جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شېرىكىسز كارخانىلار قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شېرىكىسز كارخانىلار قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شېرىكىسز كارخانىلار قانۇنى شەخسىي شېرىكسىز كارخانىنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، شېرىكسىز كارخانىغا مەبلەغ سالغۇچى شەخسلەر ۋە ھەقدارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنى قوغداش، جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرتىپىنى قوغداش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىرىلغان. 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-سانلىق يىغىنىدا 1999-يىلى 8-ئايدا 30-كۈنى ماقۇللانغان،2000-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. 

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شېرىكىسز كارخانىلار قانۇنى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1999-يىلى 8-ئايدا 30-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国个人独资企业法
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2000-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن شېرىكسىز كارخانىنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، شېرىكسىز كارخانىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرى ۋە ھەقدارلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى، ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرتىپىنى قوغداش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلدى.

2-ماددا بۇ قانۇندا دېيىلگەن شېرىكسىز كارخانا بۇ قانۇن بويىچە جۇڭگو چېگىرىسى ئىچىدە قۇرۇلغان، بىر تەبىئىي شەخس مەبلەغ سالغان، مال-مۈلكى مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدىغان، مەبلەغ سالغۇچى كارخانىنىڭ قەرزىگە قارىتا ئۆز مال-مۈلككى بىلەن چەكسىز مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان تىجارەت سۇبيېكتىنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا شېرىكسىز كارخانا ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى تۇرۇشلۇق جاينى تۇرۇشلۇق ئورۇن قىلىدۇ.

4-ماددا شېرىكسىز كارخانا تىجارەت پائالىيىتىدە قانۇن، مەمۇرىي نىزامغا رىئايە قىلىشى، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى شەرت، ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەنپەئەتكە زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ.

شېرىكسىز كارخانا قانۇن بويىچە باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

5-ماددا دۆلەت شېرىكسىز كارخانىنىڭ مال-مۈلكى ۋە باشقا قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.

6-ماددا شېرىكسىز كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى كېرەك. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.

شېرىكسىز كارخانىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر قانۇن بويىچە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرىدۇ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئۆز پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرىدۇ.

7-ماددا شېرىكسىز كارخانىدىكى جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسى ئەزالىرى جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسى نىزامنامىسى بويىچە پائالىيەت قىلىدۇ.

2-باب شېرىكسىز كارخانىنى قۇرۇش

8-ماددا شېرىكسىز كارخانىنى قۇرۇشتا، تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك:

(1) مەبلەغ سالغۇچى بىر تەبىئىي شەخس بولۇش؛

(2) قانۇنلۇق كارخانا نامى بولۇش؛

(3) مەبلەغ سالغۇچى مەلۇم قىلغان مەبلەغنى چىقارغان بولۇش؛

(4) مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سورونى ۋە زۆرۈر ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت شارائىتى بولۇش؛

(5) زۆرۈر كاسپىلار بولۇش.

9-ماددا شېرىكسىز كارخانا قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا، مەبلەغ سالغۇچى ياكى ئۇنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى شېرىكسىز كارخانا تۇرۇشلۇق جايدىكى تىزىملاش ئورگىنىغا قۇرۇش ئىلتىماسى، مەبلەغ سالغۇچىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، ئىشلەپچىقرىش، تىجارەت سورۇنىنى ئىشلىتىش ئىسپاتى قاتارلىق ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇشى كېرەك. ھاۋالە ۋاكالەتچىسى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا، مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ھاۋالىنامىسى ۋە ۋاكالەتچىنىڭ قانۇنلۇق ئىسپاتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

شېرىكسىز كارخانا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا تىجارەت قىلىش مەنئى قىلىنغان كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانماسلىقى كېرەك؛ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئالاقىدار تارماقلارغا تەستىقلىتىش شەرت، دەپ بەلگىلەنگەن كەسپىلەر بىلەن شۇغۇللانماقچى بولسا، قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەستىقىي ھۆججىتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

10-ماددا شېرىكسىز كارخانا قۇرۇش ئىلتىماسىدا تۆۋەندىكى تۈرلەر ئوچۇق يېزىلىشى كېرەك:

(1) كارخانا نامى ۋە تۇرۇشلۇق ئورنى؛

(2) مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە تۇرار جايى؛

(3) مەبلەغ سالغۇچىنىڭ چىقارغان مەبلەغ سوممىسى ۋە مەبلەغ چىقىرىش ئۇسۇلى؛

(4) تىجارەت دائىرىسى.

