شاپتۇل مېغىزى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مېغىزى
1. شاپتۇل مېغىزىنىڭ ئىسپىرت بىلەن ئېلىنغان ماددىسى قان قېتىشقا قارشى تەسىرگە ئىگە. 2. قان ئېرىتىش تەسىرى بار. 3. ياللۇغ قايتۇرۇش تەسىرى.4. زىيادە سېزىمچانلىققا قارشى تۇرۇش رولى بار.
ھەيز تۇتۇلۇش، ھەيز كەلمەسلىك ياكى ھەيز قېنى مونەك – مونەك كېلىش، سۈيدۈكتىن قان كېلىش، قورساق ئاغرىقى، قەۋزىيەت، ئۈچەي يارىسى، قۇلاق ئاغرىقى، بوۋاسىر، چاچ چۈشۈپ كېتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
1.شاپتۇل مېغىزىدىن 5 گرام، سىياداندىن 3 گرام، ئوسمىدىن 5 گرام، ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزىدىن3 گرام ئېلىپ، دورىلارنى سوقۇپ يېلىم سۈيىگە ئارىلاشتۇرۇپ چاچقا چاپسا، چاچ چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
2.ئەرەب يېلىمى، كەتىرا، شاپتۇل مېغىزى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 3 گرامدىن ئېلىپ ، سوقۇپ سۇپۇپ قىلىپ يېسە، قەۋزىيەتكە شىپا بولىدۇ.
3. شاپتۇل مېغىزىدىن 3 گرام، زاراڭزا چىچىكىدىن 5 گرام، ئاغىچىدىن 5 گرامدىن ئېلىپ، قاينىتىپ ئىچسە، ھەيزنى راۋان قىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.