قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى توغرىسىدا بەلگىلىمە

قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى توغرىسىدىكى بەلگىل

قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە 2008-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ 104-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان، 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.


ئۇيغۇرچە نامى قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى توغرىسىدا بەلگىلىمە
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2008-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى
ھۆججەت جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ 104-نومۇرلۇق پەرمانى
خەنزۇچە نامى 交通事故处理程序规定
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا يول قاتناش ھادىسسىنى بىر تەرەپ قىلىشنى قىلىپلاشتۇرۇش، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ قانۇن بۇيچە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، يول قاتناش ھادىسسىدىكى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنى ھۇقۇق مەنپەئەتنى قوغداش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى» ۋە ئۇنى يولغا قويۇش نىزامى قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن، قائىدىلەرگە ئاساسەن بۇ بەلگىلىمە تۈزۈپ چىقىلدى. 

2-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى يول قاتناش ھادىسسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئادىل، ئاشكارا، خەلىققە قۇلايلىق، ئۈنۈملۈك بۇلۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

3-ماددا  قاتناش ساقچىللىرى يول قاتناش ھادىسسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا مۇناسىپ دەرىجىدىكى يول قاتناش ھادىسسىنى بىر تەرەپ قىلىش سالاھيىتىگە ئىرىشكەن بۇلۇشى كېرەك.

2-باب باشقۇرۇش تەۋەلىكى

4-ماددا يول قاتناش ھادىسسى يۈز بەرگەن ئۇرۇندىكى ناھيە دەرىجىلىك جامائەت خەۋەپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بۇلىدۇ.ناھيە دەرىجىلىك جامائەت خەۋەپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى تەسىس قىلىنمىغان بولسا رايۇن تەسىس قىلىنغان شەھەرلىك جامائەت خەۋەپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بۇلىدۇ.

5-ماددا يول قاتناش ھادىسسى ئىككىدىن ئارتۇق باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن بولسا، ھادىسسىنىڭ باشلىنىش نوقتىسى تۇرۇشلۇق ئۇرۇندىكى جامائەت خەۋەپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بۇلىدۇ.

باشقۇرۇش تەۋەلىك ھوقۇقى ئۈستىدە تالاش-تارتىش يۈز بەرسە، ئورتاق يۇقىرى دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بېكىتىپ بىرىدۇ. بېكىتىپ بىرىشتىن ئىلگىرى ئەڭ ئاۋۋال بايقىغان ياكى ئەڭ ئاۋۋال مەلۇمات تاپشۇرۇۋالغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئالدىدا بېرىپ يارىلانغانلارنى قوتقۇزۇپ، نەق مەيداننى ئالدىن بىر تەرەپ قىلغاچ تۇرۇشى كېرەك.

6-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى زۆرۈر تېپىلغاندا، تۆۋەن دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ ياكى تۆۋەن دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا چەكلىك مۇددەت ئىچىدە دېلونى باشقا تۆۋەن دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى بەلگىلىسە بولىدۇ. 

دېلونىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى يۆتكەلسە، بىر تەرەپ قىلىش سۈرۈكى دېلو ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. 

7-ماددا ھەربىي قىسىم، قۇراللىق قىسىم خادىملىرى، قاتناش ۋاستىللىرى يول قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرسا، مۇشۇ بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىندۇ. مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيگە مەمۇرى جازا بىرىش ياكى جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرش زۆرۈر بولسا، ھەربىي قىسىم، قوراللىق ساقچى قىسىمغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

3-باپ دىلو مەلۇم قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش

8-ماددا يول قاتناش ھادىسسىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، دەۋالاشقۇچىلار نەخمەيداننى قوغدىشى ھەم دەرھال دىلو مەلۇم قىلىشى كېرەك.

(1) ئادەم ئۈلۈش، يارلىنىش يۈز بەرگەن بولسا؛

(2) مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىغان ھادىسسە يۈز بېرىپ، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ پاكىت ياكى يۈز بىرىش سەۋەبىگە تالاش-تارتىشى بۇلسا، شۇنىڭدەك گەرچە پاكىت ياكى يۈز بىرىش سەۋەبىگە تالاش-تارتىشى بولمىسىمۇ زىياننى تۈلەش توغرىسىدا كىلىشىم ھاسىل قىلالمىغان بولسا؛

(3) ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ نۇمۇر تازختىسى بولمىسا، تەكشۈرتۈش لاياقەتلىك بەلگىسى بولمىسا، سۇغۇرتا بەلگىسى بولمىسا؛

(4) پارتىلاتقۇچ بۇيۇم، ئاسان ئوت ئالىدىغان ئاسان پارتلايدىغان خىمىيىلىك بۇيۇملار ياكى زەھەرلەش خاراكتېردىكى، رادىئاكتىپ خاراكتېردىكى، چىرتىش خاراكتېردىكى، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ پاتولوگېنى قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇملارنى تۇشۇغان قاتناش ۋاسىتىسى؛

(5) قۇرۇلۇشقا، ئاممىۋى ئەسلىھەلەرگە ياكى باشقا ئەسلىھەلەرگە سۇقۇلغان بولسا؛

(6) شوپۇرنىڭ كۈچكە ئىگە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسى پىراۋىسى بولمىسا؛

(7) شوپۇر ھاراق ئىچكەن، دولەت كونتىرول قىلىدىغان روھلاندۇرغۇچ دۇرا ياكى ناركوز دۇرا ئىستىمال قىلىش گۇمانى بولغان بولسا ؛

(8) دەۋالاشقۇچىلار قاتناش ۋاسىتىسىنى ئۆزلىرى يوتكىيەلمىگەن بولسا؛

مال-مۈلۈك زىيىنى يۈز بەرگەن ھادىسسىدە، ئالدىنقى تارماقنىڭ 2-تارماقچىسىدىن 5-تارماقچىسىغىچە بولغان ئەھۋالنىڭ بىرى كۈرۈلگەن بولسا، قاتناش ۋاسىتىسىنى يوتكىسە بولىدۇ، دەۋالاشقۇچىلار دىلو مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، بىىەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش پىرىنسىپى ئاستىدا نەخمەيداننى رەسىمگە تارتىپ ياكى قاتناش ۋاسىتىسى توختىغان ئۇرۇنغا بەلگە قۇيۇپ، قاتناش ۋاسىتىسىنى قاتناشقا تۇسالغۇ بولمايدىغان ئۇرۇنغا يوتكەپ بىر تەرەپ قىلىشنى كۈتسە بۇلىدۇ. 

9-ماددا چوڭ يولدا يول قاتناش ھادىسسى يۈز بەرگەن بولسا، شوپۇر بىىەتەرلىككە پاكالەتلىك قىلىش پىرىنسىپى ئاستىدا دەرھال قاتناش ۋاسىتىسىدىكى ئادەملەرنى تەشكىللەپ يول سىرتىدىكى بىخەتەر ئۇرۇنغا تارقاقلاشتۇرۇپ، قايتا ۋەقە يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش زۆرۈر.شوپۇر يول قاتناش ھادىسسىدە ئۈلۈپ كېتىش ياكى زەخمىلىنىش تۈپەيلى ھەركەت قىلىش ئىمكانىيتى بولمىسا، ماشىنا ئۈستىدىكى باشقىلار ئۆزلىكىدىن تارقاقلىشىشقا تەشكىللىنىشى كېرەك. 

10-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ھەم قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قاتناش ھادىسىسى مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى خاتىرلىشى كېرەك:

(1)مەلۇم قىلىش شەكلى، مەلۇم قىلغان ۋاقىت، مەلۇم قىلغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، تېلىفۇندا مەلۇم قىلغان بولسا، مەلۇم قىلغان تېلىفۇننى خاتىرلەش كېرەك:

(2)يول قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن ۋاقىت، ئۇرۇن؛ 

(3)ئادەمنىڭ ئۈلۈش يارلىنىش ئەھۋالى؛

(4) قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تىپى، قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تاختا نومۇرى، قاتناش ۋاسىتىسىگە خەتەرلىك بۇيۇم قاچىلىغان-قاچىلىمىغانلىقى، ىەتەرلىك بۇيۇمنىڭ تىپى قاتارلىقلار؛

(5)قاتناش ھادىسسىدىكى قېچىپ كىتىشكە چېتىشلىق بولسا، سۇئال سۇراش ھەم خاتىرىگە قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تىپى، رەڭگى، ئالاھيىدىلىكى ھەم قېچىپ كەتكەن يۈنىلىشى، قېچىپ كەتكەن شوپۇرنىڭ قىياپەت ئالاھيىدىلىكى قاتارلىق ئالاقىدار ئەھۋاللار خاتىرلىنىشى كېرەك.

مەلۇم قىلغۇچى ئىسىم-فامىلىسىنى ئېيىتمىسا، دېلوغا خاتىرلەپ قۇيۇش كېرەك. مەلۇم قىلغۇچى ئىسىم-فامىلىسىنى ئاشكارلاشنى خالىمىسا، ئۇنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلاش كېرەك.

11-ماددا جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى يول قاتناش ھادىسىسى مەلۇماتىنى قۇبۇل قىلغان ياكى ساقچى چىقىرىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، بەلگىلىمە بويىچە دەرھال قاتناش ساقچىلىرىنى نەق مەيدانغا ئەۋەتىشى كېرەك. ئادەملەر تالاپەتكە ئۇچىرىغان بولسا ياكى باشقا جىددى ئەھۋال بولسا، جىددىي قۇتقۇزۇش، داۋالاش، ئوت ئۈچۈرۈش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارغا ئۆز ۋاختىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. بىر قېتىمدا 3تىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان ياكى تەسىرى زور بولغان قاتناش ھادىسسى يۈز بەرسە، دەرھال بىر دەرىجە يۇقىرى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ يول قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا دوكلات قىلىش ھەم شۇ جايدىكى جامائەت خەۋەپسىزلىك ئورگىنى ئارقىلىق شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلىشى كېرەك؛ تىجارەتلىك ترانسىپورتقا چېتىلدىغان قاتناش ۋاستىلىرى بولسا، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەمۇرى باشقۇرۇش ئۇرۇنلىرىغا ئۇقتۇرۇش كېرەك؛ پارتىلاتقۇچ بۇيۇمغا، ئاسان ئوت ئالىدىغان ئاسان پارتلايدىغان خىميىۋى بۇيۇم ياكى زەھەرلەش خاراكتېردىكى، رادىئاكتىپ خاراكتېردىكى، چىرتىش خاراكتېردىكى، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ پاتولوگېنى قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇملارغا چېتىشلىق بولسا، دەرھال شۇ جايدىكى جامائەت خەۋەپسىزلىك ئورگىنى ئارقىلىق شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلىش ھەم ئالاقىدار ئۇرۇنلارنى دەل ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشقا ئۇقتۇرۇش كېرەك؛يول، توك تەمىنلەش، ئالاقىلىشىش قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر زىيانغا ئۇچرىغان بولسا ئالاقىدار ئۇرۇنلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشىغا مەلۇم قىلىش كېرەك.

