كونستانتىن

كونستانتىن

كونستانتىن تەخمىنەن مىلادى 272-يىلى ياكى 280-يىلى نىسۇس(ھازىرقى يۇگۇسلاۋىيىنىڭ نىش شەھىرى) شەھىرىدە دۇنياغا كەلدى. دادىسى فلاۋىئۇس كونستانتىئۇس يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېر ئىدى. كونستانتىن دىئوكلېتىئانۇسنىڭ سارىيىدا چوڭ بولدى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى كونستانتىن
باشقا نامى 君士坦丁大帝
تۇغۇلغان ۋاقتى 272-يىلى ياكى 280-يىلى
كەسپى ھەربىي ئالىم، سىياسىيون، ئىمپېراتۇر
خەنزۇچە ئىسمى 弗拉维·瓦莱里乌斯·奥勒里乌斯·君士坦丁
دۆلەت تەۋەلىكى قەدىمكى رىم
ۋاپات بولغان ۋاقتى 337-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كونستانتىنكونستانتىن خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان تۇنجى رىم ئېمپېراتورى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ يۈز كىشى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا پۈتۈنلەي ھەقلىق. 

كونستانتىن خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان تۇنجى رىم ئىمپېراتورىدۇر. ئۇ خرىستىئان دىنىغا ئىشىنەتتى ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرەتتى. ئۇ بۇ دىننىڭ قېقىلىپ-سوقۇلۇپ يۈرگەن كىچىك بىر گۇرۇھتىن ياۋروپانى كونترول قىلغان زور بىر دىنغا ئايلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانىدى. 

كونستانتىن تەخمىنەن مىلادى 272-يىلى ياكى 280-يىلى نىسۇس(ھازىرقى يۇگۇسلاۋىيىنىڭ نىش شەھىرى) شەھىرىدە دۇنياغا كەلدى. دادىسى فلاۋىئۇس كونستانتىئۇس يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېر ئىدى. كونستانتىن دىئوكلېتىئانۇسنىڭ سارىيىدا چوڭ بولدى.

ئىمپېراتور دىئوكلېتىئانۇس ئورنىغا كونستانتىننىڭ دادىسى كونستانتىئۇس تەختكە ئولتۇرۇپ، رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ غەربىي قىسمىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ياندۇرقى يىلى، دادىسى قازا قىلىپ كېتىدۇ. ئۇ ئۆزى تۇرۇشلۇق قوشۇننىڭ ياردىمى بىلەن تەختكە چىقىدۇ. بىراق، يەنە بىر قىسىم ئوفىتسېرلار قوزغىلىپ، تەخت تالاشقانلىقتىن، بىر قاتار ئىچكى ئۇرۇشلار پارتلايدۇ. تاكى 312-يىلى، كونستانتىن رىمغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ ئاندىن ئىچكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىدۇ. 

كونستانتىن رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ غەربىي يېرىم قىسمىدا تەڭداشسىز ھۆكۈمران بولۇپ قالدى. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ شەرقىي يېرىم قىسىمغا لىسىنى ئىسىملىك بىر گېنېرال ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. 323-ۋە 324-يىللىرى، كونستانتىن لىسىنگە ھۇجۇم قىلىپ، ئادرىنوپ ۋە كرىسۇپلستالىسىنىنى مەغلۇپ قىلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تا 337-يىلى ۋاپات بولغۇچە، كونستانتىن پۈتكۈل رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ بىردىنبىر ئىمپېراتورىغا ئايلاندى. 

