كومپيۇتېرنى مەركەز قىلغان زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى

كومپيۇتېرنى مەركەز قىلغان زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى
كومپيۇتېرنى مەركەز قىلغان زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى نۆۋەتتە مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىيات سۈرئىتى بىلەن يەرشارىنى قاپلىماقتا. ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىدا، ئۇچۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قۇرۇلۇشى تېخنىكىسىغا ئوخشاش، تېز ئومۇملاشقان ۋە ھەرقايسى دۆلەت، رايون ۋە كەسىپلەرنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن تېخنىكا كۆرۈلۈپ باققىنى يوق.


ئۇيغۇرچە نامى كومپيۇتېرنى مەركەز قىلغان زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى
خەنزۇچە نامى 计算机及信息技术

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كومپيۇتېرنى مەركەز قىلغان زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى نۆۋەتتە مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىيات سۈرئىتى بىلەن يەرشارىنى قاپلىماقتا. ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىدا، ئۇچۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قۇرۇلۇشى تېخنىكىسىغا ئوخشاش، تېز ئومۇملاشقان ۋە ھەرقايسى دۆلەت، رايون ۋە كەسىپلەرنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن تېخنىكا كۆرۈلۈپ باققىنى يوق. ئىنسانلار ھاياتلىقىنىڭ ئاساسى بولغان يېزا ئىگىلىكىمۇ، ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىدىن تەدرىجىي زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ۋە ئۇچۇر يېزا ئىگىلىكىگە ئۆتۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، يېزا ئىگىلىكىدىمۇ ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئۆزگەرتىش ۋە ئىسلاھ قىلىش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇڭلاشقا كومپيۇتېرنى مەركەز قىلغان ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى ئەمەلى قوللىنىلىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش زۆرۈر بولدى.

دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئىنتېرنېت تور ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىش 

يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىلمى تەتقىقاتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئىنتېرنېت تور ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، توردىكى ئۇچۇرلارنى توپلاپ پايدىلىنىش كېرەك.

ئۇچۇر-بىرخىل بايلىق. ئىنتېرنېت تورى بولسا ئۇچۇر يەتكۈزۈشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە. ئىنتېرنېت تورى دېگىنىمىز جۇغراپىيەلىك ئورنى ئوخشاش بولمىغان نۇرغۇنلىغان كومپيۇتېر ۋە كومپيۇتېر سىستېمىسىنى ئۈسكۈنە-ئەسۋابلار ۋە تور يولى ئارقىلىق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ، ئىقتىدارى مۇكەممەل تور كېلىشىمى ۋە يۇمشاق دېتال ئارقىلىق تور بايلىق مەنبەسىدىن ئورتاق پايدىلىنىدىغان تور سىستېمىنى كۆرسىتىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىلمى تەتقىقاتقا مۇناسىۋەتلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكا ماتېرىياللار ئۇچۇرلىرى بايلىق مەنبەسى تۆۋەندىكى بىرقانچە شەكلىدە بولىدۇ.

1. يېزا ئىگىلىك (دېھقانچىلىق) كىتاب ۋە رەسىملىرى تۈرىدىكىلەر

نۆۋەتتە، چوڭ تىپتىكى ماتېرىيال ھۆججەت ئۇچۇر ئورگانلىرى چوڭ تىپتىكى كىتاب ماتېرىيال ۋە ھۆججەتلەرنى تېخنىكىلىق بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن ئىنتېرنېت تورىدا ئابونتلارغا ئېچىۋېتىلىدۇ. نۆۋەتتە ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەن چوڭ تىپتىكى ماتېرىيال ھۆججەت ئۇچۇر ئورۇنلىرىدىن دۆلەتلىك كۇتۇپخانا   ((http://www.nlc.gov.cn ۋە شاڭخەي رەقەملىك كۇتۇبخانىسى ((http://dl.eastday.com قاتارلىقلار بار. ھەقلىق ئېچىۋېتىلگەنلەردىنمۇ بىر نەچچىسى بار. بىز خالىغان ۋاقىتتا ماكان ۋە زاماننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماستىن ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق ئەڭ يېڭى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىلمى تەتقىقاتقا مۇناسىۋەتلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكا ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى ئىزدەپ توپلاپ پايدىلىنىمىز.

