ۋىلادىمىر ۋىلادىمىروۋىچ پۇتىن

ۋىلادىمىر ۋىلادىمىروۋىچ پۇتىن

 رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر ۋىلادىمىروۋىچ پۇتىن (روسىيىنىڭ ئىككىنجى،تۆتىنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى) 1952- يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى لېنىنگراد شەھىرى، ھازىرقى سانكىت پېتېربۇرگ شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن ، سىياسىيون.

ئىسمى ۋىلادىمىر ۋىلادىمىروۋىچ پۇتىن
روسچە ئىسمى Владимир Владимирович Путин
تۇغۇلغان يۇرتى روس فىدىراتسىيەسىنىڭ لېنىنگراد شەھىرى
مىللىتى روس مىللىتى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى لېنىنگراد ئۇنىۋېرسىتېتى
خەنزۇچە ئىسمى 弗拉基米尔·弗拉基米罗维奇·普京
تۇغۇلغان ۋاقتى 1952-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى
دۆلەت تەۋەلىكى روسىيە فىدىراتسىيەسى
كەسپى سىياسىيون، زۇڭتۇڭ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋىلادىمىر ۋىلادىمىروۋىچ پۇتىن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر ۋىلادىمىروۋىچ پۇتىن (روسىيىنىڭ ئىككىنجى،تۆتىنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى) 1952- يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى لېنىنگراد شەھىرى، ھازىرقى سانكىت پېتېربۇرگ شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن، سىياسىيون. ئانىسى مارىيا ئىۋانوۋنا شىلوموۋا زاۋۇت ئىشچىسى، دادىسى ۋىلادىمىر سپىرىدونوۋىچ دېڭىز ئارمىيە فىلوتى خادىمى ئىدى. پۇتىن 1975-يىلى لېنىنگىراد ئۇنىۋېرستىتى (ھازىرقى يېڭى ئىسمى سانكىت پېتربورگ ئۇنىۋېرسىتىتى) خەلقئارا قانۇن كەسپىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن. ئۇ يەنە ئىقتىساد كەسپىدە يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇغان. ئۇقۇشىنى پۈتتۈرۈپلا سوۋېت دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى–KGB دا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان پۇتىن، بىر مەزگىل گېرمانىيەدە ۋەزىپە ئۆتىدى. گېرمانىيە دىن قايتقاندىن كېيىن ئۇنىۋېرسىتېتتا ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان .

1990- يىلى لېنىنگراد شەھەرلىك كېڭىشىدە مەسلىھەتچى بولۇپ ئىشلىگەن پۇتىن، 1991 ۋە 1992- يىللىرى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. ۋىلادىمىر پۇتىن 1996-يىلىغىچە ست.پتېرسبۇرگ ھۆكۈمىتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەنسەپلىرىنى تۇتقاندىن كېيىن 1996-يىلى كرېملىن سارىيى مۈلكىيەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن ۋە بۇ ۋەزىپىسىنى 1997-يىلىغىچە داۋاملاشتۇرغان. 1997 ۋە 1998-يىللىرى پرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋە پرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان.1998 ۋە 1999- يىللىرى رۇسىيە ئىچكى ئىستىخبارات ئىدارىسى (FSB) نىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى، ئوخشاش ۋاقىتتا رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كاتىپلىق ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتىگەن.1999-يىلى 9-ئاۋغۇستتىن 16-ئاۋغۇستقىچە مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە باش مىنىستىر ۋەكىلى بولغان، 16-ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن باش مىنىستىر بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى. 1999-يىلى 31-دېكابىردا پرېزىدېنت بورىس يېلتسىن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن ئاساسىي قانۇننىڭ روھىغا ئاساسەن ئۈچ ئاي ئىچىدە پرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان چاغقىچە پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنىمۇ ۋاكالىتەن ئۆتەشكە باشلىغان.پۇتىن 2000-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە رۇسىيە زۇڭتۇڭى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن، 2000-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا رۇسىيە فېدراتسىيە كومىنستىك پارتىيسى باشلىقى گىننادى زۇگانوۋنى بېسىپ چۈشۈپ، %52.9 لىك ئاۋاز بىلەن زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. زۇگانوۋ بولسا %29.2 ئاۋاز بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. 2004-يىلى ئۆتكۈۈزلگەن سايلامدا بولسا %71 ئاۋاز بىلەن قايتىدىن زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىللەردە رۇسىيە ئىقتىسادى تېز  تەرەققى قىلغان، رۇسىيەنىڭ تەرەققىياتى، بىخەتەرلىكى ئۈچۈن زور كۈچ چىقارغان. مەركىزى ئارمىيەنى كۈچلەندۈرۈپ، ئىسلاھات ئېلىپ بارغان. ئۇ يەنە 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا %63.75 ئاۋاز بىلەن رۇسىيە فېدراتسىيسىدە 3-قېتىم زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان.

ۋىلاىمىر پۇتىن رۇسىيە ھاكىمىيەت بېشىدىكى رۇسىيە بىرلەشمە پارتىيسىدىن كېلىپ چىققان. مىدىۋېدىۋ باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەتمۇ بۇ پارتىيە تەرىپىدىن قۇرۇلغان. ئەمما پۇتىن بىلەن مېدىۋېدىۋ ئارىسىدا سىياسىي پەرقلەر مەۋجۇت. پۇتىن سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىنى 20-ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ تراگېدىيە دەپ قارىغان.

پۇتىن ست.پېتېرسبۇرگ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىدا، رەپىقىسى ليۇدمىلا پۇتىنا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىسپانىيە ئەدەبىياتى بۆلۈمىدە ئوقۇغان.پۇتىن 1983-يىلى لۇدمىلا خانىم بىلەن ئۆيلىنىپ، مارىيا، يىكاترىنا ئىسىملىك ئىككى قىز پەرزەنتلىك بولغان، ئۇلار 2013- يىلى 6- ئىيۇلدا ئۆزئارا كېلىشىپ ئاجراشقان. ئۇلارنىڭ ئىككى قىزى بار بولۇپ، بىرى ياپون ئەدەبىياتى ۋە تارىخى فاكۇلتىتىدا، يەنە بىرى بىئولوگىيە فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان.

تەنتەربىيەگە ئالاھىدە ۋاقىت ئاجرىتىپ ئادەتلەنگەن، تەنتەربىيەنىڭ ھەرخىل ساھەلىرىدە ئۆزىنى كۆرسىتىپ كەلگەن پۇتىن، ناخشا–مۇزىكىغىمۇ كۈچلۈك كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇ ئەنگلىيەنىڭ ئەپسانىۋى ناخشا–مۇزىكا ئەترىتى بىيتلېسنىڭ ئەزاسى پائۇل ماككارتنېي بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇنىڭ مەستانىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە مەزكۇر ئەترەتنىڭ «تۈنۈگۈن» دېگەن ناخشىسىنى سۆيۈپ ئاڭلايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەنىدى. تارىخىي ۋە سىياسىي مەزمۇندىكى كىتابلارنى سۆيۈپ ئوقۇيدىغانلىقى، ئۆمەر ھەييامنىڭ شېئىرلىرىغا مەستانە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن پۇتىن، ھەتتا بىر قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارغا ئۆمەر ھەييامنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    50%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#