ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى

2005-يىل 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17-يىغىنىدا ماقۇللاندى .

ئۇيغۇرچە نامى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国公证法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

(2005-يىل 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17-يىغىنىدا ماقۇللاندى) 

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ 

1-ماددا بۇ قانۇن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشنى كاپالەتلەندۈرۈش، ماجىرانىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ ئىلتىماس قىلىشى بىلەن، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنىڭ، قانۇن ئەھمىيىتىگە ئىگە پاكىت ۋە ھۆججەتنىڭ چىنلىقى، قانۇنلۇقلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. 

3-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى گۇۋاھلىق بېرىشتە، قانۇنغا رىئايە قىلىشى، ئوبيېكتىپ، ئادىل بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. 

4-ماددا مەملىكەتتە جۇڭگو ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى جەمئىيىتى قۇرۇلىدۇ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەردە يەرلىك ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى جەمئىيىتى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى جەمئىيىتى ئىجتىمائىي تەشكىلات تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى جەمئىيەتنىڭ نىزامنامىسىنى ئەزالار قۇرۇلتىيى چىقىرىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى جەمئىيىتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسپىنى قىلىدىغان تەلەپچان تەشكىلات، نىزامنامە بويىچە ئىش قىلىدۇ، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى، ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرىنىڭ كەسپىي ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىدۇ. 

5-ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى، ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرى ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى جەمئىيىتىگە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە نازارەتچىلىك، يېتەكچىلىك قىلىدۇ. 

2-باب ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى

6-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى قانۇن بويىچە قۇرۇلغان، پايدىنى كۆزلىمەيدىغان، قانۇن بويىچە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى فۇنكىسىيىسنى مۇستەقىل يۈرگۈزىدىغان، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئالىدىغان گۇۋاھلىق ئاپپاراتى.

7-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى بىر تۇتاش پىلانلاش، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش پرىنسىپى بويىچە، ناھىيە، رايونسىز شەھەر، رايون بار شەھەر، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىدىن بىر ياكى بىر قانچىسى قۇرۇلسا بولىدۇ. ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى مەمۇرىي رايون بويىچە قاتلاممۇ قاتلام قۇرۇلمايدۇ. 

8-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى قۇرۇشتا، تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك: 

(1) نامى بولۇش؛ 

(2) مۇقىم سورۇنى بولۇش؛ 

(3) ئىككىدىن ئارتۇق ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى بولۇش؛ 

(4) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسپىگە تۇشلۇق مەبلىغى بولۇش. 

9-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى قۇرۇشتا، شۇ جايدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەستىقلىتىپ، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ.

10-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلى شۇ كەسىپنى قىلغىنىغا ئۈچ يىلدىن ئاشقانلار ئىچىدىن سايلىنىدۇ، شۇ جايدىلى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىلىدۇ، ئۆلىكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ. 

11-ماددا تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ ئىلتىماس قىلىشى بىلەن، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تۆۋەندىكى ئىشلاردا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىدۇ: 

(1) توختام؛

(2) ۋارىسلىق؛ 

(3) ھاۋالە، بايانات، ھەدىيە، ۋەسىيەت؛

(4) مال-مۈلۈك بۆلۈشۈش؛

(5) خېرىدار چاقىرىش-خېرىدار چىقىش، بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى؛ 

(6) نىكاھ ئەھۋالى، تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى، بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى؛

(7) تۇغۇلغانلىق، ھاياتلىق ئۆلگەنلىك، سالاھىيەت، كەچۈرمىش، ئوقۇش تارىخى، ئىلمىي ئۇنۋان، ۋەزىپە، ئۇنۋان ئىسپاتى، شۇنىڭدەك جىنايەت خاتىرىسى بار-يوقلۇقى؛

(8) شىركەت نىزامنامىسى؛ 

(9) ئامان ساقلانغان دەلىل-ئىسپات؛ 

(10) ھۆججەتتىكى ئىمزا، تامغا، چېسلا، ھۆججەتنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى، سۈرەتكە ئېلىنغان ئەسلى نۇسخىسىغا ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقى؛ 

(11) تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىشنى ئىختىيارلىقى بىلەن ئىلتىماس قىلغان باشقا ئىشلار. 

قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئېلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئىشلاردا، ئالاقىدار تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا گۇۋاھلىق بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

12-ماددا تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ ئىلتىماس قىلىشى بىلەن، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلسا بولىدۇ: 

(1) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تىزىملايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئىشلار؛

(2) ساقلاپ بېرىش؛ 

(3) ۋەسىيەت، مىراس ياكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىدىغان ئىشقا مۇناسىۋەتلىك باشقا مال-مۈلۈك، بۇيۇم ھۆججەتنى ساقلاش؛

(4) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىدىغان ئىشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن ھۆججىتىنى يېزىپ بېرىش؛ 

(5) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىغا دائىر قانۇن مەسلىھەتى بېرىش.

13-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تۆۋەندىكىلەرنى قىلسا بولمايدۇ: 

(1) چىن ۋە قانۇنلۇق بولمىغان ئىشلارغا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خىېتى بەرسە؛ 

(2) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھۆججىتى ياكى ئارخىپىنى بۇزۇۋەتسە، ئۆزگەرتىۋەتسە؛ 

(3) باشقا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى، ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرىنى كەمسىتىش ياكى ئۇلارغا ئۈستەك، شېرىنكانە بېرىش قاتارلىق ناتوغرا ۋاستىلەر بىلەن، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىدىغان ئىشنى ئېلىۋالسا؛ 

(4) كەسپىي پائالىيەتتە بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ياكى شەخسىي سىرنى ئاشكارىلاپ قويسا؛ 

(5) بەلگىلەنگەن ھەق ئېلىش ئۆلچىمىگە خىلاپ ھالدا گۇۋاھلىق ھەققى ئالسا؛ 

(6) قانۇن-نىزاملاردا ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىدە مەنئى قىلىنغان باشقا ئىشلارنى قىلسا.

14-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى كەسىپ، مالىيە، مۈلۈك قاتارلىقلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرىنىڭ كەسپىي ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ، كەسپىي خاتالىق جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك. 

15-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك.

3-باب ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى

16-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشىدىغان، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىدا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىدىغان كەسىپكارلاردۇر. 

17-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرىنىڭ سانى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسپىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ. ئۆلىكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ تەسىس قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسپىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى قويۇش لايىھىسى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. 

18-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى بولغۇچىلار تۆۋەندىكى شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك؛ 

(1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەلىكىدە بولۇش؛ 

(2) يېشى 25 تىن يۇقىرى، 65 تىن تۆۋەن بولۇش؛ 

(3) ئادىل، دۇرۇس بولۇش، قانۇن، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، پەزىلەتلىك بولۇش؛ 

(4) دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن بولۇش؛ 

(5) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىدا ئىككى يىلدىن ئارتۇق پراكتىكا قىلغان ياكى باشقا قانۇن كەسپىدە ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ئىشلىگەن بولۇش ھەمدە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىدا بىر يىلدىن ئارتۇق پراكتىكا قىلىپ، لاياقەتلىك بولغان بولۇش. 

19-ماددا قانۇن ئوقۇتۇش، تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئالىي ئۇنۋانغا ئىگە خادىملار ياكى تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، سوت، تەپتىش، قانۇنچىلىق خىزمىتى ئىشلىگىلى ۋە قانۇن مۇلازىمىتى قىلغىنىغا 10 يىل بولغان مەمۇرلار، ئادۋوكاتلاردىن ئەسلىي ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان، باھالاشتا لاياقەتلىك بولغانلىرى ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى بولسا بولىدۇ.

20-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلار ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى بولسا بولمايدۇ: 

(1) ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەنلەر؛ 

(2) قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ ياكى ۋەزىپىدىكى سەۋەنلىك جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ جىنايى جازاغا تارىلغانلار؛ 

(3) خىزمەتتىن قوغلانغانلار؛ 

(4) كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنغانلار. 

