يۈگەن ۋە نۇختا مەدەنىيىتى

يۈگەن

خەلقىمىز ئات ئۈستى مەدەنىيىتىنى يارىتىش بىلەن بىللە، ئات جابدۇق مەدەنىيىتىنىمۇ ياراتقان. ئات جابدۇقلىرىدىن يۈگەن ۋە نوختا ئەنە شۇ مەدەنىيەت ھاسىلاتلىرىنىڭ جانلىق دەلىلىدۇر.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۈگەنخەلقىمىز ئات ئۈستى مەدەنىيىتىنى يارىتىش بىلەن بىللە، ئات جابدۇق مەدەنىيىتىنىمۇ ياراتقان. ئات جابدۇقلىرىدىن يۈگەن ۋە نوختا ئەنە شۇ مەدەنىيەت ھاسىلاتلىرىنىڭ جانلىق دەلىلىدۇر.

 يۈگەن ئات، ئېشەك ۋە قېچىر قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ بېشىىغا سېلىنىدىغان، جوجەي، ھالقا، تىزگىن، قىسقىيان، ئۇزۇنيان، تاماقلىق، چېكىلىك، ساقالدۇرۇق ۋە تىشلىق قاتارلىق بۆلەكلەردىن تەركىبلىنىدىغان ئات باشقۇرۇش جابدۇقى بولۇپ، ئاساسەن 12 تالدىن 16 تالغىچە بولغان تاسما تىلىكچىسىدىن ياپىلاق، قوش، نوخۇرا ۋە قامچا ئۆرۈم شەكىللىرىدە ئۆرۈلۈپ تەييارلانغاندىن سىرت، يۇڭ يىپتىن توقۇلغان ياپىلاق كاشا، ئەن تاسما قاتارلىقلاردىنمۇ ياسىلىدۇ.

 جوجەي ئېغىزدۇرۇق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يۈگەننىڭ ئات ئېغىزىغا سېلىنىدىغان، تۆمۈر ياكى مىستىن ياسىلىدىغان بۆلىكىدىن ئىبارەت بولۇپ، ھالقىلىق جوجەي ۋە پورلۇق جوجەي دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

 قىسقىيان يۈگەننىڭ ئېغىزدۇرۇقتىن ئات ئىڭىكىنىڭ ئوڭ تەرىپىنى بويلاپ تارتىلغان قىسمىدىن ئىبارەت.

 ئۇزۇنيان يۈگەننىڭ ئېغىزدۇرۇقتىن تەڭ يۇقىرىغا چىقىپ سول ئېڭەك بىلەن قۇلاق تۈۋىدىن ئاشۇرۇپ ئورنىتىلغان قىسمىنى كۆرسىتىدۇ.

 تاماقلىق يۈگەن ۋە نوختىلارنىڭ تاماق بويلاپ باغلانغان بېغىدىن ئىبارەت بولۇپ، چەكرەك دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

 ساقالدۇرۇق يۈگەن نوختىلارنىڭ ئات ۋە ئېشەكلەرنىڭ بېشىدىن چىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئېڭەكنىڭ ئاستىغا بېكىتىلىدىغان بۆلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

 ھالقا ئېغىزدۇرۇقنىڭ ئىككى بېشىغا بېكىتىلىدىغان يۇمىلاق تۆمۈردىن ئىبارەت.

 تىشلىق ئاتنىڭ چىشى ئۈستىگە تارتىپ قويۇلىدىغان قوشۇمچە بوغقۇچ ياكى تانا يىپتىن ئىبارەت.

 نوختا ئات، ئېشەك، تۆگە ۋە قېچىر قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ بېشىىغا سېلىنىپ، ئۇلارنى باشقۇرۇش ۋە يېتەكلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان جابدۇق بولۇپ، ئادەتتە تۇمشۇقلۇق، تاماقلىق، ساقالدۇرۇق، چېكىلىك تەركىبلىرى يۈگەن بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. پەقەت چەكرەك، شىلدىرما، مىرۋىت ۋە چۇلۋۇرلىرى پەرقلىق بولىدۇ. خىچىر، تۆگە ۋە ئېشەكلەرنىڭ نوختىسى ئۆزىگە لايىق قىلىنىپ، يۇقىرىقى ئۇسۇلدا تۈگۈلىدۇ ياكى ئۆرۈلۈپ تەييارلىنىدۇ.

 چەكرەك نوختىنىڭ كېكىردەك بىلەن ئېڭەك ئاستىدىكى تۈگۈنچەك جايىنى كۆرسىتىدۇ.

 مىرۋىت بۇنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى ئەرگۇل بولۇپ، باغلاپ قويۇلىدىغان ھايۋانلارنىڭ بوغۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن نوختىنىڭ ئېڭەكلىكىگە بېكىتىلىدىغان ھالقىسىمان تۆمۈر بۇرمىدىن ئىبارەت.

 چۇلۋۇر چۇلۋۇرنىڭ يەنە بىر نامى بۇيلا بولۇپ، ئات، ئۇلاغلارنىڭ نوختىسىنىڭ ئىڭەكلىكىدىكى شىلدىرمىدىن باغلىنىدىغان ئۇزۇنلۇقى ئىككى يېرىم مېتىردىن ئۈچ يېرىم مېتىرغىچە، كەڭلىكى تۆت سانتىمېتىر ئەتراپىدىكى ئەن تاسما تىلىكچىسى، يۇڭ يىپىدىن توقۇلغان ياپىلاق كاشا ياكى كەندىر تالاسىدىن ئېشىلگەن باش بارماق توملۇقىدىكى ئارقاندىن تەييارلىنىدۇ. چۇلۋۇر يەنى بۇيلا تۆگە، كالا، قوتاز قاتارلىق كۆلۈكلەرنى باشقۇرۇش، باغلاشتا ئىشلىتىلىدۇ. چۇلۋۇر ياكى بۇيلىنىڭ بىر ئۇچى تۆگە، كالا، قوتاز قاتارلىق كۆلۈكلەرنىڭ بۇرۇن يۇمشاقلىقىدىن تېشىلىپ ئۆتكۈزۈلگەن چۈلۈككىمۇ باغلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#