سەرەبىل

سەرەبىل

سەرەبىل ھەم كۆكتاتنىڭ ئورنىدا ھەمدە زىننەت ئۈچۈن ئۆستۈرۈلىدىغان ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ. سەرەبىل ئىلگىرى مەرۋايىتگۈل دەپمۇ ئېلىنغان بولۇپ بۇ خاتا، مەرۋيىتگۈل ئوخشىمىغان خىلدىكى ئۆسۈملۈك بولۇپ سەرەبىل بىلەن ئوخشاشلىقى يوق. سەرەبىل تۈركچىدە kuşkonmaz ، ئەزەربەيجان تىلىدا qulançar، ئىنگىلىزچىدە Asparagus، خەنزۇچىدە 芦笋 دېيىلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى سەرەبىل
تارقالغان رايونلار جوڭگو، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئىسپانىيە، ئامېرىكا، ياپۇنىيە
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى گۈلسامساق تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى مۇرچۇبا ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 石刁柏
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى گۈلسامساق ئائىلىسى
تۈرى سەرەبىل

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سەرەبىلسەرەبىلنىڭ تۈرلىرىنى دۇنيادىكى ئىللىق رايونلاردا كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئاچ يېشىل سارغۇچ چېچەكلىرى ئىيۇن ۋە ئىيۇل ئايلىرىدا ئېچىلىدۇ. سەرەبىل كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكتۇر. سەرەبىلنىڭ ئۇرۇقلىرى باھار ئايلىرىدا تېرىلىدۇ ۋە تېرىلىپ ھوسۇل بەرگىچە تۆت يىل ۋاقىت كېتىدۇ. ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن تۆت يىل ساقلاش بەك ئۇزۇن بىلىنىدۇ، ئەمما سەرەبىل تېرىلغان ئېتىزدىن 20 يىل ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. سەرەبىل ئۆسۈملۈكىدىن ھوسۇل يىغىۋېلىنماي، تەبىئىي ھالدا ئۆسۈشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنسا 170 سانتىمېتىرغىچە ئۆسەلەيدۇ. تاللىرىنى قاپلىغان نېپىز يىڭنە ياپراقلىرىدىن كېيىن، كىچىك ئاچ يېشىل چېچەكلىرى ئېچىلىدۇ. چېچەكلەر ۋاقىت ئۆتكەنسېرى قىزىل رەڭلىك، گۆشلۈك مېۋىلەرگە ئۆزگىرىدۇ.

ئۇزۇقلۇق قىممىتى

كۆكتات بولغان سەرەبىلنىڭ تەركىبىدە، ۋىتامىن A ، ۋىتامىن B1، B2 ۋە ۋىتامىن C قاتارلىق ماددىلار بار بولۇپلا قالماستىن، ئاقسىل، شېكەر، ياغ ۋە ھەر خىل مىنېرال ماددىلارمۇ ناھايىتى مول.

دورىلىق قىممىتى

سەرەبىل سەرەبىلدىن ئەڭ كۆپ ئۇماچ ئېتىلىدۇ. سەرەبىل سالاتلارغا باشقىچە تەم كىرگۈزىدۇ. گۆشلۈك يېمەكلىكلەر بىلەن بىرلىكتە ئىستېمال قىلىنىدۇ. كىشىلەر سەرەبىل ئۇمىچىنىڭ قول ۋە پۇتتىكى ئىششىقلارنى ياندۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. يېمەكلىكلەرگە شىپالىق ئۈچۈن سەرەبىلنىڭ ساپلىرى، كۆكلىرى ۋە بىخلىرى سېلىنىدۇ. سەرەبىل سۈيدۈكنى ھەيدەشنىڭ ياخشى دورىسى بولغانلىقتىن، سۈيدۈك يوللىرىنى تازىلايدۇ ۋە ۋۇجۇتتا پەيدا بولغان ئىششىقلارنى ياندۇرىدۇ. سەرەبىلنىڭ بۇنداق ياخشى پايدىلىق تەرەپلىرى بولسىمۇ، كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا سۈيدۈك يوللىرىغا ئەكىس تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇڭا، بۇ سەۋەبتىن بۆرىكىدە كېسەللىك بار بولغانلار سەرەبىلنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم. سەرەبىل ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، ھەزىم قىلىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ، نېرۋىنى قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ، ئەقلى چارچاشقا باپ كېلىدۇ. چىش ئاغرىقىنى پەسەيتىدىغانلىقىمۇ سۆزلىنىدۇ. جىگەر ۋە بۆرەكنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا ياردەم قىلىدۇ، كۆز ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ. قاننى تازىلاپ، دانىخورەك ۋە تېرە كېسەللىكلىرىگە پايدا قىلىدۇ.

