يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى

يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇ

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى 1999-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىيي كومىتېتىنىڭ 7-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1999-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى
ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1999-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区农业机械安全监督管理条例
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 1999-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب  ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا  بۇ نىزام يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ۋە شوپۇر، مەشغۇلاتچىلارنىڭ  بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئونى ئازايتىش، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، يېزا ئىگىلىكىنى  ماشىنلاشتۇرۇش ئىشلىرى ۋە يېزا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئالاقىدار قانۇن، نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ  ئەملىيتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا  بۇ نىزامدا ئېيتىلغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تېرىقچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق بېلىقچىلىق ۋە ئېتىز-ئېرىق سۇ قۇرلىشىدا ئىشلىتىدىغان تراكتۇر، يېزا ئىگىلىك تىرانسىپوت ئاپتوموبىللىرى، باشقا ئۆزى يۈرەر ئېنېرگىيە ماشىنىلىرى ۋە قۇۋۋىتى8.88 كىلوۋاتتىن يۇقىرى تۇرغۇن ماشىنلارنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا  ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلدىغانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ شوپۇر، مەشغۇلاتچىلىرى شۇنىڭدەك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ھەم شەخسلەر بۇ نىزامغا رئايە قىلىشى كېرەك.

4-ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكمەتلىرنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش  تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايۇنىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، كونكرېت خىزمەتنى ئۇنىڭ تارمىقىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ئاپپاراتى يولغا قويىدۇ. 

5-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىدە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرشىغا پايدىلىق بۇلۇش، دېھقانلارغا قۇلايلىق  يارتىش، بىخەتەر مەشغۇلاتقا كاپالەتلىك قىلىش پرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ.

2-باب  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش 

6-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى سېتۋالغانلار ناھىيىلىك ،شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ئاپپاراتىنىڭ تېخنىكىلىق تەكشۈرشىدە لاياقەتلىك بولغان،نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسى ۋە ئىشلىتىش كىنىشكىسى ئالغاندىن كىيىن ئىشلىتىشى كېرەك.

يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش،نوپۇسىنى يۆتكەش ۋە براكقا چىقىرىش قاتارلىقلاردا،ئاۋۋال شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا بېرىپ ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش كېرەك؛باشقا ئۆزگىرىشلەرنى شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىكى ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

7-ماددا  ئۆزى يۈرەر يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رەسمىي نومۇر تاختىسى ئالماي تۇرۇپ ماڭدۇرۇشقا توغرا كەلسە، ماشىنا ئىگىسى شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك  ئاپاراتىدىن ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى ئېلشى ھەمدە بەلگىلەنگەن لىنىيە بۇيىچە ماڭدۇرشى كېرەك.

8-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ نومۇر تاختىسى، كىنىشكىسىنى ئارىيەت بېرىش، ئۆزگەرتىۋېلىش ۋە ياسىۋېلىش مەنئي قىلىنىدۇ.

9-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەرەللىك ھالدا تېخنىكىلىق تەكشۈرتۈش كېرەك، تەكشۈرتمىگەن ياكى تەكشۈرتۈشتىن ئۆتەلمىگەنلىرىنى داۋاملىق ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

10-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ تېخنىكىلىق ھالىتى دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەش تېخنىكا قائىدىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەررگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

ناھىيە-يېزا يوللىرى ۋە ئۆلكە، دۆلەت يوللىرىغا چىقىدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ تېخنىكىلىق ھالىتى  دۆلەتنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بىخەتەر يۈرۈش تېخنىكا قائىدىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەررگە ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە جامائەت خەۋەپسىزلىكى قاتناش ۋاستىلىرىنى  باشقۇرۇش ئورگىننىڭ نازارىتى ۋە تەكشۈرشىنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك.

11-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئەسلىدىكى بىخەتەرلىك تېخنىكا ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈش شەرت. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى قۇراشتۇرۋېلىش مەنئي قىلىنىدۇ.

