بوۋاقلارنى كۈتۈش

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ياتاق ئۆيىنى تىنىچ، پاكىز، نەپىس ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاپتاپ تولۇق چۈشكەن شارائىتى بولسا، ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسىنى ℃21 ~  ℃24

بولىدۇ، نەملىك دەرىجىسىنى ℃60 ~ ℃65 ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى بوۋاقلارنى كۈتۈش
خەنزۇچە نامى 婴儿护理

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بوۋاقلارنى كۈتۈش1. بۇ ۋاقىتتا بوۋاقلارنىڭ بەدەن ساپاسى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ كەتكەن بولۇپ، كۈن نۇرى مۇنچىسى ۋە ھاۋا مۇنچىسىغا چۈشۈرۈشكە بولىدۇ. لېكىن چوقۇم تەرتىپ بىلەن تەدرىجىي ئىلگىرىلەش، ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق كېرەك. 

2. كىيىم كىيدۈرۈش جەھەتتە، بوۋاقلارنىڭ ھەرىكەت بوشلۇقى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭكىدىن بىر ئاز كېڭەيگەنلىكتىن بوۋاقلارنىڭ كىيىمىنى كەڭ-كۇشادە كىيىملەرگە ئۆزگەرتىش. ئۈستى ۋە ئاستى ئايرىم ئىچ كىيىملەرنى ئالماشتۇرۇپ قويۇش، ئەگەر مۇھىت تېمپېراتۇرىسى 20℃ ئەتراپىدا بولسا كەچتە ئۇخلىغاندا كالتە يەڭ مايكا، كۇسار كىيدۈرۈپ قويۇپ، بوۋاقنى تېخىمۇ چوڭ ھەرىكەت بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەشكە بولىدۇ. 

3. تازىلىق جەھەتتە، ئۇستىرا بىلەن بوۋاقنىڭ چېچىنى ئالماسلىق، ئەگەر چېچى ئۆسۈپ كەتسە قايچا بىلەن كېسىپ قىسقارتىپ قويسا بولىدۇ. 

بوۋاقلارنى كۈتۈشبوۋاق ئۈچ ئايغا تولغاندىن كېيىن پۇت-قولىنىڭ ھەرىكىتى تېخىمۇ كۆپىيىدىغانلىقتىن ئاستى-ئۈستى ئايرىم كىيىملەرنى كىيدۈرۈش لازىم. ئۈچ-تۆت ئايلىق بوۋاقلار ئاسانلا تەرلىگەنلىكتىن بەك قېلىن يوتقان ياپماسلىق، پەقەت چوڭلار بىلەن ئوخشاش بولسىلا بولىدۇ. بۇنىڭدا بوۋاقنىڭ ئۇخلىغاندا تەرلىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

2. بۇ ۋاقىتتا بوۋاقلارنى سىرتقا ئەپچىقىپ ئايلاندۇرغاچ كۈن نۇرى مۇنچىسى ۋە ھاۋا مۇنچىسىغا چۈشۈرسە، سىرتتىكى ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئۇزارتسا ھەر كۈنى سىرتتىكى ۋاقىت ئەڭ ئاز بولغاندا بىر سائەت ئەتىراپىدا بولسا بولىدۇ. ئەگەر بوۋاقنىڭ بەدىنى ئېغىرراق بولسا، بوۋاقنى ھارۋىغا سېلىپ سىرتقا ئەپچىقىپ ھەرىكەتلەندۈرسە بولىدۇ.

3. بوۋاق تۆت ~ ئالتە ئايلىقتىن باشلاپ چىشى چىقىشقا باشلاپ شۆلگىيى كۆپرەك بولىدۇ. شۇڭا ئېغىز بوشلۇقىنىڭ پاكىزلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

4. ئۈچ-تۆت ئايلىق بوۋاقلارنىڭ ھەممىسى ئويۇنچۇقلارنى قولغا ئېلىۋېلىشقا ياكى ئاغزىدا چىشلەشكە ئامراق بولىدۇ، شۇڭا ئويۇنچۇق تاللاپ سېتىۋالغاندا دىققەت قىلىش كېرەك. 

