مېلبۇرن

مېلبۇرن

مېلبۇرن شەھىرى ئاۋسترالىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان ۋىكتورىيە شتاتىنىڭ مەركىزى، ئاۋسترالىيىنىڭ سېدنې شەھىرىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ شەھەر، ئەڭ چوڭ پورتنىڭ بىرى.

نامى مېلبۇرن
دۆلىتى ئاۋسترالىيە
تەۋە رايون ئوكيانىيە شىتاتى، ئاۋىسترالىيە، ۋىكتورىيە شىتاتى
نوپۇسى 4 مىليون 440 مىڭ دىن ئاشىدۇ(2014-يىلى)
باشقا نامى 新金山,猫本
خەنزۇچە نامى 墨尔本
مەمۇرىي رايون شەكلى مەركىزىي شەھەر
يەر مەيدانى 8831 كۋادرات كىلومېتىر
چەتئەلچە نامى Melbourne
جۇغراپىيەلىك ئورنى جەنۇبىي كەڭلىك°38، شەرقىي ئۇزۇنلۇق°145

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مېلبۇرنئاۋسترالىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان ۋىكتورىيە شتاتىنىڭ مەركىزى، ئاۋسترالىيىنىڭ سېدنې شەھىرىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ شەھەر، ئەڭ چوڭ پورتنىڭ بىرى. مېلبۇرن شەھىرى فىلىپ قولتۇقىغا قويۇلىدىغان ياررا دەريا ئاغزىغا جايلاشقان. يەر مەيدانى 8831 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ 4 مىليون 440 مىڭ دىن ئاشىدۇ(2014-يىلى). بۇ شەھەرنى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى «شىن جىڭشەن يېڭى ئالتۇن تاغ» دەپ ئاتايدۇ.

1835 - يىلى بۇرۇن مېلبورنىدا ئاساسەن ھېچكىم ئولتۇراقلاشمىغان. 1840-يىلى ، مېلبورنى ئاۋاتلىشىشقا باشلىغان نوپۇسى ئون مىڭ ئادەم. 1851-يىلى، مېلبورن ئالتۇن كان بارلىقىنى بايقالغاندىن كىيىن نۇرغۇن كىشىلەر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن (ئاساسلىقى ئامېرىكىلىقلار) مېلبۇرن ئالتۇن چايقاش ئۈچۈن كەلگەن يەنە نۇرغۇن جۇڭگولۇق ئىشچىلارمۇ بار. ئالتۇن چايقاش قىزغىنلىقى يۇقۇرلىشىشقا ئەگىشىپ ، نوپۇس تېز ئاشتى ھەمدە تەدرىجىي بىر باي چوڭ شەھەرگە ئايلاندى . شۇڭا مېلبۇرنى يەنە جۇڭگولۇقلار تەرىپىدىن يېڭى ئالتۇن تاغ دەپ ئاتىلىدۇ ، ھازىرغا قەدەر شۇ جايدىكى يەنە نۇرغۇن جۇڭگولۇقلار ئاچقان مەكتەپلەر بولۇپ، ماگىزىن، شىركەت نامى قاتارلىقلارغا يېڭى ئالتۇن تاغ دىگەن نامنى ئىشلىتىدۇ. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا مەنچىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارى لى گىنومون « شەرققە يۈرۈش خاتىرىسى » دە تىلغا ئېلىشچە، جۇڭگودىن باشقا ئىككىنجى جۇڭگولۇقلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەر، ئامېرىكا سان فىرانسىسكو ۋە ئاۋسترالىيىنىڭ مېلبورن شەھىرى دىيىلگەن.

مېلبۇرنجۇغراپىيىلىك جەھەتتە، مېلبۇرن جەنۇبىي كەڭلىك 37 گرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 144 گرادۇس، مېلبۇرن تۈزلەڭلىككە جايلاشقان مىقدارى ئاز  پاكار تاغلىق، شۇنداقلا بىر دېڭىز بويىدىكى شەھەر، قارشىسىدا  تىنچ ئوكيان، ئورنى شەرقىي ئۇزۇنلۇق 147 گرادۇس، جەنۇبىي كەڭلىك 39 گرادۇس ئورۇنىدا. مېلبۇرن شەھىرى فىلىپ قولتۇقىغا قويۇلىدىغان ياررا دەريا ئاغزىغا جايلاشقان.



 ئەڭ ئىسسىق بولىدىغان ئايدا ئەڭ يۇقىرى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 25 سېلسىيە گىرادۇس، ئەڭ تۆۋەن ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 14 سېلسىيە گىرادۇس ، ئەڭ سوغۇق بولىدىغان ئايدىكى 3 سېلسىيە گىرادۇسدىن 15 سېلسىيە گىرادۇس قىچە، يىل بويى كۆپ يامغۇرلۇق بولىدۇ ، مۆتىدىل بەلباغ دېڭىز - ئوكيان كىلىماتىغا تەۋە. قاراپ تۇرغان سۇبتروپىك بەلباغنىڭ ئۆتكۈنچى بەلۋاغقا جايلاشقان بولۇپ ياز پەسلىدە ئەڭ يۇقۇرى بولغاندا تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيەگە يىتىدۇ. يازدا كىشىلەر دېڭىز ياقىسىغا بېرىپ سۇغا چۈمۈلىشىدۇ. ئىسسىق يازدا كۈندۈزلۈك يۇقىرى تېمپېراتۇرا 40 سىلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ .

شەھەردە 1853-يىلى قۇرۇلغان مېلبۇرن ئۇنۋېرسىتېتى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، ئوكيان يولى، پىنگۋىن ئارىلى، ۋىكتورىيە بازىرى،كونا پارلامېنت، مېلبۇرن خان جەمەتى ئۆسۈملۈك باغچىسى، مېلبۇرن خان جەمەتى كۆرگەزمىخانىسى قاتارلىقلار ھەم  دېڭىز قىرغاقلىرىدا نۇرغۇنلىغان دەم ئېلىش، ساياھەت قىلىش ئورۇنلىرى بار.

خان جەمەتى ئۆسۈملۈك باغچىسى

خان جەمەتى ئۆسۈملۈك باغچىسىخان جەمەتى ئۆسۈملۈك باغچىسى 1845-يىلى ياسالغان. ئۆسۈملۈك باغچىسىنىڭ كۆلىمى 40 گېكتار شەھەر مەركىزى جەنۇبىدىن تەخمىنەن 5 كىلومېتر كىلىدۇ . باغچىدا  19-ئەسىردىكى باغ-ئورمان سەنئىتى ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن. ئىچىدە نۇرغۇن ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئاۋسترالىيە يەرلىك خاس ئۆسۈملۈكلەر بار. ئالدىنقى ئەسىردىكى ئىمارەت ۋە قىياپىتىنى ساقلاپ قالغان ئاجايىپ-غارايىپ ئۆسۈملۈكلەر 30 مىڭ خىلدىن ئارتۇق يىغىلغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە لايىھىسى ئەڭ ياخشى ئۆسۈملۈك باغچىسىنىڭ بىرى.

مېلبۇرن خان جەمەتى كۆرگەزمىخانىسى

مېلبۇرن خان جەمەتى كۆرگەزمىخانىسىمېلبۇرندا خان جەمەتى كۆرگەزمىخانىسى 1880-يىلى ياسالغان. 1880-1881-يىللىرى ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ يىغىن مەيدانىغا، مېلبۇرنى كۆرگەزمىخانىسى تۇنۇشتۇرۇلغان نام چىقارغان، ۋە شۇ يىلى 8 ئاي ۋاقىت ئىچىدىلا 1 مىليون 300 مىڭ نەپەر ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى كۈتۈۋالغان. 1888-يىلى ئاۋسترالىيەنىڭ يۈز يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش مۇراسىمىدا، كۆچمەنلەر كېلىپ ئولتۇراقلاشقان كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش سانىدىن تېخىمۇ كۆپ بولغان. 2004-يىلى 6-ئايدا مېلبۇرندا خان جەمەتى كۆرگەزمىخانىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. ئاۋسترالىيەنىڭ بۇ مىراسلىرى  ھازىرغىچە بىردىنبىر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭدەك  مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئەلۋەتتە ئاسان ئەمەس.

كونا پارلامنېت

كونا پارلامنېتكونا پارلامېنت 1856-يىلى ياسالغان. ۋېكتورىيە ئۆلكىسىنىڭ ھازىرقى قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى، بىناكارلىق ھەشەمەتلىك، ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە. كونا پارلامېنت جايلاشقان جاي مېلبۇرندا نىكاھ تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۇرنى يىراق بولمىغان بىر كوچىدا دائىم توي قىلغان ئەر-ئايال ۋە توي مۇراسىمىغا قاتناشقان مېھمانلار بۇ يەردە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرىدۇ . 

پىنگىۋىن ئارىلى

پىنگىۋىن ئارىلىپىنگىۋىن ئارىلى فىلىپ مېلبۇرنى شەرقىي جەنۇب 124 كىلومېتىر كېلىدىغان دېڭىز ئارىلىغا جايلاشقان. بىر تەبىئىي ھايۋانلارنى قوغداش رايونى بۇلۇپ، ئەتىۋارلىق قۇشلار ۋە ئاجايىپ ھايۋانلار ۋە غەلىتە ئۇماق ھايۋانلار بار. بۇلۇپمۇ بۇجايدا نۇرغۇنلىغان پىنگۋىنلار بار. مېلبۇرنىنىڭ كىشىنى ئەڭ جەلىپ قىلىدىغان ساياھەت ئۇرۇنىنىڭ بىرى يپىنگۋىن ئارىلى، مېلبۇرن زىيارەت قىلغاندا چەتئەلىك ساياھەتچىلەر چوقۇم باردىغان چىرايلىق جاي.

مېلبۇرن بۇ جاينىڭ ئەتراپىدا 19-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن باشلاپ ئالتۇن كان تېپىلغاندىن كېيىن تېز تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. 1901-يىلدىن 1927-يىنلغىچە ئاۋسترالىيىنىڭ مەركىزى بولغان. ھازىر ئاۋسترالىيىنىڭ مۇھىم سانائەت، سودا ۋە قاتناش مەركىزى. شەھەردە ئېغىز ماشىنىسازلىق، ئاپتونوبىل ئىشلەپچىقىرىش، ئايروپىلان ياساش، نېفىت ئايرىش، قوغۇشۇن تاۋلاش، توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى تەرەققىي قىلغان. مېلبۇرن پورتىنىڭ 20 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا پاراخوت توختايدىغان پرىستانلىرى بار، ئۇ مۇھىم خەلقئارا سودا پورتى. بۇ جاي ئارقىلىق ئاۋسترالىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبى رايونلىرىدىكى قوي يۇڭى، گۆجش، مېۋە، ئاشلىق قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ. [1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/14376.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#