سەنشيا بوغۇزى

چاڭجياڭ دەرياسىدىكى سەنشيا(ئۈچ بوغۇز) بوغۇزى

چاڭجياڭ دەرياسى ئاپئاق قارلىق تاغلار ئارىسىدىن ئېقىپ چىققاندىن كېيىن، سىچۇەن ئۆلكىسىدە مىنجياڭ، توجياڭ، جيالىڭجياڭ قاتارلىق تارماق ئېقىملار قوشۇلۇپ چىققان بوغۇز.

نامى سەنشيا بوغۇزى
تەۋەلىكى جۇڭگو
كۆلىمى 193كىۋادىرات كىلومىتىر
ساياھەتكە ماس ۋاقىت باھار پەسلى
باشقا نامى ئۈچ بوغۇز
خەنزۇچە ئاتىلىشى 长江三峡
جۇغراپىيەلىك ئورنى چۇڭچىڭ،خۇبى
بىلەت باھاسى ھەقسىز
كېلىماتى سۇبتروپىك بەلباغ مۇسسۇن كىلىماتى رايونى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چاڭجياڭ دەرياسىدىكى سەنشيا(ئۈچ بوغۇز) بوغۇزىچاڭجياڭ دەرياسى ئاپئاق قارلىق تاغلار ئارىسىدىن ئېقىپ چىققاندىن كېيىن، سىچۇەن ئۆلكىسىدە مىنجياڭ، توجياڭ، جيالىڭجياڭ قاتارلىق تارماق ئېقىملار قوشۇلۇپ سۇ مىقدارى زور دەرىجىدە كۆپىيىدۇ، دەريا يۈزىمۇ كېڭىيىدۇ، دەريا سۈيى ئېقىپ سىچۇەن-خۇبېي چېگرىسىغا كەلگەندە، ۋۇشەن تاغ تىزمىسىنىڭ توسۇشىغا ئۇچرايدۇ، بىراق، ئۆركەشلەپ شىددەتلىك ئېقىپ كەلگەن دەريا سۈيى خۇددى بىر خەنجەردەك ئېگىز تاغ چوققىلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ داۋاملىق ھالدا شەرققە قاراپ ئېقىپ، دۇنيادىكى چوڭ بوغۇزلارنىڭ بىرى بولغان، ئۇزۇنلۇقى204 كىلومېتىر كېلىدىغان ھەيۋەتلىك ئۈچ بوغۇز—چۈيتاڭشيا بوغۇزى، ۋۇشيا بوغۇزى ۋە شىلىڭشيا بوغۇزىنى ھاسىل قىلىدۇ.

چاڭجياڭ دەرياسىدىكى سەنشيا(ئۈچ بوغۇز) بوغۇزىغەربتىن ئېقىپ كەلگەن دەريا سۈيى فېڭجې ناھىيىسىدىكى بەيدىچېڭدىن باشلاپ چاڭجياڭ دەرياسىدىكى ئۈچ بوغۇزنىڭ بىرىنچىسى بولغان چۈيتاڭشيا بوغۇزىغا ئېقىپ كىرىدۇ. گەرچە چۈيتاڭشيا بوغۇزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاران8 كىلومېتىرلا كەلسىمۇ، لېكىن ئۇ يەر بەكمۇ تىك ھەم خەتەرلىك بولغاچقا، «تەبىئىي توسۇق» دېگەن نامى بار. ئىككى قىرغىقىدىكى تىك قىيالار دەريا قىنىغا ئىنتايىن يېقىن بولۇپ، خۇددى دەرياغا ئورنىتىلغان ئىككى چوڭ دەرۋازىغا ئوخشايدۇ. بۇ يەردە دەريا سۈيىنىڭ ئېقىش يولى بەك تار، ئەڭ تار جاينىڭ كەڭلىكى ئاران نەچچە يۈز مېتىرلا كېلىدۇ، شۇڭا سۇ ئېقىمى خۇددى تۈمەنلىگەن ئات بەيگىگە چۈشكەندەك شىددەتلىك ئاقىدۇ. بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ يۇقىرىغا قارىسىڭىز، كۆككە تۇتاشقان بۇلۇتلار بىلەن قاپلانغان چوققىلارنى كۆرىسىز. بۇ يەردە ئاجايىپ فېڭشياڭشيا بوغۇزى، تىك ھەم خەتەرلىك كەلگەن مېڭياڭ پەلەمپىيى، تەتۈر ئېسىلغان راھىب قاتارلىق ئاجايىپ مەنزىرىلەر بار. دېمەك، فېڭشياڭشياڭ(شامال ساندۇقى) بوغۇزى دەپ ئاتىلىشتىكى سەۋەب بۇ يەردىكى تىك قىيا تاشلارنىڭ يوچۇقلىرىدا خۇددى شامال ساندۇقىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان نەرسىلەرنىڭ بولغانلىقىدا. بۇلار قەدىمكى دەۋردىكى توققۇز ئاسما جەسەت ساندۇقىدىن ئىبارەت.