11-ماددا شېرىكسىز كارخانىنىڭ نامى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت شەكلى ۋە شۇغۇللىنىدىغان تىجارىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

12-ماددا تىزىملاش ئورگىنى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلگەنلەرنى تىزىملاپ، ئۇلارغا تىجارەت كىنىشكىسى بېرىشى، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلەرنى تىزىملىماسلىقى ھەمدە يازما جاۋاب بېرىپ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

13-ماددا شېرىكسىز كارخانىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى تارقاتقان كۈن شېرىكسىز كارخانا قۇرۇلغان كۈن بولىدۇ.

شېرىكسىز كارخانىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى ئېلىشتىن بۇرۇن، مەبلەغ سالغۇچى شېرىكسىز كارخانا نامىدا تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانماسلىقى كېرەك.

14-ماددا شېرىكسىز كارخانا شۆبە ئاپپارات تەسىس قىلىشتا، مەبلەغ سالغۇچى ياكى ئۇنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى شۆبە ئاپپارات تۇرۇشلۇق جايدىكى تىزىملاش ئورگىنىغا تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىپ، تىجارەت كىنىشىكىسى ئېلىشى كېرەك.

شۆبە ئاپپارات تەستىقلىنىپ تىزىمغا ئېلىنغاندىن كېيىن، تىزىملاش ئەھۋالىنى ئۆزى تەۋە بولغان شېرىكسىز كارخانىنى تىزىملىغان ئورگانغا يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

شۆبە ئاپپاراتىنىڭ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى شۇ شۆبە ئاپپاراتىنى قۇرغان شېرىكسىز كارخانا ئۈستىگە ئالىدۇ.

15-ماددا شېرىكسىز كارخانا مەۋجۇت مەزگىلىدە تىزىملاتقان تۈرلەردە ئۆزگىرىش بولسا، ئۆزگەرتىش قارارى چىقارغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە، تىزىملاش ئورگىنىغا تىزىم ئۆزگەرتىش رەسمىيەتلىرىنى قانۇن بويىچە بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

3-باب شېرىكسىز كارخانىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىسى ۋە ئىش باشقۇرۇشى

16-ماددا قانۇن، نىزاملاردا پايدا ئېلىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش مەنئى قىلىنغان كىشى مەبلەغ سالغۇچى سۈپىتىدە شېرىكسىز كارخانا قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلماسلىقى كېرەك.

17-ماددا شېرىكسىز كارخانىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىسى ئۆز كارخانىسىنىڭ مال-مۈلكىگە قانۇن بويىچە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، ئۇنىڭ ئالاقىدار ھوقۇقلىرىنى قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ياكى ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا بولىدۇ.

18-ماددا شېرىكسىز كارخانىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىسى كارخانا قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا، ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئورتاق مال-مۈلكىنى شەخسىي مەبلەغ قاتارىدا مەبلەغ قىلىپ چىقارغان بولسا، قانۇن بويىچە ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئورتاق مال-مۈلكى بىلەن كارخانىنىڭ قەرزلىرىگە قارىتا چەكسىز مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

19-ماددا شېرىكسىز كارخانىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىسى كارخانا ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرسىمۇ، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە باشقا كىشىلەرنى كارخانا ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ھاۋالە قىلسىمۇ ياكى تەكلىپ قىلسىمۇ بولىدۇ.

مەبلەغ سالغۇچى باشقا كىشىلەرنى شېرىكسىز كارخانا ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ھاۋالە قىلسا ياكى تەكلىپ قىلسا، ھاۋالە قىلىنغۇچى ياكى تەكلىپ قىلىنغۇچى بىلەن يازما توختام ئىمزالاپ، ھاۋالە قىلغان كونكرېت مەزمۇنلار ۋە بەرگەن ھوقۇق دائىرىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كېرەك.

