بايدۆۋە دۆڭلۈكى
بايدۆۋە دۆڭلۈكى يەكەن ناھىيەسى نىڭ ئارال يېزىسى بايدۆۋە كەنتىگە جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بايدۆۋە دۆڭلۈكى يەكەن ناھىيەسى نىڭ ئارال يېزىسى بايدۆۋە كەنتىگە جايلاشقان. ئاستى قىسمىنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 68 مېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 67 مېتىر، ئېگىزلىكى تەخمىنەن ئون مېتىر، ئۈستى تەرىپى شەرقتىن غەربكە 21 مېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا 30 مېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 900 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ.
بايدۆۋە دۆڭلۈكى 1957 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1 – تۈركۈمدە ‹‹ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى›› دەپ ئېلان قىلىنغان؛
1990 – يىلى 9 –، 10 – ئايلاردا 2 – قېتىملىق مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە ئەنگە ئېلىنغان؛ 1992 – يىلى يەكەن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ‹‹ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئورۇن›› دەپ بىكىتكەن ۋە قوغداش دائىرىسىنى ئېلان قىلغان؛
2008 – يىلى 3 – قېتىملىق مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش، قوغداش ئورنىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قايتا تەكشۈرۈلۈپ مۇقىملاشتۇرۇلدى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.