قانۇن ياردىمى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى

ئادۋۇكات ۋە ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىىرىنىڭ

ئادۋۇكات ۋە ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىىرىنىڭ قانۇن ياردىمى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى 2004-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئادۋۇكات ۋە ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىىرىنىڭ قانۇن ياردىمى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2004-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
ھۆججەت ئە ت ئۇ (2004)132-نۇمۇرلۇق بۇيرۇقى
خەنزۇچە نامى 律师和基层法律服务工作者开展法律援助工作暂行管理办法
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2004-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ « ئادۋۇكات ۋە ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىىرىنىڭ قانۇن ياردەم خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»نى بېسىپ تارقاتقانلىق ھەققىدىكى ئۇقتۇرشى

ئە ت ئۇ (2004)132-نۇمۇرلۇق بۇيرۇقى 

 ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتۇنۇم رايۇن، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە نازارىتى(ئىدارىسى)، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرلۇش بىڭتۇەن ئەدلىيە ئىدارىسىگە:

«ئادۋۇكات ۋە ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىىرىنىڭ قانۇن ياردەم خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» 9-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ 30-قېتىملىق مىنىستىرلار يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، ھازىر سىلەرگە تارقاتتۇق، ئەستايدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىنسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىىتى ئەدلىيە مىنىستىرلىكى

2004-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى

1-ماددا ئادۋۇكاتلار ۋە ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ قانۇن مۇلازىمەت خىزمىتىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن ياردەم خىزمىتىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن « ئادۋۇكاتلار قانۇنى»، «قانۇن ياردەم نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن بەلگىلمىلەرگە ئاساسەن مەزكۈر چارە تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا ئادۋۇكاتلار « ئادۋۇكاتلار قانۇنى»، «قانۇن ياردەم نىزامى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن قانۇن ياردەم مەجبۇريىتىنى ئادا قىلىشى، قانۇن ياردىمىگە ئېرىشكۈچىنى ئۆلچەملىك قانۇن ياردەم مۇلازىمىتى بىلەنتەمىنلىشى، قانۇن ياردىمىگە ئېرىشكۈچىنىڭ قانۇنلۇق ھۇقۇق مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك. 

ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرى ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ « ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەتچىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى» ۋە ئالاقىدار ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت كەسپىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن، كەسىپ دائىرسىگە ماس كىلىدىغان قانۇن ياردەم خىزمىتىنى ئاكتىپ قانات يايدۇرشى لازىم.

3-ماددا ئادۋۇكات ۋە ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەتچىلىرى ھەر يىلى قانۇن ياردەم ئاپپاراتلىرىنىڭ بەلگىلىشىنى قۇبۇل قىلىپ، مەلۇم ساندىكى قانۇن ياردەم دېلوسىنى بېجىرشى لازىم. بېجىرلىدىغان قانۇن ياردەم دېلوسىنىڭ يىللىق خىزمەت مىقدارىنى ئۆلكە، ئاپتۇنۇم رايۇن، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرى تارماقلىرى شۇ يەرنىڭ قانۇن ياردەم ئېھتىياجى، ئادۋۇكات ۋە ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى ۋە تارقىلىشى قاتارلىق ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن بېكتىدۇ.

4-ماددا ئادۋۇكات ۋە ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەتچىلىرى قانۇن ياردەم دېلوسىنى بېجىرگەندە، ئەدلىيە مەمۇرى ئورگانلىرى، ئادۋۇكاتلار جەميىتى ۋە قانۇن ياردەم ئاپپاراتلىرىنىڭ كەسپىي يېتەكچىلىكى ۋە نازارىتىنى قۇبۇل قىلىدۇ، قانۇن ياردىمىگە ئېرىشكۈچى ۋە جەميەتنىڭ نازارىتىنى قۇبۇل قىلىدۇ.

5-ماددا قانۇن ياردەم ئاپپاراتلىرى قانۇن ياردەم دېلوسىنى بېكىتكەندە، ئادۋۇكاتخانا، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت پونكىتى ئارقىلىق ئادۋۇكات، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىسىنىڭ بېجىرىشىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

ئادۋۇكاتخانا، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت پونكىتى بەلگىلەش ئۇقتۇرشىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، 24 سائەت ئىچىدە دېلونىڭ كونكرېت ئەھۋالى ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق خادىملارنى بېجىرىشكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

6-ماددا ئادۋۇكات ۋە ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرى دېلونىڭ بەلگىلەش ئۇقتۇرشىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، 3 خىزمەت كۈنى ئىچىدەياردەمگە ئېرىشكۈچى ياكى قانۇنى ۋەسىيسى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى بىلەن ھاۋالە ۋاكالەتچىلىك كىلىشىمنامىسى ئىمزالايدۇ. 