2. يېزا ئىگىلىك (دېھقانچىلىق) گېزىت-ژۇرناللار تۈرىدىكىلەر

نۆۋەتتە ئىنتېرنېت تورىدا بۇ تۈردىكى كۆلەملەشكەن، كەسپلەشكەنلىرىدىن ئاساسلىقى دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا كىتاب-ژۇرناللار ماتېرىيال مەركىزى (http://www.nstl.gov.cn 国家科技图书文献中心)، جۇڭگو بىلىم ئاساسى قۇرۇلۇشى تورى     ((http://www.cnki.net 中国知网، ۋېي پۇ تورى     ((http://www.cqvip.com 维普数据库 ۋە ۋەنفاڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى (万方数据库

http://www.wanfangdata.com.cn) قاتارلىقلار بار.

بۇلارنىڭ ئىچىدە ۋەنفاڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى سىستېمىسىدىكى شىفىرلاشتۇرۇلغان گېزىت-ژۇرناللار تارماق سىستېمىسى بۇنىڭ تىپىك ۋەكىلى. ۋەنفاڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا 12 چوڭ تۈر 50 كىچىك تۈر بويىچە 900 دىن ئارتۇق پەن-تېخنىكا گېزىت-ژۇرنىلى تولۇق تېكىستى بىلەن تورغا چىقىرىلغان بولۇپ، قانۇنلۇق (ھوقۇقلۇق) ئابۇنتلار ھەرقايسى تۈرلەر بويىچە ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللار باش بېتىگە كىرىپ، مەزكۇر گېزىت-ژۇرنالنىڭ تولۇق تېكىستىنى كۆرەلەيدۇ.

3. يېزا ئىگىلىك (دېھقانچىلىق) ئۇنىۋېرسال ئىلمى تەتقىقات ئۇچۇرلىرى تۈرىدىكىلەر

بۇ خىلدىكى تور بېكەتلىرى نىسبەتەن تارقاق، ئاز بولۇپ، بەزىلىرى ئۆز تور بېكەتلىرىنى قۇرغان، بەزىلىرى يېزا ئىگىلىك (دېھقانچىلىق) ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ياكى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىگە بېقىنغان ھالەتتە تور بېكەت قۇرغان. بۇ كەسپى تور بېكەتلىرىدە دېھقانچىلىق، ئۇنىۋېرسال ئىلمى تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش، يېڭى تېخنىكا، مۇتەخەسسىس، بازار، مېتېئورولوگىيە ئۇچۇرلىرى قاتارلىق سەھىپىلەر ئېچىلغان بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ماتېرىياللىرىدىن پايدىلانغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئۇچۇرى تورى (http://www. agri.gov.cn)، جۇڭگو قورۇقچىلىقى تورى     ((http://www.chinaseed.com، جۇڭگو (يېزا ئىگىلىك) دېھقانچىلىق پەن-تېخنىكىسى ئۇچۇر تورى ((http:// www.caasnet.cn، جۇڭگو پاختىچىلىق تورى (http://www.cncotton.com)، جۇڭگو  يېزا ئىگىلىك دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرى ئۇچۇر تورى (http://www.china-agri.com)، جۇڭگو يېزا يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش تورى (http://www.ngx.net.cn، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق ھۆكۈمىتى تورى (http://www.xinjiang.gov.cn)، شىنجاڭ  يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى تورى (http://www.xjau.edu.cn)، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇچۇرى تورى (http://www.xj-agri.gov.cn)، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى تورى (http://www.xaas.ac.cn)، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكنى گۈللەندۈرۈش تورى (http://www.xjxnw.gov.cn/)، شىنجاڭ قورۇقچىلىقى تورى (http://www.xjseed.org، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نازارىتى تورى (http://www.xjkjt.gov.cn)،  شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستى يېزا ئىقتىسادى ئۇچۇر تورى (http://www.xjbzny.gov.cn ) قاتارلىقلار.

