سىزلام

بۇ كېسەللىك، يۇقۇملىنىش ۋە ئۆتكۈر غىدىقلىغۇچى ئامىللارنىڭ غىدىقلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىش، تېمىپ كېلىش، سۈيدۈكتە يىرىڭ بولۇش، قىزىتما، بەل ۋە پۇت-قوللار سىرقىراپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر. 

غەرب تېبابىتى نامى سىزلام
كېسەللىك سەۋەبى يۇقۇملىنىش ۋە ئۆتكۈر غىدىقلىغۇچى ئامىللارنىڭ غىدىقلىشى
خەنزۇچە باشقا نامى 妬精疮、疳疮
ئاساسلىق ئالامىتى سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىش
خەنزۇچە نامى 下疳

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سىزلامسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، يۇقۇملىنىش ۋە ئۆتكۈر غىدىقلىغۇچى ئامىللارنىڭ غىدىقلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىش، تېمىپ كېلىش، سۈيدۈكتە يىرىڭ بولۇش، قىزىتما، بەل ۋە پۇت-قوللار سىرقىراپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: شاقاقۇل 20 گىرام، كاۋاۋىچىن، سەۋزە ئۇرۇقى، ھەسەل 100 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: ياسىمەن گۈلى ياكى يوپۇرمىقى 20 گىرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىنى سۇدا قاينىتىپ، سەللا سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، بىر داس دورا سۈيىگە دوۋسۇن ۋە جىنسى ئەزا چىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

سىزلامتەركىبى: بىنەپشە، ئەنگۈرشىپا، كەرەپشە ئۇرۇقى، 12 گىرامدىن، كاكنەچ 15 گىرام، بەدىيان، شاھتەررە، كاسىنە ئۇرۇقى، چۆپچىنى، پىرسىياۋشان، ئوغرىتىكەن 10 گىرامدىن، دارچىن، سۇمبۇل، سېرىق ئوت ئۇرۇقى بەش گىرامدىن، پوستى خەشخاش ئالتە گىرام، ئىسپىغۇل يەتتە گىرام، تەرەنجىبىن 160 گىرام، شېكەر، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، ئۈستىگە شېكەرنى سېلىپ شەربەت تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 60 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#