7-ماددا ئادۋۇكات ۋە ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرى كۈندىلىك كەسپىي خىزمەت داۋامىدا دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇن ياردەم شەرتىگە ئويغۇن كىلىدىغانلىقىنى بايقىسا، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئالاقىدار دېلو ماتېرياللىرىنى شۇ جايدىكى قانۇن ياردەم ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرشىگە تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. قانۇن ياردەم ئاپپاراتى 3 خىزمەت كۈنى ئىچىدە تەكشۈرۈشنى تاماملاپ، قانۇن ياردىمى بېرىشكە بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى ھەققىدە قارار چىقىرىدۇ.

8-ماددا قانۇن ياردەم دېلولىرىنى بېجىرىدىغان ئادۋۇكات ۋە ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرى، بېجىرىدىغان دېلونىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئەدلىيە مىنىستىرلىكى، ئادۋۇكاتلار جەميىتىنىڭ ئادۋۇكات ۋە ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ كەسىپ بېجىرىش قائىدىسىنىڭ تەلپىگە، مەسئۇليەتچانلىق بىلەن قانۇن مۇلازىمەت مەجبۇريىتىنى ئادا قىلىشى، كەسپىي ئەخلاق ۋە كەسپىي ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى كېرەك.

9-ماددا زور، مۇرەككەپ، قېيىن بولغان قانۇن ياردەم دېلولىرىغا قارىتا، ئادۋۇكاتخانا، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت پونكىتى كۆللېكتىپ مۇزاكىرە تەشكىللىشى، دېلو بېجىرىش لايھەسىنى بېكتىپ، بېجىرىدىغان دېلونىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئادۋۇكاتخانا، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت پونكىتى شۇ ئورۇندىكى ئادۋۇكات، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرى بېجىرىدىغان قانۇن ياردەم دېلولىرىنىڭ سۈپىتىگە نازارەتچىلىك قىلىپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىشى كېرەك.

10-ماددا ئادۋۇكاتۋە ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرى قانۇن ياردەم دېلوسىنى بېجىرىپ تاماملاىغاندىن كېيىنكى 15 كۈن ئىچىدە، دېلونى بەلگىلەپ بەرگەن قانۇن ياردەم ئاپپاراتىغا تۆۋەندىكى بېجىرگەن دېلو ماتېرياللىرىنى تاپشۇرۇپ، قانۇن ياردەم ئاپاپراتىنىڭ تەكشۈرشىنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك؛ تەلەپكە ئويغۇن بولمىغانلىرىنى تۈزىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ:

(1) قانۇن ياردەم بەلگىلەش ئالاقىسى ۋە ئادۋۇكاتخانىنىڭ دېلو تەستىقلاش قەغىزى؛

(2) ھاۋالە ۋاكالەتچىلىك كىلىشىمى ۋە باشقا ھاۋالە رەسمىيەتلىرى

(3) ئەرز، نارازلىق ئەرز، ئىلتىماس ياكى مەمۇرى قايتا قاراپ چىقىش (ئىلتىماس ئەرز) ئىلتىماسى، دۆلەت تۆلىمى ئىلتىماسى قاتارلىق قانۇن ھۆججەتلىرىنىڭ قۇشۇمچە نۇسخىسى

(4) ھاۋالە قىلغۇچى، دەۋالاشقۇچى، گۇۋاھچى بىلەن كۈرۈشكەندىكى سۆھبەتلىشىش خاتىرسى ھەمدە تەكرۈگەن مۇناسىۋەتلىك ماتېرياللار؛

(5) جاۋابنامە، ئاقلاش سۆزى ياكى ۋاكالەتچىلىك سۆزى قاتارلىق قانۇن ھۆججىتى؛

(6) ھۆكۈم ( كېسىم)نامە، سېسىم سوتىدىكى كېسىمنامە، مۇرەسسە كىلىشىمى ياكى مەمۇرى بىر تەرەپ قىلىش (قايتا قاراپ چىقىش) قارارى قاتارلىق قانۇن ھۆججەتلىرىنىڭ قۇشۇمچە نۇسخىسى؛

(7) دېلو ئاخىرلاشتۇرۇش دوكلاتى

(8) بېجىرگەن دېلو بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان باشقا ماتېرياللار.