12-ماددا ئالاقىدارلار قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن نەق مەيداندا مەلۇم قىلماي، ئىش ئۆتكەندىن كېيىن جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىدىن ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلغان بولسا، جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى مۇ بەلگىلىمىنىڭ 10-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن خاتىرلەيدۇ ھەم 3كۈن ئىچىدە قۇبۇل قىلىش- قىلماسلىق ھەققىدە قارار چىقىرىدۇ.تەكشۈرۈش ئارقىلىق يول قاتناش ھادىسسىنىڭ پاكىتى مەۋجۇت بولسا، جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قۇبۇل قىلىشى كېرەك ھەمدە دەۋالاشقۇچىلارغا ئۇقتۇرۇپ قۇيۇشى كېرەك؛ تەكشۈرۈش ئارقىلىق يول قاتناش ھادىسسىنىڭ پاكىتىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش مۈمكىن بولمىسا ياكى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولمىسا، دەۋالاشقۇچىلارغا يازمىچە ئۇقتۇرۇلىدۇ ھەم سەۋەبى چۈشەندۈرۈلىدۇ.

4-باب ئۆز-ئارا كىلىشىۋىلىش ۋە ئاددىي تەرتىپ

13-ماددا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرى بىلەن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرى، ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرى بىلەن ماتۇرسىز قاتناش ۋاستىللىرى ئوتتۇرسىدا يۈز بەرگەن مال-مۈلۈك زىيىنى ھادىسسىدە، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ پاكىت ھەم يۈز بىرىش سەۋەبىگە قارىتا تالاش-تارتىشى بولمىسا، زىيان تۈلەم ئىشلىرىنى ئۆز-ئارا كىلىشىپ بىر تەرەپ قىلسا بۇلىدۇ.قاتناش ۋاستىللىرىنى يوتكىگىلى بولسا، دەۋالاشقۇچىلار بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش پىرىنسىپى ئاستىدا نەخمەيداننى رەسىمگە تارتىش ياكى قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئورنىنى بەلگە قىلىپ قويغاندىن كېيىن، دەرھال نەخمەيداندىن ئايرىلىپ، قاتناش ۋاسىتىسىنى قاتناشقا تۇسالغۇ بولمايدىغان ئۇرۇنغا يوتكىگەندىن كېيىن كىلىشىش ئېلىپ بارسا بۇلىدۇ.

ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرى بىلەن ماتۇرسىز قاتناش ۋاستىللىرى ياكى پىيادىلەر ئوتتۇرسىدا يۈز بەرگەن مال- مۈلۈك زىيان ھادىسسىدە، ئاساسلىق پاكىت ھەم يۈز بىرىش سەۋەبى ئېنىق بولسا، ئالاقىدارلار ئالدى بىلەن نەخمەيداندىن ئايرىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن زىيان تۈلەم ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى كىلىشىشى كېرەك.

نەخمەيداندىن ئايرىلىشقا تىگىشلىك بولسىمۇ ئايرىلمىغان بولسا، قاتناش ساقچىللىرى ئالاقىدارلارنى نەخمەيداندىن ئايرىلىشقا بۇيرۇش كېرەك؛قاتناش قىستاڭچىلىقى پەيدا قىلغان بولسا، شوپۇرغا 200يۇەن جەرىمانە قۇيىدۇ؛شوپۇرنىڭ «يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى»غا خىلاپ يەنە باشقا قىلمىشى بولسا قانۇن بۇيچە بىر يوللا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 

14-ماددا مۇشۇ بەلگىلمىنىڭ 13-ماددىسىدىكى ئەھۋال بۇلۇپ، ئالاقىدارلار ئۆز-ئارا كىلىشىپ مۇرەسسە ھاسىل قىلغان بولسا، « يول قاتناش ھادىسسىدىكى زىياننى تۈلەش مۇرەسسەنامىسى»نى تولدۇرشى ھەم بىرلىكتە ئىمزا قۇيۇشى كېرەك.زىيان تۈلەم مۇرەسسەنامىسى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەزمۇنلار -قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن ۋاقىت، ئۇرۇن، ھاۋا كىلىماتى، ئالاقىدارلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ نۇمۇرى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تىپى ۋە تاختا نۇمۇرى، سۇغۇرتا دوكمېنىت نۇمۇرى، قاتناش ھادىسىسىنىڭ ھالىتى، سۇقۇلغان قىسمى، تۆلەم جاۋابكارلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار.

15-ماددا پەقەت ئادەمنىڭ يەڭگىل زەخمىلىنىشى كىلىپ چىققان بولسا ياكى مۇشۇ بەلگىلىمىنىڭ 8-ماددا 1-تارماق 2-تارماقچىسىدىن 8-تارماقچىسىغىچە بولغان ئەھۋالنىڭ بىرى بۇلۇپ مال- مۈلۈك زىيان جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئادەتتىكى تەرتىپنى قوللۇنۇپ بىر تەرەپ قىلسا بۇلىدۇ، بىراق قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايەت گۇماندارلىرى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا . 

ئاددىي تەرتىپنى قوللانغاندا، بىر نەپەر قاتناش ساقچىسى بىر تەرەپ قىلسا بۇلىدۇ.

16-ماددا قاتناش ساقچىسى ئاددى تەرتىپنى قوللۇنۇپ يول قاتناش ھادىسسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، نەخمەيدان ئىسپاتىنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن ئالاقىدارلارنى نەق مەيداندىن چېكىنىشكە بۇيرۇپ، قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك. نەق مەيداندىن چېكىنىشنى رەت قىلغانلارنى مەجبۇرى چېكىندۈرۈش كېرەك؛ئالاقىداردىن قاتناش ۋاسىتىسىنى ئۆزلىرى يوتكىيەلمىگەنلىرىگە قارىتا، قاتناش ساقچىللىرى قاتناش ۋاسىتىسىنى قاتناشقا تۇسالغۇ بولمايدىغان ئۇرۇنغا يوتكەش كېرەك.مۇشۇ بەلگىلمىنىڭ 8-ماددا 1-تارماقنىڭ 6-تارماقچىسى، 7-تارماقچىسىدىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بۇلسا، «يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى نى يولغا قۇيۇش نىزامى»نىڭ 104-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بۇيچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

نەخمەيداندىن چىكىنگەندىن كېيىن، قاتناش ساقچىسى نەخمەيداندىكى مۇقىملاشتۇرۇلغان پاكىت ھەم ئالاقىدارلار، گۇۋاھچىنىڭ بايانى قاتارلىقلارغا ئاساسەن يول قاتناش ھادىسسى يۈز بەرگەن ۋاقىت، ئورۇن، ھاۋا رايى، ئالاقىدارلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسى نومۇرى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تىپى ۋە تاختا نومۇرى، سۇغۇرتا دوكۇمېنتى نومۇرى، قاتناش ھادىسىسىنىڭ ھالىتى، سوقۇلغان قىسمى قاتارلىقلارنى بېكىتىشى ھەم خاتىرىلىۋېلىشى شۇنىڭدەك ئالاقىدار قىلمىشىنىڭ قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىشىدە ئوينىغان رولى، شۇنداقلا سەۋەنلىكىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىگە قاراپ، ئالاقىدارلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى بېكىتىپ، يول قاتناش ھادىسسى ئېتراپنامىسىنى تۈزۈپ، ئلاقىدارلارغا ئىمزا قويدۇرش كېرەك.

17-ماددا  ئالاقىدارلار مۇرەسسە قىلىشىنى ئورتاق تەلەپ قىلسا، قاتناش ساقچىسى شۇ مەيداندىلا مۇرەسسە قىلىشى ھەمدەيول قاتناش ھادىسە ئېتىراپنامىسىگە مۇرەسسە نەتىجىسىنى خاتىرىلىشى، ئۇنىڭغا ئالاقىدارلارنى ئىمزا قويدۇرۇپ، ئالاقىدارلارغا تاپشۇرۇپ بىرىشى كېرەك. 

18-ماددا تۈۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، مۇرەسسە قىلىش تەتبىقلانمايدۇ، قاتناش ساقچىسى ھادىسە ئىتراپنامىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئېنىق يېزىپ قويغاندىن كېيىن، ھادىسە ئېتىراپنامىسىنى ئالاقىدارلارغا تاپشۇرۇپ بەرسە بۇلىدۇ.

(1) ئالاقىدارلارنىڭ يول قاتناش ھادىسىسى ئېتراپنامىسىگە باشقىچە پىكىرى بولسا؛

(2) ئالاقىدارلار يول قاتناش ھادىسە ئېتراپنامىسىگە ئىمزا قۇيۇشنى رەت قىلسا؛

(3) ئالاقىدارلار كېلىشتۈرۈشىگە قۇشۇلمىسا.

5-باب تەكشۈرۈش

1-پاراگراف  ئادەتتىكى بەلگىلىمە

19-ماددا ئاددى تەرتىپتىن باشقىللىرىدا، جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قاتناش ھادىسىسىنى تەكشۈرگەندە، قاتناش ساقچىسى ئىككىدىن ئاز بولماسلىقى كېرەك.

قاتناش ساقچىلىرى تەكشۈرگەندە، تەكشۈرۈلگۈچىگە «خەلق ساقچىسى كىنىشكىسى»نى كۆرسىتىشى، تەكشۈرۈلگۈچىگە قانۇن بۇيىچە بەھرىمەن بۇلۇشقا تېگىشلىك ھۇقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇشى، ئالاقىدارلارغا ئالاقىلىشىش كارتىسىنى ئەۋەتىپ بېرىش كېرەك. ئالاقىلىشىش كارتىسىغا قاتناش ساقچىسىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئىشخانىسىنىڭ ئادرېسى، ئالاقىلىشىش شەكلى، نازارەت قىلىش تېلېفون نۇمۇرى قاتارلىق مەزمۇنلار ئېنىق يېزىلىشى لازىم.

20-ماددا قاتناش ساقچىسى يول قاتناش ھادىسسىنى تەكشۈرگەن ۋاقىتتا دەلىل ئىسپاتلارنى ئۇبېكتىپ، ئەتراپلىق، ۋاقتىدا، قانۇنلۇق توپلىشى كېرەك. 

