برونو
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
برونو ئىتالىيە دىكى بىر نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان، 15 يېشىدا موناستىرغا كىرىپ، ئۇ يەردە نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇغان. 24 يېشىدا پوپ بولغان ھەمدە پەلسەپە دوختۇرلۇقى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇ دىندىن گۇمانلىشىشقا باشلىغان. ئۇ «ئىنجىل» نى دادىللىق بىلەن تەنقىد قىلىپ، رىم ۋاتىكانىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇپ، ئىتالىيە دىن قېچىپ چىقىپ، فرانسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق جايلاردا كوپېرنىكنىڭ قۇياش مەركەز تەلىماتىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ، پتولېمېينىڭ يەر مەركەز تەلىماتىنى تەنقىد قىلغان ۋە قۇياش مەركەز تەلىماتىنى راۋاجلاندۇرغان. ئۇ، ئالەم چەكسىز، قۇياشنىڭ سىرتىدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش سانسىز يۇلتۇزلار سىستېمىسى بار، قۇياش بىر يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ مەركىزىدىن ئىبارەت، ھەرگىز پۈتكۈل ئالەمنىڭ مەركىزى ئەمەس، قۇياشمۇ ھەرىكەتلىنىدۇ، ئۇنىڭ باشقا يۇلتۇزلار بىلەن بولغان نىسپىي ئورنىمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، قۇياش سىستېمىسىدا تېخى بايقالمىغان سەييارىلەر بار، قۇياش ۋە سەييارىلەر ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇ باشقا پلانېتىلاردىمۇ ئادەم بار دەيدىغان ئىدىيە، تەبىئەت قانۇنلىرىنىڭ بىردەكلىكى ئىدىيىسى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى كېيىنكى ئاسترونومىيەلىك بايقاشلاردا ئىسپاتلىنىپ، ئىلىم-پەن ۋە ئالەم قارىشىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان.
برونو ئۆزىنىڭ ئىلغار پەلسەپە ئىدىيەسىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلغاچقا، رىم ۋاتىكانىنىڭ ۋەھىمىسى ۋە ئۆچمەنلىكىنى قوزغىغان. 1592-يىلى رىم ۋاتىكانى ئۇنى ئىتالىيىگە ئالداپ ئەكىلىپ دەرھال قولغا ئالىدۇ. جاللاتلار تەھدىت سېلىپ، ئالداپ، برونونى تىز پۈكتۈرمەكچى بولىدۇ، بىراق ئۇ قەيسەرلىك بىلەن: «مەن دېگىنىمدىن قىلچە يانمايمەن» دەيدۇ. سەككىز يىللىق قىيىن-قىستاقتىن كېيىن، ئۇ كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. 1600-يىل 2-ئاينىڭ 17-كۈنى برونو رىمدىكى گۈل مەيدانىدا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. برونو ھەقىقەتنى باتۇرلۇق بىلەن قوغدايدۇ، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى پەيتىدىمۇ جازا ئىجرا قىلىۋاتقان جاللاتقا قاراپ مەردانىلىك بىلەن: «سىلەر مېنىڭ جاز
برونو كۆيدۈرۈلۈپ ئۆلتۈرۈلۈشتىن قورقماي، دىنىي جەمئىيەت، ئىلاھىيەت بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئىلىم-پەن تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ، ئۇنىڭ ئىلمىي روھى مەڭگۈ ياشايدۇ! 1889-يىلى كىشىلەر برونو ئۆلتۈرۈلگەن گۈل مەيدانىغا ئۇنىڭ مىس ھەيكىلىنى تۇرغۇزۇپ، ئىلىم-پەن ئۈچۈن ئۆزىنى تەقدىم قىلغان بۇ باتۇرنى مەڭگۈ خاتىرىلەيدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.