21-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى بولۇشتا، ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىلىق شەرتىگە توشىدىغانلارنىڭ ئىلتىماس قىلىشى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، شۇ جايدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەيىنلىشىگە سۇنىدۇ ھەمدە ئۆلىكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ. 

22-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرى قانۇن، ئىنتىزامغا بويسۇنۇشى، كەسپىي ئەخلاققا قاتتىق رىئايە قىلىشى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى، كەسىپ مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك. 

ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرى ئەمگەك ھەققى ئېلىش، سۇغۇرتا ۋە پاراۋنلىق تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا؛ ئىستېپا سوراش، ئەرز ياكى شىكايەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن سەۋەب يوق تۇرۇپ ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن ئۆتكۈزۈلمەي تۇرۇپ، رەزىپىسىدىن قالدۇرۇلمايدۇ ياكى جازاغا تارتىلمايدۇ. 

23-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرى تۆۋەندىكىلەرنى قىلسا بولمايدۇ: 

(1) ئىككىدىن ئارتۇق ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىدا بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىسە؛ 

(2) ھەق ئالىدىغان باشقا كەسىپنى قىلسا؛ 

(3) ئۆزى ۋە يېقىن تۇغقانلىرىغا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بەرسە ياكى ئۆزى ۋە يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان ئىشقا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بەرسە؛ 

(4) ئاستىرتتىن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتى بەرسە؛ 

(5) چىن ۋە قانۇنلۇق بولمىغان ئىشلاردا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتى بەرسە؛

(6) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھەققىنى ئىگىلىۋالسا، ئىشلىتىۋالسا ياكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بۇيۇمىنى ئىگىلىۋالسا ياكى ئوغرىلىۋالسا؛

(7) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھۆججىتى ياكى ئارخىپىنى بۇزۇۋەتسە، ئۆزگەرتىۋەتسە؛

(8) كەسپىي پائالىيەتتە بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ياكى شەخسىي سىرىنى ئاشكارىلاپ قويسا؛ 

(9) قانۇن-نىزامدا ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىىي تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىدە مەنئى قىلىنغان باشقا ئىشلارنى قىلسا.

24-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىىرنى شۇ جايدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ئۆلىكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ئارقىلىق گوۋۇيۈەن ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشنى تەكلىپ قىلىدۇ: 

(1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەلىكىنى يوقاتقانلىرى؛ 

(2) 65 ياشقا توشقانلىقتىن ياكى سالامەتلىكى يار بەرمىگەنلىكتىن ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئادا قىلالمايدىغانلىرى؛

(3) ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىختىيارلىقى بىلەن ئىستېپا بەرگەنلىرى؛ 

(4) ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنغانلىرى.

4-باب ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى تەرتىپى 

25-ماددا تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئېلىشتا، تۇرۇشلۇق جاي، دائىملىق ئولتۇرۇشلۇق جاي، ھەرىكەت بولغان جاي ياكى ئىش يۈز بەرگەن جايدىكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 

كۆچمەس مۈلۈككە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئېلىشتا، شۇ مۈلۈك بار جايدىكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىش كېرەك؛ كۆچمەس مۈلۈككە مۇناسىۋەتلىك ھاۋالە، بايانات، ھەدىيە، ۋەسىيەتكە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئېلىشتا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلانسا بولىدۇ. 

26-ماددا تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئېلىشنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىسا بولىدۇ، لېكىن، ۋەسىيەت، ھاياتلىق، بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى قاتارلىق ئۆزى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئالىدىغان ئىشلار بۇنىڭ سىرتىدا. 

