يۈرەك رېتىمسىزلىقى

يۈرەك رېتىمسىزلىقى

يۈرەك رېتىمسىزلىقى ھەرخىل يۈرەك كېسەللىكلىرى ۋە مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن يۈرەكتىكى روھ-قۇۋۋەتلەرنىڭ ئايلىنىشى قالايمىقانلىشىپ، كلىنىكىدا يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىش، ئاستىلاش ياكى يۈرەك رىتىمى تەكشى بولماسلىقى ھەتتا ئوخشاپ قېلىش ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلغان كېسەللىك 

جۇڭيى تىبابىتى نامى يۈرەك رىتىمسىزلىقى
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
ئىنگىلىزچە نامى arrhythmia
تەۋە بۆلۈم يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى يۈرەك

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۈرەك رېتىمسىزلىقىيۈرەك رېتىمسىزلىقى ھەرخىل يۈرەك كېسەللىكلىرى ۋە مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن يۈرەكتىكى روھ-قۇۋۋەتلەرنىڭ ئايلىنىشى قالايمىقانلىشىپ، كلىنىكىدا يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىش، ئاستىلاش ياكى يۈرەك رىتىمى تەكشى بولماسلىقى ھەتتا ئوخشاپ قېلىش ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلغان كېسەللىك بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «خەفەقان» دەپ ئاتىلىدۇ.

يۈرەك رىتىمسىزلىقى-ئەزا خاراكتېرلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى ۋە مىزاج بۇزۇلۇش خاركتېرلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.

ئەزا خاراكتېرلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى

ھەرخىل يۈرەك كېسەللىكلىرى ۋە باشقا سەۋەبتىن يۈرەكنىڭ ئۆتكۈزۈش يوللىرىدا نورمالسىزلىق يۈز بېرىپ، كلىنىكىدا يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىش، ئاستىلاش ياكى يۈرەك رىتىمى تەكشى بولماسلىق بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

ئەزا خاراكتېرلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى كېسەللىك ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن-سىنۇس خاراكتېرلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى، دالانچە خاراكتېرلىك يۈرەك رېتىمسىزلىقى ۋە قىرىنچە خاراكتېرلىك يۈرەك رېتىمسىزلىقى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ. تۆۋەندە نۇقتىلىق قىلىپ سىنۇسلۇق يۈرەك رېتىمسىزلىقى، يۈرەك مۇددەتتىن بۇرۇن قىسقىرىش، تۇتقاقلىق يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىش ۋە يۈرەك تىترەش قاتارلىق مەزمۇنلار سۆزلىنىدۇ.

سىنۇس خاراكتېرلىك يۈرەك رىتىسمسىزلىقى

ھەرخىل كېسەللىكلەر تەسىرىدىن سىنۇس تۈگۈنچىسىنىڭ ئىمپۇلس ھاسىل قىلىش ۋە ئىمپۇس قويۇپ بېرىش خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، كلىنىكىدا يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىش، يۈرەك ھەرىكىتى ئاستىلاش، يۈرەك رىتىمى تەكشى بولماسلىق بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.

يۈرەك رېتىمسىزلىقىقان ئازلىق، يۇقۇملىنىش، قىزىتما، قالقانسىمانبەز خىزمىتى ئېشىپ كېتىش، شوك، يۈرەك زەئىپلىكى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، قاناش ياكى قان سىغىمچانلىقى تۆۋەنلەش، يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى، مېڭە ئىچكى بېسىمى ئېشىپ كېتىش (مېڭە قاناش، مېڭە پەردە ياللۇغى، مېڭە ئۆسمىسى) سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش، كېزىك، رېماتىزملىق ئىككى قاپقاقلىق كلاپان ۋە ئائورتا كلاپان كېسەللىكى قاتارلىق كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى، ئاداشقان نېرۋا ۋە سىمپاتىك نېرۋا خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىش، ئاستىلاش ياكى يۈرەك رىتىمى قالايمىقانلىشىش قاتارلىق ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بەزى فىزىئولوگىيىلىك ئەھۋاللاردىمۇ سىنۇس خاراكتېرلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن: روھىي جىددىيىلىك، تويۇنۇپ تاماق يېيىش، ھاراق ئىچىش، جىسمانىي ئەمگەك ۋە تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش، چاي، قەھۋە ئىچىش قاتارلىقلاردىمۇ يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىش كۆرۈلىدۇ.

