جىگەر راكى

جىگەر راكى

ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جىگەر ھۈجەيرىلىرى ياكى جىگەر ئىچىدىكى ئۆت نەيچە توقۇلمىلىرى نورمالسىز ئۆسۈپ، كلىنىكىدا ئىلگىرىلەش خاراكتېرلىك جىگەر چوڭىيىش، جىگەر ساھەسى يېقىمسىزلىنىش، ئاغرىش، جىگەر ماددىسى قاتتىقلىشىش، تۇتۇپ تەكشۈرگەندە چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان تۈگۈنچىلەر ياكى مونەكچىلەر قولغا ئۇرۇنۇش، ئۇرۇقلاش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، ~5030ياشلىقلاردا ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ. 

غەرب تېبابىتى نامى جىگەر راكى
كېسەللىك سەۋەبى B تىپلىق ۋىرۇسلۇق جىگەرياللۇغىنىڭ ئاسارتىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
تەۋە بۆلۈم جىگەر بۆلۈمى
ئاساسلىق ئالامىتى جىگەر ساھەسى ئاغرىش
خەنزۇچە نامى 肝 癌
كېسەللىك ئورنى جىگەر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. كۆيگەن سەۋدا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتى جىگەر توقۇلمىلىرىغا تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇندا چۆكمىگە چۈشۈپ، ماددا ئالمىشىشقا توسقۇنلۇققا قىلىپ، توقۇلما ھۈجەيرىلەرنى غىدىقلاپ، نىكروزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەتراپتىكى ھۈجەيرىلەر زەخىملىنىپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ تەرتىپسىز ئۆسۈش كېلىپ چىقىدۇ. نەتىجىدە يەرلىك ئورۇندا نىكروزلانغان ھۈجەيرىلەر ۋە ماددا ئالمىشىش مەھسۇلاتلىرى توپلىشىپ ياكى تەرتىپسىز ئۆسكەن ھۈجەيرىلەر توپلىشىپ، تەدرىجىي جىگەر راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

2. جىگەردىكى ھەرخىل كېسەللەرنىڭ ئاسارىتىدىن كېلىپ چىقىدۇ 

 (1) B تىپلىق ۋىرۇسلۇق جىگەرياللۇغىنىڭ ئاسارتىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

جىگەر ياللۇغى بىلەن ئاغرىغان بىمارلار ۋاقتىدا ياخشى داۋالانماسلىقى ۋە ياكى داۋالانغان تەقدىرىدىمۇ ئۈزۈل-كېسىل ساقايماي ئۇزۇنغا سوزۇلۇش سەۋەبىدىن، جىگەر ھۈجەيرىلىرى ۋە جىگەر ئىچىدىكى ئۆت نەيچىلىرى زەخىملىنىپ، تەدرىجىي ھۈجەيرە توقۇلمىلار نورمالسىز ئۆسۈپ كۆپىيىپ، تۈگۈنچە خاراكتېرلىك جىگەر قېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. جىگەر قېتىشىش تەدرىجىي ھالدا جىگەر راكىغا تەرەققىي قىلىدۇ. 

 (2)جىگەر قېتىشىش كېسەللىكىنىڭ تەرەققىياتىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

جىگەر قېتىشىش كېسەللىكىگە ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانمىغاندا، جىگەر ھۈجەيرىلىرى كۆپلەپ زەخىملىنىپ، جىگەردىكى ھۈجەيرە توقۇلمىلار نورمالسىز ئۆسۈپ كۆپىيىپ، جىگەر قېتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جىگەر قېتىشىشقا جىگەر راكى قوشۇلۇپ كېلىدىغانلار پۈتۈن جىگەر راكى كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان كىشىلەرنىڭ %50~30نى ئىگىلەيدۇ. 