دەريا سۈيى چۈيتاڭشيا بوغۇزىدىن چىقىپ كەڭ جىلغىدىن ئېقىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ۋۇشيا بوغۇزىغا كىرىدۇ. ۋۇشيا بوغۇزى چاڭجياڭ دەرياسىدىكى سەنشيا بوغۇزى ئىچىدىكى ئەڭ رەتلىك بوغۇز ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ۋۇشەن تېغىنىڭ نامى بويىچە ئاتالغان، ئۇنىڭ يەنە بىر نامى چوڭ بوغۇزدۇر. ۋۇشيا بوغۇزىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى40 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ بوغۇز جىلغىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كۆركەملىكى بىلەن مەشھۇر. بۇ يەردە سۇ يولى ئەگرى-توقاي، ئىككى تەرىپىدىكى تاغلار قات-قات جايلاشقان بولۇپ، خۇددى بىر تەبىئىي رەسىملىك كارىدورغا ئوخشايدۇ. «ۋۇشيا بوغۇزىدىكى12 چوققا» ۋۇشيا بوغۇزىنىڭ ئەڭ گۈزەل جايى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەرنىڭ ئىككى قىرغىقى تىك ھەم ئېگىز كەلگەن ھاك تاش جىنسلىق قاتلامدىن ئىبارەت، كىشىلەر ئىككى قىرغىقىدىكى تاغ چوققىلىرىغا نۇرغۇن چىرايلىق ئىسىملارنى قويغان، گۈزەل ئىلاھە چوققىسى بولسا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىدۇر.

1995-يىلىدىن باشلاپ، سەنشيا سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشى باشلاندى، بۇ قۇرۇلۇش دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بولغان سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ، سۇ ئامبىرى رايونىدىكى سۇ ئورنىنىڭ ئېگىزلىكى170 مېتىردىن ئاشىدۇ، ھازىر سەنشيا بوغۇزىنىڭ مەنزىرىسى يېڭى بىر قىياپەتكە كىردى.

چاڭجياڭ دەرياسىدىكى سەنشيا(ئۈچ بوغۇز) بوغۇزىدەريا سۈيى ۋۇشيا بوغۇزىدىن ئېقىپ چىقىپ، 50 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى شياڭشى كەڭ جىلغىسىدىن ئېقىپ ئۆتكەندىن كېيىن، سەنشيا بوغۇزى ئىچىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ھەم ئەڭ شەرقتىكى بوغۇز—شىلىڭشيا بوغۇزى(باشيا بوغۇزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) غا كىرىدۇ. بۇ بوغۇز زىگۇيدىكى شياڭشى دەرياسى ئېغىزىدىن باشلىنىپ يىچاڭدىكى نەنجىنگۇەنگىچە بارىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى75 كىلومېتىر كېلىدۇ، بوغۇز ئادەتتە شەرق ۋە غەربتىن ئىبارەت ئىككى بۆلەككە بۆلۈنىدۇ. غەربىي بۆلىكىدە بېڭشۇ باۋجيەن بوغۇزى ۋە نيۇگەنمافېي بوغۇزى قاتارلىقلار بار، شەرقىي بۆلىكىدە دېڭيىڭ بوغۇزى قاتارلىقلار بار، ئۇلارنىڭ نامى دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى تاغ جىنسلىرىنىڭ شەكىل-ھالىتىگە ئاساسەن قويۇلغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#