ئۆرۈك دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. ئۆرۈك ()
  2. ئۆرۈك (خام دورا)
ئۆرۈك

ئۆرۈك ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى كەڭ، توخۇم شەكىللىك، گۈلى يالغۇز ئۆسىدۇ، ئاق ياكى شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك. ئۈچكىلىك مېۋىسى دۈگىلەك، پىشقاندا سارغىيىدۇ، تەمى تاتلىق. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئۆرۈك
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى ئەتىرگۈل ئائىلىسى
خەنزۇچە باشقا نامى 杏子
خەنزۇچە ئىسمى
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى ئەتىرگۈل تۈركۇمى
ئۇرۇقداشلىرى ئۆرۈك ئۇرۇقدىشى
ئىنگىلىزچە نامى Armeniaca vulgaris Lam

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۆرۈكشىنجاڭدا ئۆرۈكنىڭ سورتى كۆپ ، سۈپىتى يۇقىرى ، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك . ھازىر شىنجاڭدا ئاساسلىق سەككىز سورت گۇرۇپپىسى ، جەمئىي 198 خىل سورت بار . 

1 - كىشمىش ئۆرۈك سورت گۇرۇپپىسى : بۇ گۇرۇپپىدا ئاق كىشمىش ، مارجان خۇندۇك ، قىزىل خۇندۇك قاتارلىق 14 خىل سورت بار . 

2 - ئاق ئۆرۈك سورت گۇرۇپپىسى : بۇ گۇرۇپپىدا ئاق ئۆرۈك ، ئاق ياغلىق ئۆرۈك قاتارلىق بەش خىل ئۆرۈك سورتى بار . 

3 - جانان ئۆرۈك سورت گۇرۇپپىسى : بۇ گۇرۇپپىدا 11 خىل ئۆرۈك سورتى بار . 

4 - توغاچ ئۆرۈك گۇرۇپپىسى : بۇ گۇرۇپپىدا ئىككى خىل ئۆرۈك سورتى بار . 

5 - ياغلىق ئۆرۈك سورت گۇرۇپپىسى : بۇ گۇرۇپپىدا ئۈچ خىل ئۆرۈك سورتى بار . 

6 - تويۇنئۆرۈك سورت گۇرۇپپىسى : ئاساسلىق ئۈچ خىل سورت بار . 

7 _ خۇۋەينى ئۆرۈك سورت گۇرۇپپىسى : ئاساسلىق 11 خىل سورت بار . 

8 - ئەنجان ئۆرۈك گۇرۇپپىسى : ئاساسلىق ئىككى خىل ئۆرۈك سورتى بار . 

چىلگە ئۆرۈك

بۇ خىل ئۆرۈك ئادەتتە « چولپان » ئۆرۈك دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەر قايسى رايۇنلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ . دەرىخى ئوتتۇراھال تەبىئىي يىيىلىپ ئۆسىدۇ ، مېۋە شەكلى يۇمىلاق ، مېۋە پوستى سۇس سېرىق ، سەل قىزغۇچ جايلىرىمۇ بار . پوستى نىپىز ، ياغلىشاڭغۇ ، پارقىراق كېلىدۇ . ئېتى يۇمشاق ، شىرنىلىك ، تالاسى يوق ، تەمى تاتلىق ، ئۇرقچىسىدىن ئېتىدىن ئاجرايدۇ ، مېغىزى تاتلىق . 

