تۇساللا يېزىسى

تۇساللا يېزىسى

تۇساللا يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دىكى خوتەن شەھىرى نىڭ شەھەر رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى تۇساللا يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 164 مىڭ مو
پىنيىنچە يېزىلىشى tǔ shā lā xiāng
خەنزۇچە ئاتىلىشى 吐沙拉乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون خوتەن شەھىرى
نوپۇسى 45704 ئادەم
ۋاكالەت نومۇرى 653221200

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۇساللا يېزىسىتۇساللا يېزىسى خوتەن شەھىرى نىڭ شەھەر رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان، شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 7 كىلومېتىر، شەرق تەرىپى گۇجانباغ يېزىسى، شورباغ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇب تەرىپى خوتەن ناھىيەسى لاڭرۇ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي قىسمى خوتەن ناھىيەسى باغچى بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي قىسمى بىلەن جەنۇبىي قىسمى يۇرۇڭقاش دەرياسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، قاراقۇرۇم قاشتېشى يېزىسى بىلەن قوشنا، شەرقىي قىسمى يۇرۇڭقاش دەرياسى بىلەن لوپ ناھىيەسى، غەربىي قىسمى بىلەن بۇزاق يېزىسى، باغچى بازىرى بىلەن قوشنا.

تۇساللا يېزىسىغا قاراشلىق توساللا كەنتى، چۈجىلە كەنتى، جامىدا كەنتى، سىيا كەنتى، كۆكگۈمبەز كەنتى، قارامەت كەنتى، جالالباغ كەنتى، پۇتلاش كەنتى، قاتچى كەنتى، سىپىسيا كەنتى، ماجا كەنتى، تۇجۇڭ كەنتى، ھالالباغ كەنتى، دۆڭ كەنتى، ئاقتىچى كەنتى، سەكسەن كەنتى، ئوچۇق باش كەنتى، كەنئېرىق كەنتى قاتارلىق 19 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.

تۇساللا يېزىسىئايرودروم بۇ يېزىغا جايلاشقان، قاتناش ئىنتايىن قولايلىق، رايون ئەۋزەللىكى روشەن. تۇساللا يېزىسىنىڭ تارىخى ئۇزۇن، قەدىمكى يىپەك يولىدىكى جۇلالىق مەرۋايىت، بايلىقى مول، بولۇپمۇ قاشتېشى، ياڭاق، گىلەم قاتارلىق ئۆزگىچە بايلىقلىرى بولۇپ «قاشتېشى ماكانى» ۋە «گىلەم ماكانى» دېگەن نامى بار، پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 164 مىڭ مو، پۈتۈن يېزىدىكى يەر ئومۇمىي كۆلىمى 40 مىڭ 500 مو، ئومۇمىي تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ 37357 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 0.82 مو. نوپۇسى 9614 ئائىلىلىك، 45704 ئادەم، ئۇنىڭ قارىمىقىدا 19 مەمۇرىي كەنت، بىر دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە بىر چارۋىچىلىق فېرمىسى، 127 تەبىئىي كەنت بار، ئۇيغۇر، خەنزۇ قاتارلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق ئورنى كۆكگۈمبەز كەنتى.

پۈتۈن يېزىدىكى پارتىيە ئەزالىرى 330 نەپەر، ئورگان كادىرلىرى 66 نەپەر، پونكىت كادىرلىرى 103 نەپەر، كەنت كادىرلىرى 143 نەپەر. ئوتتۇرا مەكتەپ 2، باشلانغۇچ مەكتەپ 17، ئوقۇغۇچىسى 7031 ئادەم، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 431 ئادەم. يېزىلىق شىپاخانا بىر، كەنت ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى 19. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەدەنىيەت پونكىتى، رادىئو ئۇزېلى قاتارلىقلار بار. 2011-يىلى يېزا بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 18 مىڭ 700 يۈەنگە يەتكەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 3769 يۈەنگە يەتكەن، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 307 يۈەن ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى %11.9 بولغان.

ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى جەھەتتە شەھەر بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار ئورۇن»، «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا ئىلغار يېزا-بازار»، «ۋىلايەت دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇن»، «ۋىلايەت دەرىجىلىك بەشتە ياخشى يېزا-بازار پارتكوم»، «خوتەن شەھرىنىڭ شەھەر-يېزىلاردىكى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى بويىچە ئىلغار يېزا»، «‹ئىككى ئاساسەن› تەربىيەسى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلغار يېزا»، «خوتەن شەھەرلىك سودىگەر چاقىرىش ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە ئىلغار كوللېكتىپ» قاتارلىق ناملارغا ئېرىشكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#