خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى

خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى شىنجاڭ خوتەن شەھىرىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ ئاساسى 1938 - يىلى قۇرۇلغان خوتەن ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتىپى، 1978-يىلى 12-ئايدا، گوۋۇيۈەن، ئەسلىدىكى دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىقىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس كۇرۇس مائارىپى ئۈچۈن ئالاھىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى پىداگوگىكا تۈرىدىكى ئالىي مەكتەپ تۈرىنى تەسىس قىلغان. 

ئۇيغۇرچە نامى خوتەن پېداگوگىكا تېخنىكومى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1938-يىلى
ئايرىمىسى ھۆكۈمەت ئۇنىۋېرسىتېتى
ئادرېسى خوتەن شەھىرى بېيجىڭ غەربىي يولى 287 - نومۇر
خەنزۇچە نامى 和田师范专科学校
مەسئۇل تارماق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى
مەكتەپ تۈرى پىداگوگىكا
مەكتەپ مۇدىرى سادىر نۇرمۇھەممەت

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خوتەن پېداگوگىكا تېخنىكومى1938-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلغان. ئەينى ۋاقىتتا مۇقىم مەكتەپ بىناسى يوق ئىدى. 1940-يىلى 3-ئايدا يېڭى مەكتەپ بىناسى پۈتكەن. مەكتەپ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە قىسقا مۇددەتلىك تەربىيىلەش شەكلىنى قوللانغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىيات، جۇڭگو جۇغراپىيىسى، تەبىئەتتىن ئومۇمىي ساۋات، دۇنيا تارىخى، ئالتە چوڭ سىياسەت، ئىجتىمائىي پەلسەپە قاتارلىق دەرسلەر تەسىس قىلىنغان. خوتەن ناھىيىلىك مەدەنىيەت مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشقۇرىشىدا(قارىمىقىدا) بولغان. 1944-يىلى 9-ئايدىن 1950-يىلى 6-ئايغىچە مەكتەپ مۇنتىزم بولغان. ئۈچ يىللىق مائارىپ ئەندىزىسىگە ئۆتكەن. خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت مائارىپ باشقارمىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولغان. 1966-يىلى مەكتەپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىن توختىغان. 1972-يىلى خوتەن پېداگوگىكا مەكتىپى خوتەن ۋىلايەتلىك پېداگوگىكامەكتىپىگە ئۆزگەرتىلگەن. 1978-يىلى 9-ئايدا خوتەن ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتەپ ئىككى ئالىي دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەخسۇس كۇرس سىنىپى، ئادەتتىكى پېداگوگىكا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. ئادەتتىكى پېداگوگىكا سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى 1979-يىلى خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. 1979-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتەپ يەنە بىر قېتىم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى توختاتقان. 1985-يىلى 10-ئايدا مەكتەپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1992-يىلى 10-ئايدا مەكتەپ خوتەن شەھىرى بوستان جەنۇبىي يولى 12-نومۇردىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان مەكتەپ قورۇسىغا كۆچۈپ كېلىپ ئوقۇش باشلىغان. ئەسلىدىكى مەكتەپ ئورنىنى خوتەن مائارىپ ئىنستىتۇتىغا بەرگەن. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 50616 كۋادرات مېتىر، پېداگوگىكا، خەنزۇ تىلى، تەنتەربىيە، گۈزەل-سەنئەت، فىزىكا، ئەدەبىيات قاتارلىق كەسىپلەر تەسىس قىلىنغان. 1999-يىلى كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار 151نەپەرگە يەتكەن. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان 18000 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن.

خوتەن پېداگوگىكا تېخنىكومىخوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە قاش تېشى ، گىلەم ماكانى - شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوتەن شەھىرى بېيجىڭ غەربىي يولى 33 - نومۇرغا جايلاشقان. مەكتەپ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىۋاستە قاراشلىق پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى، كۆپ مىللەتلىك، كۆپ خىل كەسپىي، كۆپ خىل مائارىپ ئەندىزىسى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى پىداگوگىكا تۈرىدىكى ئالىي مەكتەپ. ياخشى ئوقۇتۇش، خىزمەت، ياشاش شارائىتى، تۇرمۇش شارائىتى، رەتلىك، مۇنتىزىم مەكتەپ مۇھىتى ھەر بىر ئوقۇغۇچى كۆڭۈلدىكىدەك مەكتەپ. 

خوتەن پېداگوگىكا تېخنىكومىمەكتەپ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنى، فىزىكا فاكۇلتېتى، بىئوخىمىيە فاكۇلتېتى، جۇغراپىيە فاكۇلتېتى، تەنتەربىيە فاكۇلتېتى، جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى، سىياسىي تارىخ، تىل فاكۇلتېتى، كومپيۇتېر ئىلمى فاكۇلتېتى، سەنئەت مائارىپ فاكۇلتېتى قاتارلىق 10 سىستېما ۋە ماركسىزم - لېنىنىزم ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمى، خەنزۇچە مائارىپ ئىككى بۆلۈمى، چوڭلار مائارىپ ئىنستىتۇتى قاتارلىق بولۇپ 13 مەكتەپ باشقۇرغۇچى ئورۇن بار. مەكتەپ ماتېماتىكا، فىزىكا، بىئولوگىيە، خىمىيە، جۇغراپىيە، تەنتەربىيە، ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىياتى، سىياسىي تارىخ، خەنزۇ تىلى، ئۇيغۇر تىلى، كومپيۇتېر، گۈزەل سەنـئەت، نەغمە ‐ ناۋا، سىياسىي نەزەرىيە، مائارىپ نەزەرىيەسى قاتارلىق 17 كەسىپ بار. 

دېڭ شياۋپىڭ نەزىرىيىسى ۋە 《 ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش 》 مۇىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىش، ئىسلاھاتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، مائارىپتا  يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىسلاھ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىش، يادرونى چىڭ تۇتۇپ، (بىر پەنلەر قۇرۇلۇشى يادرو قىلىنغان )، ئۈچ قوشۇن ( ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى چىڭ تۇتۇپ، باشقۇرۇش قوشۇنى، تەجرىبە تېخنىكا قوشۇنى )، بەش قۇرۇلۇش ( ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەكتەپ قورۇسى مۇھىت قۇرۇلۇشىنى، مەكتەپ مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى، جامائەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، ئارقا سەپ مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى )، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇش ئالتە بويىچە ''بىرىنچى'' . يەنى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئەسلىھەلىرى، بىرىنچى دەرىجىلىك باشقۇرۇش، ئالدىنقى قاتاردىكى مەكتەپ مۇھىتى، ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇتقۇچى، بىرىنچى دەرىجىلىك ئوقۇغۇچى ، ئەڭ ياخشى بولغان ئىجتىمائىي ئىناۋىتىنى تىكلەش. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#