بەدىئىي گىمناستىكا

بەدىئىي گىمناستىكا

بەدىئىي گىمناستىكا رىتىملىق گىمناستىكا دەپمۇ ئاتىلىپ، ئاياللارغا خاس مۇسابىقىلىق گىمناستىكا تۈرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، ئاياللارنىڭ تەبىئىي ساغلاملىق − گۈزەللىكىگە ئىگە بەدەن ھەرىكەتلىرى، ئۇسسۇل قىياپەتلىرى ۋە فىگۇرا چىقىرىشلىرىنى مەزمۇن قىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى بەدىئىي گىمناستىكا
باشقا نامى Rhythmic Gymnastics
خەنزۇچە ئىسمى 艺术体操

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بەدىئىي گىمناستىكابەدىئىي گىمناستىكا رىتىملىق گىمناستىكا دەپمۇ ئاتىلىپ، ئاياللارغا خاس مۇسابىقىلىق گىمناستىكا تۈرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، ئاياللارنىڭ تەبىئىي ساغلاملىق − گۈزەللىكىگە ئىگە بەدەن ھەرىكەتلىرى، ئۇسسۇل قىياپەتلىرى ۋە فىگۇرا چىقىرىشلىرىنى مەزمۇن قىلىدۇ. پۈتۈن يۈرۈش ھەرىكەتلەر بەدەن ئۇچۇرۇش، ئايلاندۇرۇش، پۈكۈلۈش-تۈزلىنىش، بەدەن بۇراش، دولقۇنلىنىش، سەكرەش، تەڭپۇڭ بولۇش، دومىلاش، تاشلاپ تۇتۇش ۋە نازاكەتلىك ئۇسسۇل قەدەملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەمدە مۇزىكا بىلەن زىچ ماسلاشتۇرۇلىدۇ.

بەدىئىي گىمناستىكابەدىئىي گىمناستىكا كوللېكتىپ ۋە يەككە دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. مۇسابىقە ئەسۋابلىرىدىن تانا، چەمبەر، توپ، تاياق، تاسمىلار بولۇپ، يەككە تۈرلەر مۇسابىقىسىدە ئۇنىڭ ئىچىدىكى تۆت خىلنى تاللاشقا بولىدۇ. كوللېكتىپ مۇسابىقىدە تاللىنىدىغان ئەسۋابلار ھەر قېتىمقى مۇسابىقە قائىدىسى بويىچە بولىدۇ. يەككە تۈرلەر مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق نومۇرى 10، كوللېكتىپ تۈرلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى نومۇرى20 بولىدۇ.

تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا بەدىئىي گىمناستىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 1963-يىلى ۋېنگرىيىنىڭ بۇداپېست شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، كېيىن ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن. 1978-يىلى خەلقئارا گىمناستىكا بىرلەشمىسى يەنە قىتئە بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىككى مۇسابىقە: ياۋروپا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى بىلەن تۆت چوڭ قىتئە لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنى تەسىس قىلغان. 1981-يىلى بەدىئىي گىمناستىكا دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىمۇ تەسىس قىلغان. 1984-يىلىدىكى23-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا بەدىئىي گىمناستىكا ئولىمپىك تەنھەرىكەت تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. 

ھازىر دۇنيادا بۇ خىل ھەرىكەتتە نەتىجىسى ئەڭ ياخشى دۆلەتلەر بۇلغارىيە، روسىيە ۋە سلوۋاكىيە بولۇپ، ياپونىيە، چاۋشيەننىڭ ئەمەلىي كۈچىمۇ ناھايىتى يۇقىرى. ئېلىمىزنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى 1982-يىلى تۆت چوڭ قىتئە بەدىئىي گىمناستىكا مۇسابىقىسىدە كوللېكتىپ ئىككىنچىلىككە ۋە 1984-يىلىدىكى تۆت چوڭ قىتئە بەدىئىي گىمناستىكا مۇسابىقىسىدە كوللېكتىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#