دېڭىز يىلىنى
دېڭىز يىلىنى، يىلان كەنجى ئەترىتىدىكى كۆزەينەكلىك يىلان ئائىلىسىگە تەۋە. كۆزەينەكلىك يىلان كەنجى ئائىلىسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ھەممىسى ئالدى ئىلمەك چىشى بولغان زەھەرلىك يىلان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
دېڭىز يىلىنى، يىلان كەنجى ئەترىتىدىكى كۆزەينەكلىك يىلان ئائىلىسىگە تەۋە. كۆزەينەكلىك يىلان كەنجى ئائىلىسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ھەممىسى ئالدى ئىلمەك چىشى بولغان زەھەرلىك يىلان. قۇيرۇقى ياپىلاق، بەدەن ئارقا قىسمى سەل ياپىلاق كېلىدۇ. بۇ كەنجى ئائىلىنىڭ 13 ئۇرۇقدىشى، 38 خىلى بار، غەربتە پارس قولتۇقى، شەرقتە ياپونىيە، جەنۇبتا ئاۋسترالىيە ئىللىق سۇلۇق دېڭىزى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان، بىراق ئاتلانتىك ئوكيان دا دېڭىز يىلىنى يوق.
جۇڭگو نىڭ لياۋنىڭ، جاڭسۇ، جېجىياڭ، فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى ۋە تەيۋەن قاتارلىق جايلارغىمۇ تارقالغان. جۇڭگونىڭ دېڭىز بويىدا دېڭىز يىلىنى 23 خىلى بار، بۇنىڭ ئىچىدە گۇاڭشى، فۇجيەن دېڭىز بويىدىكى دېڭىز يىلىنى بايلىقى مول، شىمالى قىسىم قىرغاقلىرىدا ئەڭ كۆپ، ھەر يىلىدىكى مەھسۇلاتى 50 مىڭ كىلوگرامدىن كۆپ. فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ پىڭتەن، خۇيئەن، شەرقىي تاغ قاتارلىق ھەر قايسى دېڭىز ياقىسىدىكى ناھىيەلەرنىڭ ھەر يىلىدىكى مەھسۇلات مىقدارى 10 مىڭ كىلوگرامدىن كۆپ.
تەڭگىچە قاسرىقى
دېڭىز يىلىنى قۇرۇقلۇق يىلىنىغا ئوخشاش، پۈتۈن تېنى تەڭگىچىلەر بىلەن قاپلانغان بولىدۇ، بىراق دېڭىز يىلىنىنىڭ قاسراقلىرى بىر قەدەر شالاڭ، بەدەن سىرتى نۇرغۇن تەڭگىچىلەر تەرىپىدىن قاپلانغان، بۇ ئورۇننىڭ تېرىسى ئالاھىدە قېلىن بولۇپ، دېڭىز سۈيىدىكى تۇز تەركىبىنىڭ ئورگانىزمغا سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، بىرلا ۋاقىتتا تېنىدىكى سۇنىڭ تارقىلىشىنى توسۇش رولىنى ئوينايدۇ.
دېڭىز يىلىنى قۇرۇقلۇق بۇسۇغىسى ۋە ئارال ئەتراپىدىكى تېيىز سۇلاردا ياشايدۇ، كۆل سۈيىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 100 مېتىردىن كەڭ دېڭىز تەۋەسىدە ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قۇم ئاستى ياكى سۇ تېگىدىكى لاي ئارىلاش جەريانىدا ياشايدۇ، بەزىلىرى مارجان خادا تاشلىرى ئەتراپىدىكى سۈزۈك سۇدا ياشايدۇ. دېڭىز يىلىنىنىڭ سۇغا چۆكۈش ۋاقتى 30 مىنۇت، سۇ توختاش ۋاقتى بەك قىسقا بولۇپ، ھەر قېتىم سۇ يۈزىگە بېشىنى چىقىرىپ، ناھايىتى تېزلا بىر چېكىپ يەنە سۇغا شۇڭغۇپ كېتىدۇ.
دېڭىز يىلىنى سۇدا توختاش ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزۇن، بولۇپمۇ كەچقۇرۇن ۋە كېچىدە سۇ يۈزىدىن تېخىمۇ ئايرىلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ سۇ ئۈزۈش ۋاقتى 2 ~ 3 سائەت. دېڭىز يىلىنى توپ ياشاش خاراكتېرلىك ئىگە، دائىم مىڭلىغان توپى سۇنىڭ ئېقىشىنى بويلاپ ئۈزىدۇ، تۇتۇشقا ئاسان، يورۇقلۇققا ئىنتىلىشچان بولىدۇ، كەچتە چىراغ نۇرى ئارقىلىق ئالداپ تۇتۇتسا تېخىمۇ كۆپ ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ.
