كرېيسېر
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئەنگلىيە − كرېيسېرنى ئەڭ بۇرۇن ياسىغان دۆلەت. 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى، كرېيسېر دېڭىز ئارمىيىسى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ دېڭىزدا زەربە بېرىدىغان ئاساسىي كۈچلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. ئۇ1-، 2-دۇنيا ئۇرۇشلىرىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان. 1955-يىلى، ئامېرىكا «بوستون» ناملىق ئېغىر تىپتىكى كرېيسېرنى دۇنيا بويىچە تۇنجى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلىك كرېيسېرغا ئۆزگەرتتى. 1957-يىلىدىن ئېتىبارەن، ئامېرىكا دۇنيا بويىچە تۇنجى يادرو ئېنېرگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلىك كرېيسېر ياساشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى ئاساسىي ياراغ قىلغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلىك كرېيسېرلارغا پاراخوتتىن ھاۋاغا، پاراخوتتىن پاراخوتقا، پاراخوتتىن سۇ ئاستى پاراخوتىغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ۋە سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى تىك ئۇچار ئايروپىلان قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى ھەم مۇكەممەل ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر سەپلەندى. بۇلار زەمبىرەكنى ئاساسىي ياراغ قىلغان كرېيسېرلارنىڭ ئورنىنى تەدرىجىي ئالدى.
باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلىك كرېيسېرلارنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى ئاۋىئاماتكىنىڭ قوغدىغۇچى پاراخوتلىرى سۈپىتىدە ئاۋىئاماتكا سېپىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ يىراق مۇساپىلىك پاراخوتتىن پاراخوتقا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئارقىلىق دۈشمەننىڭ ئاۋىئاماتكا سېپى ۋە باشقا چوڭ تىپتىكى سەپلىرىگە ھۇجۇم قىلىدۇ؛ سۇ ھەم قۇرۇقلۇق جەڭلىرىنى ئوت كۈچى ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇرۇش سېپىگە قوماندانلىق قىلىش پاراخوتىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ.
كرېيسېر (ئوكيان چارلاش پاراخوتى) كۆپ خىل جەڭ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە چوڭ تىپتىكى ھەربىي پاراخوت بولۇپ، ئۇنىڭغا چوڭ، ئوتتۇرا كالىبىرلىق بىرنەچچە زەمبىرەك ۋە سۇ ئاستى پاراخوتىغا زەربە بېرىش يارىغى قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئادەتتىكى زامانىۋى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلىك كرېيسېرلارنىڭ ھاۋا، دېڭىز ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈكرەك بولىدۇ. ئادەتتە مەلۇم ساندا باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد سەپلىنىدۇ، ئۇنىڭدا ھەم ئوتتۇرا كالىبىرلىق ئاپتوماتىك زەمبىرەك، ھەم تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدىن مۇداپىئەلىنىدىغان كۆپ ستۋوللۇق كىچىك كالىبىرلىق زەمبىرەك بار، ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق كۆپ ئىقتىدارلىق تىك ئۇچار ئايروپىلان ھەم تورپېدا قاتارلىق سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى ياراغلار ۋە مۇكەممەل ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەن بولۇپ، سەپ تۈزۈپ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.