27-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئالىدىغان ئىشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئەينەن ئېيتىشى، چىن، قانۇنلۇق ۋە تولۇق ئىسپات ماتېرىيالىنى بېرىشى كېرەك؛ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ئىسپات ماتېرىيالىنى تولۇق بەرمىگەنلەردىن تولۇقلاشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، گۇۋاھلىق ئالغۇچىلارغا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىشنىڭ قانۇن ئەھمىيىتى ۋە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قانۇن ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇرۇشى ھەمدە شۇ مەزمۇننى خاتىرىلەپ، ئارخىپتا ساقلىشى كېرەك. 

28-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى گۇۋاھلىق بېرىشتە، ئىشقا قاراپ گۇۋاھلىق بېرىش قائىدىسى بويىچە، تۆۋەندىكى ئىشلارنى تەكشۈرىدۇ: 

(1) گۇۋاھلىق ئالغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتى، شۇ ئىشقا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش لاياقىتى، شۇنىڭدەك مۇناسىپ ھوقۇقى؛ 

(2) بەرگەن ھۆججىتىنىڭ مەزمۇنىنىڭ مۇكەممەل، مەنىسىنىڭ ئېنىق، ئىمزاسى ۋە تامغىسىنىڭ تولۇق بولغان-بولمىغانلىقى؛ 

(3) بەرگەن ئىسپات ماتېرىيالىنىڭ چىن، قانۇنلۇق، تولۇق بولغان-بولمىغانلىقى؛

(4) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئېلىش ئىلتىماس قىلىنغان ئىشنىڭ چىن، قانۇنلۇق بولغان-بولمىغانلىقى. 

29-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئېلىش ئىلتىماس قىلىنغان ئىش شۇنىڭدەك گۇۋاھلىق ئالغۇچىلار بەرگەن ئىسپات ماتېرىيالىنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك قائىدە بويىچە تەكشۈرۈشكە توغرا كەلسە ياكى گۇمان تۇغۇلسا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ئېنىقلىشى ياكى باشقا جايدىكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا ئېنىقلاپ بېرىشنى ھاۋالە قىلىشى، ئالاقىدار ئورۇن ياكى شەخسلەر قانۇن بويىچە ھەمكارلىشىشى كېرەك. 

30-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تەكشۈرۈپ، ئىلتىماستا بېرىلگەن ئىسپات ماتېرىيالنى چىن، قانۇنلۇق، تولۇق، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئېلىش ئىلتىماس قىلىنغان ئىشنى چىن، قانۇنلۇق دەپ قارىسا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئېلىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 ئىش كۈنى ئىچىدە، گۇۋاھلىق ئالغۇچىلارغا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتى بېرىشى كېرەك. لېكىن، تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان سەۋەب كۆرۈلسە، ئىسپات ماتېرىيالىنى تولۇقلاشقا ياكى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئېنىقلاشقا توغرا كەلسە، كەتكەن ۋاقىت بۇ مۆھلەتكە كىرگۈزۈلمەيدۇ. 

31-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ:

(1) ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەنلەرنىڭ ۋەسىيلىرى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئېلىشنى ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلمىسا؛

(2) گۇۋاھلىق ئالغۇچىلارنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئېلىش ئىلتىماس قىلىنغان ئىش بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولمىسا؛

(3) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئېلىش ئىلتىماس قىلىنغان ئىش كەسپىي تېخنىكا بويىچە باھالايدىغان ۋە مۆلچەرلەيدىغان ئىش بولسا؛ 

(4) گۇۋاھلىق ئالغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئېلىش ئىلتىماس قىلىنغان ئىش ئۈستىدە تالاش-تارتىش بولسا؛ 

(5) گۇۋاھلىق ئالغۇچى پاكىتنى ئويدۇرغان، يوشۇرغان ياكى يالغان ئىسپات ماتېرىيال بەرگەن بولسا؛ 

(6) گۇۋاھلىق ئالغۇچى بەرگەن ئىسپات ماتېرىيال تولۇق بولمىسا ياكى ئىسپات ماتېرىيالنى تولۇقلاشنى رەت قىلسا؛ 

(7) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئېلىش ئىلتىماس قىلىنغان ئىش چىن بولمىسا ۋە قانۇنلۇق بولمىسا؛ 

(8) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئېلىش ئىلتىماس قىلىنغان ئىش ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ بولسا؛ 

(9) گۇۋاھلىق ئالغۇچى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھەققىنى بەلگىلىمە بويىچە بەرمىسە. 