ھاۋالە قىلىنغۇچى ياكى تەكلىپ قىلىنغۇچى سەمىمىي، ئىشەنچىلىك، تىرىشچان بولۇپ، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، مەبلەغ سالغۇچى بىلەن ئىمزالىغان توختامغا ئاساسەن، شېرىكسىز كارخانىنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

مەبلەغ سالغۇچى ھاۋالە قىلىنغۇچى ياكى تەكلىپ قىلىنغۇچىنىڭ ھوقۇقىنى چەكلىگەندە، ياخشى نىيەتلىك ئۈچىنچى كىشىگە قارشى تۇرماسلىقى كېرەك.

20-ماددا مەبلەغ سالغۇچى ھاۋالە قىلغان ياكى تەكلىپ قىلغان شېرىكسىز كارخانىنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان خادىملار تۆۋەندىكى قىمىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك:

(1) ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ پارا تەلەپ قىلىش ياكى پارا ئېلىش؛

(2) ۋەزىپىسىدىكى ياكى خىزمەتتىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ كارخانا مال-مۈلكىنى ئىگىۋېلىش؛

(3) كارخانا مەبلىغىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش ياكى باشقىلارغا قەرز بېرىش؛

(4) ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كارخانا مەبلىغىنى ئۆز نامىدا ياكى باشقىلارنىڭ نامىدا بانكا ھېساباتى ئېچىپ ئامانەت قويۇش؛

(5) ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كارخانا مال-مۈلكى بىلەن باشقىلارغا كېپىل بولۇش؛

(6) مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ماقۇللۇقسىز، ئۆز كارخانىسى بىلەن رىقابەتلىشىدىغان كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش؛

(7) مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ماقۇللۇقسىز، ئۆز كارخانىسى بىلەن توختام ئىمزالاش ياكى سودا قىلىش؛

(8) مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىسىز، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كارخانىنىڭ تاۋار ماركىسى يكى باشقا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى باشقا كىشىلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە ئۆتۈنۈپ بېرىش؛

(9) ئۆز كارخانىسىنىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش؛

(10) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان باشقا قىلمىشلار.

21-ماددا شېرىكسىز كارخانا قانۇن بويىچە بۇغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى ئورنىتىشى، بوغالتىرلىق ھېسابات قىلىشى كېرەك.

22-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قوبۇل قىلغان شېرىكسىز كارخانا قانۇن بويىچە ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالىشى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق بېرىشى كېرەك.

23-ماددا شېرىكسىز كارخانا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۈچۈن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك.

24-ماددا شېرىكسىز كارخانا قانۇن بويىچە قەرز پۇل ئېلىشنى، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ ھەمدە قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ.

25-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخىسلەر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھالدا، ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن شېرىكسىز كارخانىنى مالىيە كۈچى، ماددىي كۈچ، ئادەم كۈچى بىلەن تەمىنلەشكە مەجبۇرلىماسلىقى كېرەك؛ مالىيە كۈچى، ماددىي كۈچى، ئادەم كۈچى بىلەن تەمىنلەشنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا مەجبۇرلاش قىلمىشلىرىنى شېرىكسىز كارخانا رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

4-باب شېرىكسىز كارخانىنىڭ تارقىلىشى ۋە ھېساباتىنى ئېنىقلاش

26-ماددا شېرىكسىز كارخانىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا تارقىلىپ كېتىشى كېرەك:

(1) مەبلەغ سالغۇچى تارقىلىشىنى قارار قىلىلسا؛

(2) مەبلەغ سالغۇچى ئۆلۈپ كېتىپ ياكى ئۆلدى دەپ جاكارلىنىپ، ئۇنىڭ مىراسخوررى بولمىسا ياكى مىراسخورى ۋارىسلىق قىلىشتىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلسا؛

(3) تىجارەت كىنىشكىسى قانۇن بويىچە بىكار قىلىنسا؛

(4) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

27-ماددا شېرىكسىز كارخانا تارقالسا، مەبلەغ سالغۇچى ئۆزى ھېسابات ئېنىقلايدۇ ياكى ھەقدارلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھېسابات ئېنىقلىغۇچى بېكتىپ ھېسابات ئېنىقلاشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.