5. بوۋاقتا ياخشى بولغان تەرەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش. ئۇنىڭدىن سىرت، بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ كۆزىنىڭ ئاجرالما ماددىلىرى كۆپرەك بولۇپ، ئاۋايلاپ تازىلاپ ئاسراش كېرەك.

بوۋاقلارنى كۈتۈش 1. بەش-ئالتە ئايلىق بوۋاقلار تېخىمۇ ھەرىكەتچان بولۇپ، ناھايىتى ئاسان تەرلەيدۇ، شۇڭا داۋاملىق ئىچى-سىرتى كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش. ئەگەر مۇھىت تېمپېراتۇرىسى 25℃ ئەتراپىغا يەتسە، بوۋاقلارغا كۈندۈزى قىسقا يەڭلىك كىيىم ۋە كۇسار كىيدۈرۈپ قويسا، كەچتە ئۇخلىغاندا پەقەت نېپىز ئەدىيال يېپىپ قويسىلا بولىدۇ.

2. بوۋاق ئالتە ئايلىق ئەتراپىدا چىش چىقىشقا باشلايدۇ. چىش چىققاندا بوۋاقلاردا بەلكىم يىغلاش، شۆلگىيى يەنە كۆپىيىش، قول بارمىقى ۋە قاتتىق نەرسىلەرنى چىشلەشنى ياخشى كۆرۈشتىن باشقا، ئۇيقۇسى ناچار بولۇش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈشىمۇ مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار بوۋاقلارنى سەۋرچانلىق بىلەن ياخشى كۈتۈش كېرەك.

3. ئالتە ئايلىق ئەتراپىدا، بوۋاقلارنىڭ ئانا تېنىدىن ئېرىشكەن ئىممۇنىتېتلىق ماددىلار ئاساسەن يوقايدۇ شۇڭا ئىنتايىن ئاسان كېسەللىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا كۈن نۇرى مۇنچىسى، ئۇۋۇلاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بوۋاق تېنىنىڭ قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كېسەللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

بوۋاقلارنى كۈتۈش1. بۇ ۋاقىتتا بوۋاقلار مۇستەقىل تۇرالايدۇ ھەم دەلدەڭشىپ تۇرۇپ بىر نەچچە قەدەم ماڭالايدۇ، سىرتلارغا چىقىپ ھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا بوۋاقنى كۆپرەك سىرتلارغا ئەپچىقىپ ئالدىغا مېڭىش، كەينىگە يېنىپ مېڭىش ئىقتىدارىنى ۋە تەڭپۇڭلۇق سېزىمىنى چېنىقتۇرۇش كېرەك. 

2. بۇ ۋاقىتتا بوۋاق سۆزلەشنى ئۆگىنىۋاتقان بولۇپ، گەپ قىلغاندا كېكەچلەپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

3. بوۋاق مېڭىشنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن ھەرىكەت قىلىدىغان دائىرىسى كېڭىيىپ، بارلىق شەيئىلەرگە نىسبەتەن يېڭىلىق، قىزىقىش ھېس قىلىپ، ھەممىسىنى ئۆزى تۇتۇپ باققۇسى كېلىدۇ. شۇڭا بۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار تاسادىپىي ۋەقەلەر يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم تېخىمۇ بەك دىققەت قىلىشى كېرەك. 

4. بۇ ۋاقىت يەنە بوۋاقلارنىڭ ئۆزىنىڭ خاراكتېرىنى شەكىللەندۈرىدىغان مەزگىلى بولۇپ، ئاتا-ئانىلار بوۋاقلارنىڭ نامۇۋاپىق تەلىپىگە يول قويماسلىق، بالىنىڭ خاراكتېرىنى ياخشى، ساغلام بولغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، بالىلارنىڭ نامۇۋاپىق ھەرىكەتلىرىگە نىسبەتەن ئېنىق بولغان چەكلەش ئىپادىسىنى بىلدۈرۈش كېرەك.