مەنزىرە قىممىتى

سەرەبىلمەنزىرە زىننەت ئۆسۈملۈكى سۈپىتىدە ئۆستۈرۈلىدىغان سەرەبىللەرنىڭ تۈرلىرى ئىچىدە كۆپ بىلىنىدىغىنى تۈل سەرەبىلى بولۇپ، ناھايىتى نېپىزدۇر. ياپراقلىرى چىرايلىق كۆرۈنىدىغانلىقى ئۈچۈن لوڭقىدا زىننەت قىلىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. تۈل سەرەبىلنىڭ ياپراقلىرى چېچەكچىلىك ئىشلىرىدا گۈلدەستە تەييارلىغاندا كۆپ قوللىنىلىدۇ.





سەرەبىل جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاساسلىقى گۇاڭشىنىڭ قۇملۇق، ساي، دەريا قىرغىقى، ئوتلۇق ئېدىرلىق ۋە ئورمانلىقلىرىدا. ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى ھەر قايسى جايلاردا ئۆستۈرۈلىدۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان رايۇنلاردىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ. 

جۇڭگونىڭ تەيۋەن، جېجىياڭ، شەندۇڭ، خېنەن، گۇاڭشى قاتارلىق ئۆلكىلەرگە. ئامېرىكا، ئىسپانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ تارقالغان ۋە ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلىدۇ. [1] 

سەرەبىلتۈركىيەنىڭ تۇپراق ۋە ئىقلىم ئالاھىدىلىكلىرى سەرەبىل ئۆستۈرۈش ئۈچۈن مۇۋاپىق بولسىمۇ، سەرەبىل ئۆستۈرۈش دۆلەتكە ئىقتىسادىي نەپ ئېلىپ كېلەلمىدى. 1997–يىلىدا ئىزمىر– مەنەمەندە تەشۋىق قىلىنىپ قۇرۇلغان چوڭ ئېكىنزارلىقتىن باشقا، تۈركىيەدە ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىشنى يوق دېيىشكە بولاتتى. بۈگۈن بولسا، يېڭىدىن ھەرىكەتلىنىش ۋە مەبلەغ سېلىش ئىشلىرى باشلاندى. بۇلاردىن بىرسى، مانىسسادا مەبلەغ سېلىندى. ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان ئورگانىك ئۈزۈم ۋە ئۆرۈك ئېكسپورت قىلىپ كەلگەن بىر شىركەت گوللاندىيەلىكلەر بىلەن 40 گېكتار يەرگە سەرەبىل ئۆستۈرۈشنى باشلىدى. مەبلەغنىڭ كۆپ قىسمى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ھەمكارلىق پىلانى» دائىرىسىدە ياردەمگە ئېرىشتى. ئەسلىدە سەرەبىل تۈركىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا ناھايىتى ياخشى ئېكسپورت مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ياۋروپا بازارلىرىدا ياخشى باھاغا ئېرىشكەن ئۆسۈملۈكتۇر. ياۋروپا بازارلىرى ئۈچۈن كېرەكلىك سەرەبىل بولسا، ئافرىقا دۆلەتلىرىدە يېتىشتۈرۈلمەكتە. ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە، نىيۇ جېرسىي ۋە ۋاشىنگتون شتاتلىرى دۇنيادا ئەڭ ياخشى سەرەبىل ئۆستۈرۈلىدىغان جايلاردۇر.

