كاۋاۋىچىن
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چىش ئاغرىقى، ئېغىز پۇراش، ھەزىم ناچارلىشىش، يۈرەك، مېڭە ئاجىزلىقى، ئاشقازان جىگەر كېسەللىكلىرى ئىستىرخا سوغۇق يەل كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئېغىزنى خۇشبۇي قىلىش، چاچنى قۇۋۋەتلەش، ئاشقازان جىگەرنى قۇۋۋەتلەش يەل ھەيدەش، يەل تارقىتىش، قورۇش، تۇتۇش، چىڭىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش ھەزىمنى ياخشىلاش خۇسۇسىيىتى بار.
گىرانسولنىڭ كىچىك دورىسى چوڭ چاشقاننىڭ ئۆزلىگىدىن ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى تورمۇزلايدۇ. چوڭ مىقدار دىكىسى ئۈچەي ھەرىكىتىنى تورمۇزلايدۇ. ئۆلتۈرۈش مىقدارىغا بارغاندا ئىچىنى سۈرىدۇ. ئاز مىقداردا ئىچكۈزسە چوڭ چاشقان يەڭگىل دەرىجىدە سىيىدۇ. كۆپ مىقداردا ئىچكۈزسە سۈيدۈك تورمۇزلىنىدۇ.
1.موزا 3 گرام، كاۋاۋىچىن 2 گرام ئىلىپ، سوقۇپ سۇپۇپ تەييارلاپ چىش ئاغرىقىغا زىماد قىلسا چىش ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ.
2.كاۋاۋىچىننى قايناقسۇغا چىلاپ، سۈزۈپ سۈيىدە غەر-غەر قىلسا ئېغىز پۇراشقا مەنپەئەت قىلىدۇ .
3.كاۋاۋىچىن كۇندۇر، مەستكى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئېزىپ، سۇپۇپ تەييارلاپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە ئاشقازان يارىسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مېۋىسى پىشقاندا يىغىۋىلىنىپ، قورغاق جايدا ساقلىنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.