چوڭ-كىچىك ئەجدىھا كۆللىرى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چوڭ-كىچىك ئەجدىھا كۆلى كۇچا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان. كۇچا ناھىيە بازىرىدن 137 كىلومېتىر كېلىدۇ. چوڭ ئەجدىھا كۆلى دېڭىز يۈزىدىن 2700 مېتىر ئېگىز، سۇ يۈزى كۆلىمى تەخمىنەن ئۈچ كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ شەرقىي جەنۇبىي يېنىدىكى شەمشاد ئورمىنى بىلەن قاپلانغان، غەربىي تەرەپتىكى يانباغرى ياپيېشىل چىمەنزارلىق كۆل يۈزىگە قارلىق چوققا سايە ساقلاپ تۇرىدۇ، كۆل ۋادىسىدە گۈللەر بەس-بەستە ئېچىلغان.
چوڭ ئەجدىھا كۆلى ھەققىدە تاڭ شۈەنزاڭنىڭ «ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خاتىرىسى» ناملىق ئەسىرىدە: «كۈسەن شەھىرىنىڭ شىمالىدا چوڭ كۆل بار، كۆل ئىچىدە ئەجدىھا بار، ئەجدىھا كېچىسى كۆلدىن ئۇچۇپ چىقىپ، دوستى بايتال بىلەن جۈپلىشىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئەجدىھا بالىسى تۇغۇلغان....» دەپ خاتىرلەنگەن.
چوڭ كۆل ۋادىسىدا شىمالىي تاغ چوڭ كۆل مەنزىرىلىك رايونى قۇرۇلۇپ، بەش مەنزىرىلىك نۇقتا ئېچىلىپ، تۆت مىھمانخانا سېلىنغان. ئۇنىڭ ئالدى ئېگىز-پەس تاش توسما بىلەن تۇسۇلغان بۇلۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 100 مېتىر، كەڭلىكى 21 مېتىر كېلىدۇ، ئۇستى قارلىق چوققىدىكى شەمشاد بىلەن قاپلانغان. ساياھەتچىلەرنىڭ قونۇشى ۋە قۇنۇشىغا قۇلايلىق بۇلۇشى ئۈچۈن، كۆل ۋادىسىدىكى تۈزلەڭلىككە نىلوندىن ياسالغان نەچچە ئون رەڭگارەڭ چەمبىرەكسىمان چېدىر ئۆي سېلىنغان. چوڭ كۆلنىڭ تۆۋەن تەرپىدىن تەخمىنەن ئىككى كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايدا كىچىك كۆل بۇلۇپ، سۈيى سۈزۈك، ئەتراپى شەمشاد، چاتقاللىق بىلەن ئورالغان، مەنزىرىسى تەبئىت ھەم يېقىشلىق.
چوڭ-كىچىك ئەجدىھا كۆلىنى يەرلىكلەر كىچىك كۆل دەپ ئاتايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ كۆللەر كۇچا دەرياسىنىڭ مەنبەسىدىن يىغىلىپ قالغان سۇدىن ھاسىل بولغان. سۇ چىقىش ئېغىزىغا توسما ئورنتىلغان بۇلۇپ،كەلكۈن مەزگىلىدە توسما ئېتىلسئىككى كۆلگە كۆپرەك سۇ يىغۋالغىلى بولىدۇ؛ سۇ قىس مەزگىلىدە توسما ئېچىۋېتىلسە تۆۋەن ئېقىننىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.