2-پاراگراف نەق مەيداننى بىر تەرەپ قىلىش ۋە نەخمەيداننى تەكشۈرۈش

21-ماددا قاتناش ساقچىلىرى نەق مەيدانغا بارغاندىن كېيىن، دەرھال تۈۋەندىكى خىزمەتلەرنى دەرھال ئىشلىشى كېرەك:

(1) نەق مەيداننىڭ ئەتراپىغا چەكلەش سىزىقى ئۇرۇنلاشتۇرۇش، بىخەتەر ئارلىققا نۇر چاقنايدىغان ياكى نۇر قايتۇردىغان كۇنۇس شەكىللىك كاناي ۋە ئاگەھلاندۇرۇشبەلگىسىنى قۇيۇپ، مەخسۇس ئادەمنى نەخمەيداندىكى قاتناشقا قۇماندانلىق قىلىش ۋە راۋانلاشتۇرۇشقا بەلگىلىشى، يولنىڭ راۋان بۇلۇش تەرتىپىنى قوغدىشى كېرەك.يول قاتناش ھادىسسى تۈپەيلى قاتناش ئۈزۈلۈپ قالسا ياكى نەخمەيداننى بىر تەرەپ قىلىش، تەكشۈرۈش ئېھتىياجىدىن يولنى تاقاش تەدبىرىنى قوللۇنۇش قاتارلىق قاتناشقا چەك قۇيۇش تەدبىرىنى قوللانغاندا، نەق مەيدانغا قاتناش ۋاسىتىسى كېلىدىغان يۆنىلىشتىكە تارقاقلاشتۇرۇشنى ئالدىن تەشكىللەپ، ئايلىنىپ مىڭىشنى كۆرسىتىش بەلگىسىنى قۇيۇپ قاتناش قىستاڭچىلىقى يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك

(2)يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەش؛

(3)تەكشۈرۈشكە قۇماندانلىق قىلىش، جىددى قۇتقۇزۇش قاتارلىق ماشىنلارنى جىددى قۇتقۇزۇش ۋە تەكشۈرۈشكە قۇلايلىق ئۇرۇنغا توختۇتۇپ، تىرېۋوگا چىرىقىنى ئېچىپ قۇيۇشى، كېچىدە يەنە خەتەرنى مەلۇم قىلىش ئاگاھلاندۇرۇش چىرىغى ۋە دائىرە كۆرسىتىش چىرىغىنى ياندۇرۇش كېرەك؛ 

(4) قاتناش ھادىسىسىگە ئالاقىدارلارنى ۋە گۇۋاھچىلارنى ئىزدەپ تېپىپ، قاتناش ھادىسسى جىنايەت گۇماندارىنى كونتىرول قىلىش.

22-ماددا يول قاتناش ھادىسسى ئادەمنىڭ ئۈلۈشنى پەيدا قىلغان بولسا، جىددى قۇتقۇزۇش، داۋالاش خادىملىرىنىڭ مۇقىملاشتۇرشى ئارقىلىق، داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئۈلۈم ئىسپاتى چىقىرىپ بىرىشى كېرەك.جەسەتنى دەپنە مۇلازىمەت ئۇرۇنلىرى ياكى جەسەتنى توختۇتۇش شارائىتى بار داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا ساجلش كېرەك. 

23-ماددا قاتناش ساقچىلىرى قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن نەق مەيداننى تەكشۈرگەندە، تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىشى كېرەك:

(1)ھادىسسە نەخمەيداننى تەكشۈرۈش، ھادىسسىدىكى قاتناش ۋاسىتىسىنى، ئالاقىدار كىشىلەرنى، يول ھەمدە ماكان مۇناسىۋىتى ۋە ھادىسسە يۈز بەرگەن ۋاقىتتىكى ھاۋا رايى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش؛

(2) نەخمەيدان دەلىل-ئىسپات ماتىرياللىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئېلىش ياكى ئامان ساقلاش؛ 

(3)ئالاقىدار كىشىلەرنى، گۇۋاھچىلارنى ئىزدەپ تېپىپ سۇئال سۇراش ئېلىپ بىرىش ھەمدە سۇئال سۇراش خاتىرسى تەييارلاش؛ 

(4) باشقا تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى.

24-ماددا قاتناش ساقچىسى قاتناش ھادىسىسى نەق مەيداننى تەكشۈرگەندە، مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزام ۋە ئۆلچەملەردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە نەق مەيداننى سۈرەتكە تارتىپ، نەق مەيدان خەرىتىسىنى سىزىپ، ئىز ماددىي ئسپاتلارنى توپلاپ ۋە ئېلىپ، نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى تەييارلاش كېرەك. بىر قېتىمدا ئۈچتىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن قاتناش ھادىسىسى بولسا، نەق مەيداننى سىنئالغۇغا ئېلىش كېرەك.

نەخمەيدان خەرىتىسى، نەخمەيدان تەكشۈرۈش خاتىرسىگە نەق مەيداننى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان قاتناش ساقچىسى، ئالاقىدالار ياكى گۇۋاھچىلار ئىمزا قويۇشى كېرەك. ئالاقىدارلار ئىمزا قويۇشنى رەت قىلسا ياكى ئىمزا قويۇش ئىمكانىيىتى بولمىسا، شۇنداقلا گۇۋاھچىلار بولمىسا، ئەھۋالنى دىلوغا خاتىرلەپ قۇيۇش كېرەك. 

25-ماددا ئىز ياكى ئىسپاتلار ۋاقىت، ئۇرۇن، ھاۋا رايى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يوقۇلۇپ كېتىش ئىھتىمالى بولسا، قاتناش ساقچىسى ئۆز ۋاقتىدا مۇقىملاشتۇرۇش، ئېلىش ياكى ئامان ساقلاش كېرەك. 

ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرى شوپۇرلىرى ھاراق ئىچكەن ياكى دولەت كونتىرول قىلىدىغان روھلاندۇرغۇچ دۇرا، ناركوز دۇرىللىرىنى ئىستىمال قىلغان گۇمان بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى «يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپ بەلگىلمىسى»گە ئاساسەن، دەرھال قان ئېلىش ياكى سۈيدۈكتىن ئەۋرىشكە ئېلىپ، ئالاقىدار تەكشۈرۈش سالاھيىتى بار ئۇرۇنلارنىڭ تەكشۈرۈپ بىرىشىگە يوللاش كېرەك؛ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرى شوپۇرلىرى نەخمەيداندا ئولگەن بولسا، دەرھال نەخمەيداندا قان ئېلىپ تەكشۈرۈش كېرەك.

26-ماددا قاتناش ساقچىلىرى ئالاقىدارلار كىشىلەرنىڭ سالاھىيەت ئسپاتى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسى، سۇغۇرتا بەلگىسى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈش كېرەك؛ قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايەت گۇماندارىنى قانۇن بۇيچە چاقىرتسا بۇلىدۇ.

27-ماددا قاتناش ساقچىللىرى  نەق مەيدان تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، نەق مەيداندا قېپقالغان ماددىي بۇيۇملار ۋە مال-مۈلكلەرنى ئېنىقلاپ ۋە خاتىرلەپ، تىز سۈرئەتتە نەخمەيداننى تازلاشقا تەشكىللەپ، ئىمكانيەتنىڭ بارىچە قاتناشنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. 

نەخمەيداندا قېپقالغان ماددى بۇيۇملارنى نەخمەيداندا قايتۇرغىلى بولسا، نەخمەيداندا قايتۇرش ھەم خاتىرلەپ قۇيۇش كېرەك؛نەخمەيداندا ئىگىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش مۈمكىن بولمىسا، مۇۋاپىق ساقلاپ قۇيۇش، ئىگىسىنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن ئۆز ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بىرىش كېرەك.

28-ماددا دەلىل-ئىسپات توپلاش ئىھتىياجىغا ئاساسەن، جامائەت خەۋەپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ھادىسە تۇغدۇرغان قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەمدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قالسا بۇلىدۇ، ھەمدە مەمۇرى مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللانغانلىق ئىسپاتى چىقىرىپ بىرىدۇ.تۇتۇپ قىلىنغان قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەمدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى مۇۋاپىق ساقلاش كېرەك.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ھادىسە تۇغدۇرغان قاتناش ۋاسىتىسىگە قاچىلانغان يۈكنى تۇتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. قاچىلانغان يۈكنىڭ ئېغىرلىقى، ھەجىمى ھەمدە يۈك زىيىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچى ياكى يۈك ئىگىسىگە يۈكنى ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۇقتۇرىشى كېرەك. ئالاقىدارلارغا ئۇقتۇرۇش قىلغىلى بولمىسا ياكى ئالاقىدارلار ئۆزى بىر تەرەپ قىلمىسا، «جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ مەمۇرىي دېلولارنى بېجىرىش تەرتىپى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى» نىڭ ئالاقىدار بەلگىلمىللىرى بۇيچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

29-ماددا دەلىل-ئىسپات توپلاش ئىھتىياجىغا ئاساسەن، جامائەت خەۋەپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئالاقىدارلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ماددى بۇيۇمنى تۇتۇپ قالسا بۇلىدۇ، ھەمدە تۇتۇپ قالغان ماددى بۇيۇم تىزىملىكىنى ئوخشاش مەزمۇندا ئىككى نۇسخا تەييارلاپ، بىر نۇسخىسىنى ماددى بۇيۇم تۇتۇپ قىلىنغۇچىغا بېرىپ، بىر نۇسخىسى ئارخىپقا سېلىنىدۇ.

تۇتۇپ قىلىش مۇددىتى 30كۈندىن ئېشىپ كىتىشكە بولمايدۇ، دىلو چوڭ، مۇرەككەپ بولسا، شۇ دەرىجىلىك جامائەت خەۋەپسىزلىك ئورگىننىڭ مەسئۇلى ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى جامائەت خەۋەپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ مەسئۇلىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق 30 كۈن ئۇزارتىشقا بۇلىدۇ؛قانۇن بەلگىلىمىلەردە باشقىچە بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

30-ماددا جامائەت خەۋەپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى نەخمەيدان تەكشۈرۈش ئارقىلىق يول قاتناش ھادىسسىگە تەۋە ئەمەس دەپ قارىسا، ئالاقىدارلارغا يازمىچە ئۇقتۇرۇش قىلىش ھەمدە دىلونى مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارغا يوتكەپ بىرىشى ياكى ئالاقىدارلارغا ھەل قىلىش يۇلىنى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇشى كېرەك.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قاتناش ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش داۋامىدا، ئالاقىدارلانىڭ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايەت گۇماندارى ئىكەنلىكىنى بايقالسا، «جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىش تەرتىپى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى»گە ئاساسەن دېلو ئېچىپ تەھقىقلىشى كېرەك. ئالاقىدارلارنىڭ باشقا قانۇنغا خىلاپ جىنايەت گۇماندارى ئىكەنلىكى بايقالسا، ئالاقىدار ئۇرۇنلارغا ئۆز ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بىرىش كېرەك.ئۆتكۈزۈپ بىرىش ھادىسسىنى تەكشۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. 

