ئادىل ھوشۇر
ئۇيغۇرلارنىڭ دارۋازلىق سەنئىتى2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. بۇنىڭدىن 200 يىل ئاۋال ئۇيغۇر دارۋازلىرى ئىچكىرىگە بېرىپ ئويۇن كۆرسەتكەن. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دارۋازچىلىق سەنئىتى دۇنياغا مەشھۇردۇر. ئادىل ھوشۇر، بۈگۈنكى زاماندىكى ئۇيغۇر دارۋازچىلقىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋەكىلى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئادىل ھۇشۇرئادىل ھوشۇر 1971- يىلى قەشقەر ۋىلايىتى نىڭ يېڭىسار ناھىيەسى دە تۇغۇلغان.
9-، 10-، 11- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك سېرك ئارتىسى، جۇڭگو سېرك سەنئەتكارلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، مەملىكەتلىك 10 مۇنەۋۋەر ياشنىڭ بىرى.
ئادىل ھۇشۇر پولات ئارغامچىدا مېڭىش، ماھارەت كۆرسىتىش جەھەتتە ئۇدا بەش قېتىم جېنىس دۇنيا رېكورتى ياراتقان.
1997- يىلى 6- ئاينىڭ 22- كۈنى چاڭجىياڭ دەرياسىنىڭ سەنشىيا بوغۇزىغا تارىلغان، سۇ يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 400 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 640 مېتىر كېلىدىغان پولات ئارغامچىدىن 13 مىنۇت 48 سىكۇنتتا ئۆتۈپ، ئادىل ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى كانادالىق كوكلوننىڭ 53 مىنۇت 10 سىكۇنتتا سەنشىيا بوغۇزىدىن ئۆتكەنلىكىدەك رېكورتنى ئاجايىپ زور سېلىشتۇرما بىلەن يېڭىلىغان. نەق مەيداندىلا دۇنيا جېننىس رېكورتىنىڭ گۇۋاھنامىسنى ئادىل ھوشۇرغا تاپشۇرۇپ بىرىلگەن.
2000-يىلى 15 نويابىر جۇڭگو سېرك ئۆمىكى بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «پەلەك شاھى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن. 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ ئەتراپىدا ئادىل ھوشۇر ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى ياقۇپجان گۇاڭجۇدا گۇاڭجۇ مۇنارىدىن دېڭىز مەركىزى ساھىلىغىچە تارتىلغان پولات سىمدىن ئۆتۈپ، جۇجىياڭ دەرياسىنى كېسىپ ئۆتكەن.
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى تۇرپان بۇيلۇقنى كېسىپ ئۆتۈپ، جەڭ ئېلان قىلىش تېمپېراتۇرىسى ئەڭ يۇقىرى، پولات سىم تېمپېراتۇرىسى ئەڭ يۇقىرى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئەڭ تۆۋەن ئۈچ تۈرلۈك دارۋازلىق ماھارىتىدە دۇنيا رېكورتىغا جەڭ ئېلان قىلدى. ئادىل ھوشۇر بۇ قېتىم تۇرپان بۇيلۇقتىكى پولات سىمدا ماڭغان يەرنىڭ ئېگىزلىكى 180 مېتىر، كەڭلىكى 1650 مېتىر. 5-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 2 دە تۇرپاننىڭ تېمپېراتۇرىسى℃32 قا چىققان، ئادىل ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ھېچقانداق قوغدىنىش چارىسى قوللانمىغان ئەھۋال ئاستىدا پولات سىمدا مېڭىپ، ئىككى ئادەم قارىمۇ قارشى مېڭىپ ئورۇن ئالماشتۇرۇشقا ئوخشاش قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ماھارەتلەرنى تاماملىغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.