بىلسان ياغىچى
بىلسان ياغىچى توسالغۇلارنى ئېچىش، جىگەرنى، مېڭىنى ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، ئىششىق تارقىتىش، بەلغەم بوشىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ زەيتۇن دەرىخى ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك بىلسان دەرىخىنىڭ ياغىچى بولۇپ، ياغىچى سىلىق، خۇش پۇراق، ئېغىر، ئەنبەر رەڭلىك كېلىدۇ. «ئۇد بىلسان» نامى بىلەن دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئاشقازان ۋە جىگەرنىڭ يەلدىن بولغان كېسەللىكلىرى، زىققە، يۆتەل نېرۋا كېسەللىكلىرى، جىگەر تال توسۇلۇش، جىگەر مەنبەلىك يەرقان، بوغۇم ئاغرىقى، بەرەس، تەمرەتكە قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
1. ئۇد بىلساندىن 15 گرام، ھەسەلدىن 300 گرام ئېلىپ، مەجۈن تەييارلاپ ئىچسە، پالەچ، لەقۋانىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. 2. ئىزخر ۋە سۇمبۇلدىن 10 گرام، ھەببى بىلساندىن 15 گرام ئېلىپ، دورىلارنى سوقۇپ سۇپۇپ قىلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىچسە، جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.