يۈرەك رېتىمسىزلىقى1. سىنۇس خاراكتېرلىك يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىشتە يۈرەك سېلىش، چارچاش، تەشۋىشلىنىش، جىددىيلىشىش، غەم-ئەندىشە كۆپ بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە يۈرەك ھەرىكىتى ھەر مىنۇتىغا 120 قېتىمدىن ئېشىپ كېتىدۇ. يۈرەك ئۇچى ۋە بويۇن ئارتېرىيە سوقۇشى كۈچىيىدۇ. يۈرەك ئاۋازى جاراڭلىق بولىدۇ. ئاز ساندىكىلەردە يۈرەك ئۇچى رايونىدىن قىسقىرىش دەۋرلىك شاۋقۇن ئاڭلىنىدۇ.

2. سىنۇس خاراكتېرلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە ئاستىلاشتا يۈرەك قېتىمى ئاستا بولغاچقا باش قايىدۇ، ماغدۇرسىزلىق بولىدۇ، نەپەس سىقىلىدۇ، ئەس-ھوشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، يۈرەك زەئىپلىشىش ياكى مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنىڭ ئىپادىلىرى كۆرۈلىدۇ. قان بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ، يۈرەك ھەرىكىتى مىنۇتىغا 60 قېتىمدىن تۆۋەن بولىدۇ.

3. سىنۇسلۇق يۈرەك رىتىمى قالايمىقانلىشىشتا ئادەتتە ھېچقانداق ئالامەت بولمايدۇ، ئېغىر كېسەللىكلەردە باش قايىدۇ، ماغدۇرسىزلىق بولىدۇ، يۈرەك ھەرىكىتى بىردەم تېز، بىر دەم ئاستا بولۇپ، رىتىمى تەكشى بولمايدۇ.

يۈرەك رېتىمسىزلىقى1. سىنۇس خاراكتېرلىك يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىشنىڭ دىئاگنوز ئاساسى:

1) تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

يۈرەك ھەرىكىتى مىنۇتىغا 100 قېتىمدىن ئېشىپ كېتىش، يۈرەك ئۇچى ۋە بويۇن ۋېناسىنىڭ سوقۇشى كۈچىيىش، يۈرەك ئۇچىدىن قىسقىرىش دەۋرلىك شاۋقۇن ئاڭلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ.

2) قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

يۈرەك ئېلېكتروكاردىئوگراممىدا تەكشۈرگەندە سىنۇسلۇق يۈرەك رىتىمىنىڭ نورمال ئالاھىدىلىكى بولغاندىن سىرت P دولقۇنىنىڭ چاستوتىسى 100 قېتىمدىن ئېشىپ كېتىدۇ.

2. سىنۇسلۇق يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە ئاستىلاشنىڭ دىئاگنوز ئاساسى:

1) تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

يۈرەك ھەرىكىتى مىنۇتىغا 60 قېتىمدىن تۆۋەن بولۇش، نەپەس سىقىلىش، ھوشسىزلىنىش، قان بېسىمى تۆۋەنلەش، يۈرەك زەئىپلىكى ۋە مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنىڭ ئىپادىلىرى كۆرۈلۈش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ.

2) قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

يۈرەك ئېلېكتر كاردىئوگراممىدا تەكشۈرگەندە نورمال سىنۇسلۇق يۈرەك رىتىمى بولغاندىن سىرت P دولقۇن مىنۇتىغا 60 قېتىمدىن ئاز بولىدۇ. 

3.سىنۇسلۇق يۈرەك رىتىمى تەكشى بولماسلىقنىڭ دىئاگنوز ئاساسى:

1) تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

يۈرەك رىتىمى قالايمىقان بولۇش يەنى بەزىدە تىز، بەزىدە ئاستا بولۇش ئالامىتى بولىدۇ.

2) قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

يۈرەك ئېلېكتروكاردىئوگراممىدا تەكشۈرگەندە سىنۇسلۇق يۈرەك رىتىمىنىڭ نورمال ئالاھىدىلىكى بولغاندىن سىرت R-R ئارىلىقلىرىدا پەرق شەكىللىنىدۇ. 

يۈرەك رېتىمسىزلىقىبۇ خىل يۈرەك رىتىمسىزلىقى يۈرەكتىكى ھەر خىل كېسەللىك سەۋەبىدىن  كېلىپ چىققان بولغاچقا، ئادەتتە داۋالاشتا قايسى خىل كېسەللىكتىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىل كېسەللىكنىڭ داۋالاش پرىنسىپى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى بويىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=767

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/124991.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#