3-باب  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ شوپۇرلىرى ۋە مەشغۇلاتچىلىرىنى باشقۇرۇش

12-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ شوپۇرلىرى، مەشغۇلاتچىلىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى شوپۇرلۇق مەكتىپى(كۇرسى) ياكى شەرتى تۇشىدىغان شەخسلەر تەرىپىدىن تەربىيىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ياكى مەشغۇلات كىنىشكىسى ئالغاندىن كىيىن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ھەيدىشى ياكى ئۇنىڭدا مەشغۇلات قىلىشى لازىم.

13-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ شوپۇرلىرى، مەشغۇلاتچىلىرى بىخەتەر ھەيدەش ۋە مەشغۇلات قىلىش قائىدىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرشى ۋە يىللىق تەكشۈرشىنى قۇبۇل قىلىشى لازىم.يىللىق تەكشۈرمىگەن ياكى يىللىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەنلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ھەيدىشىگە، ئۇنىڭدا مەشغۇلات قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

14-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ شوپۇرلىرى، مەشغۇلاتچىلىرىدىن نوپۇسى ياكى ئىشلەيدىغان ئورنى ئۆزگەرگەنلىرى نوپۇس ياكى ئورۇن يۆتكەش رەسمىيتىنى بېجىرشى لازىم.

15-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ھەيدەشتە، ئۇنىڭدا مەشغۇلات قىلىشتا شوپۇرلۇق كىنىشكىسى، مەشغۇلات كىنىشكىسى ،يول يۈرۈش كىنىشكىسى، ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بىللە ئېلىپ يۈرۈش، ھەيدىگەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ  تىپى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىدە يېزىلغان ماشىنا تىپىغا ئوخشاش بولۇشى لازىم، تۆۋەندىكى قىلمىشلار مەنئي قىلىنىدۇ:

(1) يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى، مەشغۇلات كىنىشكىسى يوقلارنىڭ ھەيدىشىگە، مەشغۇلات قىلىشىغا بېرىش؛

(2) يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنى ھاراق ئىچىۋېلىپ ھەيدەش، ئۇنىڭدا مەشغۇلات قىلىش؛

(3) بىخەتەر ئىشلەش تېخنىكا شەرتىگە ئۇيغۇن بولمىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنى ھەيدەش، ئۇنىڭدا مەشغۇلات قىلىش؛

(4) قائىدىگە خىلاپ ھالدا ئادەم سېلىش ياكى يۈك بېسىش؛

(5) بىخەتەر مەشغۇلات قىلىشقا توسالغۇ بولىدىغان كېسەل بولغاندا ياكى ھەددىدىن زىيادە چارچىغاندا يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنى ھەيدەش، ئۇنىڭدا مەشغۇلات قىلىش؛

(6) قانۇن، نىزاملاردا مەنئي قىلىنغان باشقا قىلمىشلار.

16-ماددا  ئۈزى يۈرەر يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى ھەيدەشنى ئۆگىنىش كىنىشكىسى بار شوپۇرلار يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنى ئۆگەتكۈچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە كۆرسىتىلگەن لىنىيە بۇيىچە ھەيدىشى لازىم.

4-باب  مۇلازىمەت ۋە نازارەتچىلىك

17-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىرى  ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى تەرىپىدىن تەربىيىلىنىپ ئىمتىھان بېرىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش كىنىشكىسى ئالغاندىن كىيىن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى لازىم.

18-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا بىر تۇتاش فورما كىيشى، بىر تۇتاش بەلگە تاقىشى ھەمدە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارقاتقان مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ شوپۇرلىرى، مەشغۇلاتچىلىرى يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ تەكشۈرشىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

19-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى يىللىق تەكشۈرۈش ۋە نومۇر تاختىسى، كىنىشكە بىرىشتە، دېھقانچىلىق مەۋسۈمىگە بىرلەشتۈرۈپ ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش. نەق مەيداندا ئىش بىجىرىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن دېھقانلارغا قۇلايلىق يارتىشى، تىز مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.بەلگىلىمىگە ئويغۇن ئىلتىماس قىلىنغان ئىشلارنى شۇكۈنى بىجرىپ بۇلىشى لازىم.

20-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ئىش تۈزۈمىنى ئاشكارىلىشى، ئىش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇشى، ئىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرشى، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى، ھوقۇقىدىن پايدىلنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتماسلىقى كېرەك.

