جۇڭغار قۇلىنى

جۇڭغار قۇلىنى

جۇڭغار قۇلىنى تاق (توم) تۇياقلىقلار ئەترىتى، ئات ئائىلىسىگە تەۋە. باشقا ئاتىلىشى: قۇلان، ياۋا ئېشەك. دۆلەت تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭغار قۇلىنى
تارقالغان رايونلار ئاراتۈرۈك، بارىكۆل، مورى، گۇچۇڭ ۋە شىمالىي جۇڭغار ئويمانلىقى
ئائىلىسى ئات
خەنزۇچە ئاتىلىشى 准嘎尔沙野驴
سىنىپى تاق (توم) تۇياقلىقلار ئەترىتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭغار قۇلىنىجۇڭغار قۇلىنى قارىماققا كۆرۈنۈشى ئېشەككە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، لېكىن ئېشەكتىن چوڭ، تېنىنىڭ ئېغىرلىقى 200 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2.6–2 مېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 55 سانتىمېتىر، قۇلىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. بېشى يوغان، قۇلىقى ئۇزۇن بولۇپ، قۇلىقىنىڭ چۆرىسى قارا، ئۇچى ئاق بولىدۇ. تېنىنىڭ ئۇستى قىسمى سارغۇچ قوڭۇر، ئاستى قىسمى ئاقۇچ بولىدۇ. قۇيرۇقى ئادەتتىكى ئېشەكلەرنىڭكىدىن ئۇزۇن ھەم سەل ئىنچىكە، قۇيرۇقىنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ تۈكلىرى قىسقا، ئاستى قىسمىنىڭ تۈكلىرى ئۇزۇن بولىدۇ. يەنى، قۇيرۇقىنىڭ 1/3 قىسمىنىڭ تۈكلىرى ئۇزۇن بولىدۇ. پۇتلىرى سەل ئىنچىكە ھەم ئۇزۇنراق بولىدۇ. ئالدى پۇتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئەنجۈر قېقىدەك ياپىلاق كەلگەن قارا رەڭلىك قاداق تەنچىسى بولىدۇ. ئالدى پۇتىنىڭ تۇياقلىرى دۈگىلەك، كەينى پۇتىنىڭ تۇياقلىرى ئالدى پۇتىنىڭ تۇيىقىغا قارىغاندا سەل تار ھەم ئۇزۇنچاق بولىدۇ. تۇمشۇقى ئاق، تۆت پۇتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تۈكلىرى ئاق رەڭدە بولىدۇ. مۈرىسىدىن قۇيرۇقىنىڭ ئۈستى قىسمىغىچە ناھايىتى روشەن قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىك دۈمبە ئومۇرتقا سىزىقى بولىدۇ. ساغرا قىسمىدىكى بۇ سىزىقچە سەل كەڭرەك بولىدۇ. تۇيىقى ئۇستىدىكى شاقىلداقلىرى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. قۇيرۇقىنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ تۈكلىرى سۇس قوڭۇر رەڭدە، قۇيرۇقىنىڭ ئاستى قىسمىدىكى ئۇزۇن تۈكلىرى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. يايلىسى قىسقا ھەم تىك بولۇپ، قارا رەڭدە بولىدۇ. قىشلىق يۇڭى بىلەن يازلىق يۇڭى پەرقلىنىدۇ. يازلىق يۇڭى سۇسراق، قىشلىق يۇڭى قېنىقراق بولىدۇ. جۇڭغار قۇلىنى پەقەت بىر خىل رەڭدە بولىدۇ، ئۆي ئېشەكلىرىگە ئوخشاش ھەر خىل رەڭدە بولمايدۇ. كەڭ دالىدا يىراقتىن قارىغاندا ئۇ ياۋا ئاتقا سەل ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولغاچقا، يەرلىك ئاھالىلەر خاتا ھالدا ياۋا ئات دەپ ئوۋلاپ گۆشىنى يەيدىغان ئەھۋاللارمۇ خېلى كۆپ.

جۇڭغار قۇلىنىجۇڭغار قۇلىنى دېڭىز يۈزىدىن 2000–800 مېتىر ئېگىزلىكتىكى چۆللۈك ئوتلاقلىرىدا ياشايدۇ. ئۇ ھەر خىل چاتقال ۋە چۆل ئۆسۈملۈكلىرىنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. ئۇ ياشايدىغان تەبىئىي شارائىت شەرقى ئېگىز، غەربى پەس بولغان چۆللەر، ئېدىرلىقلار، تۈزلەڭلىكلەر ۋە قۇملۇقلار بولغاچقا، ئۇلاردا قىسقا مۇساپىلىك كۆچۈش بولىدۇ. ئۇ توپلىشىپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن توپ سانى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى توپلىرىدا 10، 20، 30، 40 ى بىر توپ بولۇپ ياشايدۇ، ھەتتا بەزى توپلاردا سانى 100 دىن ئېشىپ كېتىدۇ. جۇڭغار قۇلىنى چۆلدە ياشاشقا ماسلاشقان بولۇپ، ئۇ ئاچلىققا، ئۇسسۇزلۇققا، ئىسسىققا، سوغۇققا چىداملىق كېلىدۇ. قىش كۈنلىرى ئاساسەن قارنى ئۇسسۇزلۇق قىلىدۇ. توپلىشىپ ياشايدىغان بۇ جۇڭغار قۇلانلىرى سۇغا ياكى ئوتلاشقا ماڭغان چاغدا رەتلىك تىزىلىپ بالىلىرىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ، قاتارلىشىپ ماڭىدۇ. ئۇلارنىڭ ماڭغان يولى تەبىئىي چىغىر يول بولۇپ شەكىللىنىپ قالىدۇ. توپ ئالدىدا ئاساسەن ئەركەكلىرى ماڭىدۇ.

