چىنىگۈل

چىنىگۈل

چىنىگۈل قەلەمپۇر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق، چىنىگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ياللۇغ قايتۇرۇش، سۈيدۈك ۋە قاننى راۋانلاشتۇرۇش، ھەيز كەلتۈرۈش، يىرىڭلىق ئىششىقنى قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى چىنىگۈل
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 石竹
تەبىئىتى ھۆل سوغۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چىنىگۈلچىنىگۈل قەلەمپۇر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق، چىنىگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 40 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، توپلىشىپ ئۆسىدۇ، ئىنچىكە، ئۇزۇن، بۇغۇملىرى ئېنىق؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقىنىڭ شەكلى يىپسىمان ياكى يىپسىمان تېمىنە شەكلىدە، تولۇق گىرۋەكلىك، يوپۇرماق تۈۋى غىلاپسىمان بولۇپ غولىنى يۆگەپ تۇرىدۇ؛ گۈلى يەككە ياكى بىرقانچىسى شالاڭراق توپلىشىپ ئۆسىدۇ، گۈل كاسسىسى كانايسىمان، گۈلتاجى يوپۇرمىقى بەش دانە، يىپسىمان يېرىلغان، رەڭگى سۇس قىزىل، ئاق ياكى سۇس قىزغۇچ سۆسۈن، غوزا مېۋىسىنىڭ شەكلى، ئۇزۇنچاق، ئۇچى تۆت چىشلىق بولۇپ بۆلۈنگەن.

ياللۇغ قايتۇرۇش، سۈيدۈك ۋە قاننى راۋانلاشتۇرۇش، ھەيز كەلتۈرۈش، يىرىڭلىق ئىششىقنى قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

دورىلىق قىسمى

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.

ھۆل سوغۇق.

ئەھۋالغا قاراپ 8 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز، كۈز پەسىللىدە، گۈللەشتىن ئىلگىرى ئورۇۋېلىپ، توغراپ سايىدا قۇرۇتۇپ؛ گۈللەپ بولغاندىن كېيىن يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

چىنىگۈلچىنىگۈلدىن 12 گرام، قۇشقاچتىلىدىن 10 گرام، كۆك سېغىزدىن 12 گرام، مامكاپتىن 35 گرام، خام چۈچۈكبۇيىدىن 5.2 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر سۈيدۈك يولى ياللۇغى ۋە دوۋساق ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

چىنىگۈلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا سۈرتۈپ بەرسە، تاشقى جىنسىي ئەزانىڭ شەلۋەرىشى ۋە سۇ ئۆرلەپ تۇرىدىغان چاقىلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

 مۇۋاپىق مىقداردىكى چىنىگۈلنى سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، سۇ ئۆرلەپ تۇرىدىغان چاقىلار ۋە ئاياللارنىڭ تاشقىي جىنسىي ئەزاسىنىڭ شەلۋەرىشىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

چىنىگۈلدىن مۇۋاپىق مىقداردا دەملەپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز كەلمەسلىك ۋە يىرىڭلىق ئىششىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

چىنىگۈل يىلتىزىدىن 35 ~ 70 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قىزىلئۆڭگەچ راكى ۋە توغرا ئۈچەي راكىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#