) قېچىش؛

2) نەق مەيداننى بۇزۇۋېتىش، ئويدۇرۇش، دەلىل-ئىسپاتلارنى يوقىتىۋېتىش؛

3) قاتناش ۋەقەسىنىڭ ئەينەن ئەھۋالىنى يوشۇرۇش؛

4) گۇناھنى باشقىلارغا دۆڭەەپقويۇش؛

5) باشقا رەزىل قىلمىشلار.

26-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى كۈچىدىن قالدۇرۇش كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسى كۈچىدىن قالدۇرۇلغۇچىنىڭ ئىككى يىل ئىچىدە قايتا ئىلتىماس قىلىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

27-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش ھادىسىسىدىكى جاۋابكارلارنى جازالىغاندا، كېسىمنامە چىقىرىپ، بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە، جازالانغۇچى ئىشلەيدىغان ئورۇنغا ۋە جازالانغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچى قاراشلىق ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرغۇچى تارماققا ئايرىم-ئايرىم يەتكۈزۈش كېرەك.

28-ماددا جاۋابكار جازاغا قايىل بولمىسا، جازا كېسىمنامىسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ 15 كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ بىر دەرىجە يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ 30 كۈن ئىچىدە قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقىرىشى كېرەك. جاۋابكار قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىسا، قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى تاپشۇرۇۋېلىپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەمۇرىي ئىشلار ئەرزى سۇنسا بولىدۇ.

29-ماددا ھەربىيلەر، قوراللىق ساقچىلارغا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى تارتىۋېلىش، كۈچتىن قالدۇرۇش جازاسى بېرىلگەن بولسا، جازانى ئىجرا قىلىش ھەربىي قىسىمغا، قوراللىق ساقچى قىسىمغا تاپشۇرۇلىدۇ، ھەربىي قىسىم، قوراللىق ساقچى قىسىم ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ۋاقتى-ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.

5-باب مۇرەسسە قىلىش

30-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا قاتناش ھادىسىسىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان، قاتناش ھادىسىسىدىكى جاۋابكارلىقنى، قاتناش ھادىسىسى كەلتۈرگەن زىيان ئەھۋالىنى بېكىتكەندىن كېيىن، بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى ۋە ئالاقىدار خادىملارنى يىغىپ، زىياننى تۆلەش ئۈستىدە مۇرەسسە قىلىدۇ.

31-ماددا قاتناش ھادىسىسىدىكى جاۋابكار قاتناش ھادىسىسى كەلتۈرگەن زىياننى تۆلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. تۆلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچى چاقتىنچە تۆلىيەلمەيدىغان بولسا، ھەيدىگۈچى تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى تۆلەپ تۇرۇشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەك. لېكىن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا قاتناش ھادىسىسى تۇغۇلۇپ، قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان بولسا، ھەيدىگۈچى تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى تۆلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ ھەيدىگۈچى تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى زىياننى تۆلىگەندىن كېيىن، ھەيدىگۈچىدىن چىقىمنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى قايتۇرىۋالسا بولىدۇ.

32-ماددا زىياننى تۆلەش ئۈستىدە مۇرەسسە قىلىش ۋاقتى 30 كۈن بولىدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى زۆرۈر تاپسا 15 كۈن ئۇزارتىشقا بولىدۇ، قاتناش ھادىسىسىدە يارىلىنىش كۆرۈلگەن بولسا، مۇرەسسە قىلىش داۋالاش ئاياغلاشقان ياكى مېيىپلىك بېكىتىلگەن كۈندىن باشلىنىدۇ. قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلۈش كۆرۈلگەن بولسا، بەلگىلەنگەن دەپنە قىلىش ۋاقتى ئاياغلاشقان كۈندىن باشلىنىدۇ؛ قاتناش ھادىسىسىدە مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، مۇرەسسە قىلىش زىيان بېكىتىلگەن كۈندىن باشلىنىدۇ.

3-ماددا مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق كېلىشىم ھاسىل قىلغاندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مۇرەسسەنامە يازىدۇ، ئۇ جاۋابكار ۋە ئالقىدار كىشىلەر، مۇرەسسە قىلغۇچى ئىمزا قويغان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تامغىسى بېسىلغاندىن كېيىن، دەرھال كۈچكە ئىگە بولىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مۇرەسسەنامىنى جاۋابكارغا ۋە ئالاقىدار كىشىلەرگە ئايرىم-ئايرىم يەتكۈزۈشى لازىم.