كونستانتىنكونستانتىن قايسى يىل، قايسى كۈنلەردىن باشلاپ، خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىغانلىقى بىزگە نامەلۇم. بۇ ھەقتە مۇنداق بىر ھېكايەت بار؛ مىرۋىيە كۆۋرۈكى ئۇرۇشى بولغان كېچىسى، كونستانتىن ئاسماندا ئوتتىن ھاسىل بولغان بىر كرېستنى كۆرۈپ قاپتۇ. كرېستنىڭ يېنىدا؛ «بۇ كرېستكە تايانساڭ، غەلىبە قىلىسەن» دېگەن ئوت بىلەن يېزىلغان بىر قۇر خەت بار ئىكەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، كونستانتىن خرىستىئان دىنىنىڭ سادىق مۇرىتلىرىنىڭ ھىماتچىسى بولۇپ قالدى. «مىلان پەرمانى» ئۇ قىلغان بىرىنچى ئىش ئىدى. «پەرمان» دا ئىمپېرىيە ئىچىدە دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى سىياسىتى ئېلان قىلىنىپ، تۇنجى قېتىم خرىستىئان دىنىنىڭ قانۇنلۇق ئورنى بېكىتىلىپ، باشقا دىنلار بىلەن ھوقۇقتا باراۋەر ئىكەنلىكى جاكارلاندى. ھەرقايسى جايلارنىڭ خرىستىئان دىنىنىڭ مۈلۈكلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە يەكشەنبە كۈنىنى ئىبادەت كۈنى قىلىپ بېكىتتى.

كونستانتىن خرىستىئان دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتمىدى. بىراق، بۇ دىنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بەردى. روشەنكى، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە، خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىش دۆلەتكە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلگە ئېرىشىشنىڭ بىرخىل يولىغا ئايلىنىپ قالدى؛ خرىستىئان دىنى ھەرخىل ئىمتىيازلارغا ئىگە ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئېرۇسالىم مۇقەددەس چېركاۋىدەك ھەيۋەتلىك چېركاۋدىن بىر نەچچىنى سالدۇردى. 

كونستانتىن خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان تۇنجى رىم ئىمپېراتورى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يۈز كىشىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا تامامەن ھەقلىق. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە ۋىزانتىيە شەھىرىنى قايتىدىن ياساپ، ئىسمىنى كونىستانتىنوپول(ئىستانبۇل) غا ئۆزگەرتىپ، دائىرىسىنى زور كۆلەمدە كېڭەيتىپ، مەڭگۈلۈك پايتەخت قىلىۋالدى. كونستانتىنوپول دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ شەرقىي يېرىم قىسمىغا جايلاشقان بۇ پايتەخت 1453-يىلىغىچە بۇ ئىمپېرىيىنىڭ پايتەختى بولۇپ كەلدى، كېيىنكى نەچچە ئەسىر تۈركىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى بولدى. 

كونستانتىن دىن جەمئىيىتى تارىخىدا ناھايىتى زور رول ئوينىدى. ئۇ خرىستىئان دىنىنىڭ ھەرقايسى مەزھەپلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە نىسائېيا يىغىنى چاقىردى. كونستانتىن بۇ يىغىننىڭ مۇھىم ئەزاسى ئىدى. بۇ يىغىن زورلۇق بىلەن بىردەك «كرئېد» (ئەقىدە دەستۇرى) نى بېكىتىپ چىقتى. «ئىيسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ئاللا بىر گەۋدە» ، چېركاۋلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا بىردەك ئەمەل قىلىشى كېرەك، دەپ قارار قىلىندى. بۇ كېيىنكى «سوبستانسىيە ئوخشاشلىق نەزەرىيىسى» ئىدى. 

تېخىمۇ مۇھىمى، كونستانتىننىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى ئىدى. ئۇ قانۇن ئېلان قىلىپ، قاسساپلىق، بولكىچىلىق قاتارلىق قول ھۈنەرۋەنلىك ۋارىسلىق قىلىشقا بولىدىغان كەسىپ، بالىسى ئاتىسىنىڭ ھۈنىرىگە ۋارىسلىق قىلسا بولىدۇ، دەپ بېكىتتى. ئۇ يەنە دېھقانلارنىڭ يەرنى تاشلاپ كېتىشىگە بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا قانۇن بېكىتتى. بۇنىڭ بىلەن دېھقان يەرگە بېقىندى مالايغا ئايلىنىپ قالدى ھەمدە ياۋروپا فېئودالىزم تۈزۈمىنىڭ ئاساسى بارلىققا كەلدى. 

كونستانتىن قازا بولۇش ئالدىدا كېسەل كارىۋىتىدا چوقۇندۇرۇلدى. بىراق ئۇ بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇن خرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلغانىدى. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، كونستانتىن ناھايىتى ياۋۇز ئىدى. ئۇ 326-يىلى ئايالى بىلەن چوڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرۋەتكەنىدى. بۇنىڭ سەۋەبى بىزگە نامەلۇم.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    100%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#