موڭغۇلكۈرە بازىرى

موڭغۇلكۈرە بازىرى
موڭغۇلكۈرە بازىرى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان.
ئۇيغۇرچە نامى موڭغۇلكۈرە بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 3.4 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 昭苏镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى
نوپۇسى 25 مىڭ ئادەم
پىنيىنچە يېزىلىشى zhāo sū zhèn

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

موڭغۇلكۈرە بازىرى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان. موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىگە قاراشلىق بازار، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق ئورۇن. 1970-يىلى، بازار گۇڭشىسى قۇرۇلغان، 1984-يىلى، موڭغۇلكۈرە بازىرى تەسىس قىلىنغان.

بازار كۆلىمى 3.4 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 25 مىڭ ئادەم. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1880 مېتىر، چوڭ خونۇقاي دەرياسى بازارنىڭ شىمالىدىن جەنۇبىغا كېسىپ ئۆتكەن. قارامىقىدا 1-، 2-، 3-، 4-، 4 ئاھالىلەر كومىتېتى بار. سودا، ﻗﻮﻝ-ﻫﯜﻧﻪﺭﯞﻩﻧﻠﯩﻚ، تىرانسپورت كەسپى، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەتچىلىك كەسپى بار.

موڭغۇلكۈرە بازىرىغا قاراشلىق 5 مەھەللە، 4 كەنت ئاھالە كومىتېتى: دۆڭمەھەللە مەھەللىسى، كان يولى مەھەللىسى، ئازات كوچا مەھەللىسى، كونا بازار مەھەللىسى، ئاقچوققا مەھەللىسى، تۇغالچىن بۇلاق كەنتى، قۇرۇئۆزەك كەنتى، جامانتاي كەنتى، چولىمتا كەنتى قاتارلىقلار بار.

موڭغۇلكۈرە بازىرىموڭغۇلكۈرە بازىرى ئوتلاق كۆلىمى 205 مىڭ مو، ئوتلاقلارنى ياخشىلاش نەتىجىسى ۋە چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى، ئوتلاق ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن چارۋا بېقىشنى مەنئى قىلىش، يەر يەڭگۈشلەپ مال بېقىش، چارۋا بېقىشنى توختىتىپ تۇرۇش، قاشا ياخشىلاش  قاتارلىقلارنى يولغا قويغان.

موڭغۇلكۈرە بازىرى ئوتلاق ئاسراش خىزمىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن. بازارلىق ھۆكۈمەت بىلەن ئوتلاق پونكىتى، بازار بىلەن كەنت، پونكىت بىلەن كەنت، كەنت بىلەن چارۋىچىلار، ئوتلاق باشقۇرۇش پەرۋىش قىلىش خادىمى قاتلاممۇ قاتلام مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاپ، ۋەزىپىنى پونكىت، كەنت ۋە شەخسىي چارۋىچىلارغا، چارۋا بېقىش مەنئى قىلىنغان ئوتلاق ۋە چارۋا بېقىش توختىتىپ تۇرۇلغان ئوتلاقنى ئېنىق ئايرىپ چىقىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تولۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىش باشقۇرۇش چارىسىنى قوللانغان.

موڭغۇلكۈرە بازىرىموڭغۇلكۈرە بازىرى بىر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نامرات بازار، شۇ جايدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىق ۋە تېرىقچىلىقنى ئاساس قىلغان، بۇ خىل باقمىچىلىق ئەندىزىسى، شۇ يەرنىڭ چارۋىچىلىق ئىشلىرىنىڭ تۈجۈپىلىك چەكلەپ قويغان، شۇ جايدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن . 2008-يىلى، بۇ بازار، شەھەر-بازار رايون ئەۋزەللىكىگە ئاكتىپ تايىنىپ، ئەنئەنىۋى بېقىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، زامانىۋى بورداقچىلىق، ياز پەسلى يايلىتىپ بېقىش ۋە قىشتا قوتاندا بېقىش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇپ، تەدرىجىي تۆت پەسىلدە چارۋا بېقىشنى كۈز پەسىللىرىدە چارۋا بېقىشقا ئۆزگەرتكەن. ئاغدۇرماي تېرىش تېخنىكىسىنى ۋە 10 مىڭ يۈەنلىك ئېتىز مەشغۇلاتىنى كەڭ كۆلەمدە قانان يايدۇرغان، ھويلا-ئارام ئىگىلىكىنى پائال راۋاجلاندۇرغان، يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، چوڭ تىپتىكى پاتقاق گازى كۆلچىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەرنى كىرگۈزۈپ، يەرلىك ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرگەن.

بۇ بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىسىدا، 2008-يىلى، بۇ بازاردىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 412 يۈەن كۆپىيىپ، 3822 يۈەنگە يەتكەن. موڭغۇلكۈرە بازىرىدا «تاماق ئۈستىلى ئىقتىسادى»نى چۆرىدەپ، پۈتۈن بازاردا «ھەممە ئالدىراش بېيىش»تەك خۇشاللىنارلىق ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن، 2008-يىلى، بۇ بازاردىكى دېھقانلارنىڭ ساپ كىرىمى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 2 مىڭ يۈەن كۆپەيگەن.

موڭغۇلكۈرە بازىرىموڭغۇلكۈرە بازىرىدا قۇرۇلۇۋاتقان 100 مودىن ئارتۇق چوڭ لاپاستا كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا، كۆكتاتچى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 2000 يۈەن كۆپىيىدۇ. بۇ بازار يەنە زور كۈچ بىلەن قىشلىق موگۇ، يىڭنىسىمان موگۇ، گانودېرما زەمبۇرۇغى، قارا قېرىنقۇلاق قاتارلىقلار ئاساس قىلىنغان يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئىشلەپچىقارغان، ھەمدە يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى قۇرغان. پۈتۈن بازاردىكى يېمەكلىك زەمبۇرۇغ ئىشلەپچىقىرىش كەسپى ئائىلىسى 30 نەچچە ئائىلىگە يەتكەن، ھەر بىر ئائىلىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 2000 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە كۆپەيگەن. بازار ئىچىدە زامانىۋى ئىگىلىك باشقۇرۇشنى قوللىنىپ، گۆش كالىسى بېقىش بازىسى، سۈت كالىسى بېقىش بازىسى، تاۋار چوشقا بېقىش بازىسى، ئوتلاق توخۇسى ۋە ئوتلاق ئۆردىكى بېقىش بازىسىنى كەينى كەينىدىن قۇرۇپ چىققان. بۇ تۆت يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بېقىش بازىسىدىكى چوڭ چارۋا-مال سانى 10 مىڭ تۇياققا، باققان چوشقا سانى 200 دىن ئارتۇق، سىيىر 400 تۇياقتىن ئارتۇق، قوي 30 مىڭ دانە، گۆش توخۇسى، گۆش ئۆردىكى جەمئىي 250 مىڭ دانىدىن كۆپ بولغان.

موڭغۇلكۈرە بازىرىدىكى ساياھەت نۇقتىلىرىموڭغۇلكۈرە بازىرىدا گۇردون تېغى تاش ئابىدىسى، ئەۋلىيا ئىبادەتخانىسى، جۇڭغارلارنى تىنجىتىش ئابىدىسى، شوتا ساياھەت رايونى، گۇردون تېغى خاتىرە ئابىدىسى، كەپەيۋەت ئويما رەسىمى، كىدغار تاش ئادىمى،  پومۇ قەدىمىي شەھىرى، ئاقياز قىياتاش رەسىملىرى، ئاقياز تاش ئادىمى قاتارلىق مەنزىرىلىك جايلار بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#