سېسىق كۈزەن

سېسىق كۈزەن

سېسىق كۈزەننىڭ جەمئىي 22 كەنجى تۈر بار، ئاق قارا ئارلاشقان ئۇزۇن تۈكلۈك تېرىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئاسانلا تارتىدۇ، ھەر خىل ئورمانلىقلاردا، تۈزلەڭلىك ۋە قۇملۇق رايوندا ياشايدۇ. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى سېسىق كۈزەن
خەنزۇچە ئىسمى 臭鼬
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
سىنىپى سۈت ئەمگۈچىلەر
ئائىلىسى ئاغمىخان ئائىلىسىدىكى
ئېنگىلىزچە ئىسمى Striped Skunk
تارقالغان رايونلار كانادا، مېكسىكا ۋە ئامېرىكا
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى گۆشخورلار ئەترىتى
ئۇرۇقداشلىرى سېسىق ئاغمىخان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سېسىق كۈزەنسېسىق نامى پۈركەتكەن بۇ سېسىق كۈزەن ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ يېرىم تاغلىق رايونلىرىدا ياكى ئوتلاقلىقلاردا ياشايدۇ. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 40 سانتىمېتىر كېلىدۇ. پۇتلىرى قىسقا، قۇيرۇقى كەڭ ھەم توم بولۇپ، قارىماققا پىستىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇلار كۈندۈزى ئۆڭكۈر ئىچىدە دەم ئېلىپ، قاش قارايغاندا ۋە كېچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ. سېسىق كۈزەن ئالاھىدە سېسىق پۇراق قويۇپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئامېرىكا سېسىق كۈزەنىنىڭ تۇرقى سەت. ئۇنىڭ كاسىسىنىڭ يېنىدا بىر بەز بولۇپ، ئۇنىڭدىن چىداپ تۇرغۇسىز بىر خىل سېسىق سۇيۇقلۇق چىقىدۇ. ئەگەر بۇ خىل سېسىق سۇيۇقلۇق كۆزگە كىرىپ كەتسە، ئېغىر بولغاندا كۆزنى كۆرمەس قىلىپ قويىدۇ. ئادەم ياكى ھايۋاننىڭ بۇرنىغا تېگىپ كەتسە، پالەچ قىلىپ قويۇش رولىنى ئويناپ، قۇسۇش، ھوشىدىن كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر بۇ خىل سېسىق سۇيۇقلۇق بىر نەرسىگە تېگىپ كەتسە، سېسىق پۇراق ئۇزاققىچە يوقالمايدۇ. شامال يۆنىلىشى بويىچە بولغاندا، بۇ خىل سېسىق پۇراقنى 500 مېتىر نېرىدا تۇرۇپ پۇرىغىلى بولىدۇ. دۈشمەن ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە، سېسىقكۈزەن قۇيرۇقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، قۇيرۇق تەرىپىدىن سېسىق سۇيۇقلۇقنى چاچىدۇ. ئۇ ئىنتايىن سېسىق بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە پالەچ قىلىپ قويۇش رولىنى ئوينايدۇ. دۈشمەنلىرى سېسىق كۈزەن چىقارغان پۇراقنى پۇراپلا قالسا، بۇرنىدىن سۇ ئېقىپ، روھى چۈشۈپ، ئۇنى تۇتقۇدەك ماجالى قالمايدۇ.