مۇرەسسە ۋاقتى توشقۇچە كېلىشىم ھاسىل قىلغىلى بولمىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مۇرەسسەدىن خۇلاسە يېزىپ، مۇرەسسە قىلغۇچى ئىمزا قويغان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تامغىسىنى باسقاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ۋە ئالاقىدار كىشىلەرگە ئايرىم-ئايرىم يەتكۈزۈشى لازىم.

34-ماددا مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق كېلىشىم ھاسىل قىلغىلى بولمىسا ياكى مۇرەسسەنامە كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن ھەرقانداق بىر تەرەپ ئىجرا قىلمىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قايتا مۇرەسسە قىلمايدۇ، بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسا بولىدۇ.

6-باب زىياننى تۆلەش

35-ماددا قاتناش ھادىسىسىدىكى جاۋابكار قاتناش ھادىسىسىدە ئۈستىگە ئالغان جاۋابكارلىقى بويىچە مۇناسىپ ھالدا زىياننى تۆلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

36-ماددا زىياننى تۆلەش تۈرلىرى داۋالاش ھەققى، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغان مەزگىلدىكى تاماق ياردەم پۇلى، مېيىپلەنگۈچىگە كېرەكلىك سايمان پۇلى، دەپنە پۇلى، ئۆلۈم تۆلىمى، بېقىلغۇچىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى، قاتناش پۇلى، ياتاق پۇلى ۋە بىۋاسىتە مال-مۈلۈك زىيىنىنى ئۆز ئىچىگە

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تۆلەش تۈرلىرىنى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىش ھەم ھەقلەر ھېساباتىنى بىر قېتىمدىلا ئۈزۈش لازىم.

37-ماددا زىياننى تۆلەش ئۆلچەملىرى تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ھېسابلىنىدۇ:

(1) داۋالاش ھەققى: دوختۇرخانىنىڭ بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ قاتناش ھادىسىسىدىكى جاراھىتىنى داۋالاش ئۈچۈن زۆرۈر چىقىملار بويىچە ھېسابلىنىپ، ھۆججەتكە قاراپ بېرىلىدۇ، ھادىسىدىن خۇلاسە چىقىرىلغاندىن كېيىن داۋاملىق داۋالىنىشقا توغرا كەلسە، داۋالىنىش ئۈچۈن كېرەكلىك چىقىم بويىچە بېرىلىدۇ.

(2) ئىشتىن قېلىش ھەققى: بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك كىشىنىڭ تۇراقلىق كىرىمى بولسا، ۇكىشىنىڭ ئىشتىن قالغانلىقى سەۋەبلىك ئازىيىپ كەتكەن تۇراقلىق كىرىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. كرىمى قاتناش ھادىسىسى تۇغۇلغان جايدىكى ئوتتۇرىچە تۇرمۇش خىراجىتىدىن ئۈچ ھەسسىسىدىن ئارتۇق يۇقىرى بولسا، ئۈچ ھەسسە بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ تۇراقلىق ئىش ھەققى بولمىسا، قاتناش ھادىسىسى تۇغۇلغان جايدىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

(3) دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغان مەزگىلدىكى تاماق ياردەم پۇلى: قاتناش ھادىسىسى تۇغۇلغان جايدىكى دۆلەت ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەر كاماندىروپكىغا چىققاندا بېرىلىدىغان تاماق ياردەم پۇلى ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

(4) قاراش ھەققى: يارىلانغۇچى دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغان مەزگىلدە، قارىغۇچىلارنىڭ كىرىمى بولسا، ئىشتىن قېلىش ھەققى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ كىرىمى بولمىسا، قاتناش ھادىسىسى تۇغۇلغان جايدىكى ئوتتۇرىچە تۇرمۇش خىراجىتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

(5) مېيىپلەنگۈچىنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى: مېيىپلىنىش دەرىجىسىگە قاراپ، قاتناش ھادىسىسى تۇغۇلغان جايدىكى ئوتتۇرىچە تۇرمۇش خىراجىتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ، شۇ ئايدىن باشلاپ 20 يىل بېرىلىدۇ، لېكىن 50 ياشتىن يۇقىرىلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدىغان يىل ھەربىر ياش قېتىلسا بىر يىل كېمىيىپ بارىدۇ، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئون يىلدىن كەم بولمايدۇ؛ 70 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ بەش يىل بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

