يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىر قانچە مىزان

يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر

يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىر قانچە مىزان (2016–يىل 10–ئاينىڭ 27–كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6–ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان).

ئۇيغۇرچە نامى يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىر قانچە مىزان
خەنزۇچە نامى 新形势下党内政治生活的若干准则

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭگونىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش ۋە ئۆزىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا. پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇشتا ئىشنى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى باشقۇرۇشتىن، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئىشنى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭ تۇتۇشتىن باشلاش شەرت.

پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كەسكىن ۋە ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە سىياسىي ئەۋزەللىكى. ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەت داۋامىدا، پارتىيەمىز پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كەسكىن ۋە ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇشنى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ۋەزىپە قاتارىدا ئىزچىل چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش، تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىش، دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى، پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىش قاتارلىقلار ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان ئاساسىي قېلىپىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مەركەزلەشكەن بىرلىكىنى مۇستەھكەملەش، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى ساقلاش، پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مول تەجرىبە توپلاپ، پارتىيەنىڭ ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى مەركىزىي ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

1980-يىلى پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا تارىخىي تەجرىبىلەرنى، بولۇپمۇ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىكى ساۋاقلارنى چوڭقۇر يەكۈنلەش ئاساسىدا تۈزۈلگەن «پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىر قانچە مىزان» قالايمىقانچىلىقنى ئوڭشاش، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ساغلاملاشتۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى، ئۇنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى ۋە قائىدىسى ھازىرغىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ، شۇڭا داۋاملىق چىڭ تۇرۇش كېرەك.

يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولۇۋاتىدۇ. لېكىن بىر مەزگىلدىن بۇيان پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشتا بەزى گەۋدىلىك مەسىلىلەر كۆرۈلدى، ئاساسلىقى: بىر قىسىم پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە رەھبىرىي كادىرلاردا غايە-ئېتىقادى مۇستەھكەم بولماسلىق، پارتىيەگە سادىق بولماسلىق، ئىنتىزامى بوشاڭ بولۇش، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش، ئۆز بېشىمچىلىق، ساختىپەزلىك، ھۇرۇنلۇق، شەخسىيەتچىلىك، تارقاقچىلىق، لىبېرالىزم، ياخشىچاقلىق، مەزھەپچىلىك، گۇرۇھۋازلىق، پۇلپەرەسلىك ئەھۋاللىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ساقلىنىۋاتىدۇ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ھەشەمەتچىلىك مەسىلىسى گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ، ئۆز يېقىنلىرىنىلا ئىشقا قويۇش، ئەمەل كويىدا قاتراش، ئەمەل سودىسى قىلىش، پارا بېرىپ سايلىنىش ئەھۋاللىرى قايتا-قايتا چەكلىسىمۇ تۈگىمەيۋاتىدۇ، ھوقۇقتىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش، خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق قىلىش، چىرىكلىشىپ چۈشكۈنلىشىش، قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار يامراپ كېتىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئارىسىدىكى ئىنتايىن ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ سىياسىي قارا نىيىتى كۈچىيىپ، يۈرىكى ھوقۇق تەمەسىدە ئۆرتىنىپ، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇۋېلىپ ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىش، گۇرۇھ بولۇۋېلىپ ئەسكىلىك قىلىش، گۇرۇھۋازلىق قىلىش، گۇرۇھ بولۇۋېلىش، مەرتىۋە قەستىدە بولۇش قاتارلىق سىياسىي سۇيىقەست قىلمىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىلەر پارتىيەنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق ئۇلىنى ئېغىر دەرىجىدە چىرىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مەركەزلەشكەن بىرلىكىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا ۋە پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر زىيان سېلىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ. بۇ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىسلاھات-يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق داۋاملىق كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىپ، ئىدىيە ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇش بىلەن پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلىنى مەركەزلىك تەرتىپكە سېلىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قاتتىق جازالاپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشتا يېڭى كەيپىيات يارىتىپ، پارتىيە رايى ۋە ئەلرايىنى مايىل قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى مۇھىم كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

تارىخىي تەجرىبىلەردىن مەلۇمكى، پارتىيەمىز ماركسىزملىق پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، سىياسىيغا بايرىقى روشەن ھالدا ئەھمىيەت بېرىشى، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كەسكىن ۋە ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇشى شەرت. نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت چوڭ سىناق» قا بەرداشلىق بېرىپ، «تۆت خەۋپ» نى يېڭىش ئۈچۈن، يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش مىزانىنى تۈزۈپ چىقىش زۆرۈر بولۇپ قالدى.

يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشتا چوقۇم پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ مىزان قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنى، ئىدىيەۋى لۇشيەنى، تەشكىلىي لۇشيەنى ۋە ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ سىياسىيۋىلىقى، دەۋرچانلىقى، پىرىنسىپاللىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى تازا كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش ۋە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، چىرىكلىك ۋە ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى كۈچەپ قوغداپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى ساقلاپ، پۈتۈن پارتىيەدە مەركەزلەشتۈرۈشمۇ، دېموكراتىيەمۇ بولغان، ئىنتىزاممۇ، ئەركىنلىكمۇ بولغان، ئىرادە بىرلىكىمۇ، شەخسنىڭ كۆڭۈل ئازادىلىكىمۇ بولغان جانلىق، جۇشقۇن سىياسىي ۋەزىيەتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

 يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلار ۋە رەھبىرىي كادىرلار، ئاچقۇچى يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار، بولۇپمۇ مەركىزىي كومىتېت، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر. يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار، بولۇپمۇ مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەر ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە قائىدىسىگە نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى قەتئىي ئۇنتۇماي داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇش ۋە تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن جەمئىيەتكە ئۈلگە كۆرسىتىشى كېرەك.

غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىش

كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى ۋە سىياسىي روھى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى ساقلاشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى. شۇڭا ئىدىيەۋى-سىياسىي قۇرۇلۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىشنى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى قانات يايدۇرۇشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە قىلىش شەرت.

غايە-ئېتىقادنىڭ تەۋرىنىشىدىنمۇ خەتەرلىكرەك تەۋرىنىش، غايە-ئېتىقادنىڭ غۇلىشىدىنمۇ خەتەرلىكرەك غۇلاش يوق. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ماركسىزم، سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزمغا بولغان ئېتىقادنى ئۆمۈرلۈك ئەقىدە قىلىپ، ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىش بىلەن بىللە سۇبيېكتىپ دۇنياسىنىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ، دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت نېگىزلىك مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىپ، سىياسىي ئىرادىسىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، ئاڭلىق ھالدا كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنىڭ ئىخلاسمەن ئېتىقادچىسى ۋە سادىق ئەمەلىيەتچىسى بولۇشى؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا، نەزەرىيەسىگە، تۈزۈمىگە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتكە بولغان ئىشەنچىنى چىڭىتىشى شەرت. رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار غايە-ئېتىقادنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىغا ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك.

بارلىق پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە قۇرۇلغان چاغدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ كۈرەش روھىنى مەڭگۈ ساقلاپ، مۇستەھكەم غايە-ئېتىقادىنى ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش جەريانىدا نامايان قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاڭلىق ھالدا جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەپ، غەلىبە قازانغاندا ۋە ئىش ئوڭۇشلۇق بولغاندا مەغرۇرلانماي ۋە قانائەتلەنمەي، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ۋە ئىش ئوڭۇشسىز بولغاندا چۈشكۈنلەشمەي ۋە تەۋرەنمەي، مەدھىيە ۋە ئازدۇرۇشلارنىڭ، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك.

غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىش ئۈچۈن ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش شەرت. ئىدىيە-نەزەرىيە جەھەتتىكى مۇستەھكەملىك ۋە سەگەكلىك سىياسىي جەھەتتىكى مۇستەھكەملىكنىڭ ئالدىنقى شەرتى. پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر ماركسىزملىق يېتەكچى ئىدىيەدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشى، پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى بوشاشماي ئوبدان تۇتۇشى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئۆگىنىشنى ئاڭلىق ھالدا ئوبدان تۇتۇپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىشى شەرت. ماركسىزم نەزەرىيەسىنى زۆرۈر دەرس بىلىپ، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرقاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە قائىدىسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ماركسىزملىق ئىدىيەۋى ئېڭى ۋە نەزەرىيە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى سىستېمىلىق ئىگىلەپ، ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر ۋە ئۇسۇل ئارقىلىق مەسىلىلەرنى، بولۇپمۇ نۇقتىلىق رېئال مەسىلىلەرنى كۆزىتىش، تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىشنى ئۆگىنىپ، كومپارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى ۋە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى ئۈلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. دەۋرنىڭ ئىلگىرىلەش تەلىپى ۋە ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە لايىقلىشىپ، ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ۋە پەلسەپە، تارىخ، قانۇن، پەن-تېخنىكا، دۆلەت مۇداپىئەسى، خەلقئارا ئىشلار جەھەتلەردىكى بىلىملەرنى كەڭ دائىرىدە ئۆگىنىپ، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى، دىيالېكتىك تەپەككۇر، قانۇنچىلىق تەپەككۇرى ۋە تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، رەھبەرلىك ئىقتىدارىنىڭ كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

پارتىيە ئىچىدىكى ئۆگىنىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش تۈزۈمى قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئاساسىي تۇتقا قىلىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى قەرەللىك ھالدا كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىشى كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ھەر يىلى بەلگىلەنگەن ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشى، رەھبىرىي كادىرلار قەرەللىك ھالدا پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇشى كېرەك. پارتىيە ئىچىدە مەركەزلىك ئۆگىنىش ۋە مەركەزلىك تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش ئەھۋالىنى رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشى كېرەك. مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار مەخسۇس دوكلات بېرىش تۈزۈمىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى چوڭ-چوڭ ئىدىيە-نەزەرىيە مەسىلىلىرىنى تەھلىل-تەتقىق قىلىش ۋە ئەھۋال ئۇقتۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقە تورىدا ئىدىيە-نەزەرىيە يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، چوڭقۇر قاتلاملىق ئىدىيە-نەزەرىيە مەسىلىلىرىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، خاتا ئىدىيەلەرنىڭ چىرىتىشىگە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇش

پارتىيەنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي لۇشيەنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ جان تومۇرى، خەلقنىڭ بەخت-سائادەت يولى، شۇنداقلا پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى نورمال قانات يايدۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. شۇڭا پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىنى ئەتراپلىق، ئىزچىل ئىجرا قىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىش بىلەن تۆت ئاساسىي پىرىنسىپ ۋە ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي نۇقتىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن قىلچە چەتنەپ كەتمەسلىك ۋە تەۋرەنمەسلىك كېرەك.

پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى بولغان تەرەققىياتنى پۈتۈن زېھنى بىلەن چىڭ تۇتۇشى، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشچان، ماس، يېشىل، ئوچۇق ۋە ھەمبەھرىلىك تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «ئىككى 100 يىل» لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ماددىي ئاساس سېلىشى كېرەك.

پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشى، ئاساسلىقى كومپارتىيە رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە چىڭ تۇرۇشى، كاللىسى سەگەك، مەيدانى مۇستەھكەم بولۇشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئىرادىسىدىن قەتئىي يانماسلىقى كېرەك.

پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىجادكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىنى دادىل يېڭىلاپ، نەزەرىيەدە، ئەمەلىيەتتە، تۈزۈمدە ۋە مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى، شۇنىڭدەك باشقا ھەرقايسى جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى دادىل ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈپ سىياسىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇشى، ھەرگىزمۇ ھازىرقى ھالەتتىن قانائەتلىنىپ قالماسلىقى، كونا قائىدىلەرگە ئېسىلىۋالماسلىقى كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتە، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولغاچقا، بېكىنمىچىلىك ۋە قاتماللىق قىلىدىغان كونا يولدىمۇ، بايراق ئالماشتۇرىدىغان ئەگرى يولدىمۇ ماڭماسلىق كېرەك.

پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇشنى پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىنى ئىجرا قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش ۋە راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەت داۋامىدا سىناپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ماركسىزمنى ئىنكار قىلىدىغان خاتا خاھىشلارغا قارشى تۇرۇش بىلەن بىللە ماركسىزم ھەققىدىكى دوگما چۈشەنچىلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلىشى كېرەك. ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ۋە ئۇزاققىچە تۇرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ ۋە يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ماركسىزمنىڭ جۇڭگوچىلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنى، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئىنكار قىلىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەرگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى بۇرمىلايدىغان، خۇنۈكلەشتۈرىدىغان ۋە ئىنكار قىلىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەرگە، پارتىيە تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخى ۋە خەلق ئارمىيەسى تارىخىنى بۇرمىلايدىغان، خۇنۈكلەشتۈرىدىغان ۋە ئىنكار قىلىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەرگە، پارتىيەنىڭ داھىيلىرى ۋە قەھرىمان-نەمۇنىچىلارنى بۇرمىلايدىغان، خۇنۈكلەشتۈرىدىغان ۋە ئىنكار قىلىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەرگە، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىگە خىلاپلىق قىلىدىغان ۋە ئۇنى بۇرمىلايدىغان، ئىنكار قىلىدىغان بارلىق سۆز-ھەرىكەتلەرگە بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇشى ۋە ئۇنى توسۇشى كېرەك.

كادىرلارنى، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنى كۆزىتىپ پەرقلەندۈرۈشتە، ئالدى بىلەن پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرغان-ئىزچىللاشتۇرمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار چوڭ ھەق-ناھەق مەسىلىسىدە سۇس پوزىتسىيە تۇتماسلىقى، ئاساسىي سىياسىي مەيداندىن تەۋرەنمەسلىكى، سەپسەتىلەرگە ئالدانماسلىقى كېرەك. خەلق مەنپەئىتىگە زىيان يەتكەندە، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكەندە، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنى تەھدىتكە ئۇچرىغاندا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق ۋە قەتئىيلىك بىلەن كۈرەشكە ئاتلىنىشى كېرەك. چوڭ ھەق-ناھەق مەسىلىلىرىدە مەيدانى ئېنىق بولمىغان، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن، پىسەنت قىلماي تۇرۇۋالغان، بىر چەتكە چىقىۋالغانلار، خاتا سۆز-ھەرىكەتلەرنى توسمىغان، ئۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلمىغان، ئۆز ئامانلىقىنىڭ كويىدا ياخشىچاق بولغانلار قاتارلىق سىياسىي جەھەتتە لاياقەتسىز كىشىلەرنى قەتئىي ئىشقا قويماسلىق كېرەك، رەھبەرلىك ئورنىدا تۇرۇۋاتقانلىرىنى قەتئىي تەڭشىۋېتىش، قىلمىشى ئېغىرلىرىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداش

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ بۇيرۇققا قاتتىق ئەمەل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەقسىتى. پارتىيە ئەزاسى پارتىيە تەشكىلاتىغا، ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا، تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلات يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتقا، پارتىيەنىڭ بارلىق تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا بويسۇنۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئۇنىڭ يادروسى پارتىيەنىڭ بارلىق تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا بويسۇنۇشتۇر.

پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا، ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. دۆلەت ۋە پارتىيەدە رەھبەرلىك يادروسى ئىنتايىن مۇھىم. پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى ۋە بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيە، سىياسىي ۋە ھەرىكەت جەھەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ئاڭلىق ساقلىشى شەرت. پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە، لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشەببۇسىغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چەكلىگەن ئىشنى قەتئىي قىلماسلىقى كېرەك .

پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتكە چېتىلىدىغان چوڭ-چوڭ فاڭجېن، سىياسەت مەسىلىلىرىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىلا قارار قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە. تارماقلار، جايلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ، ئەمما ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قارار چىقارسا ۋە تەشەببۇسىنى ئېلان قىلسا بولمايدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان قارار ۋە بېكىتكەن سىياسەتلەرگە باشقىچە پىكىردە بولسا، قەتئىي ئىجرا قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، پارتىيە تەشكىلاتىغا ئۆز پىكرىدە قالىدىغانلىقىنى ئېيتسا بولىدۇ، ئۆز پىكرىنى تەشكىلىي تەرتىپ بويىچە پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتىغا ھەتتا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا يەتكۈزسىمۇ بولىدۇ.

پۈتۈن پارتىيە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىگە ئاڭلىق بويسۇنۇشى شەرت. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تارماقلىرى، خەلق ئارمىيەسى، خەلق تەشكىلاتلىرى، جايلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم-كوتسىز ئىجرا قىلىشى كېرەك.

پۈتۈن پارتىيەدە چوڭ-چوڭ مەسىلىلەردە يوليورۇق سوراش-دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش شەرت. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تارماقلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا قەرەللىك خىزمەت دوكلاتى بېرىشى كېرەك. ئومۇمىيەتكە چېتىلىدىغان چوڭ ئىشلارنى تەتقىق قىلغاندا ياكى زور قارار چىقارغاندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىن ۋاقتىدا يوليورۇق سورىشى ۋە دوكلات قىلىشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم قارارلىرىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى مەخسۇس دوكلات قىلىشى كېرەك. زور تاسادىپىي مەسىلە كۆرۈلگەندە ۋە خىزمەتتە زور مەسىلىگە يولۇققاندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىن ۋاقتىدا يوليورۇق سورىشى ۋە دوكلات قىلىشى، دەرھال بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك جىددىي ئەھۋالغا يولۇققاندا، خىزمەتنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تىرىشىپ ياخشى ئىشلىشى ھەم تېزلىكتە دوكلات قىلىشى كېرەك.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوملار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ، تەڭ دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلىرى تەڭ دەرىجىلىك پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى، تەڭ دەرىجىلىك پارتكوم ئالدىدا مەسئۇل بولۇشى، چوڭ-چوڭ ئىشلار ۋە مۇھىم ئەھۋاللاردا تەڭ دەرىجىلىك پارتكومدىن ۋاقتىدا يوليورۇق سورىشى ۋە ئۇنىڭغا دوكلات قىلىشى كېرەك.

پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر ئاڭلىق ھالدا شەخسىيەتچىلىك، تارقاقچىلىق، لىبېرالىزم ۋە تار مەھكىمىچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا قارىتا، ھەرقانداق پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئۆز كۆڭلىگە ياققانلىرىنىلا ئىجرا قىلىپ، كۆڭلىگە ياقمىغانلىرىنى ئىجرا قىلماسلىقىغا، قىلىدىغاننى قىلىپ بولۇپ ئاندىن مەلۇم قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولماسلىقىغا، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇۋېلىپ ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىشىغا تېخىمۇ رۇخسەت قىلىنمايدۇ. تارماقلار ۋە جايلار ئۆز ھوقۇق دائىرىسىدىكى خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك، ئۆز بېشىمچىلىق ۋە باشباشتاقلىق قىلىشقا، قىل دېگەننى قىلماي، قىلما دېگەننى قىلىشقا، ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا دەپ بىلگەن سەنىمىگە دەسسەشكە قەتئىي يول قويۇلمايدۇ.

پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىنى چىڭىتىش

ئىنتىزامنى چىڭىتىش پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ ئىرادە، ھەرىكەت ۋە قەدەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئىلگىرىلىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى، شۇنداقلا پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. شۇڭا، پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنى پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق قاتتىق ئىدارە قىلىش شەرت.

 ئىنتىزام ئالدىدا ھەممە ئادەم بابباراۋەر بولۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشتا ئالاھىدە ئىمتىياز بولماسلىق، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتا مۇستەسنالىق بولماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدە ئىنتىزام چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان ئالاھىدە تەشكىلات ۋە ئالاھىدە پارتىيە ئەزاسىنىڭ بولۇشىغا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك. ھەرقانداق پارتىيە ئەزاسى پارتىيە ئىنتىزامىدىن ئەيمىنىشى، پارتىيە ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىشى، ھەر قانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدىمۇ پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلماسلىقى كېرەك. پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپ ھەرقانداق قىلمىشقا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

سىياسىي ئىنتىزام پارتىيەنىڭ ئەڭ نېگىزلىك، ئەڭ مۇھىم ئىنتىزامى، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىش پارتىيەنىڭ بارلىق ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىشنىڭ ئاساسى. پۈتكۈل پارتىيەدىكىلەر، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشى شەرت. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەنىڭ نەزەرىيە، لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىگە قارشى گەپ-سۆزلەرنى تارقىتىشىغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا قارشى گەپ-سۆزلەرنى ئاشكارا ئېلان قىلىشىغا، پارتىيە ۋە دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلىشىغا، قانۇنسىز تەشكىلات ۋە قانۇنسىز پائالىيەتكە قاتنىشىشىغا، سىياسىي پىتنە-ئىغۋا، شۇنداقلا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرىدىغان گەپ-سۆزلەرنى توقۇشى ۋە تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. پارتىيە ئەزالىرى فېئودال خۇراپاتلىق قىلسا، دىنغا ئېتىقاد قىلسا، بىدئەتچىلىككە قاتناشسا، دىن ئەسەبىيلىرى، مىللىي بۆلگۈنچىلەر، زوراۋان-تېررورچىلارغا ۋە ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا يول قويسا ۋە يار-يۆلەك بولسا بولمايدۇ.

پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ پارتىيە ئىچىدە گۇرۇھ بولۇۋېلىش، غۇژمەكلىشىۋېلىش ۋە شايكا قۇرۇشىغا، پارتىيە ئىچىدە شەخسىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا، شەخسىي تەسىر كۈچ يېتىلدۈرۈشىگە، مەنپەئەتدار گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. پۇرسەتپەرەسلىك، مەزھەپچىلىك، گۇرۇھۋازلىق قىلغانلاردىن قاتتىق ئاگاھ بولۇش، ئۇلارنى ئىنتىزام ۋە بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. قارانىيەتچى ۋە سۇيىقەستچىلەرنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەگە سەمىمىي-سادىق، ئوچۇق-يورۇق بولۇشى، راست گەپ قىلىشى، ئەمەلىي ئىشلىشى، سەمىمىي ئادەم بولۇشى، ئەھۋالنى پارتىيەگە ئەينەن مەلۇم قىلىشى ۋە دوكلات قىلىشى، ئىككى يۈزلىمىچىلىككە، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە، ساختىپەزلىككە، يالغان مەلۇمات بېرىپ كۆپتۈرمىچىلىك قىلىشقا، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇشقا، خۇش خەۋەرنىلا يەتكۈزۈپ، شۇم خەۋەرنى يەتكۈزمەسلىككە قارشى تۇرۇشى كېرەك. رەھبىرىي ئورگانلار ۋە رەھبىرىي كادىرلار ھەرقانداق باھانە-سەۋەب ۋە نام-ئاتاق بىلەن قول ئاستىدىكىلەرنىڭ يالغان سۆزلىشىگە يول قويسا، يالغان سۆزلەشكە كۈشكۈرتسە، بېشارەت بەرسە ياكى مەجبۇرلىسا بولمايدۇ. ساختىپەزلىك قىلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا زور زىيان سالغانلار، ساختىپەزلىك قىلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ شان-شەرەپ، ئورۇن-مەرتىۋە، مۇكاپات ياكى باشقا مەنپەئەتكە ئېرىشىۋالغانلار، قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ساختىپەزلىك قىلىپ ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇشىغا يول قويغان، كۈشكۈرتكەن، بېشارەت بەرگەن ياكى مەجبۇرلىغانلارنىڭ جاۋابكارلىقى ئىنتىزام ۋە قائىدە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. پىرىنسىپتا چىڭ تۇرغان، راست گەپ قىلغان يولداشلارنى قوللاش، قوغداش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

پارتىيە ئىچىدە ئاپاق-چاپاق بولۇشقا، خۇشامەتچىلىك، تەخسىكەشلىك قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. رەھبەرلەرنى تەشۋىق قىلىشتا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش كېرەك، ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈشكە بولمايدۇ، رەھبەرلەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ زىياپەت بېرىش، سوۋغا تەقدىم قىلىش ۋە تەبرىكنامە-تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىش، رەھبىرىي كادىرلار دۆلەت ئىچىدە خىزمەت تەكشۈرگەندە كۈتۈۋېلىش-ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۇيۇشتۇرۇش، لوزۇنكا-پىلاكات ئېسىش، داقا-دۇمباق چېلىش، پايانداز سېلىش ۋە زىياپەت ئۆتكۈزۈش چەكلىنىدۇ.

پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى ئىجرا قىلىش ۋە قوغداش مەسئۇلىيىتىنى چوقۇم ئۈستىگە ئېلىپ، سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى قەتئىي تەنقىدلىشى ۋە توسۇشى، ھەرگىز ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەسلىكى كېرەك. پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى ئىنتىزامنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام ئىجرا قىلىشتىكى كەڭچىلىك، بوشلۇق ۋە يۇمشاق قوللۇق قىلىش مەسىلىسىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تۈزىتىشى كېرەك.

پارتىيە بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاش

خەلقنىڭ مەيدانى پارتىيەنىڭ تۈپ سىياسىي مەيدانى، خەلق ئاممىسى پارتىيەنىڭ كۈچ مەنبەسى. پارتىيەمىز خەلقتىن چىققان، خەلقنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىدىن ئايرىلسا، پارتىيەمىز ئۇلىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. شۇڭا، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاشنى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ تەلىپى قىلىش كېرەك.

پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى دېگەن تارىخىي ماتېرىيالىزملىق قاراشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاممىۋى مەيداندا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئاممىغا بولغان مۇھەببىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلار ۋە رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەممىدە ئاممىنى كۆزلەپ ۋە ئاممىغا تايىنىپ، ئاممىدىن ئېلىپ ئاممىغا قايتۇرۇپ، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ ياخشى چاكىرى بولۇشى كېرەك. ئەلدىن تەدبىر سوراش، ئەلدىن ھال-ئەھۋال سوراش ۋە ئەلدىن ئەقىل سوراشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك، ئامما ئالدىدا مەنمەنلىك، ھاكاۋۇرلۇق قىلىشقا، مەنسەپ تۇتۇپلا تۆرە بولۇۋېلىشقا، خەلقنىڭ دەرد-ئەلىمىگە ئېتىبارسىز قاراشقا يول قويۇلمايدۇ، ئاممىنى بوزەك قىلىشقا، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىشقا ۋە ئىگىلىۋېلىشقا تېخىمۇ يول قويۇلمايدۇ. ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ ۋە يېڭىلاپ، ئەلرايىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئەنئەنىۋى تاراتقۇ ۋە ئالاقە تورى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە خەلق رايىنى ئىگىلەپ، ئاۋامنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇش، يۇقىرىغا مەسئۇل بولۇش بىلەن تۆۋەنگە مەسئۇل بولۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئوبدان ئىشقا ئاشۇرۇش، ئوبدان قوغداش، ئوبدان زورايتىش كېرەك.

پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ئىسراپچىلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇشى، رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئۈلگە بولۇشى كېرەك. شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرۇشتا، ئىستىلدا ئەستايىدىل بولماسلىق، خىزمەتنى ئەمەلىي ئىشلىمەسلىك، ھۆججەت-يىغىن كۆپ بولۇش، شەكىلۋازلىق قىلىش، قۇرۇق شۆھرەتكە بېرىلىش، ساختىپەزلىك قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلىش كېرەك. بىيۇروكراتلىققا قارشى تۇرۇشتا، ئەمەلىيەتتىن چەتنەش، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش، پاسسىپلىق بىلەن قول ئۇچىدىلا ئىش قىلىش، بەس سېلىشىپ قۇرۇق تالاش–تارتىش قىلىش، مۇتتەھەملىك قىلىش، ئىمتىيازغا بېرىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلىش كېرەك. راھەتپەرەسلىككە قارشى تۇرۇشتا، نام-مەنپەئەت قوغلىشىش، راھەت-پاراغەتكە بېرىلىش، سۆلەتۋازلىق قىلىش، ئارزۇ-ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ ئىرادىسىنى يوقىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلىش كېرەك. ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشتا، بۇزۇپ-چېچىپ ئىسراپ قىلىش، بولۇشىغا بەدخەجلىك قىلىش، ئەيش-ئىشرەت، كەيپ-ساپاغا بېرىلىش، چىرىكلىشىپ چۈشكۈنلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلىش كېرەك. دائىم، ئىنچىكە ۋە ئۇزاققىچە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن «تۆت خاھىش» مەسىلىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى دائىملىق ۋە ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىغا خىزمەت قىلىپ ۋە ئاممىنى يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئېغىشماي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى ئاممىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشى، ئاممىنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش ۋە پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىشى كېرەك. بۇيرۇقۋازلىققا ۋە «قۇيرۇقۋازلىق»قا قەتئىي قارشى تۇرۇشى كېرەك، شەخسىي نەتىجە قازىنىش، سايلامدا ئۇتۇپ چىقىش ۋە ئوبرازىنى ياخشىلاش غەرىزىدە ئەمەلىيەتتىن چەتنەپ خالىغانچە تەدبىر بەلگىلەشكە، خالىغانچە ۋەدە بېرىشكە يول قويۇلمايدۇ.

رەھبىرىي كادىرلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھال ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى قەرەللىك كۈتۈۋېلىش، كادىرلار ۋە ئامما بىلەن سىردىشىش، ئاممىنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق تۈزۈملەرنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن ئەمەلىيەتكە، ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شارائىتى جاپالىق، ئەھۋالى مۇرەككەپ، زىددىيەت گەۋدىلىك بولۇۋاتقان جايلارغا كۆپرەك بېرىپ مەسىلىنى ھەل قىلىپ، بارلىق ئاماللار بىلەن ئاممىنى غەم-قايغۇدىن خالاس قىلىشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا بارغاندا ئامما بىلەن ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولۇپ، ئاممىغا ئېغىرچىلىق سالماي، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ، ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى، مۇغەمبەرلىك قىلىش ۋە چىرايلىق گەپ بىلەن باشقىلارنى ئۆزىگە قارىتىشقا قەتئىي قارشى تۇرۇشى كېرەك. خەلققە جاپا، مۈلۈككە زىيان سالىدىغان بارلىق «ئوبراز قۇرۇلۇشى» ۋە «نەتىجە قۇرۇلۇشى» قىلمىشلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، قانۇن-ئىنتىزام بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. زور بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى، زور تاسادىپىي ۋەقەلەر ۋە زور تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا، رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئالدىنقى سەپتە قوماندانلىق قىلىشى، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشى، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارغا ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك.

پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار جەزمەن ئومۇملۇقنى كۆزلەپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى ئاڭلىق قوغدىشى، ئۆز مەنپەئىتى ۋە قىسمەن مەنپەئەتكە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرگە يولۇققاندا نورمال يول بىلەن يۇقىرىغا ئىنكاس قىلىشى، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش ۋە ئىجتىمائىي خەۋپنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلىشى كېرەك، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان قانۇنسىز ھەرىكەتلەرنى تەشكىللىسە، ئۇنىڭغا قاتناشسا ۋە يول قويسا بولمايدۇ.

دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش

دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پارتىيەنىڭ تۈپ تەشكىلىي پىرىنسىپى، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى نورمال قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم تۈزۈم كاپالىتى. كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش بىلەن شەخسلەر ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ مەسئۇل بولۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇنىڭدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ھەرقانداق ئەھۋالدا ھەرقانداق باھانە-سەۋەب بىلەن بۇ تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىشىغا يول قويماسلىق كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. چوڭ-چوڭ مەسىلىلەردە، كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش، ئايرىم غۇلغۇلا قىلىش، يىغىندا قارار قىلىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ، ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنۇش بويىچە قارار چىقىرىش كېرەك، پارتكوم ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى(ياكى پارتگۇرۇپپا) رەھبەرلىكىنىڭ ئورنىغا باشقا ھەرقانداق شەكىلنى دەسسىتىشكە بولمايدۇ. پارتكوم دائىمىي كومىتېتى(ياكى پارتگۇرۇپپا)نىڭ كېڭىشىش قائىدىسى ۋە تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنغا قەرەللىك خىزمەت دوكلاتى بېرىش ۋە ئۇنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىش ياكى ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش قىلىشقا، مۇھاكىمە قىلىپ قارار قىلماسلىق، قارار قىلسىمۇ ئىجرا قىلماسلىق، ئىجرا قىلسىمۇ ئەمەلىي ئىجرا قىلماسلىققا، پارتكوم كوللېكتىپ تەدبىر بەلگىلەش نامىدا بەلگىلىمىگە ئوپچە خىلاپلىق قىلىشقا قەتئىي قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار ۋەزىيەتنى كۆزىتىش، چوڭ ئىشلارنى تۇتۇش ۋە ئومۇمىيەتنى باشقۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، زىددىيەت ۋە قىيىن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقىشى ۋە ھەل قىلىشى، مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويماسلىقى، ئاسارەت قالدۇرۇپ قويماسلىقى كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلات تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتقا ئالاقىدار مۇھىم تەدبىرلەرنى بەلگىلەشتىن بۇرۇن تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتتىن پىكىر ئېلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك.

رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ئومۇمىيەت قارىشى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلغاندا تولۇق پىكىر بايان قىلىشى، قارار چىقىرىلغاندىن كېيىن ئاخىرغىچە تۇتۇشى كېرەك، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ كوللېكتىپنىڭ قارارىغا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ. ئالدىدا دېمەي، ئارقىدىن كەلسە-كەلمەس سۆزلەش، يىغىندا دېمەي، يىغىندىن كېيىن قالايمىقان سۆزلەش، ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل بولۇش قاتارلىق خاتا سۆز-ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى تۈزىتىش كېرەك. پىرىنسىپقا، قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش ئاساسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى ئورتاق قوغداش كېرەك.

پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) نىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇشى، مەركەزلەشتۈرۈشكە ماھىر بولۇشى، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلغاندا ئۆزىنى بەنزىنىڭ باراۋەر ئەزاسى دەپ بىلىپ، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قەتئىي تۈردە تەرتىپ بويىچە قارار چىقىرىشى ۋە بەلگىلىمە بويىچە ئىش بېجىرىشى، ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى ئاڭلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى، ئاز سانلىقلارنىڭ پىكرىگە توغرا مۇئامىلە قىلىشى كېرەك، بىرلا ئادەم سۆزلەشكە، ھەتتا ئائىلە باشلىقىلىق تۈزۈمى يۈرگۈزۈشكە بولمايدۇ. بەنزە ئەزالىرىنىڭ ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە خىزمەتلەرنى مۇستەقىل مەسئۇل بولۇپ ئىشلىشىنى قوللاش كېرەك، كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش نامىدا بىر كىشى ياكى ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ گېپى گەپ بولۇش، كوللېكتىپ مەسئۇل بولۇش نامىدا ھېچكىم مەسئۇل بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنى قەتئىي توسۇش ۋە تۈگىتىش كېرەك.

رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ قارارىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشى كېرەك، باشقىچە پىكرى بولسا، ئۆز پىكرىنى ساقلاپ قالسا ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە تەشكىلاتىغا يەتكۈزسە بولىدۇ، لېكىن يۇقىرى دەرىجىلىك ياكى شۇ دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى قارارنى ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇن، شۇ قارارنىڭ ئىجراسى دەرھال ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىش قاتارلىق جىددىي ئەھۋاللار بولمىسىلا، چىقىرىلغان قارارنى شەرتسىز ئىجرا قىلىشى كېرەك.

رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنىڭ ئىش تەقسىماتىنى بەلگىلىمە بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتكومغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتكومغا ئەنگە ئالدۇرماي تۇرۇپ ئورۇنسىز سەۋەب بىلەن تەڭشەشكە بولمايدۇ. رەھبىرىي كادىرلار تەشكىلنىڭ ئىش تەقسىماتى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاڭلىق بويسۇنۇشى كېرەك، ھەرقانداق كىشىنىڭ تەشكىل بىلەن سودىلىشىشىغا، تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنماسلىقىغا يول قويۇلمايدۇ. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆزى مەسئۇل بولغان خىزمەت، ساھە ۋە جاينى «شەخسىي زېمىنى» قىلىۋېلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

پارتىيەنىڭ خىزمەت ۋە پائالىيەتلىرىدىن تەشكىل نامىدىن قاتنىشىدىغانلىرىغا شەخسىي نامىدىن قاتنىشىشقا، كوللېكتىپ تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىكلىرىدە شەخس خالىغانچە ئىپادە بىلدۈرۈشكە، شەخسنىڭ تەشەببۇسىنى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەشەببۇسىنىڭ ئورنىغا، شەخسنىڭ قارارىنى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ قارارىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىۋېلىشقا بولمايدۇ.

پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش

پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە پارتىيەنىڭ جېنى، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ ئاكتىپ، ساغلام بولۇشىنىڭ مۇھىم ئاساسى. شۇڭا، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەگە دائىر تۈرلۈك تۈزۈملەرنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى تەدبىر بەلگىلەش، ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەردە پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە قائىدىسىدە بېكىتىلگەن دېموكراتىك پىرىنسىپ ۋە تەرتىپنى ئىجرا قىلىش كېرەك، ھەرقانداق پارتىيە تەشكىلاتى ۋە شەخسنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى بېسىشىغا ۋە بۇزۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

مەركىزىي كومىتېت، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ۋە پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىشتا چوقۇم چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى مۇجەسسەملەپ، تەدبىرنى ئىلمىي، دېموكراتىك، قانۇن بويىچە بەلگىلىشى كېرەك.

پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، دېموكراتىك ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ بىلىش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى، سايلام ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىدىن باراۋەر بەھرىلىنىشى ۋە پارتىيە نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىك، باراۋەر يولداشلىق مۇناسىۋىتىدە، پارتىيەدىكىلەرنىڭ ھەممىسى يولداش بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەرقانداق پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە ئەزاسى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلسا بولمايدۇ.

يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىر قانچە مىزان(بېشى 6-بەتتە)پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا قاتنىشىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پىكىر بايان قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، پارتىيە ئىچىدە دېموكراتىك مۇھاكىمە يۈرگۈزىدىغان سىياسىي كەيپىيات يارىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ چوڭ-چوڭ تەدبىر بەلگىلەش، دەلىللەش، باھالاش ۋە پىكىر ئېلىش قاتارلىق تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى چوڭ-چوڭ تەدبىر ۋە مەسىلىلەردە پارتىيە ئەزالىرىدىن كۆپ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق پىكىر ئېلىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەنىڭ يىغىنلىرىدا باشقىچە پىكرىنى بايان قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ناۋادا پارتىيەنىڭ قارارى ۋە سىياسىتىگە باشقىچە پىكرى بولسا، قەتئىي ئىجرا قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئۆز پىكرىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرسە ھەم پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتىغا، ھەتتا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا يەتكۈزسە بولىدۇ. پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئىشلىرىنى ئاشكارىلاشنىڭ يېڭى شەكىللىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ ۋە ياخشى ئىشلىتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيە ئىشلىرى ھەققىدە تېخىمۇ ياخشى چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قاتناشتۇرۇش كېرەك.

پارتىيە ئىچىدىكى سايلامدا سايلىغۇچىلارنىڭ ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش، سايلام قائىدە-تۈزۈملىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ ھەرقانداق تەشكىلاتى ۋە شەخس ھەرقانداق شەكىلدە سايلىغۇچىلارنىڭ سايلام ھوقۇقىنى بەلگىلىمە بويىچە مۇستەقىل يۈرگۈزۈشىگە توسقۇنلۇق قىلسا بولمايدۇ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش ھادىسىلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش، پارا بېرىپ سايلىنىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قەتئىي توسۇش ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

پارتىيە قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلتىيىنى تەستىقلاتماي تۇرۇپ مۇددەتتىن بۇرۇن ياكى مۇددەتتىن كېچىكتۈرۈپ ئېچىشقا بولمايدۇ. پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋاكالەت مۇددىتى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەكىللەر تەكلىپ بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ۋەكىللەر مۇھىم تەدبىر بەلگىلەشكە، مۇھىم كادىرلارنى كۆرسىتىشكە ۋە دېموكراتىك باھالاشقا قاتنىشىش، پارتكومنىڭ ئالاقىدار يىغىنلىرىغا سىرتتىن قاتنىشىش، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى ۋە كومىتېت ئەزالىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرۈش تۈزۈمى ۋە ئەھۋال ئىنكاس قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پىكىر بايان قىلىش ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ لاياقەتسىز ئەزالىرىنى يۆتكىۋېتىشنى تەلەپ قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام كومىتېتى، باش ياچېيكا ۋە ياچېيكا كومىتېتىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشلەش كېرەك.

پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەنىڭ ھەرقانداق تەشكىلاتى ۋە ھەرقانداق پارتىيە ئەزاسىنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى توغرىسىدىكى پاكىتلارنى پارتىيەگە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئاشكارىلاشقا، پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق، بۇنىڭدا راست ئىسىم-فامىلىسى بىلەن پاش قىلىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە يىغىنلىرىدا پارتىيەنىڭ ھەرقانداق تەشكىلاتى ۋە ھەرقانداق پارتىيە ئەزاسىنى ئاساس كۆرسىتىپ تەنقىد قىلىشقا ھوقۇقلۇق. پارتىيە تەشكىلاتى پاش قىلغۇچىنى كەمسىتىش، تەڭلىكتە قويۇش ۋە بېسىش، بولۇپمۇ ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بىللە، قارا چاپلاش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتى تۆھمەت قىلىنغان، قارا چاپلانغان ۋە قىلچە پاكىتسىز پاش قىلىنغان پارتىيە ئەزالىرىنى ۋاقتىدا ئاقلىشى ۋ, ە نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش، ئەرز قىلىش قاتارلىق ھوقۇقلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. ئىنتىزام ئىجراسىدىكى خاتالىق ياكى ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا تۈزىتىش ۋە تەسىرىنى تۈگىتىش ھەمدە ئالاقىدار تەشكىلات ۋە خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

ئادەم تاللاش-ئىشلىتىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش

ئادەم تاللاش-ئىشلىتىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىشنىڭ تەشكىلىي كاپالىتى. شۇڭا، ئۆلچەمنى چىڭىتىپ، تۈزۈمنى ساغلاملاشتۇرۇپ، سىياسەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرتىپنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تەشكىل خاتىرجەم، ئامما رازى، كادىرلار قايىل بولىدىغان كادىرلارنى تاللاش كېرەك.

كادىرلارنى ئۆستۈرۈش-تەيىنلەشتە چوقۇم پارتىيە نىزامنامىسىدە كادىرلارغا قويۇلغان شەرتلەردە، ئەخلاقلىق ۋە قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا، ھەر يەر-ھەر يەردىن بولۇش، ياخشىلارنىلا ئىشقا قويۇشتا، ئېتىقادچان، خەلقچىل، تىرىشچان-ئەمەلىيەتچىل، دادىل، پاك-دىيانەتلىك ياخشى كادىر ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئادىل-دۇرۇس بولۇشنى كادىرلار خىزمىتىنىڭ يادرولۇق ئىدىيەسى سۈپىتىدە ئادەم تاللاش-ئىشلىتىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، كادىرلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىش، ئادىل باھا بېرىش، كادىرلارنى ئادىل ئىشلىتىش كېرەك.