3. راك پەيدا قىلغۇچى ۋە سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

تەركىبىدە نىتروزامىن كۆپ بولغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، سېرىق ئىچىتقۇ زەمبۇرۇغ بىلەن بۇلغانغان، كۆكەرگەن كۆممىقوناق ۋە كۆكەرگەن خاسىڭنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، ئۇزۇن مۇددەت ھاراق ئىچىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جىگەر ھۈجەيرىلىرىنى زەخىملەندۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تەدرىجىي جىگەر ھۈجەيرىلىرى نورمالسىز ئۆسۈپ كۆپىيىپ، جىگەر راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

4. پارازىت قۇرت كېسەللىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

جۇڭخۇا ئاچىماق ئۇرۇقدانلىق شورىغۇچ قۇرتى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن بەدەندە يېتىلگەن قۇرتقا ئايلىنىپ، يېتىلگەن قۇرت جىگەردىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك ئۆت نەيچىسى ئىچىدە پارازىنلىق بىلەن ياشاپ، تەدرىجىي ئۆت نەيچە ئۈستۈنكى تېرە ھۈجەيرىنى غىدىقلاپ، بەز ئۆسمىسىگە ئوخشاش قايتا ئۆسۈش پەيدا قىلىدۇ، نەتىجىدە جىگەر ئۆت نەيچە ھۈجەيرە راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

5. ئېرسىيەت ئامىلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ 

جىگەر راكى بىلەن ئاغرىغۇچىلاردا ئائىلە جەمەت تارىخى بولىدۇ. جىگەر راكى بىلەن ئاغرىغانلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ جىگەر راكى بىلەن ئاغرىش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ.

جىگەر راكى1. جىگەر ساھەسى ئاغرىش: راك مونەكچىلىرى ئۆسۈپ، جىگەر سىرتقى پەردىسىنى كۆپتۈرگەنلىكتىن، جىگەر ساھەسىدە ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاغرىق كۆپىنچە داۋاملىشىش خاراكتېرلىك ئېسىلىپ ئاغرىش ياكى تىلىپ ئاغرىش خاراكتېرلىك بولىدۇ. ئەگەر دىئافراگمىغا تەسىر قىلغان بولسا، ئاغرىق ئوڭ تەرەپ تاغاق قىسىملىرىغىچە تارقىلىدۇ. جىگەر قىپى ئالدى قىسمى قانىغاندا ئاغرىش ناھايىتى قاتتىق بولۇپ، بەزىدە رېفلىكىسلىك ئوڭ تەرەپ تەۋەنكى قورساق قىسمى ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن دىئاگنوز خاتالىقى كېلىپ چىقىدۇ. جىگەر راكىنىڭ تۈگۈنچىلىرى يىرىلغاندا نىكروزلانغان توقۇلما ۋە قان قورساق بوشلۇقىغا ئېقىپ كىرىپ، پۈتۈن قورساقنىڭ قاتتىق ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر راك ھۈجەيرىلىرى جىگەر ۋېناسىنى توسقان بولسا ئاغرىق قاتتىق بولۇپ،  قوشۇمچە قورساققا سۇ چۈشۈش ۋە سېرىقلىق چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

2. ھەزىم قىلىش ئەزالىرىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى: ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ. مونەك جىگەر سول بۆلەكتە بولسا، قورساق ئىسىلىش كۆرۈنەرلك بولىدۇ. ئەگەر ئوڭ بۆلەكتە بولسا ئانچە كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ. ئۇندىن باشقا ئاخىرقى دەۋرگە كەلگەندە كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش ياكى ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 

3. پۈتۈن بەدەنلىك ئالامەتلەر: ئىلگىرىلەش خاراكتېرلىك ئۇرۇقلاش. ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق كۆرۈلىدۇ. ئۇندىن باشقا جىگەر بەزى قىزىتما پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى زەھەرسىزلەندۈرۈلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن قىزىتما كۆرۈلىدۇ. ئاخىرىدا جىگەر خىزمىتى تولۇق بولماسلىق سەۋەبىدىن چىش تۈۋى قاناش، بۇرۇن قاناش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. 