31-ماددا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مەجبۇرى سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلغان قاتناش ۋاسىتىسى يول قاتناش ھادىسسى سادىر قىلسا، يارلانغانلارنى جىددى قۇتقۇزۇشتا جىددى قۇتقۇزۇش خىراجىتىنى سۇغۇرتا شىركىتى چىقىم قىلىش زۆرۈر بولسا، جامائەت خەۋەپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى يازمىچە ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك.

يارلانغانلارنى جىددى قۇتقۇزۇشتا يول قاتناش ھادىسسى ئىجتىمائى قۇتقۇزۇش فوندىدىن ئالدىن چىقىم قىلىش زۆرۈر بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى يول قاتناش ھادىسسى ئىجتىمائى قۇتقۇزۇش فوندىنى باشقۇرۇش تارمىقىغا يازمىچە ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك.  

3-پارگىراف قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ قېچىپ كەتكۈچىنى ئېنىقلاپ تۇتۇش

32-ماددا  جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى رايون ۋە يول ئەھۋالىغا قاراپ، قاتناش ھادىسىىسى تۇغدۇرۇپ قېچىپ كېتىش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ قېچىپ كەتكۈچىنىڭ تۇتۇش لايىھىسىنى بېكىتىشى كېرەك. 

قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ قېچىپ كېتىش دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئالاقىدارلارنىڭ بايانى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، قاتناش ھادىسسى نەق مەيدانىدىكى ئىز، قېپقالغان بويۇم قاتارلىق يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، ئۆز ۋاقتىدا ئېنىقلاپ تۇتۇش لايھەسىنى ئىشقا سېلىپ، توسۇش ۋە ئېنىقلاپ تۇتۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. 

33-ماددا  دېلو يۈز بەرگەن جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈش توغرىسىدا ئومۇمىي ئوختۇرۇش تارقىتىش، جەمئىيەتكە ئېلان چىقىرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ قېچىپ كېتىش دېلوسىنى ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈش، قاتناش ھادىسسى تۇغدۇرۇپ قېچىپ كەتكەن قاتناش ۋاسىتىسى ياكى پاش قىلىش يىپ ئۇچىنى مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلىسا بۇلىدۇ.ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈش توغرىسدا ئۇمۇمىي ئۇقتۇرۇش تارقاتقاندا ياكى جەمئىيەتكە ئېلان چىقارغاندا، قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ قېچىپ كېتىش دېلوسىنىڭ ئاساسىي پاكىتى، قاتناش ھادىسسى تۇغدۇرۇپ قېچىپ كەتكەن قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئەھۋالى،  ئالاھىدىلىكى ھەمدە قاتناش ۋاسىتىسى قېچىپ كەتكەن يۆنىلىش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار بىلەن تەمىنلەش كېرەك. 

34-ماددا ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈش ئومۇمىي ئۇختۇرۇشنى تاپشۇرۋالغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى توسۇش ياكى تەكشۈرۈشنى دەرھال ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ قېچىپ كەتكەن قاتناش ۋاسىتىسى ياكى گۇمانلىق قاتناش ۋاسىتىسى بايقالسا، ئۇنى تۇتۇپ قېلىپ، قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ قېچىپ كەتكۈچى ياكى ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈش ئۇمۇمىي ئوقتۇرۇشىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان گۇماندارنى قانۇن بويىچە چاقىرىتىپ كېلىش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى دېلو يۈز بەرگەن جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا ۋاقتىدا ئوختۇرۇش قىلىش كېرەك. دېلو يۈز بەرگەن جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى دەرھال قاتناش ساقچىسى ئەۋەتىپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى كېرەك. 

35-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ قېچىپ كەتكەن قاتناش ۋاسىتىسىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى دائىرە بويىچە ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئومۇمىي ئۇختۇرۇشى تارقىتىشى كېرەك. 

36-ماددا  جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ قېچىپ كەتكەن دىلونى رازۋىتكا قىلىپ بىجىرىش مەزگىلىدە، قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىپ قېچىپ كەتكەن دىلودىكى زىيانلانغۇچى ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىدىن دىلونىڭ رازۋىتكا قىلىپ بىجىرىش ئەھۋالىنى سۇرىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئېيتىپ بىرىشى كېرەك.

4-پارگراف  تەكشۈرۈپ، باھالاپ بېكىتىش

37-ماددا تەكشۈرۈش، باھالاش ئېلىپ بىرىش زۆرۈر بولسا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ھادىسە نەق مەيداننى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىنكى 3كۈن ئىچىدە سالاھيەتنى ھازىرلىغان باھالاش ئاپپاراتىغا تەكشۈرۈش، باھالاشنى ھاۋالە قىلىشى كېرەك.جەسەت تەكشۈرۈشنى ئۈلۈپ كەتكەندىن كېيىنكى 3كۈن ئىچىدە ھاۋالە قىلىشى كېرەك.' m0 u& _% T& q

ھادىسە نەق مەيداننى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىنكى 3كۈندىن كېيىن تەكشۈرۈش، باھالاش زۆرۈر بولسا، بىر دەرىجە يۇقۇرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك.

روھىي كېسەلنى باھالاشتا، ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن دوختۇرخانا ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

38-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى تەكشۈرۈش، باھالاش ئاپپاراتى بىلەن تەكشۈرۈش باھالاشنى تاماملاش مۇددىتى ھەققىدە كىلىشىم تۈزۈشى كېرەك.كىلىشىمدىكى مۇددەت 20 كۈندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.20 كۈندىن ئېشىپ كەتسە، بىر دەرىجە يۇقۇرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك، بىراق ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 60كۈندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

39-ماددا سەھيە مەمۇري باشقۇرۇش تارماقلىرى ئىجازەت بەرگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى كەسپى سالاھيەتكە ئىگە بولغان دوختۇرلار يول قاتناش ھادىسسىدىكى يارلانغانلارغا چىقىرىپ بەرگەن دىياگىنۇز ئىسپاتىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى جىسمانى جەھەتتىن زەخمىلىنىشنىڭ دەرىجىسىنى بېكىتىشنىڭ ئۆلچىمى قىلسا بۇلىدۇ.

40-ماددا جەسەت تەكشۈرۈشنى ئاممىۋى سورۇنلاردا ئېلىپ بىرىشقا بولمايدۇ. تەكشۈرۈشتە جەسەتنى يېرىپ تەكشۈرۈش زۈرۈر بولسا، چۇقۇم ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىش كېرەك.

ئىسمىنى بىلگىلى بولمىغان جەسەتنى يېرىپ تەكشۈرۈشتە، چۇقۇم ناھيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جامائەت خەۋەپسىزلىك ئورگانلىرى ياكى بىر دەرىجە يۇقۇرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى مەسئۇلىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك.

41-ماددا جەسەت تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۆلگۈچىنىڭ ئورۇق-تۇغقانلىرىغا دەپنە ئىشلىرىنى10كۈن ئىچىدە بېجىرىپ بولۇشنى ئۇختۇرىش قىلىش كېرەك. يولسىز سەۋەبلەر بىلەن سۈرۈكى ئۆتۈپ كەتسىمۇ بېجىرمىسە دىلوغا خاتىرلەپ قۇيۇش ھەمدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ مەسئۇلغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جەسەتنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. سۈرۈكتىن ئۆتۈپ كەتكەن ساقلاش راسخوتىنى ئۆلگۈچىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئىسمىنى بىلگىلى بولمىغان جەسەتتىن قانۇن دوختۇرى ئادەم بەدىنىنى پەرىقلەندۈرۈپ تەكشۈرۈش ماتېرىيالى ئېلىپ رەسىمگە تارتىپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى توپلىغاندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى «ئىسمىنى بىلگىلى بولمىغان جەسەتنىڭ ئۇچۇرىنى تىزىملاش جەدىۋىلى» نى تولدۇرۇپ، رايۇن تەسىس قىلىنغان شەھەر دەرىجىلىك گىزىت ژورناللاردا جەسەتنى تۇنىۋىلىش ئېلانى چىقىرىدۇ.ئېلان چىقىرىپ 3كۈن ئىچىدە جەسەتنى تۇنۇپ ئېلىپ كىتىدىغانلار چىقمىسا، ناھيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى جامائەت خەۋەپسىزلىك ئورگىننىڭ مەسئۇلى ياكى بىر دەرىجە يۇقۇرىجامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى مەسئۇلىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق جەسەتنى بىر تەرەپ قىلسا بۇلىدۇ.

42-ماددا تەكشۈرۈش باھالاش تارماقلىرى چۇقۇم پۈتۈم بۇيچە ياكى بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە تەكشۈرۈش باھالاشنى تاماملاپ، يازمىچە تەكشۈرۈش باھالاش دوكىلاتى چىقىرىشى، تەكشۈرگۈچى باھالىغۇچى ئىمزا قۇيۇشى ھەم ئۇرۇننىڭ تامغىسىنى بېسىشى كېرەك.تەكشۈرۈش باھالاش دوكىلاتىغا تۆۋەندىكى ئىشلار خاتىرلىنىدۇ:

(1)ھاۋالە قىلغۇچى؛

(2)ھاۋالە قىلىنغان ئىشلار؛

(3)تاپشۇرۇلغان مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار؛

(4)تەكشۈرۈلگەن باھالانغان ۋاقىت:

(5)ئاساسى ۋە يەكۈن خاراكتېرلىك پىكىر، ئانالىز قىلىش ئارقىلىق چىقىرىلغان يەكۈن خاراكتېرلىك پىكىر بولسا، چۇقۇم ئانالىز خەريانى چۈشەندۈرلىشى كېرەك.

43-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى تەكشۈرۈش باھالاش دوكىلاتىنى تاپشۇرۋالغاندىن باشلاپ 2كۈن ئىچىدە، تەكۈرۈش باھالاش دوكىلاتىنىڭ كۈپەيتىلمىسىنى ئالاقىدارلارغا يەتكۈزۈپ بىرىش كېرەك.