(6) مېيىپلەنگۈچى كېرەكلىك سايمان پۇلى: مېيىپلەنگۈچىگە ياردەمچى رول ئوينايدىغان سايمان زۆرۈر بولسا، دوختۇرخانىنىڭ ئىسپاتىغا قاراپ، ئومۇملاشقان سايمان پۇلى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

(7) دەپنە پۇلى: قاتناش ھادىسىسى تۇغۇلغان جايدىكى دەپنە پۇلى ئۆلچىمى بويىچە بېرىلىدۇ.

(8) ئۆلۈم تۆلىمى: قاتناش ھادىسىسى تۇغۇلغان جايدىكى ئوتتۇرىچە تۇرمۇش خىراجىتى بويىچە ھېسابلىنىپ، ئون يىل بېرىلىدۇ، 16 ياشقا توشمىغانلار ئۈچۈن ئۆلۈم تۆلىمى بېرىلىدىغان يىل ھەربىر ياش كېمەيسە بىر يىل كېمىيىپ بارىدۇ، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا بەش يىلدىن كەم بولمايدۇ.

(9) بېقىلغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى: ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا ياكى مېيىپلەنگۈچى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى ئەمەلىي بېقىپ كەلگەن، تۇرمۇشتا باشقا ئاساسى بولمىغان كىشىلەر بىلەن چەكلىنىپ، قاتناش ھادىسىسى تۇغۇلغان جايدىكى تۇرمۇشى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئاھالىگە بېرىلىدىغاىن قوشۇمچە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ، 16 ياشقا توشمىغانلار 16 ياشقا توشقۇچە بېقىلىدۇ، ئەمگەك ئىقتىدارى يوقلار 20 يىل بېقىلىدۇ، لېكىن 50 ياشتىن يۇقىرىلار بېقىلىدىغان يىل ھەربىر ياش قېتىلسا بىر يىل كېمىيىپ بارىدۇ، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئون يىلدىن كەم بولمايدۇ؛ 70 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ بەش يىل بويىچە ھېسابلىنىدۇ، باشقا بېقىلىدىغانلار بەش يىل بېقىلىدۇ.

(10) قاتناش پۇلى: بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە ئەمەلىي كەتكەن چىقىم بويىچە ھېسابلىنىپ، ھۆججەتكە قاراپ بېرىلىدۇ.

(11) ياتاق پۇلى: قاتناش ھادىسىسى تۇغۇلغان جايدىكى دۆلەت ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغان ئادەتتىكى خىزمەتچىلەر كاماندىروپكىغا چىققاندىكى ياتاقتا يېتىش ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىنىپ، ھۆججەتكە قاراپ بېرىلىدۇ.

38-ماددا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قاتناش پۇلى، ئىشتىن قېلىش ھەققى، ياتاق پۇلى 37-ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھېسابلىنىپ، جاۋابكارلارغا قاتناش ھادىسىسىدىكى جاۋابكارلىققا قاراپ چېچىلىدۇ، لېكىن چىقىمى ھېسابلىنمىدىغانلارنىڭ سانى ئۈچتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

39-ماددا قاتناش ھادىسىسىدە يارىلانغان ۋە مېيىپلەنگەنلەر دوختۇرخانىدا يېتىش، باشقا دوختۇرخانىغا يۆتكىلىش، قارىغۇچى ئىشلىتىش توغرا كەلسە، دوختۇرخانىنىڭ ئىسپاتىنى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك، ئۆز مەيلىچە دوختۇرخانىدا ياتقان، باشقا دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەن، قارىغۇچى ئىشلەتكەن، ئۆزى دورا سېتىۋالغان ياكى دوختۇرخانا ئۇقتۇرغان كېسەلخانىدىن چىقىش كۈنى ئۆتۈپ كەتسىمۇ، كېسەلخانىدىن چىقىپ كېتىشكە ئۇنىمىغان بولسا، بۇ خىراجەتلەرنى يارىلانغۇچى ۋە مېيىپلەنگۈىچنىڭ ئۆزى كۆتۈرىدۇ.