ئوتتۇرا كىيىنكى مەزگىلىدە توردا ئۇچۇر ئېلان قىلىش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش

ئىككىنچى، يېزا ئىگىلىك (دېھقانچىلىق) ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىلمى تەتقىقاتنىڭ ئوتتۇرا كىيىنكى مەزگىلىدە توردا ئۇچۇر ئېلان قىلىش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش كېرەك.

ئىنتېرنېت تورىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىش، گېزىت، تېلېۋىزورلاردا ئۇچۇر ئېلان قىلغانغا قارىغاندا داۋاملىشىدىغان ۋاقتى ئۇزۇن بۇلۇش، تەننەرخى تۆۋەن، تارقىلىش سۈرئىتى تېز، دائىرىسى كەڭ بۇلۇتتەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە. بەزى ھەقسىز تور بېكەتلىرىدە ئۇچۇر ئېلان قىلغاندا، تورغا چىققىلى بولىدىغانلا كومپيۇتېرلا بولسا دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر جايىدا، ئېلان قىلماقچى بولغان ئۇچۇرلارنى مۇلازىمىتېرغا يوللاپ بەرسە باشقا تورغا چىققۇچىلارمۇ بۇ ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنالايدۇ. يېزا ئىگىلىك (دېھقانچىلىق) ئۇنىۋېرسال ئىلمى تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئۇنىۋېرسىتېت، تېخنىكا كېڭەيتىش پونكىتلىرى، مەمۇرىي، كەسپىي باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ئۆزىنىڭ تور بېكىتىنى قۇرۇپ، ئۆز ئورنىنىڭ ئاساسى ئەھۋالى، ئىلمى تەتقىقات نەتىجىلىرى، تەجرىبە بازىسى، تەتقىقاتچى خادىملار ئەھۋالى، مۇناسىۋەتلىك سىياسەت-بەلگىلىمە، يېڭى تېخنىكا، مەھسۇلات، مۇتەخەسسىس سىستېمىسى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىپ كۆركەم تور بېكەت ياسىغاندا، بۇ ئۇچۇرلارنى توردا ئۇزۇن مۇددەت ساقلىغىلى بولۇپ، ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ. ئۆزىنىڭ تور بېكىتى بولغاندا، كىشىلەرنىڭ تورغا چىقىپ كۆرۈشىگە قولايلىق بولۇپ، ياخشى تەشۋىقات ئۈنۈمىگە يەتكىلى، شۇ ئورۇننىڭ ئوبرازىنى تىكلىگىلى بولىدۇ. بۇرۇن يېزىلارغا چۈشۈپ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشغا يېتەكچىلىك قىلىنسا، ھازىر تور ئارقىلىق يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئىلمى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى، يېڭى سورتلارنى كېڭەيتىشكە بولىدۇ. يەنە توردا مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىش، بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنى بېرىش، ئەمەلى قوللىنىلىدىغان تېخنىكىلارنى، مېتېئورولوگىيەلىك ئۇچۇرلارنى، يېزا ئىگىلىكىگە دائىر قانۇن-نىزاملارنى ئېلان قىلغىلى بولىدۇ. كىم قايسى مەزگىلدە، قايسى جايدا، قايسى تېخنىكىغا ئېھتىياجلىق بولسا ياكى قايسى تېخنىكا بىلەن تەمىنلىمەكچى بولسا، ھەرقانداق ۋاقىتتا سۈرۈشتە قىلالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار باھا ئۇچۇرلىرىنى توردا ئېلان قىلىپ، تور ئارقىلىق بازار ئەھۋالىنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ، شۇ ئارقىلىق بازار ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ياخشى ئىقتىسادى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. 

ئۈچىنچى، كومپيۇتېرنى مەركەز قىلغان ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش كېرەك.