جۇڭغار قۇلىنى 6–، 7–ئايلاردا كۈيلەپ، چېتىشىپ بوغاز بولۇپ، ئىككىنچى يىلى 4–، 5–ئايلاردا بىرنى تۇغىدۇ. بوغاز مەزگىلى 11 ئاي بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بالىلىرى 2–3 سائەتتىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ «ئانا»سىغا ئەگىشىپ مېڭىپ كېتىدۇ. جۇڭغار قۇلانلىرىنىڭ كۆرۈش، ئاڭلاش، پۇراش سەزگۈلىرى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، كۈشەندىلىرىنى ۋە يات نەرسىلەرنى ناھايىتى يىراقتىن سېزىۋالىدۇ. ئۇلارنى سەزگەن ھامان ناھايىتى تېزلىك بىلەن يۈگۈرۈپ تېزلا كۆزدىن غايىب بولىدۇ. تەجرىبىلىك ئوۋچىلار جۇڭغار قۇلىنىنى ئوۋلايدىغان چاغدا، شامالغا قارشى يۆنىلىشتە تىۋىش چىقارماي مېڭىپ، يوشۇرۇن ھالدا ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ ياكى ئۇلارنىڭ سۇ ئىچىشكە كېلىدىغان چايلىرىغا مۆكۈنۈۋېلىپ، ئاندىن ئوۋلايدۇ. جۇڭغار قۇلىنى سائىتىگە 60 كىلومېتىرلىق تېزلىك بىلەن يۈگۈرىيەلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوۋچىلارنىڭ ئۇنى قوغلاپ ئوۋلىشى مۇمكىن ئەمەس. جۇڭغار قۇلانلىرىنىڭ تەبىئىي كۈشەندىسى بۆرە، سۈنئىي كۈشەندىسى ئادەملەر. بەزى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا،«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە نۇرغۇنلىغان جۇڭغار قۇلىنى ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا شۇ يەردىكى يەرلىك ئاھالىلەردىمۇ قالايمىقان ئوۋلايدىغان ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلگەن.

جۇڭغار قۇلىنىنىڭ تېنى چوڭ، كۈچلۈك، يۈگۈرۈش سۈرئىتى تېز بولغاچقا ھەم ئۆي ئېشەكلىرىنىڭ ئەجدادى بولغاچقا، ئۇنى ئۆي ئېشەكلىرى بىلەن چېتىشتۇرۇپ يېڭى سورتلارنى يېتىشتۈرۈشكە بولىدۇ.

جۇڭغار قۇلىنىجۇڭغار قۇلىنى ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە شەرقىي شىمالدا ئاراتۈرۈك، بارىكۆل، مورى، گۇچۇڭ ۋە شىمالىي جۇڭغار ئويمانلىقىغا تارقالغان. ئالتاي نىڭ جەنۇبى، يەنى قارامايلى تۇياقلىق ھايۋانلارنى قوغداش رايونى تەۋەسىگە ئەڭ كۆپ تارقالغان. مەملىكەت ئىچىدە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭ غا تۇتىشىدىغان چۆللۈكلىرىگە، ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىي شىمالىغا تارقالغان. چەت ئەللەردە تاشقى موڭغۇل، قازاقىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقالغان.

جۇڭغار قۇلىنىنىڭ ئىككى كەنجى تۈرى بولۇپ، دۆلىتىمىزگە بىر كەنجى تۈرى تارقالغان، بۇ تۈر كۆرسەتكۈچ كەنجى تۈر دەپ ئاتىلىدۇ.

جۇڭغار قۇلىنى جۇڭغار قۇلىنىنىڭ تېنى چوڭ، كۈچلۈك، يۈگۈرۈش سۈرئىتى تېز، ئىسسىققا، سوغۇققا، ئاچلىققا ۋە ئۇسسۇزلۇققا چىداملىق بولغاچقا، ئۇنى ئات بىلەن چېتىشتۇرۇپ، يېڭى سورتلۇق قېچىر پەيدا قىلىشقا، ئۆي ئېشەكلىرى بىلەن چېتىشتۇرۇپ يېڭى سورت پەيدا قىلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ تېرىسىدىن داڭلىق دورا قارا يېلىم (ئېجياۋ ) ياسىلىدۇ. گۆشىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. ئۇ داڭلىق كۆرگەزمە ھايۋىنى بولغاچقا، ھەرقايسى ھايۋانات باغچىلىرىدا بېقىلىپ، كۆرگەزمە قىلىنماقتا.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uyghur.news.cn/20120428/c_131557687.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#