چوڭ تۇزلۇق كۆل

چوڭ تۇزلۇق كۆل

ئا ق ش نىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان تۇزلۇق كۆل. ئۇ گېئولوگىيىلىك تارىخىي دەۋرلەردىن قالغان بۇننېۋىللې كۆلىنىڭ قالدۇقى ھېسابلىنىدۇ. 

ئىسمى چوڭ تۇزلۇق كۆل
چەتئەلچە ئىسمى Great Salt Lake
تەۋەلىكى ئامرېكا
ئوتتۇرچە چوڭقۇرلىقى 4.9 مېتىر
خەنزۇچە ئىسمى 大盐湖
جۇغراپىيلىك ئورنى ئامېرىكا يۇتا شىتاتىنىڭ غەربىي شىمالى
كۆلىمى 55,685 كۋادىرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چوڭ تۇزلۇق كۆلكۆلنىڭ دائىرىسى، سۇ يۈزى، تۇز تەركىبى پەسىللەرنىڭ، ئىقلىمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. سۇ يۈزى ئەڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندە، كۆل يۈزى 6200 كۋادرات كىلومېتر بولىدۇ، سۇ يۈزى ئەڭ تۆۋەن چۈشكەندە كۆل يۈزى تەخمىنەن 2460 كۋادرات كىلومېترغا چۈشۈپ قالىدۇ. كۆلنىڭ چوڭقۇرلۇقى 15 مېتردىن 105 مېتر دائىرىسىدە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن بۇيان يۈزى 4100 كۋادرات كىلومېتر دائىرىسىدە بولماقتا. كۆل سۈيىنىڭ تۇز تەركىبى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، % 150-% 288گە يېتىدۇ. شۇڭا بۇ كۆلنى چوڭ تۇزلۇق كۆل دەپ ئاتىغان.

چوڭ تۇزلۇق كۆل

كۆلدە ئاساسلىق ئاشتۇزى ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا سۈرگە تۇزى ئېلىنىدۇ. كۆلدىكى تۇز 4 مىليارد توننا ئەتراپىدا بولۇپ، كۆلنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا تۇز زاۋۇتى قۇرۇلغان. كۆلنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ئۇششاق ئاراللار بولۇپ، بۇ ئاراللاردا چارۋا بېقىلىدۇ. كۆلنىڭ ئەتراپىدا ساياھەت ئىشلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان مېھمانخانا، سۇ ئۈزۈش مەيدانلىرى قۇرۇلغان. كۆلنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدا يوتا شتاتىنىڭ مەركىزى تۇزلۇق كۆل شەھىرى جايلاشقان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#