تېرەكتى يېزىسى
تېرەكتى يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالتاي ۋىلايىتى قابا ناھىيەسىگە جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تېرەكتى يېزىسىتېرەكتى يېزىسى قابا ناھىيەسى بازىرىنىڭ شىمالىغا 77 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، ئالتاي تاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىدىكى قابا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1072 مېتىر. شەرقىي بۇرچىن ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي كۆلباي يېزىسى قارا چوققا يازلىق چارۋىچىلىق فېرمىسى بىلەن قوشنا، جەنۇبىي سارتام يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربىي شىمالى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ، شىمالدا ئالتاي تاغ تىزمىسىغا تۇتىشىدۇ. جەنۇب-شىمال ئۇزۇنلۇقى 92 كىلومېتىر، شەرقتىن غەرىبكە كەڭلىكى 14 كېلومىتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 1323 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
تېرەكتى يېزىسىئومۇمىي ئائىلە سانى 431 ئائىلە، نوپۇسى 2248 ئادەم، شەھەر نوپۇسى 385 ئادەم، جەمئىي تۆت مىللەتتىن تەركىب تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە قازاق 1767 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ ٪80.3؛ موڭغۇل 417 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %18.9 نى ئىگىلەيدۇ؛ خەنزۇ لار 10 كىشى بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %0.45 نى ئىگىلەيدۇ؛ خۇيزۇ سەككىز كىشى بولۇپ، خۇيزۇ 8 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسى %0.35 نى ئىگىلەيدۇ.
تېرەكتى يېزىسىقىش پەسلىدە قار قېلىن، سوغۇق، ياز پەسلىدە سالقىن بۇلىدۇ. قىراۋسىز مەزگىلى قىسقا، بىر يىلدا قىروسىز مەزگىلى 90 كۈن ئەتراپىدا، ئەتىگەن، چۈش، كەچتە تېمپېراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ، يىللىق ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃30، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 48 گىرادۇس، تاغلىق رايون جايلاشقان بولغاچقا، قىش پەسلىدە يىغىندى قار بىر قەدەر قېلىن، ھەر يىلى 180 كۈن ئەتراپىدا قاتناش قىستاڭچىلىقى بۇلىدۇ، ئالاقىلىشىش ئەسلىھەلىرى يوق، ئاساسىي جەھەتتىن سىرت بىلەن ئايرىۋېتىلگەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.