مايوتتا ئارىلى
مايوتتې ئارىلى (Territorial Collectivity of Mayotte)،قىسقارتىلىپ مايوتتې، مايوتتا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. زېمىنى 374 كۋادرات كىلومېتىر. مايوتتېنىڭ 2007-يىللىق نوپۇسى 186 مىڭ 482. ئارالدا دائىم تۇرۇشلۇق ئاھالە 185 مىڭ. ئاھالىنىڭ %97 نى يەرلىك سىۋاھلىلارغا تەۋە ماھورىيانلار ،%1 نى فرانسۇزلار قالدىسىنى كۆچمەنلەر ئىگەللەيدۇ .
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مايوتتې ئارىلى (Territorial Collectivity of Mayotte)، قىسقارتىلىپ مايوتتې، مايوتتا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. زېمىنى 374 كۋادرات كىلومېتىر. مايوتتېنىڭ 2007-يىللىق نوپۇسى 186 مىڭ 482. ئارالدا دائىم تۇرۇشلۇق ئاھالە 185 مىڭ. ئاھالىنىڭ %97 نى يەرلىك سىۋاھلىلارغا تەۋە ماھورىيانلار ،%1 نى فرانسۇزلار قالدىسىنى كۆچمەنلەر ئىگەللەيدۇ . فرانسۇز تىلى دۆلەت تىلى. ئاھالىلەر شالغۇت فرانسۇز تىلىنى، ئەرەپ تىلىنى ۋە سىۋاھلى ماھورىيان تىلىنى قوللىنىدۇ.
دىنى : مايوتتې ئاھالىسىنىڭ %97 ى ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدۇ؛
دۆلەت بايرىمى: (1789-يىلى) 7ئاينىڭ 14-كۈنى، فرانسىيە جۇمھۇرىيەتچىلىرىنىڭ باستىلىيە تۈرمىسىنى ئىشغال قىلغان كۈنى ؛
ۋاقىت رايونى : (شەرقى3- ۋاقىت رايونى).
پايتەختى : مامۇدزۇ، ئاھالىسى 51 مىڭ.
مايوتتې ئەسلىدە كومورو تاقىم ئاراللىرىنى بىر قىسمى بولۇپ مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىردىلا يەرلىك سىۋاھلىلار بۇ جايدا ياشىغان.7-ئەسىردىن كېيىن بۇ جايغا ئەرەپ دېڭىزچىلىرىنىڭ قەدىمى يېتىپ ئىسلام دىنى كەڭ تارقالغان، 11-ئەسىردە مايوتتې ئافرىقا شەرقى دېڭىز قىرغاقلىرىدا قۇرۇلغان سىۋاھلى ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسمى بولغان، 14-ئەسىردە ئومان سۇلتانلىقى بۇ جايلارنى باشقۇرغان. 1537-يىلى پورتۇگالىيە بۇ ئاراللارنى بايقاپ بېسىۋالغان ئەمما ئارال خەلقى قەتئى قارشىلىق كۆرسىتىپ مۇستەققىل خانلىق تىكلىگەن. 1676-يىلى فىرانسىيە مايوتتې ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كومورو تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئۆزىگە تەۋە دەپ جاكارلىغان. 1843-يىلى فىرانسىيە ئارالنى ئىشغال قىلىپ مۇستەملىكە دەرىجىسىگە كۆتىرىلگەن، 1974-يىلى كومورو مۇستەققىل بولغاندا، ئارال خەلقى قايتىدىن بېلەت تاشلاپ %64 ئاۋاز بىلەن، 1976-يىلى %99.4 ئاۋاز بىلەن فىرانسىيە مۇستەملىكىسى بولۇشنى تەلەپ قىلغان.[0]
مايوتتې ئارىلىئاساسلىق ئارال چوڭ قۇرۇقلۇقى يەر ئارىلى ۋە كىچىك قۇرۇقلۇق ئارىلى، گېئولوگىيە ئىلمى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا چوڭ قۇرۇقلۇق يەر ئارىلى، كوموروس رايۇنىدىكى ئەڭ قەدىمى ئارال، ئۇزۇنلۇقى 39 كىلومېتىر، كەڭلىكى 22 كىلومېتىر، ئەڭ ئېگىز دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىك نۇقتىسى 660 مېتىر ئېگىزلىكتە. يەرلىرى يانار تاغ جىنسلىرى تەركىب تاپقان ئاراللار بۇلۇپ، بەزى رايوندىكى يەرلىرى ناھايىتى مۇنبەت، مارجان خادا تاشلىرنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.[1]
مايوتتې يانار تاغدىن شەكىللەنگەن، ھۆل يېغىنى مۇۋاپىق، ئىسسىق بەلباغ ئارىلى بولۇپ، تارىخى ئۇزۇن. ئارال چوڭ قۇرۇقلۇققا يىراق، نوپۇسى زىچ بولغانلىقتىن ئىقتىسادى ئۇنچىلا گۈللىنەلمىگەن، ئاھالىلەر ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، مەركىزىي كومىتېت ۋە شەرقىي شىمالى تۈزلەڭلىكى يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، خۇش پۇراقلىق دەرىخى ، كوكۇس پالمىسى، مانىخوت ، بانان، كۆممىقوناق ۋە شال قاتارلىقلارغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايدۇ.
ئەمما مايوتتېنىڭ مۇھىتى گۈزەل، كان بايلىقى مول. پۇراقلىق ماتېرىياللار، بېلىقچىلىق ۋە ساياھەتچىلىك مايوتتېنىڭ ئىگىلىكىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. 2005-يىلى مايوتتېنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا فىرانسىيە نىڭ دۆلەت ياردىمى %30، بېلىقچىلىق كىرىمى %10، پۇراقلىق ماتېرىيال %30، ساياھەت %20 نى ئىگەللىگەن بولۇپ 2005-يىلى مۇقىم تېلېفون ئابونتى 10 مىڭ 900، يانپون ئابونتى 68 مىڭ بولغان، ئىنتېرنېت تېخى ئورنىتىلمىغان.
2006-يىلى مايوتتېنىڭ ئۇمۇمىي مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 95 مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 5 مىڭ دوللار توغرا كېلىدۇ. مايوتتېنىڭ 2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى %2 بولۇۋاتىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.