32-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىگەن نۇسخا بويىچە تەييارلاش، ئۇنىڭغا ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى ئىمزا قويۇشى ياكى تامغىسىنى بېسىشى ھەمدە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ تامغىسىنى بېسىشى كېرەك. ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتى بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىدە مەملىكەت بويىچە ئورتاق قوللىنىدىغان يېزىق قوللىنىلىدۇ؛

مىللىي ئاپتونوم جايلاردا گۇۋاھلىق ئالغۇچىنىڭ تەلىپى بويىچە، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتى شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان مىللەت يېزىقى بىلەن تەييارلانسا بولىدۇ.

33-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنى چەت ئەلدە ئىشلىتىشكە توغرا كېلىپ، ئىشلىتىدىغان دۆلەت ئالدى بىلەن ئىسپات ئېلىشنى تەلەپ قىلسا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ياكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ھوقۇق بەرگەن ئاپپارات ۋە ئالاقىدار دۆلەتنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ئەلچىخانىسى(كونسۇلخانىسى) دىن ئىسپات ئېلىش كېرەك. 

34-ماددا گۇۋاھلىق ئالغۇچىلار ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھەققىنى بەلگىلىمە بويىچە تۆلىشى كېرەك. 

گۇۋاھلىق ئالغۇچىلاردىن قانۇن ياردىمى شەرتىگە توشىدىغانلىرىنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھەققىنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى بەلگىلىمە بويىچە كېمەيتىشى، كەچۈرۈم قىلىشى كېرەك.

35-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھۆججىتىنى تۈرگە ئايرىپ، ئارخىپتا ساقلىشى كېرەك. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئېلىش بەلگىلەنگەن ئىش قاتارلىق مۇھىم ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئارخىپىنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ساقلاش مۇددىتى توشقاندا، بەلگىلىمە بويىچە يەرلىك ئارخىپخانىنىڭ ساقلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. 

5-باب ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنىڭ كۈچى

36-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى، قانۇن ئەھمىيىتىگە ئىگە پاكىت ۋە ھۆججەتنى پاكىتنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىشى كېرەك، لېكىن، شۇ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنى ئاغدۇرۇۋېتەلەيدىغان قارشى دەلىل-ئىسپات بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

37-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن، بېرىم مەزمۇنى بولغان ھەم قەرزدارنىڭ مەجبۇرىي ئىجرانى قوبۇل قىلىدىغانلىق ۋەدىسى يېزىلغان ھەقدارلىق ھۆججىتىنى قەرزدار ئادا قىلمىسا ياكى مۇۋاپىق ئادا قىلمىسا ھەقدا باشقۇرۇش تەۋەلىك ھوقۇقىغا ئىگە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھەقدارلىق ھۆججىتىدە خاتالىق بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلماسلىق ھەققىدە كېسىم چىقىرىدۇ ھەم كېسىمنامىنى ئالاقىدار ئىككى تەرەپ ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. 

38-ماددا گۇۋاھلىق ئالغۇچىلار ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئالىدىغان ئىش بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلار ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىدە خاتارلىق بار دەپ قارىسا، شۇ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتى بەرگەن ئاپپاراتقا قايتا تەكشۈرۈشنى دېسە بولىدۇ. ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنىڭ مەزمۇنى قانۇنغا خىلاپ بولسا ياكى پاكىتقا ئۇيغۇن كەلمىسە، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى شۇ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنى بىكار قىلىشى ھەم ئېلان چىقىرىشى كېرەك، بۇ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كۈچتىن قالدۇرۇشى كېرەك؛ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىدە باشقا خاتالىق بولسا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تۈزىتىشى كېرەك.