40-ماددا قاتناش ھادىسىسىدە بۇزۇلغان قاتناش ۋاسىتىلىرى، نەرسە-كېرەكلەر، ئەسلىھەلەر ۋە باشقىلار ئوڭشاپ بېرىلىشى كېرەك، ئوڭشىغىلى بولمايدىغانلىرى باھاغا سۇندۇرۇپ تۆلەپ بېرىلىشى كېرەك. ئۇلاغلار زەخىملەنگەنلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىش قىممىتىنى يوقاتقان ياكى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، باھاغا سۇندۇرۇپ تۆلەپ بېرىلىشى لازىم.

11-ماددا قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتى شەكللەندۈرۈپ، دۆلەت، كوللېكتىپ مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ھادىسە تۇغدۇرغۇچى قاتناش ھادىسىسىدە ئۆز ئۈستىگە ئالغان جاۋابكارلىققا قاراپ زىياننى تۆلەش پىكرىنى قويۇپ، شۇ دېلو بىلەن بىللەخەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇنغا ئاساسەن قوشۇمچە ھەق تەلەپ ئىشلىرى بويىچە ئەيىبلەيدۇ. پۇقرالار باشقا كىشىنىڭ قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايتىى ئۆتكۈزۈش سەۋەبلىك ماددىي زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، قانۇنغا ئاساسەن قوشۇمچە ھەق تەلەپ ئىشلىرى بويىچە ئەيىبلىسە بولىدۇ.

7-باب باشقا بەلگىلىمىلەر

42-ماددا قاتناش ھادىسىسىدىكى بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر يارىلىنىپ مېيىپ بولۇپ قالغان بولسا، داۋالاش ئاياغلىشىپ 16 كۈن ئىچىدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مېيىپلىنىش دەرىجىسىنى باھالاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مېيىپلىنىش دەرىجىسىنى باھالاپ ېبرىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ 30 كۈن ئىچىدە دوختۇرخانىنى ئىسپاتىنى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى يول قاتناش ھادىسىسىدە يارىدار بولغانلارنىڭ مېيىپلىنىش دەرىجىسىنى باھالاش توغرىسىدا بەلگىلىگەن ئۆلچەمنى ئاساس قىلىپ، مېيىپلىنىش دەرىجىسىنى باھالاپ بېرىشى كېرەك، بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر مېيىپلىنىش دەرىجىسىنىڭ باھالىنىشىغا قايىل بولمىسا، باھانامىنى تاپشۇرۇۋېلىپ 15 كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا قايتا باھالاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، بىر دەرىجە يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قايتا باھالاپ بېرىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ 30 كۈن ئىچىدە قايتا باھالاش قارارىنى چىقىرىشى كېرەك.

43-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەر قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن ياكى مېيىپلىنىپ ئەمگەك ئىقتىدارىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسا، مۇشۇ چارىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، شۇ ئىشچى-خىزمەتچى تۇرۇشلۇق ئورۇن يەنە ئالاقىدار تارماقنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە نەپىقە، ئەمگەك سۇغۇرتىسى تەمىناتى بېرىشى كېرەك.

44-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى، پىيادە كىشى ئوتتۇرىسىدا قاتناش ھادىسىسى تۇغۇلۇپ، قارشى تەرەپتىن ئادەم ئۆلۈش ۋە ئېغىر يارىلىنىش كۆرۈلگەن بولسا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تەرەپتە سەۋەنلىك بولمىسىمۇ، قارشى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنىنىڭ ئون پىرسەنتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. لېكىن ئون پىرسەنتى بويىچە ھېسابلىغاندا، تۆلەيدىغىنى قاتناش ھادىسىسى تۇغۇلغان جايدىكى ئون ئايلىق ئوتتۇرىچە تۇرمۇش خىراجىتىدىن ئېشىپ كېتىدىغان بولسا، ئون ئايلىق ئوتتۇرىچە تۇرمۇش خىراجىتى بويىچە تۆلىشى كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى، پىيادە كىشى قەستەن ئۆزىنى ئۆزى نابۇت قىلۋالغان بولسا ياكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا كىرىۋالغانلىقى ئۈچۈن زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، بۇنىڭغا كىرمەيدۇ.

45-ماددا قاتناش ھادىسىسىدە كۆرۈلگەن ئۆلۈشنى ياكى مال-مۈلۈك زىيىنىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەكشۈرۈپ، بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بېكىتەلمىسە، زىياننى تۆلەش ماجىراسىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسا بولىدۇ.

