چوماق توپ

چوماق توپ

چوماق توپنىڭ تولۇق ئاتىلىشى «چىملىق چوماق توپى» بولۇپ، ئۇ پۇتبول بىلەن مۇز توپنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، خۇددى پۇتبول مەيدانىدا مۇز توپ ئوينىغانغا ئوخشىشىپ قالىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى چوماق توپ
خەنزۇچە نامى 曲棍球

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چوماق توپچوماق توپ مۇسابىقىىسدە ھەربىر كوماندىدىن 11 دىن ئادەم مەيدانغا چۈشىدۇ. ئەزالار ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىردىن ئاشمايدىغان ئەگرى باشلىق توپ تايىقىدا توپ ئۇرىدۇ. بەلگىلەنگەن 70 مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا كۆپ توپ كىرگۈزگىنى غەلىبە قىلغان بولىدۇ. شۇڭا، رىقابەتچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ. ئەر-ئاياللار چوماق توپ مۇسابىقىسى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن.

چوماق توپچوماق توپ قەدىمىي تەنھەرىكەت تۈرى بولۇپ، 2000 يىل ئىلگىرى قەدىمكى مىسىردا چوماق توپ مۇسابىقىسى بولغان. ھازىرقى زامان چوماق توپى 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئەنگلىيىدە گۈللىنىپ، ئىنتايىن تېزلا ھىندىستان قاتارلىق ئەنگلىيە ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرگە تارقالغان. ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قانات يايماقتا. پاكىستان چوماق توپنى «دۆلەت توپى» دەپ قارايدۇ، ئىككى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ چېمپىيونى بولغان. ھىندىستان، يېڭى زېلاندىيە، ئاۋسترالىيىلەرمۇ چوماق توپتا كۈچلۈك دۆلەتلەردۇر.

چوماق توپجۇڭگونىڭ چوماق توپ ھەرىكىتى  1976-يىلىدىن كېيىن ئاندىن رەسمىي تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. 1978-يىلىدىن باشلاپ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇسابىقىلەر جانلانغان. چوماق توپ ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت داغۇرلارنىڭ بىر خىل ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرى بولۇپ، ئۇلار ئۇنى «پويىكاۋ» دەپ ئاتىغان، مەنىسى «ئەگرى تاياق» دېگەنلىكتۇر. مۇسابىقە قائىدىسىدە ھازىرقى زامان چوماق توپ بىلەن ئايرىم پەرقلىرى بولسىمۇ، ئويناش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئوخشىشىدۇ. شۇڭا، 1978-يىلى مەملىكەتلىك تەنتەربىيە كومىتېتى ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ياشلار چوماق توپ كوماندىسىنى تەشكىللىگەندە مولداۋان داغۇر ئاپتونوم خوشۇنىنىڭ چوماق توپ كوماندىسىنى ئاساس قىلغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#