ئۈچىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى

3-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى

ئالتە كۈنلۈك ئۇرۇش، يەنى 3-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى ئىسرائىلىيەنىڭ مىسىر، ئىئوردانىيە ۋە سۈرىيەگە ئۇشتۇمتۇت قوزغىغان ئالتە كۈنلۈك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇرۇش 1967-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى باشلانغانلىقى ئۈچۈن، 5-ئىيۇن ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

نامى ئۈچىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى
باشقا ئاتىلىشى ئالتە كۈنلۈك ئۇرۇش، 5-ئىيۇن ئۇرۇشى
ئورنى ئوتتۇرا شەرق
نەتىجىسى ئەرەب دۆلەتلىرى مەغلۇپ بولغان
خەنزۇچە ئاتىلىشى 第三次中东战争
ئۇرۇشقا قاتناشقۇچىلار ئىسرائىلىيە، ئەرەب ئەللىرى
ۋاقتى 1967-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ئەتگەن سائەت 7-دىن 45-مىنۇت
ۋاقىت ئۇزۇنلۇقى 6 كۈن

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

3قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىسۇۋەيش قانىلى ئۇرۇشىدىن كېيىن ئەنگلىيە، فرانسىيە مۇستەملىكچى كۈچلىرى ئوتتۇرا شەرقتىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن. ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىڭىپ كىرىۋېلىپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ خوجايىنلىقىنى تالىشىشقا باشلىغان. سوۋېت ئىتتىپاقى 60-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا ۋيېتنام ئۇرۇشى بىلەن بولۇپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مىسىر، سۈرىيە، ئىراق قاتارلىق ئوتتۇرا شەرقتىكى يېراق ئەرەب ئەللىرىگە ئىقتىسادىي، ھەربىي جەھەتتىن سىڭىپ كىرىش ھەرىكىتىنى جىددىيلەشتۈردى. ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن تىركىشىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەنى قوراللاندۇرۇش ھەرىكىتىنى جىددىيلەشتۈرۈپ، تاجاۋۇز قىلىش قارا نىيىتىدە بولۇپ كەلگەن ئىسرائىلىيەنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈپ قويغان. 60-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىسرائىلىيە ئەرەب دۆلەتلىرىگە توختىماي ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ، ئەرەب-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنى غەرەزلىك تۈردە يامانلاشتۇردى. 

3قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى1966-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرى ئىئوردانىيە تېررىتورىيەسى ئىچىدىكى سامۇ كەنتىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. 1967-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ ئالتە ئايرۇپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتتى. 1967-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى مىسىر دۇچ كەلگەن ئۇرۇش تەھدىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، 1966-يىلى 11-ئايدا تۈزۈلگەن مىسىر-سۈرىيە ئورتاق مۇداپىئە كۆرۈش كېلىشىمىگە ئاساسەن مىسىرنىڭ ھاۋا، دېڭىز دائىرسى ئىچىدىكى دېھلان بوغۇزىنىڭ قامال قىلىنغانلىقىنى، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ئەشيالارنى توشۇيدىغان كېمىلىرىنىڭ بۇ بوغۇزدىن ئۆتۈشىگە ئەمدى رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 5-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىئوردانىيە بىلەن مىسىر ئىككى تەرەپ چېگرا مۇداپىئەسىنى باشقۇرۇش كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالىغان.

ئىسرائىلىيە كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاش ئارقىلىق بىر قاتار ھىيلە-مىكىرلىرىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، 1967-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى مىسىر، ئىئوردانىيە ۋە سۈرىيەگە ئۇشتۇمتۇتلا قوراللىق تاجاۋۇز قىلغان. شۇ كۈنى ئەتىگىنى ئىسرائىلىيە بارلىق ھاۋا ئارمىيەسىنى ئىشقا سېلىپ، مىسىر ئايرودرومىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. ئۈچ سائەت نۆۋەتلىشىپ بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق مىسىرنىڭ پۈتكۈل ھاۋا ئارمىيەسىنى ۋەيراق قىلىۋەتكەن. چۈشتىن كېيىن يەنە ئىئوردانىيە ۋە سۈرىيە ئايردوروملىرىنى بومباردىمان قىلىپ، ھاۋا بوشلۇقىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسرائىلىيە قۇرۇقلۇق قىسىملىرىمۇ ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ، سىناي يېرىم ئارىلىغا قاراپ تېز ئىلگىرىلىدى. ھاۋا بوشلۇقى ئارقىلىق قوغدىنىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالغان مىسىر قوشۇنلىرى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ سىناي ۋە غازا رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالماي، ئەتىسى پۈتۈن سەپ بويىچە چېكىنگەن. 6-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرى سۇۋەيىش قانىلىغا يېتىپ بېرىپ، قانالنىڭ شەرقىدىكى بارلىق زېمىنىنى ئىشغال قىلغان. مىسىرغا قارشى ئۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبىگە ئېرىشكەن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىئوردانىيىگە ھۇجۇم قىلغان. ئارقىدىنلا ئېرۇسالىم كونا شەھىرىنى ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى ئىشغال قىلغان. 6- ئاينىڭ 9- كۈنى يەنە سۈرىيەگە ئومۇمىيۈزلۈك ھۇجۇم قىلغان. 6-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈش ۋاقتى سائەت 12 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەرەب-ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ماقۇللىغان ۋە بۇ كېلىشىمنىڭ شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 6 دىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش ۋاقتىدىن ئىلگىرى جىددىي ھەرىكەت قىلىپ، گېلاند ئېگىزلىكىنى ئىشغال قىلىۋالغغان ۋە شۇنىڭدىن كېيىنلا ئومۇمىيۈزلۈك ئۇرۇش توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان.

3قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى3-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشتا مۇداپىئە كۆرۈشكە ئۈلگۈرەلمەي، ھاپىلا-شاپىلا جەڭگە كىرىشكەن مىسىر، سۈرىيە، ئىئوردانىيە تەرەپتىن 50 نەچچە مىڭ كوماندىر ۋە جەڭچى قازا قىلغان. ئىسرائىلىيە بولسا 1000 نەپەرگىمۇ يەتمەيدىغان ئادىمىنىڭ ئۆلۈشىدەك كىچىككىنە چىقىم بەدىلىگە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى، ئېرۇسالىم كونا شەھىرى، غازا رايونى، سىناي يېرىم ئارىلى ۋە گولاند ئېگىزلىكى بولۇپ جەمئىي 65 مىڭ كىۋادىرات مېتىر زېمىنىنى تېز سۈرئەتتە ئىشغال قىلىۋالغان. 1 مىليونغا يېقىن پەلەستىنلىك يېڭى مۇساپىرلاردىن بولۇپ قالدى. 1967-يىلى 11-ئاينىڭ 22- كۈنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 242-نومۇرلۇق قارارىنى ماقۇللاپ، ئىسرائىلىيەنىڭ 6-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ ئىشغال قىلىۋالغان زېمىنىدىن چېكىنىپ چىقىشىنى تەلەپ قىلغان. بىراق، ئىسرائىلىيە ئىجرا قىلمىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئەرەب-ئىسرائىلىيە زىددىيىتى تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە فىدراتىسيەسىنىڭ ئوتتۇرا شەرقنى تالىشىش ھەرىكەتلىرى بارغانسېرى جىددىيلەشكەن.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئوكيان قامۇس تورى 

http://qamus.okyan.com/index.php?doc-view-4903

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/89215.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#