دېڭىز يىلىنى يېمەكلىك تاللاش خارەكتىرلىك بولىدۇ، نۇرغۇن دېڭىز يىلىنى ئوزۇقلىنىش ئادىتى ئۇلارنىڭ بەدەن شەكلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بەزى تېنى دېڭىز يىلىنىنىڭ ھەم توم، ھەم چوڭ، بوينى ھەم ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن، بېشى ئاجايىپ كىچىك، بۇنداق دېڭىز يىلىنىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يىلانبېلىق بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ.
دېڭىز يىلىنىنىڭ كۆپىيىش مەزگىلىدە ئۇلار كۆپ ھاللاردا يىغىلىپ بىرنەچچە 10 كىلومېتىرغا سوزۇلغان توپ شەكىللەندۈرىدۇ، مانا بۇ دېڭىز يىلىنىنىڭ كۆپىيىش مەزگىلىدە پەيدا بولغان چوڭ كۆلەملىك يىغىلىش ھادىسىسى. بەزىدە دېڭىز يىلىنى پورتلاردا توپ سۇ يۈزىدە لەيلەپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل پورت قاينايدۇ. پۈتۈنلەي سۇدا ياشايدىغان دېڭىز يىلىنى كۆپىيىش شەكلى تۇخۇملۇق تىرىك تۇغىدۇ، ھەر قېتىم تۇغۇلغان 3 ~ 4 تال، 20 ~ 30 سانتىمېتىر ئۇزۇنلىقتا بولىدۇ، ئەمما قىرغاققا چىقالايدىغان دېڭىز يىلىنى تۇخۇم تۇغۇش ئارقىلىق كۆپىيىدۇ، ئۇلار دېڭىز ساھىلىدا تۇخۇم تۇغۇپ، تەبىئىي تۇغۇلىدۇ.
دېڭىز يىلىنىنىڭ كۈشەندىسى دېڭىز بۈركۈتى ۋە باشقا گۆشخور دېڭىز قۇشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار دېڭىز يۈزىدە ئۈزۈپ يۈرگەن كۆردۈم دېڭىز يىلىنىنى كۆرگەندە، تېز ئاسماندىن شۇڭغۇپ چۈشۈپ ئۇنى تۇتۇپلا يىراقلارغا ئۇچۇپ كېتىدۇ، بۇ گەرچە دېڭىز يىلىنى ۋەھشىي ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى بولسىمۇ، ئۇ سۇدىن ئايرىلسا پۈتۈنلەي دېگۈدەك قوغدىنىش بولمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بەزى لەھەڭلەر دېڭىز يىلىنى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ.
دېڭىز يىلىنى زەھىرى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ھايۋان. ئىلمەك تۇمشۇق دېڭىز يىلىنىنىڭ زەھەر سۇيۇقلۇقىنىڭ زەھىرى كۆزەينەكلىك يىلاننىڭ زەھەرلىك سۇيۇقلۇقنىڭ زەھىرىنىڭ ئىككى ھەسسىگە تەڭ، ناترىي سىئانىد زەھەرلىك ئوتتىرا سۈرئىتىنىڭ 80 ھەسسسىگە تەڭ. دېڭىز يىلىنىنىڭ زەھەر سۇيۇقلۇقىنىڭ تەركىبى كۆزەينەكلىك يىلان زەھىرى نېرۋا زەھىرى بىلەن ئوخشاش، لىكىن ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى، ئۇنىڭ زەھەر سۇيۇقلۇقى ئادەم بەدىنىدىكى ئىختىيارى مۇسكۇلغا تەسىر قىلىدۇ، نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىرى بولمايدۇ. دېڭىز يىلىنى ئادەم چىشلگەندە ئاغرىق سېزىمى بولمايدۇ، ئۇنىڭ زەھەرلىك خۇسۇسىيىتى قوزغىلغىلىپ يەنە يوشۇرۇن بىر مەزگىلى بولىدۇ، دېڭىز يىلىنى چېقىۋالغاندىن كېيىنكى 30 مىنۇتتىن 3 سائەتكىچە زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى روشەن بولمايدۇ، لېكىن بۇ بەك خەتەرلىك، ئاسانلا ئادەمنى ھۇشسىزلاندۇرۇپ بىخۇد قىلىپ قويىدۇ.
دېڭىز يىلىنى دورا قىلىنىدۇ، «دېھقانچىلىق پىرى تۈزگەن ئۆسۈملۈك دورىلار دەستۇرى»دا: دېڭىز يىلىنى دورا قىلىنىدۇ، ئەڭ دەسلەپ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چېن كارامىتىنى« قىزىل، ئاق، زەھەرلىنىشلىك دىزېنتېرىيە، قىرغاۋۇل كېسىلى، يامان چاقا، يامان يارا، داغلاش، قاننى جانلاندۇررش، زەھەر ۋە قۇۋۋەت دورىسى قاتارلىق ئۈنۈمى بار، رېماتىزىملىق بوغۇم، تۆت مۈچە قۇيليشيش، بۇغۇم ئاغرىش، قىچىشقاق كېسىلى، يامان يارا قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا دائىم ئىشلىتىلىدۇ دەپ خاتىرلەنگەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.