ئېرتىش دەرياسى

ئېرىتىش دەرياسى

  ئېرىتىش دەرياسى ---شىنجاڭنىڭ ئالتاي تاغلىرىنىڭ شەرقىي بۆلىكىدىكى چىگىرتاي داۋىنىدىن باشلىنىپ، كۆكتوقاي، بورۇلتوقاي، ئالتاي، بۇرچىن، قابا قاتارلىق بەش ناھىيە، شەھەردىن ئېقىپ ئۆتىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئېرىتىش دەرياسى
چەتئەلچە نامى Irtysh River
باشلىنىشى ئالتاي تېغى
يىللىق ئېقىش مىقدارى 111 مىليون كۇب مېتىر
خەنزۇچە نامى 额尔齐斯河
ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 4248 كىلومېتىر
سۇ مەنبەسى قار-مۇزلار

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېرىتىش دەرياسى

ئېرىتىش دەرياسى ___ شىنجاڭنىڭ ئالتاي تاغلىرىنىڭ شەرقىي بۆلىكىدىكى چىگىرتاي داۋىنىدىن باشلىنىپ، كۆكتوقاي، بورۇلتوقاي، ئالتاي، بۇرچىن، قابا قاتارلىق بەش ناھىيە، شەھەردىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. دەريانىڭ باشلىنىش مەنبەسىدىن دەريا ئېغىزىغىچە بولغان ئومومىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 4248 كىلومېتىر، ھەۋزىسىنىڭ كۆلىمى 1 مىليون 643 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، قازاقىستان ئارقىلىق شىمالىي مۇز ئوكيانغا قۇيۇلىدىغان جۇڭگودىكى بىردىنبىر خەلقئارالىق دەريا ھېسلپلىنىدۇ.

 تارماق ئېقىنلىرى شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ ئېقىپ، تارغاقسىمان ھالدا غول ئېقىنغا قۇيۇلىدۇ، ئاساسلىق تارماق ئېقىنلىرى شەرقتىن غەربكە قارپ قۇۋ ئېرىتىش دەرياسى قايىرتى دەرياسى، قارا ئېرىتىش دەرياسى، قىران دەرياسى بۇرچىن دەرياسى قابا دەرياسى قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىللىق ئېقىن مىقدارى رەت تەرتىپ بويىچە : 700 مىليون 70 مىڭ كۇپ مېتىر،700 مىليون 850 مىڭ كۇپ مېتىر، 1مىليارد 790 مىليون كۇپ مېتىر، 600 مىليون 50 مىڭ كۇپ مېتىر، 4 مىليارد 200 مىليون كۇپ مېتىر، 2 مىليارد 150 مىليون كۇپ مېتىر، 380 مىليون كۇپ مېتىر، قۇۋ ئېرتىش دەرياسى بىلەن قايىرتى دەرياسى [0]دەپ ئاتىلىدۇ.دەريانىڭ باشلىنىش مەنبەسىدىن دۆلەت چېگرىسىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 633 كىلومېتىر، ھەۋزىسىنىڭ كۆلىمى 57 مىڭ 290 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

 تاغلىق رايونلارنىڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلىنىشى بىر قەدەر كەڭ، يەر يۈزىنىڭ ئېقىن سۇلارنىڭ يالىشىغا ئۇچرىشى يېنىكرەك بولغانلىقتىن ھەر قايسى تارماق ئېقىنلاردا دەريا سۈيىنىڭ تەركىبىدە قۇم مىقدارى ئاز، سۇنىڭ مېنېراللىشىش دەرىجىسى پەقەت 52.3~144 مىللىگرام بولۇپ، بىر قەدەر ياخشى يۇمشاق سۇ ھېساپلىنىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇڭ تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uyghur.news.cn/20120427/c_131556572.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#