روشەنگۇل

روشەنگۇل

بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى «روشەنگۇل» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. زەھەر قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش، ئىششىق قايتۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش، چىرىشنى يوقىتىش، گۆش ئۈندۈرۈش، جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش رولى بار.

دورا نامى روشەنگۇل
خەنزۇچە ئاتىلىشى 千里光

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى «روشەنگۇل» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

روشەنگۇل ئىشقارى، B - كاروتىن، ھىدروخىنون، سالتىسلىك كىسلاتاسى (Salicylic acid) قاتارلىقلار بار.

تولغاق باكتېرىيەسى، ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان باكتېرىيەسى، كېزىك باكتېرىيەسى، قوشۇمچە كېزىك باكتېرىيەسى قاتارلىقلارغا ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى، جىنسى يول تامچە قۇرۇتىنى ئۆلتۈرۈش رولى بار.

ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.

زەھەر قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش، ئىششىق قايتۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش، چىرىشنى يوقىتىش، گۆش ئۈندۈرۈش، جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش.

يىرىڭلىق ئىششىق، غەلۋىرەك، تەمرەتكە، تېرە ياللۇغى، زەھەرلىك يىلان چېقىۋېلىش، كۆز بىرىكتۈرگىچى پەردىسىنىڭ ئۆتكۈر ياللۇغى، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. روشەنگۇلنىڭ ھۆل چۆپىنى سوقۇپ، يانجىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ ياكى 70~105 گىرام روشەنگۇلنى سۇدا قاينىتىپ ئىچسە، يىرىڭلىق ئىششىق، غەلۋىرەك، تەمرەتكە، تېرە ياللۇغى، زەھەرلىك يىلان چېقىۋېلىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. سانجىق ئوت 9 گىرام، روشەنگۇل 12 گىرام، يالپۇز 6 گىرام، قېرىقىز ئۇرۇقى 6 گىرام، زىرىقتىن 6 گىرام ئېلىپ چالا سوقۇپ قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى ۋە يۇتقۇنچاق ياللۇغىغا شىپا بولىدۇ.

3. روشەنگۇل، شاتۇت، مامىرانچىنى قاتارلىقلارنى 10 گىرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ، ئىچسە گال ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ.

12 ~ 20 گىرام.

ئاشقازانغا زىيان قىلىدۇ.

ھەسەل.

نېلۇپەر.

تاغ باغرىلىرى، ئورمان ياقىلىرى، ئوتلاقلاردا ئۆسىدۇ، رايونىمىزنىڭ ھەممە يەرلىرىدىن تېپىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#