ئالاقىدار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈش، باھالاش يەكۈنىگە باشقىچە پىكىرى بولسا، تەكشۈرۈش، باھالاش يەكۈنىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخسىنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىنكى 3كۈن ئىچىدە، باشقىدىن تەكشۈرۈش، باھالاش ئىلتىماسىنى سۇنسا بۇلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ مەسئۇلى تەستىقلىغاندىن كېيىن، يېڭىباشتىن تەكشۈرۈش باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. يېڭىباشتىن تەكشۈرۈش باھالاش ئېلىپ بىرىشتا چۇقۇم باشقىدىن تەكشۈرۈش باھالاش تارماقلىرىغا ھاۋالە قىلىش ياكى تەكشۈرۈش باھالاش تارمىقى باشقىدىن باھالىغۇچى ئىبەرتىشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى يېڭىباشتىن ئېلىپ بىرىلغان تەكشۈرۈش باھالاش دوكىلاتىنى تاپشۇرۋالغاندىن باشلاپ 2كۈن ئىچىدە، يېڭىباشتىن ئېلىپ بىرىلغان تەكشۈرۈش باھالاش دوكىلاتىنىڭ كۈپەيتىلمىسىنى ئالاقىدارلارغا يەتكۈزۈپ بىرىش كېرەك. يېڭىباشتىن ئېلىپ بىرىلدىغان تەكشۈرۈش باھالاش بىر قېتىملىق بىلەن چەكلىنىدۇ.

44-ماددا تەكشۈرۈش باھالاش يەكۈنى مۇقىملاشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى بەش كۈن ئىچىدە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئالاقىدارلارغا تۇتۇپ قىلىنغان ھادىسسىدىكى قاتناش ۋاسىتىسىنى، ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى ھەمدە تۇتۇپ قىلىنغان ماددى بۇيمنى ئېلىپ كىتىشنى ئۇقتۇرشى كېرەك، 

شوپۇرى قېچىپ كەتكەن ئىگىسىز قاتناش ۋاسىتىسى ياكى ئلاقىدارلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ 30كۈنگىچە يەنىلا ئېلىپ كەتمىگەن قاتناش ۋاستىللىرى، ئېلان چىقىرىپ 3ئايغىچە يەنىلا كىلىپ بىر تەرەپ قىلىشنى قۇبۇل قىلمىغانلارغا قارىتا تۇتۇپ قىلىنغان قاتناش ۋاسىتىسى قانۇن بۇيچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

6-باب ئېتراپنامە ۋە قايتا قاراپ چىقىش

1-پاراگراف يول قاتناش ھادىسسى ئېتراپنامىسى

45-ماددا يول قاتناش ھادىسسى ئېتراپنامىسى چۇقۇم تەرتىپى قانۇنلۇق، پاكىتى ئېنىق، دەلىل ئىسپاتى راست تۇلۇق، تەدبىقلانغان قانۇن توغرا، مەسئۇليەتنى ئايرىش ئادىل بۇلۇش كېرەك.

46-ماددا جامائەت خەۋپىسزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئالاقىدارنىڭ قىلمىشىنىڭ قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىشتە ئوينىغان رولىشۇنداقلا سەۋەنلىكنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن، ئالاقىدارلارنىڭ جاۋابكارلىقى بېكتىلدۇ.

(1) ئالاقىدار بىر تەرەپنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن قاتناش ھادىسىسى چىققان بولسا، بارلىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

(2) ئىككى تەرەپ ياكى ئىككى تەرەپتىن ئارتۇق ئالاقىدارلارنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىنى قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن بولسا، ئۇلارنىڭ قىلمىشىنىڭ ھادىسە تۇغۇلۇشتا ئوينىغان رولى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ سەۋەنلىكىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاساسىي جاۋابكارلىق، ئوخشاش جاۋابكارلىق ۋە قۇشۇمچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

(3) ھەر قايسى تەرەپلەر قاتناش ھادىسىسىدە سەۋەنلىك سادىر قىلمىغان بۇلۇپ، قاتناشتىكى تاساددىپى ھادىسىگە تەۋە بولسا، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ جاۋابكارلىقى بولمايدۇ؛

ئالاقىدار بىرتەرەپ قەستەن قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرغان بولسا، يەنە بىر تەرەپنىڭ جاۋابكارلىقى بولمايدۇ.

ئولكە دەرىجىلىك جامائەت خەۋەپسىزلىك ئورگىنى ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، يول قاتناش ھادىسسى جاۋابكارلىقىنى بېكىتىشنىڭ كونكىرىتنى بولغان تەپسىلى پىرىنسىپى ۋە ئولچىمىنى بېكىتىدۇ.

47-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى نەق مەيداننى تەكشۈرگەن كۈندىن باشلاپ 10كۈن ئىچىدە قاتناش ھادىسىسى ئېتراپنامىسىنى تەييارلىشى كېرەك. قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ قېچىپ كەتكەن دىلولاردا قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ قېچىپ كەتكەن قاتناش ۋاسىتىسى ياكى شوپۇرنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىنكى 10كۈن ئىچىدە قاتناش ھادىسىسى ئېتراپنامىسىنى تەييارلىشى كېرەك. تەكشۈرۈش باھالاشقا تېگىشلىك بولسا، تەكشۈرۈش باھالاش يەكۈنى مۇقىملاشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى 5كۈن ئىچىدە قاتناش ھادىسىسى ئېتراپنامىسى تەييارلىشى كېرەك.

ئادەم ئۈلۈش يۈز بەرگەن ھادىسسىدە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قاتناش ھادىسىسى ئېتراپنامىسىنى تەييارلاشتىن بۇرۇن، ھەر قايسى ئالاقىدارلارنى نەخمەيدانغا يىغىپ، دەلىل ئىسپاتنى ئاشكارا تكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈش كېرەك.گۇۋاھچى مەخپىيەتلىكنى ساقلاشنى تەلەپ قىلسا ياكى دولەتنىڭ مەخپىيتىگە، سودا مەخپىيتىگە شۇنىڭدەك شەىسنىڭ سىرىغا چىتىشلىق بولغان دەلىل ئىسپاتلارنى ئاشكارلاشقا بولمايدۇ.ئالاقىدارلار نەخمەيدانغا كەلمىگەن بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى خاتىرلەپ قۇيۇش كېرەك.

48-ماددا قاتناش ھادىسىسى ئېتراپنامىسىگە تۈۋەندىكى مەزمۇنلارنى يېزىپ قۇيۇش كېرەك:

(1) قاتناش ھادىسىسىدىكى ئالاقىدارلار، قاتناش ۋاسىتىسى، يول ۋە قاتناش مۇھىتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى؛

(2) يول قاتناش ھادىسىسىنىڭ يۈز بىرىش جەريانى؛ 

(3) قاتناش ھادىسىسىنىڭ دەلىل-ئىسپاتى ۋە ھادىسسە شەكىللىنىش سەۋەبى توغرىسىدىكى تەھلىل؛ 

(4) ئالاقىدارلارنىڭ قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇشتىكى سەۋەنلىكى، جاۋابكارلىقى ياكى تاسادىبىي سەۋەبلەر؛

(5)يول قاتناش ھادىسسى ئېتراپنامىسى چىقارغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ نامى ۋە ۋاقتى

قاتناش ھادىسىسى ئېتراپنامىسىگە دىلونى بىجىرگۈچى خەلق ساقچىسى ئىمزا قۇيىدۇ ياكى تامغا بېسىپ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش مەخسۇس تامغىسىنى بېسىپ، ئالاقىدارلارغا ئايرىم- ئايرىم يەتكۈزۈپ بىرىدۇ ھەمدە ئالاقىدارلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش، مۇرەسسە قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش ۋە بىۋاستە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلىش ھوقۇقى ھەم موھلىتىنى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇش كېرەك.

49-ماددا قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ قېچىپ كەتكەن ھادىسسە پاش قىلىنمىغان بولسا، زىيانلانغۇچى بىر تەرەپ ئالاقىدار يول قاتناش ھادىسىسى ئېتراپنامىسىنى چىقىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئالاقىدارنىڭ يازما ئىلتىماسىنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىنكى 10كۈن ئىچىدە يول قاتناش ھادىسىسى ئېتراپنامىسىنى تەييارلاپ زىيانلانغۇچى بىر تەرەپ ئالاقىدارغا يەتكۈرۈز بىرىشى كېرەك. يول قاتناش ھادىسسى ئېتراپنامىسىغا قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن ۋاقىت، ئۇرۇن، زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچىنىڭ ئەھۋالى ھەمدە تەكشۈرۈپ ئېرىشكەن پاكىتلارنى ئېنىق يېزىش، زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچىنىڭ سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بار بولسا، زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچىنىڭ جاۋابكارلىقىنى بېكىتىش ؛ زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچىنىڭ سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بولمىسا، زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچىنىڭ جاۋابكارلىقى يوق دەپ بېكىتىش كېرەك. 

50-ماددا يول قاتناش ھادىىسسىنىڭ يۈز بىرىش سەۋەبىنى ئېنىقلاشقا مۈمكىن بولمىسا پاكىتلىرىنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاشقا ئامال بولمىغاندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قاتناش ھادىسىسى ئىسپاتى چىقىرىپ، ئۇنىڭغا قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن ۋاقىت، ئۇرۇن، ئالاقىدارلارنىڭ ئەھۋالى ھەمدە تەكشۈرۈپ ئېرىشكەن پاكىتلار يېزىلىپ، ئالاقىدارلارغا ئايرىم- ئايرىم يەتكۈزۈپ بېرىش كېرەك.

2-پاراگراف قايتا قاراپ چىقىش

51-ماددا ئالاقىدارلار يول قاتناش ھادىسسىگە باشقىچە پىكىرى بولسا، يول قاتناش ھادىسسى ئېتراپنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنىكى 3كۈن ئىچىدە، بىر دەرىجە يۇقىرى دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا يازمىچە قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسى سۇنسا بۇلىدۇ.

قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىغا قايتا قاراپ چىقىش تەلىۋىھەم ئاساسى ۋە ئاسالىق دەلىل ئىسپاتىنى ئېنىق يېزىش كېرەك.

52-ماددا  بىر دەرىجە يۇقىرى دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئالاقىدارلارنىڭ قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى 5كۈن ئىچىدە قۇبۇل قىلىش قىلماسلىق قارارى چىقىرىش كېرەك.تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولسا قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلمايدۇ ھەمدە ئالاقىدارلارغا يازمىچە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.

(1)ھەر قانداق بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلغان ھەمدە سوت قۇبۇل قىلغان بولسا ؛

(2)خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قاتناش ھادىسسى جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان بولسا ؛

(3)ئاددى تەرتىپنى قوللۇنۇپ بىر تەرەپ قىلغان يول قاتناش ھادىسسى بولسا؛

(4)قاتناش ۋاسىتىسى يولنىڭ سىرتىدا يول يۈرگەن ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ھادىسسە بولسا.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلسا، چۇقۇم ئالاقىدارلارغا يازمىچە ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك.

