كومى ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى
سوۋېت ئىتتىپاقى رۇس فېدېراتسىيىسى تەركىبىدىكى بىر مەمۇرىي رايون. يەر مەيدانى 415 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى بىر مىليون 213 مىڭدىن ئاشىدۇ(1985) ، ئاھالىسىنىڭ ئاساسىنى كومى خەلقلىرى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇلاردىن باشقا رۇس، ئوكرائىن قاتارلىق مىللەتلەرمۇ ئولتۇراقلاشقان، مەركىزى سېك تېفكار شەھىرى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سوۋېت ئىتتىپاقى رۇس فېدېراتسىيىسى تەركىبىدىكى بىر مەمۇرىي رايون. يەر مەيدانى 415 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى بىر مىليون 213 مىڭدىن ئاشىدۇ(1985) ، ئاھالىسىنىڭ ئاساسىنى كومى خەلقلىرى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇلاردىن باشقا رۇس، ئوكرائىن قاتارلىق مىللەتلەرمۇ ئولتۇراقلاشقان، مەركىزى سېك تېفكار شەھىرى. كومى ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقى ئورال تاغلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربى تىمان تاغلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، ئوتتۇرا قىسمى پېچورا دەريا ۋادىلىرى بىلەن تۇشىدۇ. كان بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق بايلىقلار مول. يېرىنىڭ 2/3 قىسمىنى ئورمانلاپ قاپلاپ تۇرىدۇ. كومى ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى شىمالىي كەڭلىك ° 60نىڭ شىمالىي قىسمىدىكى سوغۇق بەلباغقا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن ئىقلىمى تۇندىرا ھەم ئورمان تۇندىرا ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. كومى رايونى 1921-يىلى ئوبلاست بولۇپ قۇرۇلغان، 1936-يىلى ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىلگەن.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.