بوۋاقلارنى كۈتۈش بوۋاقلارنىڭ ئىچ سۈرۈشىدىن خەۋەر ئېلىشتا تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپنى ياخشى ئىشلەش:

1. ئىچ سۈرگەندە تاماقنى چەكلىمەسلىك. ئىچى سۈرگەندە داۋاملىق ئانا سۈتى بېرىش بىلەن بىللە بوۋاققا يەنە سۇيۇق-سەلەڭ، كراخمال تۈرىدىكى مەسىلەن: يۇمشاق چۆپ، شوۋىگۈرۈچ قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىش، تۇخۇم، گۆش قاتارلىق ئاسان ھەزىم بولمايدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بولمايدۇ. ئىچ سۈرۈش سەل پەسەيگەندىن كېيىن بالىغا مۇۋاپىق مىقداردا كالا سۈتى، تۇخۇم قاتارلىقلارنى قوشۇپ بېرىپ ئوزۇقلۇق تولۇقلاش.

2. ئىچ سۈرگەندە سۇ تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش. بوۋاققا كۆپرەك سۇ ئىچۈرۈش ياكى بوۋاققا شېكەرلىك تۈز سۈيى، سۇس تۇز سۈيى قاتارلىقلارنى ئاز مىقداردا، كۆپ قېتىم بېرىپ سۇسىزلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

3. ئىسسىقلىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش. ئىچى سۈرگەندە قورساق قىسمىنى ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىپ، لۆڭگە ياكى گرېلكا بىلەن قورساق قىسمىغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بېرىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە بوۋاقنى كۆپرەك ئارام ئالدۇرۇش، تەرەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن كاسا قىسمىنى پاكىز يۇيۇپ كاسا قىزىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. ئەگەر ئىچى سۈرۈش ئېغىر بولۇپ، قۇسۇش، قىزىش، كۆز ئۇۋىسى، مېڭە لىپىلدىقى ئولتۇرۇشۇش، كالپۇكى قۇرۇش، سۈيدۈك ئاز بولۇش بىللە كەلسە سۇسىزلىنىش كېلىپ چىققانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ ياكى ئۆيدە ئىككى-ئۈچ كۈن داۋالاپمۇ كېسەللىك ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولماسلىقنىڭ ھەممىسىدە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالاش كېرەك.

قىش پەسلىدىكى  يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى كۈتۈش

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى ياخشى ئەمەس، سوغۇقتىن بەك قورقىدۇ. ئەگەر بوۋاق داۋاملىق سوغۇق مۇھىتتا تۇرسا بەدەن تېمپېراتۇرىسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ ئىشتىھاسى ناچارلاش، ئەمگىلى ئۇنىماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، ھەتتا قاتتىق پەردە سىرتىدىكى يىرىڭلىق ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن قىشتا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى كۈتۈشتە ئاساسلىقى بوۋاقنىڭ ئىسسىقلىقىنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئەگەر ئۆيدە تەڭشەشكە بولىدىغان ئىسسىنىش ئۈسكۈنىسى بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ℃25 ~ ℃20 ئەتراپىدا، نىسپىي نەملىكنى %60 ~ %50 تە ساقلاش، ئەگەر ئۆيدە نەملىك ئاشۇرۇش ئۈسكۈنىسى بولمىسا، نەم لۆڭگىنى پارنىڭ ئۈستىگە قويۇش ئارقىلىق نەملىك ئاشۇرۇشقا بولىدۇ. ئەگەر كۆمۈر ياكى ئوتۇن كۆيدۈرۈپ ئىسسىنغاندا چوقۇم كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش، بوۋاق ئۇخلىغاندا قېلىنراق پاختىلىق يوتقان يېپىپ قويۇش، پۇت تەرەپكە گرېلكا قويۇپ ئىستىشقىمۇ بولىدۇ. لېكىن گرېلكىنى پاختىلىق يۆگەككە ياخشى ئوراپ، بوۋاقتىن ئون سانتىمېتىر يىراق ئورۇنغا قويۇش، بوۋاقنى كۆيدۈرۈپ يارىلاندۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#