53-ماددا بىر دەرىجە يۇقۇرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى 30كۈن ئىچىدە، تۆۋەندىكى مەزمۇنلارغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ ھەمدە قايتا قاراپ چىقىش يەكۈنى چىقىرىدۇ:

(1)يول قاتناش ھادىسسىنىڭ پاكىتى ئېنىق بولدىمۇ-يوق، دەلىل ئىسپاتى راست تۇلۇق بولدىمۇ-يوق، تەدبىقلانغان قانۇن توغرا بولدىمۇ-يوق؛

(2)يول قاتناش ھادىسسى جاۋابكارلىقىنى ئايرىش ئادىل بولدىمۇ-يوق؛

(3)يول قاتناش ھادىسسىنى تەكشۈرۈش ھەمدە بېكىتىشنىڭ تەرتىۋى قانۇنغان ئۇيغۇن بولدىمۇ-يوق.

قايتا قاراپ چىقىشتا پىرىنسىپ جەھەتتىن يازمىچە تەكشۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، بىراق ئالاقىدارلار تەلىۋىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى زۆرۈر دەپ قارىغان ۋاقىتتا، ھەر قايسى ئالاقىدارلارنى نەخمەيدانغا يىغىپ ھەر قايسى ئالاقىدارلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىسا بۇلىدۇ.

قايتا قاراپ چىقىش مەزگىلىدە، ھەر قانداق بىر تەرەپ ئالاقىدارلار مەزكۈر ھادىسسىنى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز قىلسا ھەمدە سوت قۇبۇل قىلسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قايتا قاراپ چىقىشنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

54-ماددا بىر دەرىجە يۇقۇرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەسلىدىكى يول قاتناش ھادىسسى ئېتراپنامىسىنىڭ پاكىتى ئېنىق ئەمەس، دەلىل ئىسپاتى راست تۇلۇق ئەمەس، مەسئۇليەتنى ئايرىشى ئادىل ئەمەس دەپ قارىسا ياكى تەكشۈرۈش ھەم بېكىتىش قانۇنى تەرتىپكە خىلاپ دەپ قارىسا، قايتا قاراپ چىقىش يەكۈنى چىقىرىپ ئەسلىدە دىلو بىجىرگەن ئۇرۇننىڭ قايتىدىن تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە بۇيرۇشى كېرەك.

بىر دەرىجە يۇقۇرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەسلىدىكى يول قاتناش ھادىسسى ئېتراپنامىسىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل ئىسپاتى راست تۇلۇق، مەسئۇليەتنى ئايرىشى ئادىل، تەكشۈرۈش ھەم بېكىتىشى قانۇنى تەرتىپكە ئۇيغۇن دەپ قارىسا، ئەسلىدىكى يول قاتناش ھادىسسى ئېتراپنامىسىنى كۈچكە ئىگە قىلىش توغرىسىدا قايتا قاراپ چىقىش يەكۈنى چىقىرىش كېرەك. 

55-ماددا بىر دەرىجە يۇقۇرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قايتا قاراپ چىقىش يەكۈنى چىقارغاندىن كېيىن، ھەرقايسى تەرەپ ئالاقىدارلارنى يىغىپ قايتا قاراپ چىقىش يەكۈنىنى نەخمەيداندا ئېلان قىلىش كېرەك.ئالاقىدارلار نەخمەيداندا بولمىسا، قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا شەكىلنى قوللۇنۇپ قايتا قاراپ چىقىش يەكۈنىنى ئالاقىدارلارغا يەتكۈزۈپ بىرىش كېرەك.

بىر دەرىجە يۇقۇرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ قايتا قاراپ چىقىشى بىر قېتىم بىلەن چەكلىنىدۇ.

56-ماددا بىر دەرىجە يۇقۇرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قايتا قاراپ چىقىش يەكۈنى چىقىرىپ يېڭىباشتىن بېكىتىشنى بۇيرىغاندا، ئەسلىدىكى دىلو بىجىرگۈچى ئۇرۇن چۇقۇم 10 كۈن ئىچىدە مەزكۈر بەلگىلمە بۇيچە يېڭباشتىن تەكشۈرۈپ، يول قاتناش ھادىسسى ئېتراپنامىسىنى چىقىرىپ، ئەسلىدىكى يول قاتناش ھادىسسى ئېتراپنامىسىنى كۈچتىن قالدۇرشى كېرەك.

يېڭىباشتىن تەكشۈرۈشتە تەكشۈرۈش باھالاش زۆرۈر بولسا، ئەسلىدىكى دىلو بىجىرگۈچى ئۇرۇن تەكشۈرۈش باھالاش يەكۈنى مۇقۇملاشقانىدىن كېيىنكى 5كۈن ئىچىدە، يول قاتناش ھادىسسى ئېتراپنامىسىنى يېڭىباشتىن چىقىرىپ، ئەسلىدىكى ئەسلىدىكى يول قاتناش ھادىسسى ئېتراپنامىسىنى كۈچتىن قالدۇرشى كېرەك.

يېڭىباشتىن يول قاتناش ھادىسسى ئېتراپنامىسى چىقارغاندا، ئەسلىدىكى دىلو بىجىرگۈچى ئۇرۇن ھەر قايسى تەرەپ ئالاقىدارلارغا يەتكۈزۈشى ھەمدە بىر دەرىجە يۇقۇرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

7-باب جازا ئىجرا قىلىش

57-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى يول قاتناش ھادىسسى ئېتراپنامىسى چىقارغان كۈندىن باشلاپ 5كۈن ئىچىدە ئالاقىدارلارنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشىغا قانۇن بۇيچە جازا بىرىش كېرەك.

58-ماددا يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسسىدىن جىنايەت شەكىللەنسە، قانۇن بۇيچە شوپۇرنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى بىكار قىلىشقا تىگىشلىك بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايەتلىك دەپ ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن، رايون بار شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قانۇن بۇيچە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ؛ قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ قېچىپ كەتكەن ئەھۋالغا قارىتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قانۇن بۇيچە ئۈمۈرۋايەت ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئېلىشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە قارار چىقىرىشى كېرەك. 

59- ماددا   كەسپى ترانسىپورت ئورۇنلىرى ئالتە ئاي ئىچىدە بىر قېتىمدا 3 تىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن يول قاتناش ھادىسىسىدىن ئىككى قېتىم يۈز بەرسە ھەم ئورۇن ياكى قاتنااش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچى قاتناش ھادىسىسىنىڭ بارلىق جاۋابكارلىقىنى ياكى ئاساسلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان بولسا، كەسپىي ترانسىپورت ئورنى تۇرۇشلۇق جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى رايون بار شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا يوللاپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن، چەكلىك مۇددەتتە خەتەرنىڭ يۇشۇرۇن ئامىللىرىنى تۆگۈتۈشكە بۇيرۇش قارارى چىقىرىپ، خەتەرنىڭ يۇشۇرۇن ئامىللىرىنى تۆگەتمىگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يول يۈرۈشنى مەنئي قىلىدۇ ھەمدە قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن جايدىكى شۇنىڭدەك ترانسپورت ئورنى قاراشلىق جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئۇمۇمىي ئۇختۇرۇش قىلىش كېرەك.

8-باب زىيان تۆلىمىنى مۇرەسسە قىلىش

60-ماددا ئالاقىدارلار قاتناش ھادىسىسىدىكى زىيان تۈلىمىگە قارىتا تالاش تارتىشى بولۇپ، ھەر قايسى تەرەپ ئالاقىدارلار بىردەك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا مۇرەسسە قىلىپ قۇيۇشىنى ئىلتىماس قىلسا، يول قاتناش ھادىسىسى ئېتراپنامىسىنى تاپشۇرۋالغان ياكى بىر دەرىجە يۇقۇرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ئەسلىدىكى يول قاتناش ھادىسسى ئېتراپنامىسىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ھەققىدىكى قايتا قاراپ چىقىش يەكۈنى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 10كۈن ئىچىدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا مۇرەسسە قىلىش ھەققىدە يازما ئىلتىماس سۇنۇشى كېرەك.

61-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى چۇقۇم قانۇنلۇق، ئادىل، ئىختىيارلىق، ئۆز ۋاقتىدا بۇلۇش پىرىنسىپى بۇيچە، ئاشكارا شەكىلنى قوللۇنۇپ يول قاتناش ھادىسسىدىكى زىيان تۈلىمىگە مۇرەسسە ئېلىپ بارىدۇ.مۇرەسسە ۋاقتىدا سىرىتتىن ئاڭلاشقا يول قۇيۇلىدۇ، بىراق ئاشكارا ئېلىپ بارماسلىقنى تەلەپ قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

62-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئالاقىدارلار بىلەن مۇرەسسە قىلىش ۋاقتى، ئورنىنى كېلىشۋېلىشى ھەمدە مۇرەسسە قىلىش ۋاقتىدىن3كۈن ئاۋۋال ئالاقىدارلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئېغىزچە ئۇقتۇرۇش قىلغان بولسا، مۇرەسسە خاتىرسىگە يېزىپ قۇيۇش كېرەك. مۇرەسسەگە قاتناشقۇچى مەلۇم سەۋەب بىلەن مۇرەسسەگە ئۆز ۋاقتىدا قاتنىشالمايدىغان بولسا، ئالدىن كېلىشىپ بېكتكەن ۋاقىتتىن بىر كۈن ئاۋۋال مۇرەسسە قىلغۇچى قاتناش ساقچىسىغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، مۇرەسسە قىلىش ۋاقتىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلشى كېرەك.

63-ماددا  قاتناش ھادىسىسىنى مۇرەسسە قىلىشىقا قاتناشقۇچىلار:

(1) قاتناش ھادىسىسىگە ئالاقىدارلار ۋە ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى؛ 

(2) قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرغان قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى ياكى ئۇنى باشقۇرغۇچى؛

(3) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قاتنىشىشىنى زۆرۈر دەپ قارىغان باشقا كىشىلەر.

ھاۋالە قىلىنغان ۋاكالەتچى ھاۋالە قىلغۇچى ئىمزا قۇيۇپ ياكى تامغىسىنى بېسىپ ھۇقۇق بەرگەن ھاۋالىنامىنى كۆرسىتىشى كېرەك. ھۇقۇق بېرىلگەن ھاۋالىنامىگە ھاۋالە قىلىنغان ئىشلار ۋە ھۇقۇق دائىرىسى ئېنىق يېزىلغان بۇلۇش كېرەك.