ئاق كىشمىش ئۆرۈك

بۇ قەدىمكى يەرلىك سورت بولۇپ ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ . مېۋە شەكلى يۇمىلاق دىئامېتىرى 2.6 * 2.8 سانتىمېتىر ، يەككە مېۋە ئېغىرلىقى 11.1 گرام ، مېۋە سىرىتقى يۈزى رەڭگى سېرىق ، سۇس قىزىل رەڭ ئارلاشقان ، سىلىق ، پوستى ئاسان ئاجرىمايدۇ ، ئېتى ئاق سېرىق قېلىنلىقى 0.5 سانتىمېتىر ، يۇمشاق ، شىرنىلىك ، تالاسى ئاز ، تەمى چۈچۈمەل تاتلىق ، قەنىت مىقدارى % 15 ئەتراپىدا ، پۇراقسىز ، مېغىز چىقىش نىسبىتى %100 . بۇ خىل سورتنى ھۆل يىيىشكىمۇ ، قاق قىلىشقىمۇ بولىدۇ . بۇ سورت 6 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى پىشىدۇ . دەرىخىنىڭ ئۆسۈشى ئوتتۇراھال ، دەرەخ ئېگىزلىكى 4.5 مېتىر ، دەرەخ تاجى 3 مېتىر ، بىر تۈپ دەرىخى 40-60 كىلوگىرام مېۋە بىرىدۇ ، مەھسۇلاتى يۇقىرى ، ماسلىشىشچانلىقى ياخشى ، سۈپىتى ئەلا ، كەڭ كۆلەملىك كۆپەيتىپ ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ. 

قارا غازاڭ ئۆرۈك

ئاساسەن كەلپىن ، يەكەن ، پوسكام ، قاغىلىق قاتارلىق ناھىيەلەردە ئۆستۈرۈلىدۇ ، مېۋىسى يۇمىلاق ، مېۋە يۈزى سىلىق ، تۈكسىز ، كۈن تەككەن تەرىپى توق قىزىل ، ئېتى سارغۇچ ، يۇمشاق ، شىرنىسى ئوتتۇراھال ، تەمى چۈچۈمەل ، سۈپىتى ياخشى ، ئۇرۇقچىسى يۇمىلاق ، ئېتىدىن ئاسان ئاجرىمايدۇ ، مېغىزى توق ۋە تاتلىق . بۇ خىل ئۆرۈكنى ھۆل پىتى يىيىشكە ياكى قاق ( گۇلە ) قىلىشقا بولىدۇ . 

خۇۋەينى ئۆرۈك

ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ ، بۇ خىل گۇرۇپپىسىدا 10 خىلغا يىقىن كەنجى سورت بار ، شەكلى يۇمىلاق ياكى تۇخۇمسىمان ، ئوتتۇرىچە يەككە مېۋە ئېغىرلىقى 31 گرام ، مېۋە پوستى رەڭگى سېرىق يېشىل ياكى سېرىق رەڭدە ، پىشقاندىن كېيىن سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ . 

سىرتقى يۈزى سىلىق ، تۈكسىز ، پوستى نىپىز ، ئېتى سېرىق ، تالاسى ئوتتۇراھال ، تاتلىق ، قەنىت مىقدارى %22 ، سۈپىتى ئەلا ، مېغىزى توق ، تاتلىق . بۇ خىل سورت 6 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى پىشىدۇ . مەھسۇلاتى يۇقىرى ، ھۆل پىتى يىيىشكە ۋە قۇرۇتۇشقا ، كىڭەيتىشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ . 

ئاق ئۆرۈك

ئاساسەن جەنۇبىي شىنجاڭ رايۇنى ۋە غۇلجا ناھىيەسىدە ئۆستۈرۈلىدۇ ، مېۋىسى يۇمىلاق ، چوڭراق ، يەككە مېۋە ئېغىرلىقى 23.6 گرام ، مېۋە سىرىتقى يۈزى رەڭگى ئوتتۇراھال سېرىق ، پوستى قېلىن ، تۈكسىز ، مېۋە پوستىدىن ئاسان ئاجرىمايدۇ . ئېتى سۇس سېرىق ، ئۈچكىسىگە يىقىن قىسمى ئاقۇچ ، شىرنىلىك ، يۇمشاق ، تاتلىق ، قەنىت مىقدارى % 21.5 ، سۈپىتى ياخشى . 6 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا پىشىدۇ . مېغىزى تاتلىق ، دەرىخىنىڭ ئۆسۈش كۈچى كۈچلۈك . تەبىئىي يىيىلغان ھالەتتە ئۆسىدۇ . بۇ سورت ھۆل پېتى ئىستىمال قىلىشقا ۋە گۇلە قىلىشقا مۇۋاپىق كىلىدۇ .