مەبلەغ سالغۇچى ئۆزى ھېسابات ئېنىقلىغاندا، ھېسابات ئېنىقلاشتىن بۇرۇن 15 كۈن ئىچىدە يازما شەكىلدە ھەقدارلارغا ئۇقتۇرۇشى، ئۇقتۇرۇشقا ئامال بولمىغاندا ئېلان چىقىرىشى كېرەك. ھەقدارلار ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالمىغانلار ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈنى ئىچىدە، مەبلەغ سالغۇچىغا ئۆزىنىڭ ھەقدارلىقىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك.

28-ماددا شېرىكسىز كارخانا تارقالغاندىن كېيىن، ئەسلىي مەبلەغ سالغۇچى شېرىكسىز كارخانىنىڭ مەۋجۇت مەزگىلدىكى قەزلىرىنى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى يەنىلا ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، لېكىن ھەقدارلار 5 يىل ئىچىدە قەرزدارغا قەرز تۆلەش تەلىپىنى قويمىغان بولسا، ئۇ جاۋابكارلىق يوقىلىدۇ.

29-ماددا شېرىكسىز كارخانا تارقىغاندا، ئۇنىڭ مال-مۈلكى تۆۋەندىكى رەت تەرتىپى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك:

(1) ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە كەم بېرىلگەن ئىش ھەققى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى؛

(2) تاپشۇرۇلماي قالغان باج پۇلى؛

(3) باشقا قەرزلەر.

30-ماددا ھېسابات ئېنىقلىنىۋاتقان مەزگىلدە، شېرىكسىز كارخانا ھېسابات ئېنىقلاش بىلەن مۇناسىۋەتسىز تىجارەت بىلەن شۇغۇللانماسلىقى كېرەك. ئالدىنقى ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قەزلىرىنى تۆلەپ بولۇشتىن ئىلگىرى، مەبلەغ سالغۇچى مال-مۈلۈكنى يۆتكىۋەتمەسلىكى، يوشۇرماسلىقى كېرەك.

31-ماددا شېرىكسىز كارخانىنىڭ مال-مۈلكى قەرز تۆلەشكە يەتمىسە، مەبلەغ سالغۇچى ئۆزىنىڭ باشقا مال-مۈلكى بىلەن تۆلىشى كېرەك.

32-ماددا شېرىكسىز كارخانىنىڭ ھېساباتىنى ئېنىقلاش ئىشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، مەبلەغ سالغۇچى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى بېكىتكەن ھېسابات ئېنىقلىغۇچى ھېسابات ئېنىقلاش دوكلاتىنى تۈزۈشى ھەمدە 15 كۈن ئىچىدە تىزىملاش ئورگىنىغا بېرىپ تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك.

5-باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

33-ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ساختا ھۆججەت تاپشۇرۇپ ياكى باشقا ئالدامچىلىق ۋاستىسىنى قوللىنىپ كارخانىنى تىزىملىتىۋالغانلار تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ. 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمشى ئېغىرلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى بىكار قىلىنىدۇ.

34-ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ تىزىملاش ئورگىنىدا تىزىملاتقان نامىغا ئۇيغۇن بولمىغان نامنى ئىشلەتكەن شېرىكسىز كارخانىلار سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

35-ماددا تىجارەت كىنىكىسىنى ئۆزگەرتكەن، ئىجارىگە بەرگەن، ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەر تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنسىز خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، 3000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى بىكار قىلىنىدۇ.