مۇرەسسەگە قاتناشقاندا، ئالاقىدار ھەربىر تەرەپنىڭ ئادىمى 3كىشىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

64-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى تۆۋەندىكى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا مۇرەسسەنى باشلاش ھەمدە 10كۈن ئىچىدە يول قاتناش ھادىسسى زىيان تۈلەم مۇرەسسەنامىسى ياكى يول قاتناش ھادىسسى زىيان تۈلەم مۇرەسسەسىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنامىسىنى چىقىرىشى كېرەك.

(1)ئادەم ئۈلۈش كېلىپ چىققان بولسا، بەلگىلەنگەن دەپنە ئىشلىرىنى بىجىرىش ۋاقىتى ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ؛

(2)ئادەمنىڭ يارلىنىشى كىلىپ چىققان بولسا، داۋالاش ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ؛

(3)زەخمىلىنىشتىن مېيىپ بۇلۇپ قالغان بولسا، مېيىپلىقى باھالانغان كۈندىن باشلاپ؛

(4)مال-مۈلۈك زىيىنى كېلىپ چىققان بولسا، زىيان بېكىتىلگەن كۈندىن باشلاپ.

65-ماددا قاتناش ساقچىسى يول قاتناش ھادىسسىدىكى زىيان تۈلىمىنى مۇرەسسە قىلىشتا تۆۋەندىكى تەرتىپلەر بويىچەئېلىپ بارىدۇ:

(1)يول قاتناش ھادىسسىدىكى ھەر قايسى ئالاقىدارلارغا ھۇقۇق مەجبۇريىتىنى ئۇقتۇرۇش؛

(2)ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش؛

(3)يول قاتناش ھادىسسى ئېتراپنامىسىدا بېكىتىلگەن پاكىت ھەم «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى»نىڭ 76-ماددىسىدىكى بەلگىلمىگە ئاساسەن، ئالاقىدارلار ئۈستىگە ئالىدىغان زىيان تۈلەم جاۋابكارلىقىنى بېكىتىش؛

(4)زىيان تۈلىمىنىڭ سوممىسىنى ھېساپلاشتا، ھەر قايسى تەرەپ ئالاقىدارلارنىڭ ئۆزى ئۈستىگە ئالىدىغان نىسبىتىنى بېكىتىپ، جىسمانى زىيان تۈلىمىنىڭ ئۆلچىمىنى «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىسمانى تۈلەم دىلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەدبىقلاشقا ئائىت بىر قانچە مەسلە ھەققىدىكى ئىزاھاتى» دىكى بەلگىلىمە بۇيچە ئىجرا قىلىپ، مال مۈلۈك زىيىنىنى رېمۇنىت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققى، باھاغا سۇندۇرۇلغان تۆلەم ھەققى ئەمەلىي قىممەت ياكى باھالىغۇچى ئاپپارات باھالىغان يەكۈن بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛

(5)تۈلەمنى ئىجرا قىلىش شەكلى ۋە مۇددىتىنى بېكىتىش.

66-ماددا  مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق كېلىشىم ھاسىل قىلىنسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى نەخمەيداندا يول قاتناش ھادىسسى زىيان تۈلەم مۇرەسسەنامىسىنى تەييارلاپ، ھەر قايسى ئالاقىدار تەرەپكە ئىمزا قويغۇزۇپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپكە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

مۇرەسسەنامىگە تۆۋەندىكى مەزمۇنلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك:

(1) مۇرەسسە ئاساسى؛

(1) قاتناش ھادىسىسىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى ۋە زىيان ئەھۋالى؛

(2) يول قاتناش ھادىسسى ئېتراپنامىسىدا بېكىتىلگەن ئاساسلىق پاكىت ۋە زىيان ئەھۋالى؛

(3) زىيان تۆلىمىدىكى تۈرلەر ۋە سوممىسى؛

(4) ھەر قايسى تەرەپنىڭ زىيان تۈلەم جاۋابكارلىقى ۋە نىسبىتى؛

(5) تۆلەمنى ئادا قىلىش شەكلى ۋە مۇددىتى؛

(6) مۇرەسسە قىلىنغان ۋاقىت.

مۇرەسسە ئارقىلىق كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى مۇرەسسەنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، يول قاتناش ھادىسسىدىكى زىيان تۈلەم مۇرەسسەسىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنامىسىنى تەييارلاپ، ھەر قايسى تەرەپ ئالاقىدارلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

67-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولسا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى مۇرەسسەنى ئاخىرلاشتۇرشى ھەمدە دىلوغا خاتىرلەپ قۇيۇشى كېرەك:

(1)مۇرەسسە مەزگىلىدە بىر تەرەپ ئالاقىدار خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلغان بولسا؛

(2)بىر تەرەپ ئالاقىدار يولسىز سەۋەپ بىلەن مۇرەسسەگە قاتناشمىسا؛

(3)بىر تەرەپ ئالاقىدار مۇرەسسە جەريانىدا مۇرەسسەدىن چېكىنىپ چقسا. 

9-باب چەتكە چېتىلدىغان قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش

68-ماددا  چەتئەللىكلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى چىگرىسى ئىچىدە يول قاتناش ھادىسسى سادىر قىلسا، مۇشۇ بەلگىلىمە ئىجرا قىلنغاندىن باشقا، يەنە چەتكە چېتىلىدىغان دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر ئىجرا قىلىنىدۇ.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى چەتئەللىكلەر سادىر قىلغان قاتناش ھادىسسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ئالاقىدارلارغا دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن-نىزاملىردا بەلگىلەنگەن ئالاقىدارلارنىڭ قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ھۇقۇق ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇشى كېرەك.

69-ماددا چەتئەللىكلەر قاتناش ھادىسسى سادىر قىلغان بولسا، بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىلگىرى، جامائەت ىەۋەپسىزلىك تارماقلىرى قانۇن بۇيچە چىگرىدىن چىقىپ كىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قۇيسا بۇلىدۇ.

70-ماددا چەتئەللىكلەر يول قاتناش ھادىسسى سادىر قىلسا ھەمدە پۈتۈن جاۋابكارلىقنى ياكى ئاساسى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغان بولسا، جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قاتناش ھادىسىسىدىكى زىيان تۆلەم ھۇقۇقغا ئىگە كىشىگە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىشتىن ئاۋۋال ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇشى كېرەك.

71-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى تول قاتناش ھادىسسىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئورتاق تىل يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ.دولىتىمىزنىڭ تىل يېزىقىنى پىششىق بىلمىسە، تەرجىمان بىلەن تەمىنلەپ بىرىش كېرەك؛ئالاقىدارلار دولىتىمىزنىڭ تىل يېزىقىنى پىششىق بىلگەنلىكتىن باشقىلارنىڭ تەرجىمە قىلىپ بىرىشىگە ئېھتىياجلىق بولمىسا، چۇقۇم يازمىچە باياناتنامە تاپشۇرشى كېرەك.

خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق چەتئەل تەۋەلىكىگە ئىگە بولغان داۋالاشقۇچىلار ئۆزلىرى تەرجىمان تەكلىپ قىلسا بۇلىدۇ، ـەرجىماننىڭ خىراجىتىنى ئالاقىدار ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.

72-ماددا  دىپلوماتىيە ئىمتىيازىغا ۋە كەچۈرۈم ھۇقۇقىغا ئىگە چەت ئەللىكلەر قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرغاندا، قاتناش ساقچىسى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىش ياكى بىكار قىلىش جازاسى بېرىش كېرەك دەپ قارىسا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قالسا بۇلىدۇ. قاتناش ۋاسىتىسىنى تەكشۈرۈش، باھالاشقا تېگىشلىك بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى چۇقۇم ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك ھەمدە تەكشۈرۈپ، باھالاپ بولغاندىن كېيىن، دەرھال قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك؛ئۇلار تەكشۈرۈپ، باھالاشقا قۇشۇلمىسا، دىلوغا خاتىرىلەپ قۇيۇش لازىم. مەجبۇرىي تەكشۈرۈپ، باھالاشقا بولمايدۇ. دپلوماتىيە ئىمتىيازىغا ۋە كەچۈرۈم ھۇقۇقىغا ئىگە چەت ئەللىكلەرنى تەكشۈرۈشكە توغرا كەلسە، سۆھبەتلىشىشنى ئالدىن كېلىشسە بۇلىدۇ؛سوھبەتلەشكەن ۋاقىتتىكى ھۇقۇقى يول قاتناش ھادىسسىدىكى ئالاقىدار مەزمۇن بىلەن چەكلىنىدۇ؛شۇ كىشى تەكشۈرۈشنى قۇبۇل قىلمىسا، دىلوغا خاتىرلەپ قۇيۇش كېرەك.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى توپلىغان دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن، قاتناش ھادىسىسى ئېتراپنامىسى تۈزۈپ، ئالاقىدارلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك، ئالاقىدارلار تاپشۇرۇپ ئېلىشنى رەت قىلسا، ئۇلارتۇرۇشلۇق ئاپپاراتقا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

دىپلوماتىيە ئىمتىيازىغا ۋە كەچۈرۈم ھۇقۇقىغا ئىگە چەت ئەللىكلەر تەكشۈرۈش، ئېنىقلاش، باھالاشنى قۇبۇل قىلمىسا، زىيان تۈلەم ئىشلىرى دىپلۇماتىيە يۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ.

73-ماددا جامائەت خەۋپسىسزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى دېپلوماتىيە ئىمتىيازىغا ۋە كەچۈرۈم ھۇقۇقىغا ئىگە چەت ئەللىكلەر قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ ئادەم ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھادىسسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ئۇنىڭ سالاھىيىتى، گۇۋاھنامىسى ۋە ھادىسە جەريانى، زىيانلىق ئاقىۋەت قاتارلىق ئاساسىي ئەھۋاللارنى دىلوغا خاتىرلىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تىزلىكتە ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار تارمىقىغا ۋە شۇ دولەتنىڭ ئىلمىزدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ياكى كونسولخانىسىغا دوكلات قىلىش كېرەك.

74-ماددا چەتئەلنىڭ جۇڭگۇدا تۇرۇشلۇق كونسۇل ئاپپاراتى، خەلقارا تەشكىلات، خەلجارا تەشكىلاتنىڭ جۇڭگۇدا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتىنىڭ دېپلوماتىيە ئىمتىيازىغا ۋە كەچۈرۈم ھۇقۇقىغا ئىگە خادىملىرى قاتناش ھادىسسى سادىر قىلسا، جامائەت خەۋپسىسزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى مۇشۇ بەلگىلمىنىڭ 73-، 74-ماددىللىرىدىكى بەلگىلىمە بۇيچە بىر تەرەپ قىلىدۇ، بىراق«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ دېپلوماتىيە ئىمتىيازى ۋە كەچۈرۈم ھۇقۇقى نىزامى»، جۇڭگۇ قاتناشقان خەلقارا ئەھدىنامە ھەمدە دولىتىمىزنىڭ ئالاقىدار دولەت ياكى خەلقارا تەشكىلات بىلەن ئورناتقان كىلشىمدە باشقىچە بەلگىلمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.  