دۆلىتىمىزدە ئەگە، ئاق دېڭىز ۋە مارمارا رايونلىرىدا سەرەبىلنى ئاسان يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر سەرەبىلنىڭ باشقا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سەرەبىلغا سېلىنىدىغان دەسلەپكى مەبلەغ دېھقانلارغا قىممەت كەلسىمۇ، دۇنيا بازىرىدا ئورنى بولغان ۋە كۈنسېرى تەلەپ ئېشىۋاتقان مەھسۇلاتتۇر. سەرەبىل يەنە، مەبلەغ سالغۇچىلارنى پايدىغان ئېرىشتۈرىدىغان مەھسۇلات بولۇپ، ئانادولۇدا مەبلەغ سالغۇچىلارنى كۈتمەكتە. سەرەبىلنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىلىق تەرەپلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن مۇھىم ئوزۇقلۇق تولۇقلاش مەنبەسى سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، دۇنيادا 1 مىليون توننا سەرەبىل مەھسۇلاتى تاشقى سودىغا قاتناشتۇرۇلماقتا. جۇڭگودىكى دوختۇرلار سەرەبىلنى جىگەر كېسەللىكلىرى ئۈچۈن دورا سۈپىتىدە يازىدۇ. سەرەبىلنىڭ جىگەرگە بولغان پايدىلىق تەرىپى بۇرۇندىن تارتىپ بىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن ئاتاتۈرك كېسەل بولۇپ قالغاندا يېرىم گېكتار يەرگە تېرىلغان. ئەمما، كېيىنكى يىللاردا ئانچە ئەھمىيەت بېرىلمىگەن. سەرەبىل يېقىنقى يىللاردا تەبىئەتكە قايتىش مودىسىدا قايتا ئەسكە ئېلىنغان ۋە پەرھىز تۇتقۇچىلارنىڭ ياخشى كۆرۈلىدىغان مەھسۇلاتى بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا.

سەرەبىلئۇنداق بولسا، سەرەبىل سېتىۋالغاندا ۋە ئاسىراشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ ئۇچلىرى يۆگەلگەن، زىچ ۋە پارلاق بولغان يېشىل سەرەبىللەرنى تاللاپ سېتىۋېلىش كېرەك. ئەگەر سېتىۋالغان سەرەبىللەرنىڭ ئۇچلىرى سولۇشۇپ قالغان بولسا، سوغۇق سۇغا چىلاپ، يېڭى ھالغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. يېڭى سەرەبىللەرنى ئىشلىتىدىغان ۋاقىتقىچە نەم ھالەتتە ساقلاش كېرەك. سەرەبىلنى توڭلىتىپ ساقلىغىلى بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا پىشۇرۇشتىن بۇرۇن مۇزنى ئېرىتمەسلىك تېخىمۇ ياخشى. سەرەبىلنى سېتىۋالغان كۈنى پىشۇرمىسا، ئاستىنقى قىسمىدىن ئازىراق كېسىپ، سۇ توشقۇزۇلغان لوڭقىغا تىك ھالەتتە قويۇپ قويسا بولىدۇ. ئەگەر ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ساقلىماقچى بولسا، قەغەزگە ئوراپ، ئۈستىنى يەنە بىر قەۋەت پاكىزە قۇرۇق ماتا بىلەن يۆگەپ، يالتىراق خالتىغا سالغاندىن كېيىن، توڭلاتقۇنىڭ كۆكتات قويىدىغان ئورنىغا قويسا بولىدۇ. سەرەبىلنى توڭلاتقۇدا ئەڭ كۆپ بەش كۈن ساقلىغىلى بولىدۇ. تېخىمۇ ئۇزۇن ساقلاش ئۈچۈن سەرەبىل كونسېرۋالىرىنى تاللىسا بولىدۇ.

