قانۇن ياردىمى

قانۇن ياردىمى

قانۇن ياردىمى-ھۆكۈمەت قۇرغان قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىنىڭ ئادۋوكات، ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەتچىسى قاتارلىق قانۇن مۇلازىمەت خادىملىرىنى تەشكىللەپ، ئۇلارغا يىتەكچىلىك ۋە ئۇلارنى ماسلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە قىيىنچىلىقى بولغان ياكى پەۋقۇلئاددە دىلودىكى ئالاقىدارغا ھەقنى كېمەيتىپ ياكى ھەقسىز قانۇن مۇلازىمىتى قىلىدىغان بىر تۈرلۈك قانۇن تۈزۈمنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى قانۇن ياردىمى
خەنزۇچە نامى 法律协助

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قانۇن ياردىمىقانۇن ياردىمى-ھۆكۈمەت قۇرغان قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىنىڭ ئادۋوكات، ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەتچىسى قاتارلىق قانۇن مۇلازىمەت خادىملىرىنى تەشكىللەپ، ئۇلارغا يىتەكچىلىك ۋە ئۇلارنى ماسلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە قىيىنچىلىقى بولغان ياكى پەۋقۇلئاددە دىلودىكى ئالاقىدارغا ھەقنى كېمەيتىپ ياكى ھەقسىز قانۇن مۇلازىمىتى قىلىدىغان بىر تۈرلۈك قانۇن تۈزۈمنى كۆرسىتىدۇ.

قانۇن ياردىمىنىڭ دائىرسى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

1. دۆلەت تۆلىمىنى قانۇن بويىچە تەلەپ قىلش؛

2. نەپىقە پۇلى ،قۇتقۇزۇش پۇلى تەلەپ قىلىش؛

3. ئىجدىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتى ياكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تەمىناتى تەلەپ قىلىش؛

4. قاراش خىراجىتى،بېقىپ تەربىيلەش خىراجىتى، بېقىش خىراجىتى تەلەپ قىلىش؛

5. ئەمگەك ھەققى تەلەپ قىلىش؛

6. ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەركىتىدە پەيدا بولغان ھەق-تەلەپ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىش؛

7. ئىشتا يارلىنىش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشنى تەلەپ قىلىش؛

8. مۇھىت بۇلغىنىش،ئاممىيۋى تازىلىق، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش،ھەركىتىدە پەيدا بولغان، ھەق تەلەپ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىش؛

قانۇن ياردىمى9. ئائىلە زوراۋانلىقى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان نىكاھ ماجراسىدا پەيدا بولغان ھەق تەلەپ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىش؛

10. مىيىپلار،ياشانغانلار،قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىسمانىي زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلىش؛پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ياشاش شەرتلىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەمدە قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى قانۇن ياردىمى بېرىش ھەقىقەتەن زۆرۈر دەپ قارىغان باشقا ئىشلار؛

11. پەۋقۇلئاددە جىنايى ئىشلار دىلولىرى.

1. كىملىكى ياكى كۈچكە ئىگە باشقا سالاھىيەت ئىسپاتى،ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ۋەكالەتچىلىك ھوقۇقى ئىسپاتى؛

2. ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلىقى ئىسپاتى؛

3. قانۇن ياردىمى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىشقا ئائىت دىلو ماتىرىيالى.

1. قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش، قانۇن ھۆججەتلىرىنى ۋاكالىتەن يېزىپ بېرىش؛

2. جىنايى ئىشلار بويىچە ئاقلاش ۋەجىنايى ئىشلار بويىچە ۋاكالەتچىلىك قىلىش؛

3. ھەق–تەلەپ دەۋاسىدا ۋاكالەتچىلىك قىلىش، مەمۇرىي دىلودا ۋاكالەتچىلىك قىلىش؛

4. مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش، كېسىم قىلىش؛

5. ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىسپاتى بىجىرىش ئەدىليىلىك باھالاش؛ باشقا شەكىللەردىكى قانۇن مۇلازىمىتى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

قانۇن مەسلىھەت تورى 

http://www.danalar.net/?page_id=79

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#