46-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى زور ۋە پەۋقۇلئاددە زور قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ جاۋابكارلىرىدىن قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققى ئالسا بولىدۇ.

قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققى مالىيە تارماقلىرىغا تاپشۇرۇلۇشى كېرەك. ھەق ئېلىش چارىسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئايرىم بەلگىلەيدۇ.

47-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش ھادىسىسىنى تۇغدۇرۇپ قېچىپ كەتكەنلەرنى پاش قىلىپ ۋە تۇتۇشقا ياردەملىشىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى تەقدىرلىشى ياكى مۇكاپاتلىشى لازىم.

8-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

48-ماددا بۇ چارىدىكى تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى مۇنداق:

(1) «تاشيول»، «قاتناش ۋاسىتىلىرى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشيول قاتنىشىنى باشقۇرۇش نىزامى»نىڭ 2-، 3-ماددىلىرىدا تىلغا ئېلىنغان تاشيول، قاتناش ۋاسىتىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

(2) «تۇراقلىق كىرىمى بارلار»، غەيرىي يېزا نوپۇسىدىكىلەر ئىچىدىكى تۇراقلىق كىرىمى بارلارنى ۋە يېزا نوپۇسىدىكىلەر ئىچىدىكى تۇراقلىق كىرىمى بارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. غەيرىي يېزا نوپۇسىدىكىلەر ئىچىدىكى تۇراقلىق كىرىمى بارلار، دۆلەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قاتارلىق ئورۇنلاردىكى قەرەللىك كىرىم قىلىپ تۇرىدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ كىرىمى مائاش، مۇكاپات پۇلى ۋە دۆلەت بەلگىلىگەن ئىقتىسادىي ياردەم، نەپىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇكاپات پۇلى قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن چاغنىڭ ئالدىنقى يىلى شۇ ئورۇندا كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ئوتتۇرىچە مۇكاپات پۇلى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. مۇكاپات بېجى ئېلىش نۇقتىسىدىن ئېشىپ كەتسە، باج ئېلىش نۇقتىسى چەك قىلىنىدۇ. يېزا نوپۇسىدىكىلەر ئىچىدىكى تۇراقلىق كىرىمى بارلار دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق بىلەن بىۋاسىتە شۇغۇللىنىدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ كىرىمى قاتناش ھادىسىسى تۇغۇلغان جايدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

(3) «تۇراقلىق كىرىمى يوقلار»، مەھەللە ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىسپاتى ياكى ئالاقىدار ئىسپاتلار بولغان، قاتناش ھادىسىسى تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى مەلۇم بىر خىل ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن، شۇ كىرىم بىلەن ئۆزىنىڭ نورمال تۇرمۇشىنى قامدىيالايدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار شەھەر ۋە يېزىلاردىكى يەككە سودا-سانائەتچىلەر، ئائىلە ئەمگەك مۇلازىمىتى بىەلن شۇغۇللانغۇچىلار ۋە باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

(4) «كىرىمى يوقلار»، تۇرمۇشتا ئاساسەن ياكى پۈتۈنلەي باشقىلارغا تايىنىدىغان ياكى ئازراق كىرىمى بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ نورمال تۇرمۇشىنى قامدىيالمايدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ.

(5) «قاتناش ھادىسىسى تۇغۇلغان جاي»، قاتناش ھادىسىسى تۇغۇلغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنى كۆرسىتىدۇ.

(6) «ئوتتۇرىچە تۇرمۇش خىراجىتى»، قاتناش ھادىسىسى تۇغۇلغان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستاتىستىكا تارمىقى ئېلان قىلغان، شۇ جايدىكى شەھەر-بازار ئاھالىلىرى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئالدىنقى يىلدىكى ئوتتۇرىچە تۇرمۇش خىراجىتى چىقىمىنى ياكى دېھقان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىچە تۇرمۇش خىراجىتى چىقىمىنى كۆرسىتىدۇ.

49-ماددا بۇ چارىنى ئىزاھلاشقا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى مەسئۇل بولىدۇ.

50-ماددا بۇ چارە 1992-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ. بۇ چارە يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى تۇغۇلغان قاتناش ھادىسىلىرى يەنىلا شۇ جاينىڭ ئىلگىرىكى بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#