شايار بازىرى

شايار بازىرى

شايار بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسىگە جايلاشقان. شايار بازىرى شايار ناھىيەسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت مەركىزى.

ئۇيغۇرچە نامى شايار بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 10.81 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ 4141.5 كۋادرات مېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 沙雅镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون شايار ناھىيەسى
نوپۇسى 400مىڭ 600 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شايار بازىرىشايار بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسىگە جايلاشقان. شايار بازىرى شايار ناھىيەسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت مەركىزى. ئۆگەن دەرياسى بوستانلىقى كىندىكىگە جايلاشقان بولۇپ، شايار ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جاي. ھازىرقى خىزمەت بىناسى سېدەباغ غەربىي كوچىسى 3-نومۇر، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 4141.5 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 2226.76 كۋادرات مېتىر، خىش-بېتون قۇرۇلمىلىق تۆت قەۋەت. بازار ئىچىدە قاتنىشى قۇلايلىق، خەۋەرلىشىش تېز، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە.

شايار بازىرى شايار بازىرىغا قاراشلىق 10 مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى بار: 2 مەمۇرىي كەنت، بىر گوفېڭ باغۋەنچىلىك مەيدانى، ئومۇمىي كۆلىمى 10.81 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى6820 مو، بۇنىڭ ئىچىدە باغ كۆلىمى 6614.9 مو؛ ئومۇمىي نوپۇس 40مىڭ 600 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ % 75.5 ئىگىلەيدۇ، يېزا ئاھالىسى 1900 دىن ئارتۇق بۇلۇپ، %5.8 نى ئىگىلەيدۇ. جەمئىي 21 ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى بار، كەنتلەر، مەھەللىسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، خەلق ئەسكەرلىرى، ئامانلىق ساقلاش، مەھەللە مۇلازىمىتى قاتارلىق تەشكىلىي ئورۇنلار مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن. پۈتۈن بازاردىكى خىزمەتتىكى كادىرلار 115 نەپەر، تەكلىپ قىلىنغان خادىملار 56 نەپەر. 

شايار بازىرىشايارنىڭ قەدىمدىن بۇيان «مىۋە چىۋە ماكانى » دېگەن گۈزەل نامى بار، يەر بايلىقى، ئىسسىقلىق بايلىقى مول،باغ-ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى زور. بىر قانچە يىلدىن بۇيان، شايار بازىرى چوڭ جەھەتتە باغۋەنچىلىك پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش، سانائەت ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، باشتىن-ئاخىر مېۋە سورتى ۋە سۈپىتىنى باغ- ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى بىرىنچى ئورۇندا قويغان، « مەركەزلەشكەن، كۆلەملىك ئىگىلىك، يېڭى بۇلۇش » فاڭجېنىغا ئاساسەن، زور كۈچ سۈپەتلىك ئۇرۇق سورتلىرىنى كىرگۈزۈپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، سورت يېڭىلاش قەدىمىنى تېزلىتىپ، مېۋە-چېۋە سۈپىتى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ماس قەدەمدە يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇغان، شايار بازىرى چىقىدىغان نەشپۈت سۈپەت ھەم تەم جەھەتتە كورلا نەشپۈتىدىن قېلىشمايدۇ؛ مۇناقى ئۈزۈمنىڭ دانىسى چوڭ، تەمى تاتلىق، ساقلاشقا چىداملىق بۇلۇپ، ئەلا سۈپەتلىك ئۈزۈم سورتلىرىنىڭ بىرى، بۇنىڭدىن سىرت، يەنە ياڭاق، مايلىق ئۆرۈك، ئالما، شاپتۇل، ئەينۇلا، چىلان قاتارلىقلار بار.

ئۇزۇندىن بۇيان، شايار بازىرى ناھىيە ئىقتىسادى بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇغان. پەن-تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان، جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلگەن، پۈتۈن بازار ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن. يېڭى ئەسىردە، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشتىن ئىبارەت پۇرسەت ۋە خىرىس ئالدىدا، شايار بازىرىدىكى ھەر مىللەت خەلقى يېپيېڭى قىياپەت، كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت بىلەن خەلق ئىگىلىكىنىڭ سىجىل، تېز سۈرئەتتە، ساغلام راۋاجلىنىشنى ئىلگىرى سۈرگەن.

شايار بازىرىشايار بازىرى ئىلگىرى-كېيىن بۇلۇپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىك «ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى»،« جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشتىكى ئىلغار يېزا-بازار» ،« مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇن»، «پەن-تېخنىكىدا ئىلغار يېزا-بازار»، « بەشتە ياخشى » يېزاـ بازارلىق پارتكوم، «مۇھىتى گۈزەل يېزا-بازار»، «مەدەنىي ئورۇن» قاتارلىق نۇرغۇن شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#