21-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى پاش قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرى ئۈستىدىن پاش قىلىنغان ئىشلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يوقۇرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى 30 كۈن ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە پاش قىلغۇچىغا جاۋاپ بىرشى كېرەك.

22-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ھەققىى ئېلىشتا، ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلمىلەرنى ئاساس قىلىشى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۈكۈمىتى بىكىتكەن ئالاقىدار قانۇن نىزاملاردىكى ھەق ئېلىش تۈرى ۋە ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك. ھەق ئېلىش تۈرىنى خالىغانچە كۆپەيتىش، ھەق ئېلىش تۈرىنى خالىغانچە ئۆستۈرۈش مەنئي قىلىنىدۇ.

يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ شوپۇرلىرى، مەشغۇلاتچىىلىرى ۋە ماشىنا ئىگىلىرى قانۇن، نىزام ئاساسى بولمىغان ھەقلەرنى رەت قىلىشقا ھۇقۇقلۇق.

5-باب  ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش

23-ماددا  بۇ «نىزام» دا ئېيتىلغان يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسىسى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى يېزا-كەنت يوللىرىدا ۋە يېزىلاردىكى باشقا مەشغۇلات سورۇنلىردا پەيدا قىلغان ھادىسىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

24-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى مەسئۇل بولىدۇ. كونكرېت چارىسىنى  ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۈكۈمىتى ئايرىم تۈزۈپ چىقىدۇ.

25-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى  ھادىسىسىنى  بىر تەرەپ قىلىشتا يوقىلىپ كىتىش ئېھتىمالى بولغان ياكى كىيىن قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغان دەلىل ئىسپاتلارنى قانۇن بۇيىچە ئالدىن تېزىملاپ ساقلىسا بولىدۇ.

26-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسىسىنى تالاپەتنىڭ ياكى مال-مۈلكنىڭ زىيىنىنىڭ دەرىجىسىگە ۋە مىقدارىغا قاراپ ، يېنىك ھادىسە، ئادەتتىكى ھادىسە، ئېغىر ھادىسە، پەۋقۇلاددە ئېغىر ھادىسە دەپ 4 خىلغا ئايرىلدۇ.

27-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنا  ھادىسىسىدىكى جاۋابكارلىق جاۋاپكارنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى ۋە پەيدا قىلغان ئاقىۋىتىگە قاراپ بىكتىپ، تۇلۇق جاۋابكارلىق،ئاساسلىق جاۋابكارلىق ،تەڭ جاۋابكارلىق ، قۇشۇمچە جاۋابكارلىق ۋە جاۋاپكارسىز دەپ 5 خىلغا ئايرىلىدۇ.

28-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسىسىدە جىسمانىي جەھەتتە زەخمىلەنگەنلەرنى قۇتقۇزۇش-داۋالاشقا توغرا كەلسە، داۋالىنىش ھەققىنى ھادىسە پەيدا قىلغۇچى ياكى ماشىنا ئىگىسى ئالدىن بېرىپ تۇرىدۇ. دېلو ئاياقلاشقاندىن كىيىن ھادىسىدىكى جاۋابكارلىققا قاراپ تۈلەيدۇ.

29-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسىسىدە پەيدا بولغان زىياننى جاۋاپكار ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك جاۋابكارلىقىغا ئاساسەن قانۇن بويىچە تۆلەيدۇ. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ھادىسىسىنڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ جاۋابكارلىق ۋە زىياننى بىكىتكەندىن كىيىن، زىيان تۈلمىنى مۇرەسسە قىلدۇ. مۇرەسسەدە كېلىشىم ھاسىل بولمىسا ياكى كېلىشىم كۈچكە ئىگە بولغاندىن كىيىن بىر تەرەپ كېلىشىمنى ئىجرا قىلمىسا، ئالاقىدار خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

6-باب  قانۇن جاۋابكارلىقى

30-ماددا  مۇشۇ نىزامغا خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى تەنقىت-تەربىيە بىرىدۇ. ھەمدە ئۇلارنى چەكلىك مۇددەتتە تۈزتىشكە بۇيرۇيدۇ. 50 يۈەندىن 200 يۈەنگىچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ. قىلمىشى ئېغىرلىرىغا قۇشۇمچە شوپۇرلۇق كىنىشكىسى، مەشغۇلات كىنىشكىسىنى بىرئاي تۇتۇپ قېلىش جازاسى بەرسە بولىدۇ.

