زەيتۇن مېۋىسى

زەيتۇن مېۋىسى

زەيتۇن مېۋىسى ھەزىمنى ياخشىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش، قان تازىلاش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى زەيتۇن مېۋىسى
ئىنگلىزچە White Canarytree Fruit
باشقا نامى زەيتۇن(ئە)، زەيتۇن(پ)، زەيتۇن(ئو)
خەنزۇچە ئاتىلىشى 橄榄 gan lan
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق،

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

زەيتۇن مېۋىسىبۇ زەيتۇن دەرىخى ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان، ئېگىزلىكى 10 مېتىردىن ئاشىدىغان، غولى تۈز دەرەخنىڭ مېۋىسى بولۇپ، «زەيتۇن مېۋىسى»، ئۇنىڭ مېغىزىدىن ئېلىنىدىغان ياغ «زەيتۇن يېغى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. مېۋىسى ئۇرچۇق شەكىللىك، ئىككى ئۇچى ئۇچلۇق، سىرتقى يۈزى سىرىققا مايىل قوڭۇر رەڭلىك، تەرتىپسىز چوڭقۇر پۈرمىلەر بار. مېۋە ئېتى قېلىن، كۈل رەڭگە مايىل قوڭۇر رەڭلىك ياكى قوڭۇر رەڭلىك بولىدۇ. مېۋە ئېتى سەل قېرىق تەمدە، ئۇزۇن تۇرغانلىرى سەل ئاچچىق بولىدۇ. پۇراقسىز، ئەتلىك، تەمى ئاۋۋال قېرىق كېيىن تاتلىق بولغانلىرى ياخشى ھېسابلىنىدۇ.

چىقىش ئورنى

مەملىكىتىمىزنىڭ فۇجيەن، تەيۋەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، يۈننەن، سىچۈەن قاتارلىق جايلىرىدىن چىقىدۇ. چەت ئەلدە ھىندىستان، پاكىستان قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.

خىميىۋىلىك تەركىبى

مېۋىسىنىڭ تەركىبىدە %1.20 ئاقسىل، %1 ماي، %12 كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، %0.20 كالتسىي،مەلۇم مىقداردا فوسفور، تۆمۈر، ۋىتامىنC تۇتىدۇ. ئۇرۇقىنىڭ تەركىبىدە %7 - %8 ياغ، ياغنىڭ ئاساسىي تەركىبى ئامىرىن (Amyrin) دىن ئىبارەت. مېغىزىنىڭ تەركىبىدە %20 ئەتراپىدا ياغ بار. ئۇچۇچان ماي، ماي كىسلاتاسى، ئۇندىن باشقا (Diflavonoid agathisflavone) مۇھىم تەركىبى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تەرەتنى يۇمشىتىش، قىزىتما قايتۇرۇش، تەرلىتىش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ئۆپكە، كانايدىكى زەھەرلىك ماددىلارنى تارقىتىش، يۇمشىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش، قان تازىلاش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئورۇنباسارى

بىلسان يېغى.

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

زەيتۇن يېغى،مەتبۇخى زەيتۇن.

جىگەرنى ئاسراش، مۇھاپىزەت قىلىش رولى بار. ئۇندىن باشقا ئوكسىدلىنىشقا قارشى تەسىرىمۇ بار.

ئەكىس تەسىرى

چىرىگەن جايغا سۈركىسە، قىچىشىش پەيدا قىلىدۇ. جىق ئىشلەتسە، ئۇيقۇنى قاچۇرۇپ، ئورۇقلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىد، ئۆپكىگە زىيىنى بار. ئۇزاق ۋاقىت ئىشلەتسە خىلىتلارنىڭ كۆيۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

ھەسەل، بىنەپشە شەربىتى، ياڭاق مېغىزى، تاتلىق بادام مېغىزى، تاتلىق يېمەكلىكلەر.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=510

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=510

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#