ليۇ يۈنشەن

ليۇ يۈنشەن

ليۇ يۈنشەن، ئەر، خەنزۇ، 1947-يىلى 7-ئايدا شەنشىنىڭ يىنخۇۋدا تۇغۇلغان. ھازىر مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى، مەركىزى كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ليۇ يۈنشەن
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى شەنشى يىنخۇۋ
پۈتتۈرگەن مەكتىپى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى
پارتىيەگە كىرگەن ۋاقتى 1971-يىلى 4-ئاي
خەنزۇچە ئاتىلىشى 刘云山
مىللىتى خەنزۇ مىللىتى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1947-يىلى 7-ئاي
خىزمەتكە قاتناشقان ۋاقتى 1966-يىلى 9-ئاي

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ليۇ يۈنشەنليۇ يۈنشەن، ئەر، خەنزۇ، 1947-يىلى 7-ئايدا شەنشىنىڭ يىنخۇۋدا تۇغۇلغان. 1966-يىلى 9-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1971-يىلى 4-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيىسىگە كىرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. ھازىر مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى، مەركىزى كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى.

ئۇ 12-14-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 15-16-17-18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 16-17-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى، 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى.

1964-يىلىدىن 1968-يىلىغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى جىنىڭ پېداگوگىكا مەكتىپىدە ئوقۇغان. 

1968-يىلىدىن 1969-يىلىغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى تۇمېد سول خوشۇنى باش مەكتىۋىدە ئوقۇتقۇچى بولغان، تۇمېد ئوڭ خوشۇنى سۇبۇرغا گۇڭشىسىدا ئەمگەك بىلەن چېنىققان. 

1969-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى تۇمېد ئوڭ خوشۇنلۇق پارتكوم تەۋىقات بۆلىمىدە ئىشلىگەن. 

1975-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئىچكى موڭغۇل شۆبىسىنىڭ تارمىقىنىڭ دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق گۇرۇپپىسىدا مۇخبىر، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى، شۆبە پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. بۇ مەزگىلدە 1981-يىلى 3-ئايدىن 1981-يىلى 8-ئايغىچە مەركىزى پارتىيە مەكتپىدە ئوقۇغان. 

1982-يىلدىن 1984-يىلىغىچە كوممىنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان. 

ليۇ يۈنشەن1984-يىلدىن 1986-يىلىغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 

1986-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 

1987-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پاتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى قوشۇمچە ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى بولغان. 

1991-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قوشۇمچە ئولانخاد شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولغان. 

1992-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى قوشۇمچە ئولانخاد شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولغان. بۇ مەزگىلدە 1989-يىلدىن 1992-يىلىغىچە مەركىزى پارتىيە مەكتىۋى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنىستىتوتى پارتىيە مەمۇرىيەت باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان. 

1993-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە مەركىزى كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 

1997-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە مەركىزى كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى (1997-يىلى 10-ئايدا مىنىستىر دەرىجىسى بېكىتىلگەن)، مەركىزى مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان. 

2002-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى، مەركىزى كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 

2012-يىلىدىن باشلاپ مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى، مەركىزى كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى.[0] 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 

http://www.uycnr.com/zl/zhongguorenwu/201211/t20121117_409505.html

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#