پەن-مائارىپ ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشتە، پەن-تېخنىكا ئاچقۇچ، مائارىپ ئاساس. نۆۋەتتە يېزىلاردا، يېزا ئىگىلىكنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇش، ئەمگەكچىلەر ساپاسىنىڭ نىسبەتەن تۆۋەن ۋە ئۇچۇر ئېڭىنىڭ كۈچلۈك بولماسلىقى قاتارلىق مەسىللەر ساقلانماقتا. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىزچىل تۈردە دېھقانلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە تېخنىكا سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، ناھايىتى زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. لېكىن نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاپتونوم رايونىمىز دېھقانلىرىنىڭ مەدەنىيەت ۋە تېخنىكا سەۋىيەسىدە تۈپتىن بۇرۇلۇش ھاسىل بولمىدى.

2008-يىلىدىكى ئىستاتىستىكىلىق ماتېرىيالغا ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايونىمىز ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مائارىپ تەربىيەلىنىش دەرىجىسى1.7 يىل، مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى ٪99.4، ساۋاتسىزلىق ياكى يېرىم ساۋاتسىزلىق نىسبىتى ٪5.44، پەن-تېخنىكا خادىملىرى، يۇقىرى ئىختىساسلىق خادىملار نىسبىتى ٪20 بولۇپ، مەملىكىتىمىز ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن خېلىلا تۆۋەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا ئەمگەكچىلىرى ئىش ئورنىدىن بۇرۇنقى كەسپى تەربىيەلىنىشنى قوبۇل قىلماي، يېڭى دېھقانلارغا ئايلانماقتا. بۇنى تەرەققىي قىلغان قېرىنداش ئۆلكە، رايونلارغا سېلىشتۇرغاندا پەرق ئىنتايىن چوڭ. 

نۆۋەتتىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكا ئىختىساسلىق خادىملار ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تېخنىكا ئىسلاھاتى ئىنقىلابىنىڭ تەلۋىگە تېخىمۇ ماسلىشالمايدۇ، بىر مىليون يېزا ئاھالىسى ئىچىدىكى يېزا ئىگىلىك پەن-تەتقىقات خادىملار ئوتتۇرىچە نىسبىتى دۇنيانىڭ 137 ئادەم، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ 2458 ئادەم، مەملىكىتىمىزنىڭ 77 ئادەم بولۇپ، پەرق ناھايىتى چوڭ، كىشىنى تەشۋىشلەندۈرىدۇ.

شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، نۆۋەتتە يېزا ئەمگەكچىلىرىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقى، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان مۇھىم ئامىل بولۇپ قالدى. ھازىر يېزا مائارىپى تولۇق تەرەققىي قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا، بىز چوقۇم كومپيۇتېرنىڭ ۋاسىتە ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك دەرسخانىسى، دېھقانچىلىق تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىقلارنى ئىنتېرنېت تورىغا ۋە يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش سۈنئىي ھەمراھ قانىلىغا چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ ئۆگىنىشىنى سەھنە بىلەن تەمىنلەپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئۇچۇر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دەۋر ھالقىيدىغان يېڭى بىر ئەۋلاد دېھقانلارنى تەربىيەلەپ چىققىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك ئەندىزىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، دېھقانلارنى ئۇچۇر ئارقىلىق بازارغا يېتەكلەپ ۋە ئىشلەپچىقىرىشغا تەشكىللىگىلى، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ئۇچۇر ئارقىلىق ماكرولۇق كونترول قىلىپ، يېزا ئىگىلىك سىياسەتلىرىنى تۈزىگىلى، تەۋرەنمەستىن يېزا ئىگىلىكنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش يولىغا قاراپ ماڭغىلى بولىدۇ. 

يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇمات ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش 

يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇمات ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىلىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

مەملىكىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا ئومۇمىي سەۋىيەسى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىن 10-20 يىل كېيىن تۇرىدۇ. پەن-تېخنىكىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئېشىشىدىكى تۆھپە نىسبىتى ٪42 بولۇپ، ياۋروپا، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ ٪60-٪80 كە يېتىدۇ. تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىش نىسبىتى ٪60 ئەتراپىدا بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ٪30-٪40 ئەتراپىدا. تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر، ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە بىيو تېخنىكىسىنى يېزا ئىگىلىكتە كەڭ قوللانغان بولۇپ، مەملىكىتىمىزدە بۇ ساھەلەر دەسلەپكى تەجرىبە باسقۇچىدا تۇرماقتا. شۇڭلاشقا نۆۋەتتە تارقاق بولغان يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا ئۇچۇر مەركەزلىرىنى تورلاشتۇرۇپ، ئىلمى تەتقىقات خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا كومپيۇتېرنى ئۇقۇملاشتۇرۇپ، زور كۈچ بىلەن ئۇچۇر بايلىقىنى ئېچىپ، تەدرىجىي ھالدا يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇمات ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇپ ۋە ئۇنى كېڭەيتىپ، سانلىق مەلۇمات ئۇچۇر ئامبىرىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتىرىپ، يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇمات ئۇچۇر ئامبىرىنى يېزا ئىگىلىك ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەرنى قاپلىغان، تولۇق يۆنىلىشلىك، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئۇچۇر بايلىقىغا ئايلاندۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكى ئوخشاش بولمىغان ئوبيېكتلارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇپ، ئۇچۇر توپلاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئارقىدا قېلىش، تەتقىقات مەزمۇنى تەكرار بولۇش، بىر تېمىنى كۆپ قىلىش كۆپ يوللاش قاتارلىقلارنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، ئادەم، ئىقتىساد ۋە ماددىي كۈچنىڭ ئىسراپ بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دۆلەتنىڭ ماكرولۇق تەدبىر قوللىنىشى ۋە تەڭشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەسىلەن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىس سىستېمىسى، يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇمات ئۇچۇر ئامبىرى، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر سىستېمىسى (GIS)، سۇنئي ھەمراھ ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى (GPS) قاتارلىقلارنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇپ قوللىنىلىش قاتارلىقلار.

جەمئىيەت، ئىقتىساد ۋە پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كومپيۇتېرنى تايانچ قىلغان ئۇچۇرلاشتۇرۇش دولقۇنى دۇنيا مىقياسىدا تېز ئەۋج ئالدى. زامانىۋىلاشقان ئۇچۇر تېخنىكىسى يېزا ئىگىلىك ساھەسىگە قاراپ تېز تەرەققىي قىلىپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېزلەشتۈرۈشتە ئۆزىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. يېڭى دەۋردىكى يېزا ئىگىلىكنى ئۇچۇر يېزا ئىگىلىكىگە يۈزلەنمەكتە. ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتىدىن بىز شۇنى كۆرەلەيمىز، ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ئۇچۇر ۋە بايلىقلارنى ئىگىلەپ تۇرغاچقا، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ باي ۋە كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان، ئامېرىكىدا ھەر كۈنى پەن-تېخنىكىغا ئائىت 5000-6000 پارچىگىچە ئەسەر ئېلان قىلىنىدۇ. دۇنيادا ھەر ھەپتىدە بىر مىلياردتىن ئارتۇق ئۇچۇر ئېلان قىلىنىدۇ. ئىنتېرنېت توردىكى ئۇچۇرلار ھەر ئۈچ ئايدا بىر ھەسسە كۆپىيىدۇ.

پەن-تېخنىكا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكنى گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. مەملىكىتىمىز ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىدىن زامانىۋىلاشقان يېزا ئىگىلىكىگە ئۆزگىرىش جەريانىدا يېزا ئىگىلىك ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىلىشىنى تېزلىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك ئۇچۇر تېخنىكىسىگە بارغانسېرى ئېتىبار بېرىپ ئۇنى تەدرىجىي ئومۇملاشتۇرغاندا، ئۇنىڭ يېزا ئىگىلىكنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى رولىنى تېخىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 5-سانىدىن ئېلىندى.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#