ئادەم تاللاش-ئىشلىتىشتە پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۆتكەلنى ئىگىلەش رولىنى كۈچەيتىش، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش خىزمىتىدىن خاتىرە قالدۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەربىر ھالقىدا قېلىپلىق مەشغۇلات قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەشكىلات تارماقلىرى چوقۇم سىياسەت، پىرىنسىپ ۋە تۈزۈم بويىچە ئىش بېجىرىپ، كادىرلارنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا كۆزىتىشى ۋە باھالىشى، كادىرلار ئۈچۈن لىللا گەپ قىلىشى، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش-تەيىنلەشتىكى قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلارغا دادىل قارشى تۇرۇشى، قابىللار چىقىدىغان، قابىلىيەتسىزلەر چۈشىدىغان، ناچارلار شاللىنىدىغان ئادەم تاللاش-ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ئادەم تاللاش-ئىشلىتىشتىكى نازارەتچىلىك ۋە جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئادەم ئىشلىتىشتە تەكشۈرمەي سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ئادەم ئىشلىتىشتىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە ئېغىشلارنىڭ ئاڭلىق ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تۈزىتىشى كېرەك. ئەمەل كويىدا قاتراش، ئەمەل سودىسى قىلىش، پارا بېرىپ سايلىنىش قاتارلىق قىلمىشلار، پارتىيەدىن ۋەزىپە، نام، تەمىنات تەما قىلىش قىلمىشلىرى، پارتىيە تەشكىلاتى بىلەن سودىلىشىش، تەشكىلنىڭ قارارىغا بويسۇنماسلىق قىلمىشلىرىنى قەتئىي چەكلەش كېرەك. پەقەت ئاۋاز، نومۇر، ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە ياشقىلا قاراپ ئادەم ئىشلىتىش قاتارلىق ئېغىشلارنى قەتئىي تۈزىتىپ، ئاز سانلىقلار ئاز سانلىقلار ئارىسىدىن ئادەم تاللايدىغان خاھىشنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەنىڭ كادىرلار سىياسىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىشى كېرەك، يېقىنلىرىنىلا ئىشقا قويۇشقا، يېقىن-يىراق دەپ ئايرىمچىلىق قىلىشقا، مەنسەپ بېرىشنى ۋەدە قىلىشقا، ئەھۋالنى ئاشكارىلاشقا، باشقىلارنى ئۆزىگە تارتىشقا، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش-تەيىنلەشتە شەخسىي نامىدىن سەمىگە سېلىپ قويۇش ۋە باغاقچە ئەۋەتىشكە يول قويۇلمايدۇ. رەھبىرىي كادىرلار بۇرۇن ئىشلىگەن، ياشىغان جايلار، ئىلگىرىكى خىزمەت ئورنى ۋە ئۆز باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولمىغان ساھەلەرنىڭ كادىرلارنى ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش خىزمىتىگە قول تىقسا بولمايدۇ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە تارماقلارنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي پىرىنسىپىغا خىلاپ بۇنداق قىلمىشلارنى توسۇشى كېرەك.

ھەرقانداق ئادەمنىڭ پارتىيەنىڭ كادىرلىرىنى خۇسۇسىي مۈلۈك دەپ قارىشىغا، پارتىيە ئىچىدە جىسمانىي بېقىندىلىق مۇناسىۋەت بىلەن مەشغۇل بولۇشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئائىلە باشلىقىلىق تۈزۈمى ئورنىتىۋالسا، باشقىلاردىن بۇيرۇققا شەرتسىز ئىتائەت قىلىشنى تەلەپ قىلسا، بولۇپمۇ تۆۋەندىكىلەردىن پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ ئىشلارنى قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ: تۆۋەندىكىلەر يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بۇنداق تەلەپلىرىنى رەت قىلىشى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا، ھەتتا مەركىزىي كومىتېتقا مەلۇم قىلىشى، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرغا قارىقويۇق بويسۇنۇۋەرمەسلىكى كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى يولداشلىق مۇناسىۋەتنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ساپلاشتۇرۇش كېرەك، رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە ئەزالىرىغا تەكەببۇرلۇق قىلماسلىقى، پارتىيە ئەزالىرى رەھبىرىي كادىرلارغا خۇشامەت قىلماسلىقى كېرەك.

كادىرلار پارتىيەنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، شۇڭا قاتتىق تەربىيەلەش، قاتتىق باشقۇرۇش ۋە قاتتىق نازارەت قىلىش بىلەن بىللە، سىياسىي، ئىدىيە، خىزمەت، تۇرمۇش جەھەتتە سەمىمىي كۆڭۈل بۆلۈش، كادىرلارنى ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەشكە، خىزمەتنى دادىل ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

خاتالىقنى ئەپۇ قىلىش-تۈزىتىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، كادىرلارنىڭ خىزمەت جەريانىدىكى، بولۇپمۇ ئىسلاھات-يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدىكى سەۋەنلىكلىرىگە كەڭ قورساق بولۇش كېرەك. ئۆتمۈشتىكىدىن ساۋاق ئېلىپ كېيىنكىگە ئىبرەت قىلىش، كېسەلنى داۋالاپ ئادەمنى قۇتقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خاتالىق ئۆتكۈزگەن كادىرلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىش، خاتالىقىنى تونۇشى ۋە تۈزىتىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. كادىرلار سادىر قىلغان خاتالىقنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق ئايرىماي ياكى دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋېتىپ نامۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشقا، خاتالىقىدىن پايدىلىنىپ ئاچچىقىنى چىقىرىش ۋە ئۆچ ئېلىشقا بولمايدۇ.

پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار ئىش كۆپ ئەلگە بەرىكەت يېغىپ، گەپ كۆپ ئەلدىن بەرىكەت قاچىدىغانلىقىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، توغرا نەتىجە قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مىخ روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، قۇرۇق گەپ قىلماي، ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئۈنۈمنى كۆزلەپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار شەخسىيەتسىز ۋە قورقۇمسىز بولۇشى، زىددىيەت ئالدىدا قىيىنچىلىقتىن قورقماي ئىلگىرىلەيدىغان، خەۋپ-خەتەر ئالدىدا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغان، خاتالىقىنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان بولۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى بايرىقى روشەن ھالدا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان كادىرلارنى دادىل ئىشلىتىشى، جاۋابكارلىقنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان كادىرلارغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك. مەسئۇلىيەتتىن باش تارتقان، قىلىدىغاننى قىلمىغان، ئەپلەپ-سەپلەپ ئىش قىلىدىغان كادىرلارنى قاتتىق تەنقىدلەش، زۆرۈر تېپىلغاندا تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش ياكى پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىش؛ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، قانۇن-ئىنتىزام بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشى تۈزۈمىنى چىڭىتىش

پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە ۋاسىتىسى، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشتىكى مۇھىم شەكلى. شۇڭا، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىغا دائىر تۈرلۈك تۈزۈملەردە چىڭ تۇرۇپ، ئۇسۇل ۋە شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىنى جانلاندۇرۇش كېرەك.

بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار پارتىيەۋىلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ بىرىنچى سالاھىيىتىنىڭ پارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقارماسلىقى كېرەك. ھەرقانداق پارتىيە ئەزاسىنىڭ پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىرتىدا ئەركىن يۈرۈشىگە، ئۆزىنى پارتىيە تەشكىلاتىدىن ئۈستۈن قويۇۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ھەرقانداق پارتىيە ئەزاسى ۋەزىپىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىغا جەزمەن قاتنىشىشى كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتى تەشكىلىي تۇرمۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىنىڭ دائىم، ئەستايىدىل، كەسكىن ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

«ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى، پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنى ۋە پارتىيە دەرسىگە چوقۇم قاتنىشىشى، پارتىيە ياچېيكىلىرى قەرەللىك ھالدا ياچېيكا كومىتېتى يىغىنى ئېچىشى كېرەك. «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»تە چوقۇم سىياسىي ئۆگىنىش ۋە سىياسىي تەلىم-تەربىيەنى، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك، يۈزەكىلىك، شەكىلۋازلىق قىلىشنى، كۈلكە-چاقچاققا ئايلاندۇرۇشنى، چاكىنىلاشتۇرۇشنى قەتئىي توسۇش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە ياچېيكىسى ۋە پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىغا ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسى سالاھىيىتىدە قاتنىشىشى، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە دەرسى سۆزلەش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. ھەرقانداق پارتىيە ئەزاسى پارتىيە بەدەل پۇلىنى بەلگىلىمە بويىچە ئاڭلىق تاپشۇرۇشى كېرەك، بەدەل پۇلىنى ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇشتا ئاشكارا بولۇش كېرەك.

دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ۋە تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. يىغىندىن بۇرۇن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىش ۋە سىردىشىش، يىغىندا مەسىلىنى ئەستايىدىل ئوتتۇرىغا قويۇپ، سەۋەبىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، تۈزىتىش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، يىغىندىن كېيىن بىرمۇبىر تۈزىتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ۋە تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قەرەللىك ھالدا ئىختىيارىي قاتنىشىشى، بايقالغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى ئېچىشى كېرەك.

سىردىشىش، سۆھبەتلىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ئۆزئارا، بەنزە ئەزالىرى بىلەن پارتىيە ئەزالىرى، پارتىيە ئەزالىرى بىلەن پارتىيە ئەزالىرى دائىم سىردىشىپ ۋە سۆھبەتلىشىپ تۇرۇشى، بىر-بىرىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشى، ئىدىيە ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار سۆھبەتلىشىش-سىردىشىشتا باشلامچى بولۇشى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ سۆھبەتلىشىش تەلىپىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

پارتىيە ئەزالىرىنى دېموكراتىك باھالاشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەۋىلىكىنى پارتىيە نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن پارتىيە ئەزالىرى ئۆلچىمى ۋە پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بويىچە، ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىپ، پارتىيە ئەزاسىلىق ئېڭى ۋە پارتىيە قارىشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشىنى ئۆستۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەۋىلىكى كۈچلۈك بولمىغان پارتىيە ئەزالىرىغا ۋاقتىدا تەنقىد-تەربىيە بېرىپ، مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇش؛ تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرمىگەنلىرىنى پارتىيەدىن چېكىندۈرۈش ياكى رويخەتتىن ئۆچۈرۈۋېتىش كېرەك.

رەھبىرىي كادىرلار تەشكىلىي قارىشىنى كۈچەيتىپ، خىزمەتتىكى مۇھىم مەسىلىلەر ۋە ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىدا بەلگىلىمە ۋە تەرتىپ بويىچە تەشكىلدىن يوليورۇق سورىشى ۋە تەشكىلگە دوكلات قىلىشى، ئىش ئورنى ياكى خىزمەت قىلىدىغان جايدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن تەشكىلدىن يوليورۇق سورىشى ۋە تەشكىلگە دوكلات قىلىشى كېرەك. نامۇۋاپىق سەۋەب بىلەن ۋاقتىدا دوكلات قىلمىغان، ئەينەن دوكلات قىلمىغان ياكى دوكلات قىلماي يوشۇرغانلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىش

تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىش پارتىيەمىزنىڭ كەمچىلىكنى تۈزىتىپ ئۆزىنى كۈچلەندۈرىدىغان ئۆتكۈر قورالى، شۇنداقلا پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى. شۇڭا، تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىشتىن ئىبارەت بۇ قورالنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى ئىشلىتىش كېرەك.

تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىشتا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، شەخسىي ھېسسىياتقا بېرىلمەي پارتىيەۋىلىككە ئەھمىيەت بېرىش، يۈز-خاتىر قىلماي ھەقىقەتكە ئەھمىيەت بېرىش، «ئىتتىپاقلىق-تەنقىد-ئىتتىپاقلىق»تا چىڭ تۇرۇپ، «ئەينەككە قاراش، ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈش، يۇيۇنۇش، داۋالىنىش» تەلىپى بويىچە كەسكىن، ئەستايىدىل پىكىر بېرىش، يولداشلارغا تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ياردەم بېرىش كېرەك، ئۆز–ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى ماختانچاقلىققا، ئۆزئارا تەنقىد قىلىشنى خۇشامەتچىلىككە ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ.

پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار چوقۇم ئۆزىنى قاتتىق تەكشۈرۈشى، بايقالغان مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئەستايىدىل تۈزىتىشى كېرەك. تەنقىدلەنگەن مەسىلىلەر ئۆزىدە بار بولسا تۈزىتىش، يوق بولسا ئۇنىڭدىن تېخىمۇ ساقلىنىش، قارىقويۇق تالاش-تارتىش قىلماسلىق كېرەك.

تەنقىد قىلىشتا ئومۇملۇقنى ئويلاش كېرەك، سۇبيېكتىپ پەرەز بىلەن قارىسىغا ھۆكۈم چىقىرىشقا، ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىشقا بولمايدۇ. ئۆزۈمگە مۇناسىۋەتسىز دەپ قاراپ كارى بولمايدىغان، ناتوغرىلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ ئاز گەپ قىلىشنى ئەۋزەل كۆرىدىغان چاكىنا پەلسەپە ۋە ياخشىچاقلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇش، خاتالىقنى يوشۇرۇش ۋە خاتالىقىنى بىلىپ تۇرۇپ تۈزەتمەسلىك قاتارلىق خاتا خاھىشلارنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك.

پارتىيەنىڭ رەھبىرىي ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار ھەرخىل باشقىچە پىكىرلەرگە قۇلاق سېلىشى، تۆۋەندىكىلەرنى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك. پارتىيەنىڭ خىزمەت يىغىنلىرىدىكى دوكلات، سۆز ۋە خىزمەت خۇلاسىلىرىدە، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان ۋە رەھبىرىي كادىرلار خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى، نەتىجە ۋە تەجرىبىلەرنى سۆزلەش بىلەن بىللە مەسىلە ۋە يېتەرسىزلىكلەرنىمۇ سۆزلىشى؛ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ شۇ مەسىلىلەردىكى خىزمەت ۋە رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى ھەققىدە ئويلىنىشى كېرەك.

رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار توغرا پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىش ۋە ئوچۇق سۆزلۈك بولۇشتا باشلامچى بولۇشى، تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىشتىكى ئۈلگىلىك ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردىكى ئۆزىنى تەنقىد قىلىشتا يۈزى چۈشۈپ كېتىشتىن قورقۇش، باشلىقنى تەنقىد قىلىشتا ئۆچ ئېلىشتىن قورقۇش، تەڭ دەرىجىلىكلەرنى تەنقىد قىلىشتا رەنجىتىپ قويۇشتىن قورقۇش، قول ئاستىدىكىلەرنى تەنقىد قىلىشتا ئاۋاز بەرمەسلىكتىن قورقۇش قاتارلىق ئىدىيە ۋە ئەندىشىلەرنى تۈگىتىشى كېرەك. ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى بايقاش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى رەھبەرلىك بەنزىسىنى سىناش-باھالاشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىش كېرەك.

ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە بولغان چەكلىمە ۋە نازارەتنى كۈچەيتىش

نازارەت قىلىش ھوقۇقنى توغرا يۈرگۈزۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى، شۇنداقلا پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. شۇڭا، رەھبىرىي كادىرلارغا قارىتىلغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدە چەكلىمىسىز ھوقۇق ۋە نازارەتسىز ئالاھىدە پارتىيە ئەزاسىنىڭ بولۇشىغا يول قويماسلىق كېرەك.

ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە چەك قويۇش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھوقۇقنىڭ جاۋابكارلىقى بولىدىغان، ھوقۇق ئىشلەتكۈچى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغان، ھوقۇقنى كەلسە-كەلمەس ئىشلەتكەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىغان تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ھوقۇق تىزىملىكى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنىڭ جەريانى ۋە نەتىجىسىنى ئاشكارىلاپ، ھوقۇقنى نامۇۋاپىق يۈرگۈزۈش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھوقۇقنى تۈزۈم رامكىسىغا سېلىش ۋە ئاشكارا يۈرگۈزۈش كېرەك.

پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار دائىرىسىدە پائالىيەت قىلىشى، قانۇنچىللىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى، قائىدە ۋە تەرتىپ بويىچە ئىش بېجىرىشى كېرەك، سۆزنى قانۇن قىلىۋېلىشقا، ھوقۇق ئارقىلىق قانۇننى بېسىشقا، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇشقا، قانۇن يۈرگۈزۈشكە بەلگىلىمىگە خىلاپ ئارىلىشىشقا ھەرگىز بولمايدۇ.

پارتىيە ئىچىدە دېموكراتىك نازارەتچىلىك مۇھىتى يارىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىك نازارەتچىلىك يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى نازارەتچىلىك ئېڭىنى كۈچەيتىشى، نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش بىلەن بىللە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكتە چوقۇم پارتىيەنىڭ رەھبىرىي ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلىرىنى، بولۇپمۇ ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار نازارەتكە توغرا مۇئامىلە قىلىشى، نازارەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىشى، نازارەت ئاستىدا خىزمەت قىلىشقا ئادەتلىنىشى كېرەك، نازارەتنى رەت قىلسا، نازارەتتىن ئۆزىنى قاچۇرسا قەتئىي بولمايدۇ.

رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار تەلەپچانلىقنى كۈچەيتىپ، يالغۇزدا، كىچىكتە ئېھتىياتچان بولۇپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈش ۋە پاك-تىرىشچان بولۇش جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئاڭلىق تەكشۈرۈشى ۋە ۋاقتىدا تۈزىتىشى، ئۆزى يۈرگۈزسە بولىدىغان ھوقۇقنى قائىدە بويىچە توغرا يۈرگۈزۈش، يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلات يۈرگۈزىدىغان ھوقۇقنى تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلات يۈرگۈزمەسلىك، رەھبەرلىك بەنزىسى كوللېكتىپ يۈرگۈزىدىغان ھوقۇقنى بەنزە ئەزاسى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يۈرگۈزمەسلىك، ئۆزى يۈرگۈزسە بولمايدىغان ھوقۇقنى قەتئىي يۈرگۈزمەسلىك كېرەك.

ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا چېتىشلىق پاش قىلىش مەلۇماتى ۋە پارتىيە ئەزالىرى ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرگە قارىتا، ھەرقانداق پارتىيە تەشكىلاتى ۋە رەھبىرىي كادىرنىڭ ئەھۋالنى مەلۇم قىلماي يوشۇرۇشىغا، بېجىرمەي كەينىگە سۆرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىگە چېتىشلىق رەھبىرىي كادىرلار چەتلەپ تۇرۇشى كېرەك، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئارىلاشسا ياكى قول تىقسا بولمايدۇ.

پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار باشقىلارنىڭ مەسىلىسىنى ئىنكاس قىلغاندا، پارتىيەۋىلىكنى چىقىش قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نورمال يوللار ئارقىلىق راست ئىسىم فامىلىسى بىلەن ئىنكاس قىلىشى كېرەك، مىش-مىش گەپ تارقىتىش، ئىمزاسىز خەت يېزىش، قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىش قاتارلىقلارغا يول قويۇلمايدۇ. ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ نورمال يول ئارقىلىق مەسىلە ئىنكاس قىلغان پارتىيە ئەزالىرىدىن ئۆچ ئېلىشىغا، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن سۈرۈشتۈرۈشىگە، خىزمەت ئورنىدىن يۆتكىۋېتىش، دەرىجىسىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىش قاتارلىق جازا تەدبىرلىرىنى قوللىنىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

ھوقۇق بەرگۈچى نازارەتچىلىككە مەسئۇل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلات تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتنىڭ بولۇپمۇ ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ھوقۇقنىڭ تىزگىنسىز قېلىشى ۋە ھوقۇقتىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشىنى جەزمەن قانۇن-ئىنتىزام بويىچە نازارەت قىلىش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش، ئەدلىيە ئورگانلىرى قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق قىلمىشلارنى قانۇن-ئىنتىزام ۋە تەرتىپ بويىچە تەكشۈرىدۇ. ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس ئۆزى بىلگىنىچە قارار چىقىرىشقا ياكى باشقىلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا قانۇنسىز تەكشۈرۈش ۋاسىتىسى قولللىنىشقا بولمايدۇ. بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ ئىنتىزام ۋە قانۇن جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

پاك-دىيانەتلىك بولۇش سىياسىي خىسلىتىنى ساقلاش

پاك سىياسىي بەرپا قىلىش، چىرىكلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. چىرىكلىك ۋە ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئىدىيەۋى مۇداپىئەسى ۋە تۈزۈم مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەپ، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلدۇرمايدىغان، چىرىكلىشىشكە يول قويمايدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلاتمايدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزمنى تىرىشىپ ئورنىتىپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي ساغلاملىقى ۋە قوشۇننىڭ پاكلىقىنى ساقلاش كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار تەربىيەلىنىشتە، ھوقۇق يۈرگۈزۈشتە ۋە ئىنتىزامدا تەلەپچان بولۇشى، ئىش قىلىشتا، ئىگىلىك تىكلەشتە ۋە ئادىمىيلىكتە راستچىل بولۇشى، ھوقۇق، پۇل ۋە سەتەڭلەر سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىشى، پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئىشلىتىشى كېرەك.

رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىلىنى داۋاملاشتۇرۇپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىلىم، پەزىلەت، سەمىمىيەت ۋە ئار-نومۇسقا ئەھمىيەت بېرىپ، كوممۇنىستلارنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا پەس ئارزۇ-ھەۋەسلەردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار خەلقنىڭ چاكىرى، ئالاھىدە بولۇۋالىدىغان ھوقۇقى يوق. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە، ئومۇم بىلەن شەخسنىڭكىنى ئېنىق ئايرىش، ئاۋۋال ئومۇمنى ئاندىن ئۆزىنى ئويلاش، ئۆز نەپسىدىن كېچىپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇش، مەغرۇرلانماسلىق، ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق ئىستىلىنى باشلامچىلىق بىلەن ساقلاپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئىستىلىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، پاك-تەلەپچان بولۇش مىزانىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز ھادىسىلىرىگە قارشى ئاڭلىق كۈرەش قىلىشى كېرەك، خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىسە بولمايدۇ، مالىيە تۈزۈمىگە خىلاپ ھالدا پۇل، مۈلۈك ۋە تۈر تەستىقلاش، دۆلەت ۋە كوللېكتىپنىڭ مال-مۈلكىنى ھەرخىل باھانە ۋە نام بىلەن ئىگىلىۋېلىش ۋە بۇزۇپ-چېچىش، كادىرلار تەمىناتىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۆستۈرۈش چەكلىنىدۇ.

رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى ۋە ئائىلە ئىستىلىغا ئەھمىيەت بېرىپ، تۇغقانلىرى ۋە يېنىدىكى خىزمەتچىلەرنى ياخشى تەربىيەلىشى ۋە ياخشى باشقۇرۇشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جورىسى ۋە بالىلىرىنىڭ كەسىپكارلىق ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. خىزمەت ھوقۇقى ياكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ ئائىلە تاۋابىئاتى، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىش چەكلىنىدۇ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىكى خىزمىتىگە قول تىقىشى، كادىرلار ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئارىلىشىشى چەكلىنىدۇ. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ئارىلىشىش قىلمىشلىرىنى قەتئىي توسۇشى ھەم ئالاقىدار ئەھۋاللارنى پارتىيە تەشكىلاتىغا دوكلات قىلىشى كېرەك.

بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار چىرىتىشكە تاقابىل تۇرۇپ، مەڭگۈ چىرىكلەشمەسلىكى، پاسسىپلىق-چىرىكلىك ھادىسىلىرىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشى، يوشۇرۇن قائىدىلەرنى قەتئىي توسۇپ، جەمئىيەت چەمبىرىكى، تۇرمۇش چەمبىرىكى ۋە دوستلار چەمبىرىكىنى ئاڭلىق تازىلىشى كېرەك، تاۋار سودىسى ئۇسۇللىرىنى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا ۋە خىزمەتكە سۆرەپ كىرىشكە قەتئىي بولمايدۇ. پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، چىرىكلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ خىيانەتچىلىكنى تۈگىتىشتە، چوڭىغىمۇ-كىچىكىگىمۇ تېگىشتە، چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، تولۇق قاپلاش، قىلچە يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدە چىرىك ئۇنسۇرلارغا پاناھلانغۇدەك جاي قالدۇرماسلىقى كېرەك.

پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر بىرلىكتە قول سېلىپ ئىشلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) لار پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ تۈزۈم سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش مىزانىغا دائىر تەشۋىقات-تەربىيەنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش مىزانىنى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈشنىڭ زۆرۈر مەزمۇنى قىلىش كېرەك.

پارتكومنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)نىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش مىزانىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا بولغان يېتەكچىلىك، نازارەتچىلىك ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى، ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات تارماقلىرى ۋە ئورگان پارتىيە تەشكىلاتلىرى دائىملىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش مىزانىغا خىلاپ تۈرلۈك قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنى مەركىزىي كومىتېت، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىدىن باشلاش كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئۆز خىزمەت ئورنىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئۈچۈن ئالاھىدە مۇھىم ئىكەنلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشى، ئەمىلى قانچە يۇقىرى بولسا پارتىيە بېكىتكەن ئۆلچەم بويىچە ئۆزىگە شۇنچە قاتتىق تەلەپ قويۇشى، پارتىيەۋىلىكى كۈچلۈك، ئىنتىزامى چىڭ بولۇش، پارتىيەگە باشتىن-ئاخىر سادىق بولۇش ۋە پارتىيەگە مەڭگۈ ئاسىيلىق قىلماسلىقنى شۇنچە ۋايىغا يەتكۈزۈشى كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ مەزكۇر مىزاننى ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە دائىر يولغا قويۇش پىكرىنى تۈزۈپ چىقىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش مىزانىغا ئەمەل قىلىش ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىشتا پۈتۈن پارتىيەگە ئۈلگە بولۇشىغا يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ھەرگىز ئاخىرلاشمايدۇ. پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر قەتئىي بوشاشماي تىرىشىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، پارتىيەنىڭ باشتىن-ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


(مەركىزىي مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمە قىلغان ۋە بېكىتكەن)[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#