(1) بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرتىلمىگەن ياكى يەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ھەيدىگەنلەر.

(2) يىللق تەكشۈرتىلمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمەي تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنى ھەيدىگەنلەر.

(3) ماشىننىڭ تىپى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىغا يېزىلغىنىىغا ئوخشاش بولمىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنى ھەيدىگەنلەر.

(4) نومۇر تاختىسى، كىنىشكىسى بولمىغان ياكى بىخەتەر ئىشلەش تېخنىكا تەلىپىگە ئۇيغۇن بولمىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ھەيدىگەنلەر، ئۇنىڭدا مەشغۇلات قىلغانلار.

(5) قائىدىگە خىلاپ ھالدا ئادەم سالغان ۋە يۈك باسقانلار.

(6) بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەررگە خىلاپلىق قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى قۇراشتۇرۇلغان، ئۆزگەرتىۋالغانلار.

(7) يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى كىنىشكىسىز ياكى ھاراق ئېچىۋېلىپ ھەيدىگەن ئۇنىڭدا مەشغۇلات قىلغانلار.

(8) يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ نومۇر تاختىسى، كىنىشكىسى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ۋە مەشغۇلات كىنىشكىسىنى ئۆزگەرتىۋالغان، ياسىۋالغان، ئارىيەت بەرگەنلەر.

ئالدىنقى تارماقنىڭ 7-تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن ئەھۋال كۆرۈلسە، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىش مەمۇرىي تەدبىرىنى قوللانسا بۇلىدۇ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىش مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 3 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

31-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى نازارەت قىلىش ئاپپاراتى ئېغىر ھادىسسىدىن يۇقىرى  يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى ھادىسىسى پەيدا قىلغان جاۋاپكارلانىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ياكى مەشغۇلات كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

32-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىرنىڭ ۋەزىيە ئىجرا قىلىشىنى رەت قىلغان، ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش بۇيىچە جازالاش نىزامى»دىكى بەلگىلىمە بۇيىچە جازالايدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

33-ماددا  مۇشۇ نىزامغا خىلاپ باشقا قىلمىشلاردىن مەمۇرىي جازا بېرىشكە تېگىشلىكلىرگە ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بۇيىچە جازا بېرىلىدۇ.         ش ئۇ ئا رنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش نىزامى 

34-ماددا  ئالاقىدار مەمۇرىي جازا قارىغا قايىل بولمىسا، قانۇن بۇيىنچە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى دەۋا قىلسا بولىدۇ.قەرەلى توشقىچە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلمىسا ياكى دەۋا قىلمىسا، جازا قاراىنىمۇ ئىجرا قىلمىسا،جازا قارارى چىقارغان ئورگان خەلق سوت مەھكىمسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.

35-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ۋە ئونىڭ خادىملىردىن بۇ نىزامغا خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرغا ئۆز ئورنى ياكى يوقۇرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق مەمۇرىي چارە كۈرىدۇ.زىيان پەيدا قىلغانلىرى تۆلەم تۈلەيدۇ.

1. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھەق ئالغان، جەرىمانە قويغانلار.

2. كىنىشكا، نومۇر تاختىسىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كەلسە-كەلمەس تارقاتقانلار.

3. يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنى قانۇنسىز ھالدا ۋاقىتلىق تۇتۇپ قالغان ياكى كىنىشكىنى قانۇنسىز بىكار قىلغان، تۇتۇپ قالغانلار.

4. خىزمەت ھۇقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان، پارا سورىغان،پارا ئالغانلار.

5. خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلار.

7-باب  قوشۇمچە پىرىنسىپ

36-ماددا  بۇ نىزام 1999-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1993-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۈكۈمىتى ئېلان قىلغان «شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسى» شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#