10-باب قانۇن ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش

75-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ ساقچى ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش ئورنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ھەم ئۇنىڭ قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى نەق مەيداندا قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلىلىرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلسا بۇلىدۇ.

يۇقىرى دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى تۈۋەن دەرىجىلىك جامائەت خەۋەپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ، خاتالىقنى بايقالسا ۋاقتىدا تۈزىتىشى كېرەك.

76-ماددا قاتناش ساقچىلىرى مۇشۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلپ، قەستەن ياكى سەۋەنلىكتىن پاكىتنى خاتا بىكىتسە، قانۇننى خاتا تەدبىقلىسا، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە خىلاپلىق قىلسا ياكى باشقا قانۇننى ئىجرا قىلىشتىكى خاتالىقىنى سادىر قىلسا، ئالاقىدار بەلگىلىمە بۇيچە خىلاپلىق قىلىش پاكىتى، ئەھۋالى، ئاقىۋىتى ۋە جاۋابكارلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن قانۇن ئىجرا قىلىشتا سەۋەنلىك سادىر قىلغۇچىنىڭ مەمۇرى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ، تەسىرى يامان بولغان بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى رەھبىرىنىڭ مەسئۇليىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

77- ماددا  قاتناش ساقچىسى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ تەكشۈرگۈچى، باھالىغۇچىلىرى چەتلەپ تۇرۇشقا تېگىشلىك بولسا، ئۇنى شۇ دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ مەسئۇلى ياكى تەكشۈرگۈچى، باھالىغۇچى تۇرۇشلۇق جامائەر خەۋەپسىزلىك ئورگىنى قارار قىلىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ مەسئۇلى چەتلەپ تۇرۇشقا تېگىشلىك بولسا، ئۇنى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ مەسئۇلى ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ مەسئۇلى قارار قىلىدۇ.

ئالاقىدارلار ئوتتۇرغا قويغان چەتلەپ تۇرۇش ئىلتىماسىغا قارىتا جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى 2كۈن ئىچىدە قارار چىقىرىدۇھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.

78-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قاتناش ھادىسىسى دېلوسىنى قاراپ چىقىپ تەكشۈرۈشتە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىشىگە تېگىشلىك بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئارخىپ يۆتكەش ئالاقىسىنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىنكى 3كۈن ئىچىدە ياكى سۈرۈك تەلىپى بويىچە، قاتناش ھادىسىسى دېلوسىنى تەكشۈرۈش ماتېرىيالىنىڭ رەسىمىي نۇسخىسىنى خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

79-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىپ قېچىپ كەتكەن قاتناش ۋاسىتىسى ياكى ئادەمنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈشتە ئۈنۈملۈك يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچى ياكى ياردەملەشكەن خادىم، ئۇرۇنلارنى تەقدىرلەپ مۇكاپاتلاش كېرەك.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ھەم قاتناش ساقچىللىرى ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈش ئۇمۇمى ئۇقتۇرشىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈشكە ماسلاشمىسا ياكى ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ۋە ئۇرۇننىڭ ئاسالىق باشقۇرغۇچى رەھبىرىنىڭ مەسئۇليىتىنى سۈرۈشتۈرىدۇ. 

80-ماددا دۆلەت مەخپىيەتلىكى، سودا مەخپىيەتلىكىگە ياكى شەخىسلەرنىڭ خۇسۇسىي سىرىغا چېتىلدىغان، شۇنداقلا ئالاقىدارلار، گۇۋاھچىلار مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشنى تەلەپ قىلغان مەزمۇنلاردىن باشقىلىرىنى ئالاقىدارلار ۋە ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى قاتناش ھادىسىسى ئېتراپنامىسىنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى بىر تەرەپ قىلغان قاتناش ھادىسىسىنىڭ دەلىل-ئىسپات ماتىرىيالللىرىنى كۆرسە، كۆپەيتىپ بېسىۋالسا، كۆچۈرۋالسا بۇلىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئالاقىدارلار كۆپەيتىپ بېسىۋالغان ماتېرىيالىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش تامغىسىنى بېسىپ بىرىشى كېرەك.

11-باب قۇشۇمچە پرىنسىپ

81-ماددا يول قاتناش ھادىسسىنى بىر تەرەپ قىلىش سالاھيەت دەرىجىسىنى باشقۇرۇش بەلگىلمىسىنى ج خ مىنىستىرلىكى قايتىدىن تۈزىدۇ، سالاھيەت كىنىشكىسىنىڭ شەكلىنى مەملىكەت بۇيچە بىرلىككە كەلگەن بۇلىدۇ.

82-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قوشنا ئولكە، شەھەر(ۋىلايەت)، ناھيەلەرنىڭ چىگىرا پاسىلىدىكى دولەت، ئولكە، ناھيە يوللىرى ھەم باشقۇرۇش تەۋەلىكى ئىچىدىكى قاتناش ئىقىمى مەركەزلەشكەن يول بۈلەكلىرىگە باشقۇرۇش تەۋەلىكى بولغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ نامى شۇنىڭدەك يول قاتناش ھادىسسىنى مەلۇم قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرىنى كۆرسىتىش بەلگىسىنى ئورنىتىشى كېرەك.

83-ماددا قاتناش ۋاستىللىرى يولنىڭ سىرتىدا يول يۈرگەن ۋاقىتتا يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسسىدە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى دىلو مەمۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، مۇشۇ بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.جىنايەتكە چېتىشلىق بولسا، دەرھال ئالاقىدار تارماقلارغا ئوتكۈزۈپ بىرىدۇ.

84-ماددا مەزكۈر بەلگىلمىنى ئىجرا قىلىشتا زۆرۈر بولغان قانۇن ھۆجقىتىنىڭ نۇسخىسىنى جامائەت خەۋەپسىزلىك مىنىستىرلىكى بېكىتىدۇ. جامائەت خەۋەپسىزلىك مىنىستىرلىكى بىكىتمىگەن نۇسخا بولسا، قانۇننى ئىجرا قىلىش خىزمىتى جەريانىدا زورۈر بولغان باشقا قانۇن ھۆججەتلىرىنى ئولكە دەرىجىلىك جامائەت خەۋەپسىزلىك ئورگىنى نۇسىىسىنى بېكىتسە بۇلىدۇ.

ئالاقىدارلار زىياننى تۈلەم ئىشلىرىنى ئۆزلىرى كىلىشىپ ھەل قىلغان بولسا، ئۆزلىرى كىلىشىمنامە تۈزسە بۇلىدۇ، بىراق مۇشۇ بەلگىلىمىنىڭ 14-ماددىسىدىكى كىلىشىم مەزمۇنىدىكى بەلگىلمىلەرگە ئۇيغۇن كىلىش كېرەك.

85-ماددا بۇ بەلگىلىمىدكى سۆز ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى تۈۋەندىكىچە:

(1) «قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ قېچىپ كېتىش»: يول قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، يول قاتناش ھادىسىسى ئالاقىدارلىرى قانۇننىڭ سۈرۈشتۈرۈشىدىن قېچىپ، قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ ياكى قاتناش ۋاسىتىسىنى تاشلاپ قۇيۇپ، قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرغان نەق مەيداندىن قېچىپ كېتىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.

(2)«تەكشۈرۈش، باھالاش يەكۈنى بېكىتىلگەن»:تەكشۈرۈش، باھالاش دۇكىلاتىنىڭ كۈپەيتىلگەن نۇسخىسى ئالاقىدارلارغا يەتكۈزۈلگەن كۈندىن باشلاپ 3كۈن ئىچىدە، ئالاقىدارلار يېڭىباشتىن تەكشۈرۈش باھالاشنى ئىلتىماس قىلمىغان ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى يېڭىباشتىن تەكشۈرۈش باھالاشنى تەستىقلىغان، تەكشۈرۈش باھالاش ئاپاراتلىرى تەكشۈرۈش باھالاش پىكىرى چىقارغان ئىشنى ككرسىتىدۇ.

(3) بۇ بەلگىلىمىدىكى «1كۈن »، «2كۈن»، «3كۈن»، «5كۈن»، «10كۈن»، «20كۈن»:خىزمەت كۈنىنى كۆرسىتىدۇ. ھېيىت-بايرامنى، ئارام ئېلىش كۈنىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

(4)مەزكۈر بەلگىلمىدىكى «يۇقۇرى»، «تۈۋەن»دىگەن ئاتالغۇ شۇ ساننىمۇ ئكز ئىچىگە ئالىدۇ.

(5) «ناھىيە دەرىجىلىك (ئۇنىڭدىن يۇقىرى) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى»: ناھىيە دەرىجىلىك(ئۇنىڭدىن يۇقىرى)خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنى ياكى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ «رايون بار شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى »: رايون بار شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنى ياكى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ «رايون بار شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى»: رايون بار شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنى ياكى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنى كۆرسىتىدۇ.

(6)«ئۈلۈم ھادىسسى»:ئادەمنىڭ ئۈلۈشى كىلىپ چىققان يول قاتناش ھادىسسىنى كۆرسىتىدۇ.

(7)«مال مۈلۈك زىيان ھادىسسى»:پەقەت مال مۈلۈك زىيىنى كىلىپ چىققان يول قاتناش ھادىسسىنى كۆرسىتىدۇ.

86-ماددا مەزكۈر بەلگىلىمىدە بەلگىلمە بولمىغان يول قاتناش ھادىسسىنى بىجىرىش تەرتىۋىگە «جامائەت خەۋەپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ مەمۇرى دىلونى بىجىرىش تەرتىۋى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى»، «جامائەت خەۋەپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار دىلوسىنى بىجىرىش تەرتىۋى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر يولغا قۇيۇلىدۇ.

87-ماددا بۇ بەلگىلىمە 2009-يىلى1-ئايىنىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلىدۇ. 2004-يىلى 4-ئايىنىڭ 30-كۈنى ئېلان قىلىنغان «يول قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» (ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ 70-نۇمۇرلۇق پەرمانى) بىكار قىلىنىدۇ. بۇ بەلگىلىمە يولغا قۇيۇلغاندىن كېيىن بۇ بەلگىلىمە بىلەن بىردەك بولمىسا، مۇشۇ بەلگىلىمە ئۆلچەم قىلىنىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#