سېسىق كۈزەن  سېسىق كۈزەن شۇنداق ئىجتىمائىيلىققا ئىگە ھايۋانات، ئائىلە تۇرمۇشنى ئاساس قىلىپ ياشايدۇ، بەزىدە بىر ئۇۋىدا ئون ياكى ئون ئىككى بۇلىدۇ، ئادەتتە پەقەت بەش-ئالتىسىلا بار، ئالاھىدە سېسىق بەز ئاجراتمىلار مۇداپىئە قوراللىرى. ئۆڭكۈرلەردە تۇرىدۇ، ئوت چۆپ يۇپۇرماقلىرىنى ئۇۋا ماتېرىيال سۈپىتىدە ئىشلىتىدۇ. ئۇۋا رايونىنى 10.4 گېكتار ئەتراپىدا. ئوزۇق تاللىمايدۇ، كۈز ۋە قىشلاردا ياۋا مېۋىلەرنى يەيدۇ، كىچىك تىپتىكى ئەمگۈچىلەر دان يېمەيدۇ، ئەمما باھار ۋە يازلاردا كۆپىنچىسى ھاشارات ۋە دانلىق ئاشلىق قاتارلىقلارنى ئاساسى ئوزۇق قىلىدۇ، جۈپ قۇشقاچ، قۇش تۇخۇمى، يىلان، پاقا قاتارلىقلارنى يەيدۇ، كۈندۈزى ئۆڭكۈر ئىچىدە ئارام ئېلىپ، قاش قارايغاندا ۋە كېچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ. 

سېسىق كۈزەن كانادانىڭ جەنۇبىي قىسمىدىن باشلىنىپ  پۈتكۈل ئامېرىكا، مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسملىرىغىچە.  

 ياشايدىغان رايونلاردا ھەر خىل، ئورمانلىقلار، تۈزلەڭلىك، قۇملۇق رايونى، چاتقاللىق، جىلغا، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ تۆت ئەتراپى قاتارلىقلار.  سېسىق كۈزەن ئامادىللارنى ئىزدەيدۇ، سېسىق كۈزەن يەنە تۈلكە ۋە باشقا ھايۋانلارنىڭ غارىغا، چوقبارتاس ئاستىغا ئۆڭكۈر ياساشنى ياخشى كۆرىدۇ.   

سېسىق كۈزەن  چېتىشىش مەزگىلى بىر ئەركەك كۆپ چىشى بۇلىدۇ، ئىككى ئۈچ ئاي كۈيلەش مەزگىلى، ھامىلدارلىق دەۋرى 63 كۈن. ھەر بىر ھامىلىدە ئىككىدىن ئونغىچە بالىسى بۇلىدۇ،  ئادەتتە قىيا تاشلار ئاستىغا ئۇۋا ياسايدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، قۇرۇتۇلغان ئوت - چۆپلەرنىڭ غولى ۋە ياۋا ئوت - چۆپ يوپۇرماقلىرىنى سېلىنچا قىلىدۇ، ئاساسلىقى بۇ ئۇۋا ئانىنىڭ، ئانا ئاغمىخان بالىسىنى ئايرىم باقىدۇ، يېڭى تۇغۇلغان بالىسى ئانا ھايۋانلار بىلەن بىللە شۇ يىلى قىشنى بىللە ئۆتكۈزىدۇ، تاكى ئۇلار چوڭ بولغۇچە. قۇرامىغا يەتكەن ئەركەكلىرى ياز پەسلىدە ئادەتتە ھەممىسى يالغۇز ياشايدۇ.

سېسىق كۈزەنئاغىمىخان، ئاق ئاغىمىخان ۋە ئىپار مۈشۈك قاتارلىق ھايۋانلارنىڭمۇ سېسىق ئوسۇرىدىغان ئادىتى بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا قىتئەسىدە ياشايدىغان سېسىق كۈزەننى دۇنيا بويىچە ئەڭ سېسىق ھايۋان دېيىشكە بولىدۇ. نۇرغۇن ھايۋانلار ئۇنى يىراقتىن كۆرۈپلا قالسا، دەرھال يوشۇرۇنۇۋالىدۇ، ھەتتا ئوۋچىلارمۇ ئۇنىڭغا يېقىنلشىشتىن قورقىدۇ. دېمەك، بۇ خىل «خىمىيىلىك قورال» ھەقىقەتەن ئىنتايىن يامان ئىكەن.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#