بەدەن بەلگىسى:

(1) جىگەر چوڭىيىش: %90تىن يۇقىرى بىمارلاردا جىگەر ئىلگىرىلەش خاراكتېرلىك چوڭىيىدۇ. جىگەر ماددىسى قاتتىق بولۇپ، سىرتقى يۈزى ئېگىز-پەس بولىدۇ. تۇتقاندا جىگەردە چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان مونەكچىلەر قولغا ئۇرۇلىدۇ. جىگەرنىڭ ئەتراپ قىرلىرى رەتسىز بولۇپ، تۇتقاندا ئاغرىيدۇ، جىگەر ئوڭ بۆلىكىدىكى جىگەر ئۆسمىسى يۇقىرىغا قاراپ، تەرەققىي قىلغان بولسا، جىگەر بوغۇق تاۋۇش چېگرىسى يۇقىرىغا قاراپ يۆتكىلىدۇ. ئەگەر قوشۇمچە ئوڭ تەرەپ كۆكرەك بوشلۇقىغا سۇ يېغىلسا دائىم ئوڭ تەرەپ كۆكرەك قەپىزى پولتىيىپ چىقىدۇ. 

(2) ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە سېرىقلىق چۈشىدۇ. بۇ كېسەللىكنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە جىگەر ھۈجەيرىسى زەخىملەنگەنلىكتىن ياكى جىگەردىكى راك ئۆسمىسى ئۆت باش نەيچىسىنى بېسىۋېلىپ ئۆت يولىنى توسۇۋالغانلىقتىن 1/3 قىسىم بىماردا سېرىقلىق  بولىدۇ. 

(3) تال چوڭىيىش، جىگەرلىك ئالقان، ئۆمۈچۈكسىمان مەڭ شەكىللىنىش، قورساق دىۋارىدىكى ۋېنالار كۆپۈش، قورساققا سۇ چۈشۈش قاتارلىق بەدەن بەلگىلىرى كۆرۈلىدۇ.

1. كېسەللىك ئالامىتى ۋە تىپىك كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. جىگەر ساھەسى داۋاملىشىش خاراكتېرلىك بېسىلىپ ياكى تىلىپ ئاغرىش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، ئۇرۇقلاش، ماغدۇرسىزلىنىش، جىگەر چوڭىيىش، جىگەر ماددىسى قاتتىقلىشىش، جىگەرنى تۇتقاندا چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان مونەكچىلەر قولغا ئۇرۇنۇش، جىگەر ساھەسىنى باسقاندا ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە ئىلگىرى جىگەر ياللۇغى ۋە جىگەر قېتىش كېسىلى بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولىدۇ. 

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. 

 (1 قان تەكشۈرۈش 

(1) قاندىكى AFP نى (ھامىلە ئاقسىل) نى تەكشۈرۈش: ئادەتتە قاندا بالا تۇغۇلۇپ 1-2 ھەپتىگىچە AFP بولىدۇ. ئىككى ھەپتىدىن كېيىن قاندا AFP بولمايدۇ. جىگەر راكى بىلەن ئاغرىغان بىمارلاردا جىگەردىكى راك ھۈجەيرىلىرى AFP ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قاندا AFP كۆرۈلىدۇ. بەزىدە جىگەر قېتىش، جىگەر ياللۇغى، ئاشقازان راكى، بوغماق ئۈچەي راكى، ئاشقازان ئاستى بېزى راكى قاتارلىق ھەزىم قىلىش ئەزالىرىدىكى راك كېسەللىكلىرىدىكى راك كېسەللىكلىرى جىگەرگە كۆچۈش قوشۇلۇپ كەلگەندىمۇ AFP كۆرۈلىدۇ. شۇڭا تەكشۈرۈشتە ئەتراپلىق تەكشۈرۈش كېرەك. 

(2) CT لاگلۇتامىك ترانىتلازما فېرمېنتى؛ جىگەر راكى بىلەن ئاغرىغان بىمارلاردا كۆرۈنەرلىك يۇقىرىلايدۇ. سېرىقلىق چۈشمەيدۇ. ئامىنو فىرازا نورمال بولغاندا CT لافېرمېنتى يۇقىرى بولسا، كۆپىيىپ جىگەر راكىنىڭ ئېھتىمالىقىنى ئويلىشىش كېرەك. نورمال قىممىتى 6 بىرلىكتىن تۆۋەن بولىدۇ، كۆرۈنەرلىك يۇقىرىلىغاندا ئەھمىيىتى بولىدۇ. 