قانۇن ياردەم ئاپپاراتى تاماملانغان دېلو ماتېرياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرشى ھەمدە ماتېرياللارنى دېلو بېجىرگەن خادىم تۇرۇشلۇقئادۋۇكاتخانا، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ مەسئۇل بۇلۇپ ئارخىپلاشتۇرۇپ ساقلىشىغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

11-ماددا قانۇن ياردەم ئاپپاراتى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن ياردەم دېلوسىنى بېجىرىش تۇلۇقلىما ئۆلچىمىگە ئاساسەن، تاماملانغان دېلو ماتېرياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، قانۇن ياردەم دېلوسىنى بېجىرگەن ئادۋۇكاتۋە ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىگە دېلو بېجىرىش تۇلۇقلىما پۇلىنى چىقىم قىلىپ بېرىشى كېرەك.

12-ماددا ئادۋۇكاتۋە ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرى قانۇن ياردەم دېلوسىنى بېجىرىش جەريانىدا، قانۇن ياردىمىگە ئېرىشكۈچىدە « قانۇن ياردەم نىزامى» نىڭ 23-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنىڭ بارلىقىنى بايقىسا، دەل ۋاقتىدا قانۇن ياردەم ئاپپاراتىغا دوكلات قىلىشى كېرەك. قانۇن ياردەم ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلى تەكشۈرۈپ ئەمىلىيلەشتۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە بۇ قېتىملىق قانۇن ياردىمىنى توختۇتۇش-توختاتماسلىقنى قارار قىلىدۇ.

13-ماددا قانۇن ياردەم ئاپپاراتى تاماملانغان دېلو ماتېرياللىرىنى تەكشۈرۈشتە دېلو بېجىرىش سۈپتىگە ئىنكاس قايتۇرۇش، باھالاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللۇنۇپ، ئادۋۇكاتۋە ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ مەسئۇليەتچانلىق بىلەن قانۇن ياردەم خىزمىتىنى قانات يايدۇرشىغا نازارەتچىلىك قىلىپ، قانۇن ياردەم مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئادۋۇكاتلىق جەميىتى ئادۋۇكاتلار جەميىتىنىڭ نىزامنامىسىدىكى بەلگىلمىگە ئاساسەن قانۇن ياردەم خىزمىتىگە ماسلىشىپ، ئادۋۇكاتخانىنىڭ قانۇن ياردەم دېلوسىنى بېجىرىش سۈپىتىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ ، ئادۋۇكاتنىڭ قانۇن ياردەم خىزمىتىنى قانات يايدۇرش جەريانىدىكى قانۇنلۇق ھۇقۇق مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك.

14-ماددا قانۇن ياردەم خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە كۆرسەتكەن ئادۋۇكات ۋە ئادۋۇكاتخانا، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت پونكىتىنى ئەدلىيە مەمۇرى ئورگىنى ، ئادۋۇكاتلار جەميىتى تەقدىرلەپ مۇكاپاتلايدۇ.

15-ماددا ئادۋۇكات ۋە ئادۋۇكاتخانىنىڭ «قانۇن ياردەم نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن، نىزام ھەمدە مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلمىگەخىلاپلىق قىلمىشىلىرىغا ئەدلىيە مەمۇرى ئورگىنى، ئادۋۇكاتلار جەميىتى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلمىلەرگە ئاساسەن مەمۇرى جازا ياكى كەسپى جازا بېرىدۇ.

ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ «قانۇن ياردەم نىزامى» ھەمدە مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلمىگەخىلاپلىق قىلمىشىلىرىغا ئەدلىيە مەمۇرى ئورگىنى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلمىلەرگە ئاساسەن مەمۇرى جازا بېرىدۇ.

16-ماددا قانۇن ياردەم ئاپپاراتى، ئادۋۇكاتلار جەميىتى چۇقۇم قانۇن ياردەم خىزمىتىدىكى ئەرز شىكايەتنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك. قانۇن ياردىمىگە ئېرىشكۈچى ياكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئەرز شىكايىتىگە قارىتا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بۇيىچە ئۆز ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇش كېرەك؛ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەرز شىكايەت قىلىنغۇچىغا مەمۇرى جازا بېرىشكە تىگىشلىك بولسا، دەرھال ئەدلىيە مەمۇرى ئورگانلىرىغا تەكلىپ بېرىش كېرەك.

17-ماددا قانۇن ياردەم ئاپپاراتى شۇ ئاپپاراتتىكى خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائى تەشكىلات خادىملىرىنى قانۇن ياردەم دېلوسىنى بېجىرىشكە بەلگىلەشنى باشقۇرۇشتا، مۇشۇ چارىدىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

18-ماددا بۇ چارىنى ئەدلىيە مىنىستىرلىكى چۈشەندۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ.

19-ماددا بۇ چارە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#