پرۇسسىيە-ئاۋسترىيە ئۇرۇشى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
دانىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن پرۇسسىيە بىلەن ئاۋسترىيە غەنىيمەتلەرنى بۆلۈشۈشكە كىرىشتى. ئىككى تەرەپ دېپلوماتىك سۆھبەتلەر ئارقىلىق، 1864-يىلى 8-ئايدا گاستەيىن شەرتنامىسىنى ئىمزالاپ، شىلېسۋىش خۇرېستان بەگلىكلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى پرۇسسىيە بىلەن ئاۋسترىيەگە ئورتاق مەنسۈپ بولىدىغان، شىلېسۋىش پرۇسسىيەگە قارايدىغان، خۇرېستان ئاۋسترىيىگە قارايدىغان بولۇپ كېلىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن بېسمارك گېرمانىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يولىدىكى ئاچقۇچلۇق بىر قەدەمنى بېسىشقا، يەنى ئاۋسترىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ، پرۇسسىيەنىڭ گېرمانىيەدىكى ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى مەسلىسىنى ھەل قىلىشقا تەييارلاندى. بېسمارك شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىكى، ئاۋسترىيە گېرمانىيە فېدېراتسىيەسىدە ئەنئەنىۋى تەسىرگە ۋە كەڭ ئاساسقا ئىگە بولغاچقا، ئاۋسترىيەنى مەغلۇپ قىلغان ھەمدە فېدېراتسىيىسى سىقىپ چىقىرىۋەتكەندىلا ئاندىن پروسسىيىنى گېرمانىيەنى بىرلىككە كەلتۈرىدىغان بىردىنبىر خوجايىنغا ئايلاندۇرغىلى بولاتتى. بېسمارك ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە رۇسىيەلەرنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدە بىتەرەپ تۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەدەپ دېپلوماتىك ھۆنەر ئىشلەتكىلى تۇردى. بېسمارك فرانسىيەنىڭ بىتەرەپ تۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ناپولېئون 3 گە ئۇرۇشتىن كېيىن ياۋرۇپادا فرانسىيەنىڭ «ھەققى» ئۈچۈن زېمىن بېرىدىغانلىقىنى يالغاندىن بېشارەت بېرىپ قويدى. تېخى ئىتالىيە بىلەنمۇ ئاۋسترىيەگە قارشى ھەربىي ئىتتىپاق تۈزدى. ھەر جەھەتتىن ھەربىي تەييارلىق كۆرۈۋالغان پرۇسسىيە 1866-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى گاستەيىن شەرتنامىسىنى بۇزۇپ، پرۇسسىيە بىلەن ئاۋسترىيە شىلېسۋىش، خۇرستان كېنەزلىرىنى ئورتاق ئىشغال قىلىشقا ھوقۇقلۇق دېگەن باھانىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئاۋسترىيەنىڭ قارمىقىدىكى خۇرستانغا بېسىپ كىردى. پرۇسسىيە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاۋسترىيىنىڭ كۈچىنى ۋە تەسىرنى تۈگىتىش مەقسىتىدە، گېرمانىيە فېدېراتسىيەسىنى ئىسلاھ قىلىش لاھىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاۋسترىيە بولسا گېرمانىيەدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ، پرۇسسەيىگە «جازا» بەرمەكچى بولدى ھەمدە شىلېسۋىشقا قوشۇن چىقىرىمىز، دەپ داۋراڭ سالدى.
1866-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاۋسترىيە جەڭنامە ئېلان قىلدى. پاۋارىيە، ماننوۋېر، ساكسونىيە، ۋيۇرتېنبېرگ، ھېسسېن قاتارلىق گېرمانىيە كېنەزلىرى ئاۋسترىيىنىڭ پروسسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشىنى قوللىدى. 2-كۈنى پرۇسسىيە ئاۋسترىيەگە جەڭ ئېلان قىلدى، ئىتالىيەمۇ ئاۋسترىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان ۋېنىتسىيەنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن پرۇسسىيە بىلەن بىرلىكتە ئاۋسترىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلدى. پرۇسسىيە-ئاۋسترىيە ئۇرۇشى شۇنداق قىلىپ رەسمىي پارتىلدى. پرۇسسىيە، ئاۋسترىيە ئۇرۇشىدا ئۈچ جەڭ مەيدانى بار ئىدى. جەنۇبىي سەپتىكى ئىتالىيە جەڭ مەيدانىدا ئاۋسترىيە قوشۇنى ئىتالىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى. بىراق، ئارقىدىنلا ئاۋسترىيە قوشۇنى شىمالىي سەپتىكى جەڭ مەيدانىدا ئوقۇشلۇق ئىلگىرلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن دوناي دەرياسىغا بۇرۇلۇپ ماڭدى. گېرمانىيە جەڭ مەيدانىدا پرۇسسىيە ئارمىيەسى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى لانگسالسادا ماننۇۋېر قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى. شىمالىي جەڭ مەيدانى، يەنى بوھېمىيە جەڭ مەيدانى ئاساسىي جەڭ مەيدانى ئىدى. 7-ئاينىڭ 3-كۈنى 291 مىڭ كىشىلىك پرۇسسىيە ئارمىيەسى بىلەن 238 مىڭ كىشىلىك ئاۋسترىيە ئارمىيەسى سادوۋا جېڭىنى قانات يايدۇردى. بۇ ياۋرۇپا تارىخىدا مىسلىسىز بىر جەڭ بولدى. پرۇسسىيە ئارمىيەسى بۇ جەڭدە ئاۋسترىيە ئارمىيەسىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى تارمار قىلغاندىن كېيىن ۋېناغا قىستاپ باردى. ئاۋسترىيە فرانسىيەنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈپ قويۇشىنى ئىلتىجا قىلىشقا مەجبۇر بولدى. 7-ئاينىڭ 22-كۈنى پرۇسسىيە بىلەن ئاۋسترىيە پراگادا رەسمىي تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. بۇ شەرتنامىدە ئاۋسترىيەنىڭ گېرمانىيە فېدېراتسىيەسىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقى، پرۇسسىيەنىڭ شىلېسۋىش، خۇرىستان ۋە ماننوۋېر قاتارلىق جايلارغا ئېرىشىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.
پرۇسسىيەئاۋسترىيە ئۇرۇشىپرۇسسىيە-ئاۋسترىيە ئۇرۇشى پرۇسسىيەنىڭ سۇلالىلەر ئۇرۇشى ئارقىلىق گېرمانىيەنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا باسقان ئاچقۇچلۇق بىر قەدىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پرۇسسىيەنىڭ بۇ ئۇرۇشتىكى غەلىبىسى ئۇنىڭ گېرمانىيەدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن. بېسمارك كېيىنكى 2-يىلى پرۇسسىيە باشچىلىقىدىكى شىمالىي گېرمانىيە فېدېراتسىيەسىنى قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تۆمۈر ۋە قان ۋاستىسى ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا گېرمانىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھازىرلانغان. ئاۋسترىيەنىڭ مەغلۇبىيىتى ھابۇسبورگ سۇلالىسىنى تېخىمۇ بەك زاۋالىققا يۈزلەندۈرۈپ، ئاۋسترىيەنىڭ ئىچكى زىددىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.