سەرەبىلرىم ئىمپېراتورلۇقىدا دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى سەرەبىللەرنى توپلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئالاھىدە پاراخوتلاردىن تەشكىللەنگەن «سەرەبىل فىلوتى» نىڭ بارلىقى تارىخىي ھۆججەتلەردە ئۇچرايدۇ. سەرەبىل ياۋروپادا، كۆپىنچە ئەنگلىيە ۋە فرانسىيەدە 16 – ئەسىردە ھەممىگە بىلىنگەن ۋە ئۇ يەرلەردىن ئامېرىكا قىتئەسىگە بارغان مۇستەملىكىچىلەر ئارقىلىق ئامېرىكىغا ئاپىرىلغان. كۈنىمىزدە ئەڭ كۆپ جۇڭگو، ئامېرىكا، فىرانسىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە يېتىشتۈرۈلمەكتە. تۈركىيەدە كۆپ بىلىنمەيدىغان كۆكتات بولۇشىغا قارىماستىن، يېقىنقى يىللاردا بارغانسېرى كۆپ ئۆستۈرۈلمەكتە.

تەتقىقاتچىلار تۈرك خەلقىنىڭ يېمەكلىكلىرىدە ئۆزگىچە ئورۇنغا ئىگە بولالمىغان بىر كۆكتات ھېسابلىنىدىغان سەرەبىلنىڭ ئانا ۋەتىنىنىڭ ئالدىنقى ئاسىيا، ھەتتا ئانادولۇ ئىكەنلىكىدە ئوخشاش پىكىرگە ئىگە. تۈركىيە سەرەبىلنىڭ گېن مەنبەسى جەھەتتىن ئېيتقاندا ناھايىتى مول مەنبەگە ئىگە. ئەمما، سەرەبىل ئانادولۇدا كۆپ ئۆستۈرۈلىدىغان ۋە كۆپ ئىستېمال قىلىنىدىغان ئۆسۈملۈك ئەمەس. شۇنداقتىمۇ، ئانادولۇنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ياۋايى سەرەبىلنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئىزمىر ۋە ئەتراپلىرىدا، ئايدىن، مۇغلا ۋە مانىسسادا ياۋايى سەرەبىللەر كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەتىياز ئايلىرىدا سەرەبىلنى باشقا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن كۆكتات بازارلىرىدا كۆرگىلى بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر سەرەبىلنى «قەدىمقى دۇنيانىڭ ئۆسۈملۈكى» دەپ قارىماقتا. ئالدىنقى ئاسىيا ۋە ياۋروپادا 100 خىلغا يېقىن ياۋا تۈرىنىڭ بارلىقى بىلىنىدۇ. تۈركىيەدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن سەرەبىل ئۆستۈرۈش 1960– يىللاردا باشلانغان بولسىمۇ، ئېكسپورت نىشانىغا يېتەلمىگەن. يېڭى سەرەبىللەرنى پەقەت بۇ ئۆسۈملۈكنى تونۇيدىغان ئاز ساندىكى كىشىلەر ۋە تۈركىيەدە ياشايدىغان چەت ئەللىكلەر ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ ئىستېمال قىلغان. 1960–يىللاردىكى چەكلىك قاتناش ئىمكانلىرىمۇ ئېكسپورت مەقسىتىدە ئۆستۈرۈلگەن سەرەبىللەرنىڭ بازارغا سېلىنالماسلىقىغا سەۋەب بولغان. كېيىنكى يىلاردا سەرەبىل كونسېرۋاسى ئىشلەپچىقىرىش تىرىشچانلىقلىرىمۇ ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل قىلالمىغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.
0.

ئوكيان قامۇس تورى 

http://qamus.okyan.com/index.php?doc-view-5834

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#