جانان ئۆرۈك

قەشقەر رايۇنىدا كۆپرەك تارقالغان ، يەرلىك كونا سورتلارنىڭ بىرى . مېۋە شەكلى يۇمىلاق ، مېۋە سىرتقى يۈزى سىلىق ، تۈكسىز ، چوڭ ھەم چىرايلىق ، يەككە مېۋە ئېغىرلىقى 38 گرام ، مېۋە سىرىتقى يۈزى سېرىق ، كۈن كۆرگەن تەرىپى ھال رەڭ ، ئېتى سېرىق ، شېرنىسى كۆپ ، يۇمشاق ، تاتلىق ، پۇراقلىق ، قەنىت مىقدارى %23 ، سۈپىتى يۇقىرى ، مېغىزىنىڭ ئېغىرلىقى 0.75 - 1.1 گرام ، پۇراقلىق ھەم تاتلىق ، 6 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى پىشىدۇ . بۇ سورتنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ياخشى ، بىراق مەھسۇلاتى تۆۋەنرەك بولۇپ ، مۇۋاپىق دەرىجىدە كېڭەيتسە بولىدۇ . 

مېغىز ئۆرۈك

ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىتۈرۈلىدۇ ،شەكلى ياپىلاقراق يۇمىلاق ، رەڭگى ئاق سېرىق ، تۈكلۈك ، مېغىزى تاتلىق ، چۈرۈك ھەم يوغان ، ئاساسلىقى مېغىزى ئىستېمال قىلىنىدۇ ياكى پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ ، شۇڭلاشقا « مېغىز ئۆرۈك » دەپ ئاتىلىدۇ . 

دەرىخىنىڭ ئۆسۈشى ئوتتۇراھال ، ماسلىشىشچانلىقى ۋە سوغۇققا قارشى تۇرۇشچانلىقى ياخشى . 

قۇممەت ئۆرۈك

قۇممەت ئۆرۈكئاساسەن ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئۆستۈرۈلىدۇ . بۇ سورت گۇرۇپپىسىدا ، قىزىل ، ئاق ، قاپاق ، ياغلىق ، سۇلۇق قۇممەت ئۆرۈك دەپ بىر قانچە كەنجى سورت بار . مېۋىسى يۇمىلاقراق ، پارقىراق، تۈكسىز ، مېۋە ئېتى قېلىن ، يۇمشاق ، تالاسى ئاز ، شىرنىسى كۆپ ، تەمى چۈچۈمەل تاتلىق ، ئۇرۇقچىسى ئېتىدىن يېرىم ئاجرايدۇ ، مېغىزى تاتلىق ۋە توق ، سۈپىتى ياخشى ، ھۆل پىتى يىيىشكە ياكى پىششىقلاپ ئىشلەشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ . 

قىزىل قاچار ئۆرۈك

قىزىل قاچار ئۆرۈكئاساسەن ئاقسۇ ۋىلايىتىگە كۆپىرەك تارقالغان ، مېۋىسى يۇمىلاق ، دىئامېتىرى 3.6 * 3.7 سانتىمېتىر ، ئوتتۇرىچە يەككە مېۋە ئېغىرلىقى 37.6 گرام ، سىرتقى يۈزى قىزغۇچ سېرىق ، كۈن تەگكەن تەرىپى قىزىل ، تۈكسىز پارقىراق ، پوستى ئېتىدىن ئاسان ئاجرىمايدۇ ، ئەت رەڭگى ئاق سېرىق ، ئېتىنىڭ قېلىنلىقى 1 سانتىمېتىر ، چىڭ ، تالاسى كۆپ ، شىرنىلىك تاتلىق ، پۇراقسىز ، قەنىت مىقدارى % 14.2 ، بەكرەك پىششىپ كەتسە قەنىت مىقدارى % 19 كە يىتىدۇ ، سۈپىتى ئالاھىدە ياخشى ، مېغىزى تاتلىق ، مېغىز چىقىش نىسبىتى % 100 . بۇ سورت توشۇشقا ۋە ساقلاشقا چىدامسىز . 

