شىشۇاڭبەننا دەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى

شىشۇاڭبەننا خېڭدۇەنشەن تاغ تىزمىسىنىڭ ئەڭ جەنۇبىي ئۇچىغا جايلاشقان بولۇپ، جەنۇب تەرىپى لائوس ۋە بېرما بىلەن چېگىرىلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى شىشۇاڭبەننا دەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى
ئۆلكىسى يۈننەن ئۆلكىسى
تەۋە رايون جۇڭگو يۈننەن
نوپۇسى 113.4 مىليون
باشقا نامى شىشۇاڭبەننا
خەنزۇچە ئاتىلىشى 西双版纳傣族自治州
مەمۇرىي رايون شەكلى ئوبلاسىت
يەر مەيدانى 19582.45 كۋادىرات كىلومېتىر
كىلىماتى تروپىك بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى
پوچتا نۇمۇرى 666100

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىشۇاڭبەنناشىشىۇاڭبەننا-غەربىي جەنۇب چېگرا رايونىدىكى يۈننەن ئۆلكىسىدە، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە مەشھۇر بىر مەنزىرىلىك ساياھەت ئورنى. ئۇ خېڭدۇەنشەن تاغ تىزمىسىنىڭ ئەڭ جەنۇبىي ئۇچىغا جايلاشقان بولۇپ، جەنۇب تەرىپى لائوس ۋە بېرما بىلەن چېگىرىلىنىدۇ، لەنساڭجياڭ دەرياسى-مېكوڭ دەرياسى سۇ يولى ئارقىلىق تايلاند، ۋيېتنام غا تۇتىشىدۇ، ساياھەت بايلىقى ئىنتايىن مول.

شىشۇاڭبەنناخەينەن ئۆلكىسىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، شىشۇاڭبەننا ئېلىمىزدىكى تىروپىك بەلۋاغ ئىپتىدائىي يامغۇرلۇق ئورمىنى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان جاي. بۇ يامغۇرلۇق ئورماندا ئۆسۈملۈكلەر قويۇق ئۆسكەن بولۇپ، ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەر بىر بىرىگە بېقىنىدۇ، ئۇلار گىرەلىشىپ قاتلاملىق تەبئىي ئۆسۈملۈك تۈركۈمىنى شەككىلەندۈرگەن. رەت-رەت ۋە ئېگىز، كۆككە تاقاشقان پاراشور دەرىخى، غايەت زور تاختىسىمان يىلتىز، رەھىمسىز ئۇجۇقتۇرغۇچى ئۆسۈملۈكلەر، ھەيۋەتلىك «يالغۇز دەرەخلىك ئورمان» قاتارلىقلار يامغۇرلۇق ئورماننىڭ ئۆزىگە خاس لاندىشافتىدۇر. يامغۇرلۇق ئورماندىكى يۇشۇرۇنۇشقا قولايلىق جايلار ۋە يېتەرلىك ئوزۇقلۇق مەنبەسى ھايۋانلارنى پايدىلىق ياشاش شارائىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ يەردە مىڭ خىلدىن ئارتۇق ھايۋان ئەركىن ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاسىيا پىلى، يېشىل توز قاتارلىق دۆلەت تەرپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلدىغان ھايۋانلارمۇ بار. كىشلەر ئوبرازلىق ھالدا بۇ جاينى «تروپىك بەلۋاغ يامغۇرلۇق پادىشاھلىقى» دېيىشىدۇ.

شىشۇاڭبەننا شىشۇاڭبەننا يەنە ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي. بۇ جايدا دەيزۇ مىللىتى، خانى مىللىتى، بۇلاڭ مىللىتى قاتارلىق 13 ئاز سانلىق مىللەت ئىناق ياشاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مىللىي مەدەنىيىتىنى ياراتقان ھەمدە ساقلاپ كەلگەن. دەيزۇ لارنىڭ كۆركەم بۇددا دىنى قۇرلۇشلىرى، دەريا ۋە كۆل بويىدىكى چاققانغىنا بامبۇك ئۆيلىرى، مەززىلىك ئاناناس تامىقى ۋە بامبۇك تامىقى، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە توز ئۇسۇلى ۋە دۇمباق ئۇسۇلى، كۆلىمى زور سۇ چېچىش بايرىمى...قاتارلىق دەيزۇ مىللىتى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان كۆپ خىل مىللىي ئۆرپ ئادەتلەر شىشۇاڭبەنناغا چەكسىز سېھىرىي كۈچ ئاتا قىلغان.

شىشۇاڭبەنناسۇ چېچىش بايرىمى كۈنى دەيزۇ لارنىڭ كالېندارى بويىچە يېڭى يىل، شۇنداقلا دەيزۇلار ئەڭ شادلىققا تولغان كۈن ھېساپلىنىدۇ. بۇ كۈنى كىشىلەر بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، بىر-بىرىگە سۇ چېچىپ ئوينىشىپ، ئۆز ئارا كۆڭۈل خۇشلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ. دەيزۇ لار ھەمىشە : «يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان سۇ چېچىش بايرىمىدا، كىمنى ياراتساق شۇنىڭغا سۇ چاچىمىز» دېيىشىدۇ. شادلىق جىلۋىلىنىپ تۇرغان «زەمزەم سۈيى» دەيزۇلارنىڭ بىر يىلدىكى ئازابى ۋە غەم-قايغۇسىنى پاك پاكىز چىقىرىپ تاشلايدۇ.

شىشۇاڭبەننائۇزاقتىن بۇيان، شىشۇاڭبەننا رايونى يېزا-ئىگلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاساس قىلىپ كەلگەن. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، دۆلەت ۋە يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ ئالاقىدار تۈرتكىسىدە شىشۇاڭبەننا ئۆزىگە خاس ئورۇن ئەۋزەللىكى ھەم باتلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئىلگىرى-كېيىن بۇلۇپ، شىشۇاڭبەننا تروپىك بەلۋاغ ئۆسۈملۈك باغچىسى، دەيزۇلار يۇرتى، ياۋا پىل جىلغىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم دۆلەت دەرىجىلىك مەنزىرىلىك ساياھەت رايونلىرىنى ھەمدە كۆپلىگەن ئوبلاسىت ئىچى ۋە چېگرا ساياھەت لىنىيلىرىنى بەرپا قىلغان، بۇنىڭ بىلەن ساياھەتچىلىك كەسپى تېز راۋاجلىنىپ، مۇھىم تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلانغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

تۇلۇقسىز 8-يىللىقلار ئۈچۈن 2-قىسىم «جۇغراپىيە» كىتابتىن ئېلىندى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#