40-ماددا گۇۋاھلىق ئالغۇچىلار ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئالىدىغان ئىش بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلار ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنىڭ مەزمۇنى ئۈستىدە تالاش-تارتىش كۆرۈلسە، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسا بولىدۇ. 

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى 

41-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ گۇۋاھچىلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا ئۆلىكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ياكى رايون بار شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولسا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىغا 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قوشۇمچە ئۈچ ئايدىن يۇقىرى، ئالتە ئايدىن تۆۋەن كەسپىنى توختىتىش جازاسى بەرسە بولىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ:

(1) باشقا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى، ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرىنى كەمسىتىش ياكى ئۈستەك، شېرىنكانە بېرىش قاتارلىق ناتوغرا ۋاستىلەر بىلەن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىدىغان ئىشنى ئېلىۋالغانلار؛ 

(2) بەلگىلەنگەن ھەق ئېلىش ئۆلچىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھەققى ئالغانلار؛ 

(3) ئىككىدىن ئارتۇق ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىدا بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىگەنلەر؛ 

(4) ھەق ئالىدىغان باشقا كەسىپنى قىلغانلار؛ 

(5) ئۆزى ۋە يېقىن تۇغقانلىرىغا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بەرگەنلەر ياكى ئۆزى ۋە يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان ئىشقا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بەرگەنلەر؛ 

(6) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدىغان باشقا قىلمىشنى سادىر قىلغانلار. 

42-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرى تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان بولسا، ئۆلىكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ياكى رايون بار شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قوشۇمچە بىر ئايدىن يۇقىرى، ئۈچ ئايدىن تۆۋەن ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىش جازاسى بەرسە بولىدۇ؛ ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 0002 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قوشۇمچە ئۈچ ئايدىن يۇقىرى، 12 ئايدىن تۆۋەن ئىش توختىتىش جازاسى بولىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى ئۆلىكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى بىكار قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ: 

(1) ئاستىرتتىن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتى بەرگەنلەر؛

(2) چىن ۋە قانۇنلۇق بولمىغان ئىشلاردا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتى بەرگەنلەر؛

(3) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھەققىنى ئىگىلىۋالغان، ئىشلىتىۋالغان ياكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بۇيۇمىنى ئىگىلىۋالغان، ئوغرىلىۋالغانلار؛ 

(4) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھۆججىتى ياكى ئارخىپىنى بۇزۇۋەتكەن، ئۆزگەرتىۋەتكەنلەر؛ 

(5) كەسپىي پائالىيەتتە بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ياكى شەخسىي سىرنى ئاشكارىلاپ قويغانلار؛

(6) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدىغان باشقا قىلمىشنى سادىر قىلغانلار. 

قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ ياكى ۋەزىپىدىكى سەۋەنلىك جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ جىنايى جازاغا تارتىلغانلارنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىش كېرەك.

43-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرى خاتالىق تۈپەيلىدىن گۇۋاھلىق ئالغۇچىلار، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئالىدىغان ئىش بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلارغا زىيان سالغان بولسا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى مۇناسىپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تۆلەم بەرگەندىن كېيىن، قەستەنلىكى بولغان ياكى زور سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىدىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ. 

گۇۋاھلىق ئالغۇچىلار ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئالىدىغان ئىش بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلار ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى بىلەن تۆلەم ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلىپ قالسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسا بولىدۇ.

44-ماددا گۇۋاھلىق ئالغۇچىلار شۇنىڭدەك باشقا شەخسلەر ياكى تەشكىلاتلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرنى سادىر قىلىپ، باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) يالغان ئىسپات ماتېرىيالى بېرىپ، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلار؛ 

(2) يالغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلغانلار؛

(3) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنى ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ تامغىسىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان ياكى ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىۋېلىنغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنى ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ تامغىسىنى ئېلىپ ساتقانلار. 

7-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

45-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانا(كونسۇلخانا) لىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە ياكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بەرسە بولىدۇ.

46-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھەققى ئېلىش ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىدۇ. 

47-ماددا بۇ قانۇن 2006-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#