دەرەخنىڭ ئۆسۈشى ئوتتۇراھال ، يىتىلگەن دەرەخنىڭ ئېگىزلىكى 3.5 مېتىر ، دەرەخ تاجى 3 مېتىر ، مېۋە تۆكۈلۈشى ئاز ، مەھسۇلاتى ئوتتۇراھال ، 6 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى پىشىدۇ . 

ئۆرۈك ( prunus armeniaca L ) ئۆرۈك ئۇرۇقدىشى ( Armrniaca Miller ) ئەتىرگۇل ئائىلىسى ( Rosacea ) ئالۇچا كەنجە ئائىلىسى ( Pounoidea ) غا تەۋە مېۋىلىك دەرەخ . ئۇ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلىدۇ . ئۇنىڭ ماسلىشىشچانلىقى يۇقىرى ، قۇرغاقچىلىققا، شورلۇق تۇپىراققا ۋە سوغۇققا چىدامچان بولۇپ ، ئۆستۈرۈش ۋە كۆپەيتىش بىر قەدەر ئاسان . 

ئۆرۈكئۆرۈكنىڭ مېۋىسى تەملىك ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ، ھۆل ئىستىمال قىلغاندىن باشقا قۇرۇتۇپ ئىستىمال قىلغىلى، ئۆرۈك كونسېرۋاسى ۋە ئۆرۈك مۇرابباسى ياسىغىلى بولىدۇ . ئۆرۈك مېغىزى تىبابەتچىلىكتە دورىغا قوشۇلىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا ، تورت ياسىغىلى ، سۈت ئىشلىگىلى، ماي تارتقىلى بولىدۇ . 

ئۆرۈك مېيى سۈزۈك بولۇپ ، ئالىي دەرىجىلىك سىلىقلاش مېيى قىلغىلى بولىدۇ . 

ئۇ سوپۇن گىرىم بويۇملىرى ۋە ھۆسۈن تۇزەش مەھسۇلاتلىرىنىڭ خام ئەشياسى ، ئۆرۈك قېقى ( گۈلە قاق ) يەپ بەرسە ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ . 

ئۈرۈك دەرىخى قۇرغاقچىلىققا چىداملىق بولسىمۇ ياش دەرەخلەرنىڭ يىلتىز سېستىمىسى تەرەققىي قىلمىغاچقا سۇغا بولغان ئېھتىياجىمۇ كۈچلۈك بۇلىدۇ.مىۋىگە كىرمىگەن دەرەخلەر بىر يىلدا 6-7 قېتىم سۇغىرىلىدۇ.مىۋە بېرىشكە باشلىغان دەرەخلەر بىر يىلدا 5-6 قېتىم سۇغىرىلىدۇ.بۇلۇق مىۋىگە كىرگەندىن كىيىن بىر يىلدا 4-5 قېتىم سۇغىرىلىدۇ.ئادەتتە چىچەكلەشتىن بۇرۇن ياكى چىچەكلەش مەزگىلىدە.چېچىكى تۆكۈلگەندىن كىيىن ۋە غورىسى تېز چوڭىيىۋاتقان مەزگىلدە چوقۇم سۇغىرىش كېرەك.سۇغىرىشنى ئوغۇتلاش،تۇپراقنى يۇمشىتىش،ئوتىنى ئوتاش پەرۋىشلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىش كېرەك. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#