تىجارەت كىنىشكىسىنى يالغاندىن ياسىۋالغانلار تىجارىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

36-ماددا شېرىكسىز كارخانا قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئورۇنلۇق ئاساسىي بولماي تۇرۇپ تىجارەت باشلىمىغىنىغا 6 ئايدىن ئېشىپ كەتكەنلەرنىڭ ياكى تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن ئۆز ئالدىغا ئۇدا 6 ئايدىن ئارتۇق تىجارىتىنى توختاتقانلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى بىكار قىلىنىدۇ.

37-ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تىجارەت كىنىشكىسى ئالماي تۇرۇپ، شېرىكسىز كارخانا نامىدا تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغانلار تىجارەت پائالىيىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، 3000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

شېرىكسىز كارخانا تىزىملاتقان تۈرلەردە ئۆزگىرىش بولغاندا، بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار تىزىم ئۆزگەرتىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرمىگەنلەر بەلگىلەنگەن سۈرۈكتە تىزىم ئۆزگەرتىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ بېجىرمىگەنلەرگە 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

38-ماددا مەبلەغ سالغۇچى ھاۋالە قىلغان ياكى تەكلىپ قىلغان خادىملار شېرىكسىز كارخانا ئىشلىرىنى باشقۇرغان چاغدا، ئىككى تەرەپ تۈزۈشكەن توختامغا خىلاپلىق قىلىپ، مەبلەغ سالغۇچىغا زىيان يەتكۈزسە، ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

39-ماددا شېرىكسىز كارخانا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلسا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلمىسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرمىسا، ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار بويىچە جازاغا تارتىلىدۇ ھەمدە ئالاقىدار مەسئۇل خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

40-ماددا مەبلەغ سالغۇچى ھاۋالە قىلغان ياكى تەكلىپ قىلغان خادىملار بۇ قانۇننىڭ 20-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شېرىكسىز كارخانىنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلسا، ئۇلار ئىگىلىۋالغان مال-مۈلۈكىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ كارخانا زىيان يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ قانۇنسىز تاپاۋىتى بولسا مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

41-ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھالدا شېرىكسىز كارخانىنى مالىيە كۈچى، ماددىي كۈچ، ئادەم كۈچى بىلەن تەمىنلەشكە مەجبۇرلىغانلار ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار بويىچە جازاغا تارتىلىدۇ ھەمدە ئالاقىدار مەسئۇل خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

42-ماددا شېرىكسىز كارخانا ۋە ئۇنىڭ مەبلەغ سالغۇچىسى ھېسابات ئېنىقلاشتىن بۇرۇن ياكى ھېسابات ئېنىقلاۋاتقان مەزگىلدە مال-مۈلكىنى يوشۇرۇپ ياكى يۆتكىۋېتىپ قەرزدىن قاچسا، ئۇنىڭ مال-مۈلكى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىنىدۇ ھەمدە ئۇلار ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جازاغا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

43-ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ۋە جەرىمانە تۆلەشكە توغرا كەلگەندە، مال-مۈلكى بۇنى تۆلەشكە يەتمىگەن ياكى مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بېرىلگەن مەبلەغ سالغۇچى ئالدى بىلەن ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

44-ماددا تىزىملاش ئورگىنى بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلمىگەن شېرىكسىز كارخانىنى تىزىملىسا ياكى بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلگەن كارخانىنى تىزىملىمىسا، بىۋاستە مەسئۇل خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

45-ماددا تىزىملاش ئورگىنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تارمىقىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىملار تىزىملاش ئورگىنىنى بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلمىگەن كارخانىنى تىزىملاشقا ياكى بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلگەن كارخانىنى تىزىملىماسلىققا مەجبۇرلىسا ياكى تىزىملاش ئورگىنىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تىزىملاش قىلمىشىنى قانات ئاستىغا ئالسا، بىۋاستە مەسئۇل خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

46-ماددا تىزىملاش ئورگىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن ئىلتىماسىنى تىزىملىمىسا ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈكتە جاۋاب بەرمىسە، ئالاقىدار تەرەپ قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.

6-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

47-ماددا بۇ قانۇن چەت ئەل سودىگەرلىنىڭ شېرىكسىز كارخانىلىرىغا تەتبىقلانمايدۇ.

48-ماددا بۇ قانۇن 2000-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#