جيا خوڭشېڭ

جيا خوڭشېڭ

جيا خوڭشېڭ 1967-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى جىلىن سىپىڭ يەرلىك تىياتىرخانىسى تىياتىر ئارتىسى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى جيا خوڭشېڭ
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى جىلىن
كەسپى ئارتىس، سەنئەتچى
ۋەكىللىك ئەسىرى 《夏日的期待》,《苏州河》,《极度寒冷》,《昨天》
خەنزۇچە ئاتىلىشى 贾宏声
مىللىتى خەنزۇ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جيا خوڭشېڭجيا خوڭشېڭ 1967-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى جىلىن سىپىڭ يەرلىك تىياتىرخانىسى تىياتىر ئارتىسى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1985-يىلى تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقاندىلا، مەكىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنىپ گوڭ لى، ۋۇ يۈجۈەن، شى كې قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئوقۇغان. مەكتەپتىكى ۋاقىتىدا جيا خوڭشېڭ كېلىشكەن قامىتى ۋە سەنئەت تالانتى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن.

جيا خوڭشېڭ1987-يىلى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان جيا خوڭشېڭ رېژىسسور شى شۇجۈنگە ياراپ قىلىپ، «يازدىكى تەلپۈنۈش» ناملىق كىنودا باش رول ئالغان. ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتى باشلانغان. كىنودا زەربىگە ئۇچرىغان 18 ياشلىق بالىنىڭ ئازابلىق پسىخىكا كۈرەش ئىچىدە ئەڭ ئاخىرىدا قايتىدىن ئىشەنچ بىلەن تۇرمۇشقا يۈزلەنگەندىكى ھېكايسى سۆزلەنگەن.

كىنودا جيا خوڭشېڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى، غايىلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان ساۋاقداش سۇ ۋېينىڭ رولىنى ئالىدۇ. بىر قېتىملىق ھادىسىدە مېيىپ بولۇپ، قىز دوستى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ، ئاپىسى قايتا ياتلىق بولۇپ، ئۇ قاراڭغۇ ھاڭغا چۆكۈپ كېتىدۇ. شۇ چاغلاردا جيا خوڭشېڭ ئازىراق جاھىل ۋە مىسكىن ھالىتنى تولۇق نامايەن قىلغان.

20 ياشلىق جيا خوڭشېڭ قالتىس ماھارىتى بىلەن داڭق قازىنىپ، 1988-يىلى لى شاۋ خوڭ رېژىسسورلۇق قىلغان ۋەھمىلىك فىلىم «كۈمۈش يىلاننى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى» دا رول ئېلىپ، كىنو قويغۇچى خاۋ فېييۈنىڭ رولىنى ئالغان.

بۇ كىنودا ئىلگىرى كىنو قويغۇچى خاۋ فېييۈنىڭ پىسخىكىسىدا چاتاق بولغاچقا، مەخسۇس قىزلارنى كىنو قويۇش ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ، كۈمۈش يىلاننى قويۇپ بېرىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرىدۇ. ج خ ئىدراىسى مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، بۇ دېلونى پاش قىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ.

1989-يىلى جيا خوڭشېڭ مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئارقا-ئارقىدىن كىنولاردا رول ئالىدۇ. 1990-يىلى باش رول ئالغان «بېيجىڭ، خەيرىلىك سەھەر» ناملىق كىنو ياشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. بۇ كىنوغا جۇڭگونىڭ 4-ئەۋلاد كىنو رېژىسسورى جاڭ نۇەنشىن رېژىسسورلۇق قىلغان.

1992-يىلى ئۇ جوۋ يوۋجاۋ رېژىسسورلۇق قىلغان «شەنبېيدىكى چوڭ يەڭگە» ناملىق كىنودا رول ئالغان. شۇ يىلى ئۇ «ئۆمۈچۈك ئايالنىڭ سۆيگۈسى» ناملىق تىياتىرىدا رول ئالغان.

1992-يىلى ئۇ «قارا قار» ناملىق كىنودا رول ئالغان.

بۇنىڭدىن باشقا ئۇ «قارا ئوت» ناملىق كىنودا باش رول ئالغان. بۇ ۋاقىتتا 23 يېشىدا ھەممە ئائىلىگە تونۇشلۇق بولۇپ كەتكەن جيا خوڭشېڭ كۆپلىگەن ياشلارنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازارۋەر كىشىگە ئايلانغان. ئۇ «ھەپتە ئاخىرىدىكى ئاشىق» ناملىق كىنودا باش رولغان.

1997-يىلى ئۇ يەنە «قاتتىق سوغۇق» ناملىق كىنودا رول ئالغان.

«تۈنۈگۈن» ناملىق فىلىمگە جيا خوڭشېڭ ھەمدە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى باش رول ئالغان.

«سۇجۇ دەرياسى» ناملىق كىنو 29-نۆۋەتلىك «Rotterdam» خەلقئارا كىنو فېستىۋالىنىڭ ئالتۇن يولۋاس مۇكاپاتى ھەمدە 15-نۆۋەتلىك پارىژ خەلقئارا كىنو فېستىۋالىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، ئامېرىكا دەۋر ھەپتىلىكىنىڭ يىللىق 10 مۇنەۋۋەر كىنو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#