(3) AKP (ئىشقارلىق فوسفات) يۇقىرىلايدۇ. نورمال ئەھۋالدا يېتىلگەن، كىشىلەردە قان زەردابىدىكى AKP ئاساسەن سۆڭەك، جىگەر، ئۈچەي، ئۆت قاتارلىق ئورۇنلاردىن ئاجرىلىپ چىقىدۇ. بۇ فېرمېنتنىڭ يۇقىرىلىشى روشەن بولغۇچىلاردا جىگەر راكى بارلىقىدىن گۇمانلىنىدۇ. ئەگەر بىرلا ۋاقىتتا AKP يۇقىرىلاش بىلەن بىرگە CTلامۇ يۇقىرىلىغان بولسا، بۇنىڭ دىئاگنوزلۇق ئەھمىيىتى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. نورمال قىممىتى 13بىرلىكتىن تۆۋەن بولىدۇ. 30بىرلىكتىن يۇقىرى بولغاندا جىگەر راكىغا دىئاگنوز قويۇشتا بەلگىلىك ئەھمىيىتى بولىدۇ. 

(4)   LDH (لاكنىڭ دىھىروگېنازا) جىگەر ھۈجەيرىسى زەخىملىنىش كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسى قان زەردابىدىكى LDH يۇقىرى بولىدۇ. جىگەر راكى بىلەن ئاغرىغان بىمارلاردا باشقا جىگەر كېسەللىكلىرىگە قارىغاندا يۇقىرىلاش كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. 

 (3) B تىپلىق ئاۋازدىن تىز دولقۇن ئاپپاراتىدا تەكشۈرۈش: بۇنىڭدا تەكشۈرگەندە كېسەللىك بار جايدا قاراماي كۆرۈنىدۇ. ئەتراپتىكى يورۇقلۇق توچكىلىرى شالاڭ بولىدۇ. 

CT (3دا تەكشۈرگەن ئۆسمە بار ئورۇندا تۈگۈنچىسىمان سايە كۆرۈنىدۇ. ئۆسمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئېنىقلىغىلى بولىدۇ. 

(4) رېنتگېن تەكشۈرۈش: ئوڭ تەرەپ دىئافراگمىنىڭ ھەرىكىتى چەكلىمىگە ئۇچراش ياكى چوخچىيىپ قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. 

(5) تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش: قورساقنى فۇنكسىيە قىلىپ، جىگەردىن تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرگەن راك ھۈجەيرىلىرى تېپىلىدۇ.

1. جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقىدىن پەرقلەندۈرىدۇ. 

ئىلگىرى بىرەر ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولمايدۇ. دەسلەپتە يىرىڭ بوشلۇقى ھاسىل قىلمىغان بولسا، بىرلەمچى جىگەر راكى بىلەن پەرقلەندۈرۈش ناھايىتى قىيىن. B تىپلىق ئاۋازدىن تىز دولقۇندا قايتا-قايتا تەكشۈرگەندىن كېيىن يىرىڭلىق ئىششىقنىڭ سۇيۇقلۇق تەكشىلىكنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا ئاخىرقى دەۋرلىرىگىچە كەلگەن كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش ياكى ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 

2. جىگەر قېتىشىشتىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ 

جىگەر قىتىشىشتا رېنتگېن تەكشۈرگەندە جىگەر راكىغا ئوىشاش ئېنىق چەكلىك دائىرىسىدىكى قارا ماي كۆرۈنمەيدۇ. قان زەردابىدىكى فېرمېنتىنى تەكشۈرگەندە AFP كۆرۈنەرلىك يۇقىرىلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە GPT مۇ يۇقىرىلايدۇ. جىگەر راكىدا GTP يۇقىرىلىمايدۇ. قىسمەن ئەھۋاللاردا قورساق بوشلۇقى ئەينىكىدە تەكشۈرۈپ، جىگەر تىرىك تۇقۇلمىلىرىنى تەكشۈرگەندىلا ئاندىن ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنوزىنى قويغىلى بولىدۇ. 

3. ئىككىلەمچى جىگەر راكىدىن پەرقلەندۈرىدۇ 

بۇنىڭدا كۆپىنچە بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرىدا راك ئۆسمىلىرى بولىدۇ. مەسىلەن: ئاشقازان، ئۈچەي، سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش يوللىرى، كۆپىيىش ئەزالىرى، ئۆپكە، ئەمچەك قاتارلىقلاردا ئۆسمىنىڭ بار-يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر ئۆسمە بولسا ئىككىلەمچى جىگەر راكى ئىكەنلىكى مۇقىملىنىدۇ. 

4. باشقىلار: جىگەر قان تومۇر ئۆسمىسى، جىگەر قاپلىق قۇرت كېسىلى، ئۆت نەيچە-ئۆت خالتا راكى، ئاشقازان ئاستى بېزى راكى، ئاشقازان راكى قاتارلىقلاردىن پەرقلەندۈرۈشكىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىش، ئەتراپلىق بەدەن تەكشۈرۈش كېرەك.

1. خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

2. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ خىل كېسەللىكلەرگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ، سەۋەبى يوقىتىلىدۇ. 

3. راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشنى تورمۇزلاش، تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسەتتە دورا ئىشلىتىلىدۇ. 

4. راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشنى تورمۇزلاش، راك ئۆسمىسىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىنى ئۈزۈپ تاشلاش مەقسىتىدە رادىئوئاكتىپلىق نۇر بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

5. جىگەردىكى راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ تارقىلىشىنىڭ، داۋاملىق چوڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسەتتە ئوپېراتسىيە قىلىپ كېسىپ ئېلىۋېتىلىدۇ.

كۆيگەن سەۋدا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا، كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچ دورىلىرىغا دارچىن، خولىنجان، پىلپىل، ئىزخىر، ئەفسەنتىن، كەرەپشە يىلتىزى، بىلسان ئۇرۇقى، كاسىنە يىلتىزى قاتارلىقلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا ~80 60مىللىلىتىردىن، ~4515كۈن بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرى دورىلارغا كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن 60مىللىلىتىردىن ~5 3 كۈن بېرىپ، غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتى تازىلىنىدۇ. 

راك ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈشىنى تورمۇزلاش، تەرەققىياتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ ئىشلىتىلىدۇ. 

ئۇچقار پاقا 120گرام، ئاق يەر يىلىنى 190گرام، ئوق يىلان 180گرام، سېرىق ھېلىلە، ھېلىلە كابىلە، قارا ھېلىلە، ئانار گۈلى، ئاقاقىيا، كۆيدۈرۈلگەن زەمچە، كەتىرا، ئادراسىمان ئۇرۇقى 10گرام، ئاقىرقەرىھا ھىندى، مەرۋايىت، غاپەس، ئەفسەنتىن، خەشخاش پوستى، نۆشۈدۈر 13گرامدىن، كۆيدۈرۈلگەن بۇغا مۈڭگۈزى بىخ مارجان، قۇرۇتۇلغان پىلە تالقىنى 22 گرامدىن، لوك، زىراۋەندى رەۋەن، ئىزخىر، خولىنجان، سەبرە 13گرامدىن، ئادەمگىياھ، شاقاقۇل، سۆئلەپ 18گرامدىن، ئىپاردىن 3 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە مەجۈن تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا ~63 گرامدىن ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. 

سىماب كوشتىسىنى توخۇغا يىگۈزۈپ، توخۇ گۆشى ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ. 

تۆۋەنكى نۇسخا بويىچە تەييارلانغان ھەببى شەبىيار كۈندە 2 قېتىم، تاماقتىن كېيىن ~54 دانە ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. 

ھەببى شەبيار نۇسخىسى: سەبرە 20گرام، ئەفتىمۇن، غارىقۇن سوقمۇنيا، ھېلىلە كابىلە پوستى، تۇربۇت، ئۈستىققۇدۇس 20گرام، سېرىق ئوت 15گرام ئېلىپ، سوقۇپ تالقانلاپ، بەدىيان سۈيى بىلەن يۇغۇرۇپ، ھەب تەييارلىنىدۇ. 

جىگەرنىڭ ئۇدۇلىغا مۇرەككەپ سەرتان مەلھىمى تېڭىلىدۇ. 

راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشنى تورمۇزلاپ، راك ئۆسمىنىڭ قان بىلەن تەمنلىنىشىنى ئۈزۈپ تاشلاش مەقسەتتە ئۇزۇن مۇددەتكىچە رادىئوئاكتىپ نۇر بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى ئەسەرلىرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=785

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#